• توردىكى «ئۇكاش»~7 - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

     

    توردىكى «ئۇكاش»

     

    ھېكايە
    ئاپتورى:مىھراي نەجمىدىن(گۇلزىبا)

     

     

    ئايگۈزەلدە كەچكىچە ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئۈچىلىمىز بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدۇق ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ،كارىۋات بېشىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرىمەن . دوختۇر ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىشنى ئېيتتى ، لىكىن ئۇنداق قىلمىدۇق ھەم قىلالمىدۇق ، ھەتتا ئاپىسى تىلفۇن قىلىپتىكەن يالغان سۆزلەپ بىر نەرسىلەرنى دەپ تىلفۇننى قۇيۇۋەتتىم .
      ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گەپ قىلماي يۈرگىچە زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام بوپتىكەن ، ئۈتۈپ كەتكەنمەن دۆتكەنمەن ، ئادەم بىر ئىشنى ئىچىگە ئېلىۋەرسە مۇشۇنداق بۇلۇشىنى بىلەتتىمغۇ  ، ئۇنىڭ ئاپاق بىلەن مەندىن باشقا ھەممە گەپلىرىنى ئېيتىپ سىرداشقۇدەك ئادىمى بولمىسا نىمىشقىمۇ ؟؟؟نىمىشقىمۇ ئۇنىڭدىن سورىمىغاندىمەن ، بەلكىم ماڭا يىغلاپ ئولتۇرۇپ ھەممە گەپلىرىنى دەۋالسا بۈگۈنكى ئىشلار يۈز بەرمەستى...
      ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى بىرمۇ-بىر ئويلاۋاتىمەن...ئەنە يېڭى كۈچۈپ كىرگەن ۋاقتى ،ئوماق ، كۆزلىرى كۈلۈپلا تۇرىدىغان قىز...تولا سۇئال سوراپ ئادەمنى جىلە قىلىپ كىتىۋاتقان قىز ، تاماق ئىتىشنى بىلمىگەن ھالىغا تاماق ئىتىمەن دەپ ئوخشىمىغان تامىقىنى ئادەمگە يىگۈزۈپ بىزار قىلىۋەتكەن قىز ، قاپىقىم تۈرۈلۈپ بولغۇچە <بىر كۈنى ھىسامكام ...> دەپ يۇمۇر باشلاپ بۇلىدىغان قىز...كۈندە كەچلىرى ئاپاق بىلەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق مۇڭدىشىپ ، يۈزلىرى قىزىرىپ كىتىدىغان قىز...ھەر كۈنى جەيناماز ئۈستىدە ئاللاھتىن ھەربىر مۇسۇلمان قىزلىرىمىز ئۈچۈن ھىدايەت تىلەپ ياش تۆكىدىغان قىز...
      تۇيۇقسىز ئۇنىڭ <ئاللاھ ھەرگىز بەندىلىرىنى  تار يولدا قويمايدۇ ، چىن كۆڭلۈڭدىن ھەقىقى سەجدە قىلىپ تىلىسەڭ ئاللا تىلىگىنىڭنى بىرىدۇ > دىگەنلىكى ئىسىمگە كەلدى .
    __ ئۆيگە كىتىمەن ئىلھام .
    __ نىمە ؟ تۇرۇپلا...
    __ مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيۇڭ ، ئاندىن ئايگۈزەلنىڭ يېنىدا ئىككىڭلار قېلىپ قېلىڭلار...ئۇ چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ، مىنىڭ ئۆيدە ئازراق قىلىدىغان ئىشىم بار .
      ئىلھام نىمىشقا تۇرۇپلا يىغام توختاپ ، قەتئىي بۇلۇپ قالغانلىقىمغا ھەيران بولغان ھالدا بۇيرۇقۇمغا بويسۇندى .
      ئايگۈزەلنىڭ ھۇجۇرسىغا كىردىم . ھازىر بۇ ئۆي ئۇنىڭ ناماز ئۇقۇيدىغان ، ئۆگىنىش قىلىدىغان ئۆيى ئىدى ، كۆزلىرىمگە ئۇ كۆرۈنۈپ كەتتى ، تىزلىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇچۇر يىزىۋاتقان...لىچەك بىلەن جەيناماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرىۋاتقان ئايگۈزەل...
      مۇنچىغا كىردىم ...
      مۆجىزە يۈز بىرىشىنى ئويلىغان بولسام كېرەك ...ئاللاھنىڭ مۇنچە تىز تىلىكىمنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ ، ناماز ئۇقۇشنىڭ قائىدىسىنى تۇلۇق ، تەپسىلى بىلىپ كەتمىسەممۇ جەيناماز ئۈستىدە تۇرۇپ ئاللاھتىن تىلىمەكچى بولدۇم...
      خۇددى ئايگۈزەلدەك يىغلاپ تۇرۇپ تىلىدىم ، گۇناھىمنى تىلىدىم ، ئايگۈزەلنىڭ ساقلىقىنى تىلىدىم ، نىمىشقىكىن بۇرۇن جەينامازغا چىقىشتىن ، ئاللاھتىن تىلەشتىن قورقاتتىم ، جۇرئەت قىلالمايتتىم ،مانا ئەمدى جەيناماز ئۈستىدە تۇرۇپ ئاللاھتىن تىلەۋاتقىنىمدا ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ناھايىتى يېقىن تۇرىۋاتقان ھىس قىلىپ قالدىم ...
      قانچىلىك يىغلىدىم ، قانچىلىك سەجدە قىلدىم بىلمەيمەن ، بىر چاغدا تىلفۇنۇم توختىماي جىرىڭلاپ كەتتى ، <چۇقۇم دوختۇرخانىدىن كەلدى> دەپ ئويلىدىمدە ، دۇئا قىلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم .
    __ ئايگۈزەل ھۇشىغا كەلدى ، تەييار بۇلۇپ تۇر ، سېنى ئالغىلى بارىمەن ...
      پۇت-قۇلۇمغا ماغدۇر كىرگەندەك بولدى ، قايتىدىن جەينامازغا چىقىپ ئاللاھقا كۆپ شۈكۈرلەرنى ئېيتتىم ، ئاندىن كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئىلھامنىڭ كىلىشنى كۈتتۈم .
      ئىلھاممۇ بىردەمدىلا كىلىپ بولدى ، يولدا بارغۇچە ئاپاققا تىلفۇن قىلدىم ، چۈنكى ئايگۈزەلنىڭ كۆزىنى ئېچىپلا ئۈمۈد بىلەن تىلفۇنغا قول ئۇزىتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم :
    __ ۋەئەلەيكۇم مەن گۈزەلئاي ،__ دىدىم مەن ئۇنىڭ گىپىگە جاۋابەن .
    __ ھە ، بىلدىم .
    __ نىمىشقا تىلفۇن قىلدىڭىز دەپ سورىمايسىزغۇ ؟
    __ بىلىدىغان ئىشنى سوراشنىڭ ھاجىتى يوق .
    __ ۋاھ ، قالتىسقۇ سىز ؟! ئەمىسە ئايگۈزەلنىڭ دوختۇرغا كىرىپ قالغىنىنىمۇ ، دوختۇرلارنىڭ <ئەمدى ھۇشىغا كىلەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن > دىگەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ ئۇنىڭ سىزگە ئۇچۇر يوللايمەن دەپ بىر كېچە سوغۇق سىمۇنت ئۈستىگە...
    __ بىلىمەن ، ھەممىنى بىلىمەن ، يەنە ئۇنىڭ بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ كىتەلەيدىغانلىقىنى  بىلىمەن ، ئۇنى مەندەك چۈشىنىدىغان ئادەمدىن يەنە بىرى يوق ،ئۇنىڭ نىمە ئىشقا يۇلۇقىۋاتقانلىقى ، نىمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىدىن تارتىپ ھەممىنى بىلىپ ، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ... شۇڭا سىز ئەنسىرەپمۇ كەتمەڭ ، لىكىن ئايگۈزەل ئۈچۈن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن ،باشقا گەپلىرىڭىز  بارمۇ ؟
    __ نىمىشقا ئۇنداق قىلىسىز ، مەن ئايگۈزەلگە ئېيتمايمەن ، ماڭا ئېيتىپ بىرىڭە ؟ نىمىشقا ؟
    __ بەزى ئىشلارنى گەپ بىلەن چۈشەندۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ گۈزەلئاي ، لىكىن ھەممە ئىشلار ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ،
      گەپ تۈگىدى ، لىكىن سەۋەبىنى بىلەلمىدىم .
       نەچچە كۈندىن كىيىن ئايگۈزەل دوختۇردىن چىقتى ، بۇ جەرياندا ئۈچىمىز ئاساسەن بىرگە بولدۇق ، ئايگۈزەلمۇ ئىلھامنى ياخشى بالىكەن ، دېدى ...
      دوختۇردىن چىققان كۈنى...ئايگۈزەلنىڭ ئاپپاق بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى كۆردۈم ... ئاپپاقنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى بىلمەيمەن ، لىكىن ئايگۈزەلنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ، توختىماي : «ماقۇل ئاپاق...بىلدىم ئاپاق...شۇنداق قىلىمەن ئاپاق...ئاللا خالىسا ئاپاق...»دىگەنلىرىنى ئاڭلىدىم ، تىلفۇننى قويغاندىن كىيىن ئۇ بەكلا يىغلاپ كەتتى .ئۇنىڭ ياشلىرىنى ئېيتتىم ، پىشانىلىرىگە سۆيدۈم :
    __ ئۇ نىمە دەيدۇ قوزام...
    __ ئۇنىڭغا ماقۇل دىگىنىم بىلەن ئۇ يوق قانداق قىلىمەن ،،،دىگىنە گۈزەل ...سەن بىر چاغدا مۇشۇ يېرىم ئاغىرۋاتىدۇ دىمىگەنمىدىڭ مىنىڭمۇ ، مىنىڭمۇ ئاغىرۋاتىدۇ ...بەك ئاغىرۋاتىدۇ...
    __ نىمە دەيدىغانسەن ؟
    __قانداق قىلىمەن گۈزەل ، بەك كۆپ بەك تاتلىق خىيال سۈرۈپ كىتىپتىكەنمەن ، ھەممە ئىشنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان كۈنلەرگە قۇيۇپ قۇيۇپتىكەنمەن ... پۈتۈن مىھرىمنى ئاللاھقا بىرەلمىگىنىمنىڭ ، بەندىنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكىمنىڭ جازاسىمۇ بۇ ...ئاپاق يوق بولسا ...ئاپاق ...
    __ يىغلىما ئاي...خۇش بۇلاي ، يىغلىماي گەپ قىلغىنە ،،،نىمە گىپىڭ بولسا دىگىن ،،،خوش بۇلاي ئاي...
    __ يۈرۈكۈم بەك ئاغىرۋاتىدۇ گۈزەل...قانداق قىلىمەن ، ئەمدى قانداق قىلىمەن ...
      ئۇنىڭ يىغىسىغا چىدىمىدىم ، مەنمۇ تەڭ ياش تۆكتۈم ...كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۇ خېلى ياخشى بۇلۇپ قالدى ،  ئەمما بۇرۇنقى شوخ ، كىچىك بالىدەك ئايگۈزەلدىن  بىراقلا ئېغىر بېسىق ، چوپچوڭلا بىر قىزغا ئايلىنىپ قالدى ...
    __ كىتىدىغان بولدۇم ،__دىدى ئۇ ئۇخلايلى دەپ ئەمدىلا يېتىشىمىزغا .
    __ نىمە دەيسەن ؟ نەگە كىتىسەن ؟
    __ يۇرتقا كىتىمەن ، ئاتا-ئانامنىڭ قېشىغا كىتەي .
    __ ئىمتاھاننى قانداق قىلىسەن ؟
    __ بەرمەيمەن ، ئەسلىدىنمۇ بىر باھانە ئىدى ، ئەمدى ئۆيدىكىلەر نىمە دىسە شۇ بۇلىدۇ ...
      كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك يېرىم بولغانلىقىنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن .
    __ ئىلھام بەك ياخشى بالىكەن ، ئۇنى قەدىرلە ، نامىزىڭنى ئەمدى تاشلىما ، ئىسىڭدە بولسۇن ، سەن بۇرۇنقى گۈزەلئاي ئەمەس ، سەن ھازىر ئۇيغۇر قىزى __ گۈزەلئاي ، مۇسۇلمان قىز ___گۈزەلئاي ،كەلگۈسىدىكى ئانا___گۈزەلئاي .
      ئۇنىڭ كەسكىن گەپلىرىدىن ئۇنىڭ راستىنلا بىر قارارغا كىلىپ بولغانلىقىنى بىلدىم .
    __ ھەممە قارارنى چىقىرىپ بۇلۇپ ، ئاندىن دىدىڭما بۇ گەپلەرنى ؟
    __ مىنىڭ يىغلاڭغۇلۇقۇم ساڭا يۇقتىمۇ نىمە ؟...نىمىگە يىغلايسەن ساراڭ ... ... ئاللاھنىڭ شۇنچىلىك سەۋىرنى بەرگىنىگە كۆپ شۇكرى ...
    __ سەن ئەينى ۋاقىتتا ماڭا نىمە دىگەن ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭدىن  ئايرىلىپ كىتىپ قالساممۇ غەيرەتلىك بۇلىمەن ، ئۈزۈمنى تاشلىۋەتمەيمەن دىگەن ...نىمىشقا ئۆزۈڭ دىگەندەك قىلالمايسەن ؟
    __ قىلىۋاتىمەن گۈزەل ، ئەڭ زور چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمەن ...ئاللاھتىن سەۋىر-تاقەت تىلەۋاتىمەن...ئاشۇنداق بىر يىگىتنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ، قەدىرلىشىگە ئىرىشتىم ، ماڭا ئىتىقادنىڭ نىمىلىكىنى ئۇ بىلدۇردى ، ھەقىقى خوشاللىقنىڭ ، بوۋاق بالىدەك ۋىلىقلاپ كۈلۈشنىڭ تەمىنى ئۇ تېتىتتى ، قىزلارنىڭ ھۆرمىتىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنىمۇ ئۇ بىلدۇردى ، ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قۇربانلىق بەرگىنىنى كۆرگەندە بۇلىدىغان پەخىرلىنىش ، خوشاللىنىش تۇيغۇسىنىمۇ ئۇ تېتىتتى ...كىيىن قانداق ئانا بۇلۇش كېرەكلىكىنى ، ھەقىقى ئىمان-ئىتىقانلىق بالا تەربىيەلەشنىڭ بىر قىزنىڭ ئەڭ زور بەختى ئىكەنلىكىنى تۇنجى بۇلۇپ ئۇ سۆزلىدى ، ئىككى يىلدىن بىرى يېنىمدا يوق تۇرۇپمۇ خۇددى ھەر ۋاقىت يېنىمدا تۇرغاندەك تەسىرلەرنى بەردى ، مېنى خوشال قىلدى ، بەختلىك قىلدى ، ھاياتىمدىكى بۇ ئىككى يىلىمنى ھىچنىمىگە تەڭ قىلمايمەن ، بۇ ئىككى يىلدىن بىرى ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەنلىرىم ، ھىس قىلغانلىرىم ، ئىرىشكەنلىرىم ناھايىتى كۆپ ...ئاللا تەقدىرىمىزنى قوشمىغان بولسا كېرەك ... لىكىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ئۈتىدىغان قىز ئۇنى مەن ياخشى كۆرەلەرمۇ ، ئۇنى مەن چۈشىنىدىغاندەك چۈشىنەرمۇ ، ئۇنىڭغا مەندەك ئەقىدە بىرەلەرمۇ ، مەن ئويلىغاندەك ، مەن بىرىشنى ئويلىغان قۇربانلىقلارنى بىرەلەرمۇ دەپ ئويلايمەن ھەم ئەنسىرەيمەن ...ئۇ قېلىن كىيىنىشكە ئۆچ ،لىكىن  سوغۇق بولسىلا ، يامغۇر ياغسىمۇ پۇتى ئاغرىيدۇ ، شۇڭا ئۇنىڭغا ھاۋا سوۋۇپ كەتسىلا قېلىن كىيىنىشنى تەكىتلىمىسە بولمايدۇ ، ئۇ ياغلىق ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى تاماقلارغا بەك ئامراق ، شۇڭا ئۇنىڭغا تاماق قىلغاندا قۇشۇمچە سوغۇق سەي ، قېتىق ، تاماقتىن كىيىن يەيدىغان مىۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى تەييارلاپ تۇرۇش كېرەك ، ئۇنىڭ ئاچچىقى كىلىپ قالغاندا ئۇ  باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بويسۇنىشىنى ئۇمۇد قىلىدۇ ، ئەگەر قارشى تەرەپ ئۇنىڭ بىلەن تاكاللاشسا ياكى گىپىنى ئاڭلىمىسا ئۇنىڭ جاھىللىقى تۇتۇپ قالىدۇ دە ، ئىش بۇزۇلىدۇ ، شۇڭا ئاشۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا يول قۇيۇش كېرەك ، ئۇ بىردەمدىلا ئوڭلىنىپ قالىدۇ ، ئاندىن قىلغانلىرىنىڭ خاتالىقىنى ئويلاپ ، قۇلىدىغان كىلىدىغان ئاماللار بىلەن سېنى خوش قىلىشقا تىرىشىدۇ ، ئۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلغانلىرىدا ئەركىلىتىشكە-ئەركىلىشكە مۇھتاج ، مۇنداق دىسەم كۈلگۈڭ كەلمىسۇن ، ئوغۇللارمۇ بىزگە ئوخشاش ، بىزدە بار كۆڭۈل ، بىزدە بار ھىسىيات ئۇلاردىمۇ بار ...
    __ بىر يەردە ئەمەس تۇرۇپمۇ ئۇنى شۇنچە چۈشەنگىنىڭگە ھەيران قېلىۋاتىمەن .
    __ ئۇنى چۈشەنگەچكە بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزەلىدىم ...ئەمدى سەن توغۇرلۇق سۆزلىشەيلىچۇ ؟ ئىلھامغا نىمە دەپ جاۋاپ بەردىڭ ؟
    __ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇلۇشتىنمۇ قورقىمەن .بىلمەيۋاتىمەن ...ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈتۈش نىسىپ بولسىلا بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ پۇتلىرىدا ئۆمىلەپ يۈرۈپ خىزمىتىنى قىلغان گۇناھىمنى يۇيۇشقا تىرىشقان بۇلار ئىدىم...
    __ سەندىن تا مۇشۇ كەمگىچە يۇشۇرۇپ كەلگەن بىر سىر بار گۈزەل .
    __ دىگىنە ھە !
    __ سىنىڭ  بىر قېتىم قانداق ھالەتتە  ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىڭ ئىسىڭدىمۇ ؟!
    __ ھېلىقى ...ھېلىقى ئازراق كەيىپ بۇلۇپ كەلگەن كۈنىنى دەمسەن ؟
    __ ھەئە .
    __ئىزادىن ئۆلدۈمغۇ ئۇ كۈنى ئالدىڭدا...
    __ راستىنى دىسەم شۇ كۈنىلا كۈچۈپ كەتمەكچى بولغانىدىم ، نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇشنىمۇ باشلاپ بولغانىدىم ، لىكىن قانداق بولدى كومپىيوتۇرنىڭ ئالدىغا بېرىپ قاپتىمەن ، ئېرشات ئۇكام خەت يىزىپتىكەن ، پاراڭلىشىپ قالدۇق ، ئۇنىڭغا بىر دوستۇمنىڭ مەن ئويلىغاندەك ياخشى قىز ئەمەسلىكىنى ، ئەكسىنچە يولدىن چىقىپ كەتكەن بىر قىز ئىكەنلىگىنى بىلىپ قالغىنىمنى ، شۇڭا ئۇ دوستۇمدىن ئۈزۈل-كېسىل ئالاقەمنى ئۈزمەكچى بولغانلىقىمنى ئېيتتىم ، لىكىن ئۇ ماڭا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزى خالاپ ناتوغرا يولدا مېڭىپ قالمايدىغانلىقىنى ، بۇلاردا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ، شۇڭا ھەممىمىز بىر مىللەت كىشىلىرى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر-بىرىمىزگە مەسئۇل بۇلىشىمىزنىڭ كېرەكلىكى توغرىسىدا كۆپ سۆزلىدى ، ھەتتا ئاخىرىدا بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغا سېنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىكىڭنى ئېيتتى ،ئۇكامنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان  شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ سىنى ئۆزگەرتمەكچى ، ساڭا تەسىر قىلماقچى بولماقچى بولدۇم ، ئاللاھتىن ھەر نامىزىمدا ساڭا توغرا يول ئاتا قىلىشىنى تىلىدىم ... ... ئاللاھقا شۇكرى ، سەن مەن ئويلىغاندىنمۇ تىز ئۆزگەردىڭ ، ئەسلىدىنمۇ كۆڭلۈڭدە يامانلىقىڭ يوق ، ئاقكۆڭۈل قىز بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللا ساڭا ناھايىتى تىز ھىدايەت ئاتا قىلدى ...سەندىن بەك خوشالمەن ...ئەگەر شۇ ۋاقىتتا ئۇكام شۇ گەپلەرنى دىمىگەن بولسا بەلكىم مەن شۇ كۈنىلا كىتىپ قالغان بۇلار ئىدىم ، شۇڭا ئىككىلىمىز ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتساق بۇلىدۇ گۈزەل...ئاللاھ مەڭگۈ مۇشۇنداق ھەقىقى گۈزەلئاي بۇلۇپ ئۆتۈشكە نىسىپ قىلسۇن ...
    __ ئىنشائاللا جېنىم دوستۇم ، دېگىنىڭ كەلسۇن ، ئەمىسە ئېيتقىنا ، يۇرتقا قايتقاندىن كىيىن قانداق قىلماقچى بۇلىۋاتىسەن ؟ ھېلىقى ئەركە بايۋەتچىگە تەقدىرىڭنى تاپشۇرۇپ قويماقچىمۇ ؟
    __ بىلمەيمەن ، بىلىدىغىنىم ئاتا-ئانام ماڭا يامان بولسۇن دىمەيدۇ ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش نىسىپ بولمىسا ئاللا يۇلىدا باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن ...

      ئايگۈزەل كەتتى ، يالغۇزلۇقتا كۆپ نەرسىلەرنى خىيال قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم ، كۆپىنچە خىياللىرىم بۇرۇنقى مەن ، ھازىرقى مەن ، ئىلھام ۋە ئايگۈزەل توغرىسىدا بۇلاتتى . ئىلھامنى ئالداشنى خالىمىدىم ، ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يازدىم ، ھەممىنى دىدىم ، ئەگەر كەچۈرۋېتەلىسە كىيىنكى گۈزەلئاي بۇلۇپ بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلىشنى خالايدىغانلىقىمنى دېدىم .
      ئۇنىڭدىن ساق بىر ھەپتە جاۋاپ ساقلىدىم ، ھىچقانداق جاۋاپ كەلمىدى ، يىغلىدىم ، لىكىن ئۇنى ئەيىپلىيەلمەيتتىم ، ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق كۈنگە قالىدىغانلىقىمنى بۇرۇنلا ئويلىشىم كېرەك ئىدى ، ھەممىنى ئۆزەمدىن كۆردۈم ...نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ، يۇرتقا قايتىماقچى بولدۇم ، ئېرشات ئۇكام ھەممىدىن بىخەۋەر ، ئۇنىڭ بىلەن تىلفۇن قىلىشىپ تۇردۇم ، ئۇ ئاكىسىنى ئالدىراشكەن دېدى .
      قەتىئىي قارارغا كەلدىم ، يۇرتقا قايتىمەن ، گۈزەل ھەم رەھىمسىز  ، خۇددى نازىنىن قىزلاردەك ھەممىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان ئۈرۈمچى بىلەن ، ماڭا ھەممىنى ئۆگەتكەن بۇ ئالتە يىللىق ناتۇنۇش ماكاندىن كىتىمەن ...

      ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ، ئۇكام بىلەنمۇ ئىلھام بىلەنمۇ خوشلاشمىدىم ، قارىغاندا ئىلھام  بىر قارار چىقىرىپ بولغاندەك قىلاتتى ، يۇرتقا قايتىپ كىلىپ ئۇقۇتقۇچىلىق تۇلۇقلاش ئىمتاھىنىغا تەييارلىق قىلدىم ۋە ئىمتاھانغا قاتنىشىپ يىراقراق ھەم چەترەك بىر ناھىيىنىڭ يېزىسىغا ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشقا چۈشتۇم .
       ئۇقۇتقۇچىلىق مەن ئەڭ چوڭ بىلىدىغان كەسىپ ، ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپ ، بىر چاغلاردا ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش مەن ئۇچۇن پەقەت شىرىن چۈش ئىدى خالاس ، ئۆزۈمنى ئۇقۇتقۇچى بۇلۇشقا ماس كەلمەيمەن دەپ قارايتتىم ، چۈنكى نەزىرەمدە ئۇقۇتقۇچى دىگەن ھەر جەھەتتىن يىتىشكەن بۇلىشى ، ئەدەبىياتنى ، تارىخنى ، گۈزەللىكنى چۈشىنىشى كېرەك ئىدى ، مەنغۇ چۈشىنەتتىم ، بىراق ئاشۇ چەكتىن چىققان كەچمىشىم ئۆز-ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلىشقا مەجبۇر قىلاتتى ، لىكىن ھازىر ئۇنداق ئويلىمايمەن ، چۈنكى ھازىرقى گۈزەلئاي ھەقىقى گۈزەلئاي بارلىقىنى ئاشۇ سەبىيلەرگە ئاتىۋەتكەن ، ئاللاھتىن گۇناھىغا تۆۋبە قىلىۋاتقان ، گۈزەلئاي ، قەلبىدىكى ناپاكلىقنى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىۋەتكەن گۈزەلئاي ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ يۈرەلەيدىغان گۈزەلئاي...
      بىر يىل ۋاقىت ئەنە شۇنداق سەبىيلەر ئارىسىدا ئۆتۈپ كەتتى ، خىيالىمدا ھامان ئىلھام بىلەن ياشاپ كەلدىم ، ئۇكامنىڭ قالدۇرغان خەتلىرىنى كۆرىۋېرىشكە بەرداشلىق بىرەلمەي مۇنبىرىمنى ، چ چ رىمنى ئاچالماسلا بولدۇم ، قارىغاندا ئىلھام ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتمىغاندەك قىلاتتى .
      بىر چاغلاردار <باشقىلار  نىمىشقا يازالايدۇ ، مەن  نىمىشقا يازالمايمەن > دەيدىغان ئايگۈزەل مانا ئەمدى مۇنبەردە كۆزگە كۈرۈنگەن يازغۇچى ، ئۇنىڭ يازغانلىرى بەلكىم باشقىلارغا ئادەتتىكى مۇھەببەت ، ھىسىيات تەسۋىرلەنگەن بىرەر-ئىككى كۇپلىت شېئىر ياكى قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت تەسۋىرلىنىدىغان ھىكايە بۇلۇپ كۆرۈنەر ، لىكىن ماڭا ئۇنداق ئەمەس ، ئۇنىڭ ھەربىر يازمىلىرىنى كۆرسەم بىر قېتىم ئۇنىڭ قەلبىنى كۆرگەندەك بۇلىمەن .ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ يىغىسىنى تىڭشىغاندەك بۇلىمەن ...بىر چاغلاردا كۆزلىرى مۇڭ بۇلۇپ ، يۈزلىرى قىزىرىپ «ئاپپاق يايرىم...» دىيىشكەن بىر جۈپلەرنىڭ تاتلىق پاراڭلىرىنى ئاڭلىغاندەك ،، گەرچە ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ ، گەرچە بىر يەردە بولمىسىمۇ ، گەرچە بۇرۇنقىدەك تاتلىق پاراڭلارنى قىلىشالمىسىمۇ بىراق بىر-بىرىگە ئۈن-تىنىسز بەخت تىلىشىۋاتقان ، بىر-بىرىنى ياد ئىتىۋاتقان بىر جۈپ ئالىيجاناپ يۈرەكنى كۆرگەندەك بۇلىمەن ... ...
      بۈگۈن قېلىن قار ياغدى ، ئەتراپ شۇنچىلىك ئاپپاق ، ئاپپاق قارلارغا قاراپ ئايگۈزەلنىڭ «ئاپپاق...» دېگەن ئاجايىپ ئوماق چاقىرىشلىرى قۇلۇقۇمغا ئاڭلىنىپ كەتتى ، ھېلىقى كۈنى ئىلھام بىلەن يامغۇرلۇق كوچىدا كىچىك بالىلاردەك ئويناپ كەتكەنلىرىمىز يادىمغا كەلدى ... ئەگەر ھازىرغىچە بىرگە ئۆتۈش نىسىپ بولغان بولسا مۇشۇنداق قارلىق كۈنلەردە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ، سېھرى كارامىتىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلانغان ، قار ئېتىشىپ ئوينىغان بۇلار ئىدۇق ھە !

      سىنىپنىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە ، شۇمشىيىپ تۇرغان ، كىچىككىنە قىزنى كۆرۈپ  كۈلگۈم كەلدى ، ئۇنىڭ ئەتىگەندىلا ئەرىز ئېيتىپ كىلىشىگە ئىشەنچىم بار ئىدى .
    __ نىمە بولدى ئەزىزە ؟
    __ مەڭسۇر ...
    __ ئويلىغىنىمدەك بولدى ، ئۇ يەنە نىمە قىلدى ئەزىزە ؟
    __ مانا ...
      قىز قولىنى ئارقىسىدىن چىقىرىپ بىر ۋاراق قەغەزنى ماڭا ئۇزاتتى ، سىنچىلاپ  قارىسام مايماق سايماق سېزىلغان بىر ئېشەكنىڭ رەسىمى ئىكەن ، ئېشەكنىڭ يېنىغا يەنە قىڭغىر-سىڭغىر خەتلەر بىلەن «ئەزىزە» دەپ يىزىپ قۇيۇلۇپتۇ ، نىمە ئىش بولغانلىقىنى خېلى چۈشەنگەندەل بۇلۇپ كۈلكىدىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋالدىم .
    __ ئۇ ، <ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنى سىزىشايلى> دىگەنىدى ، ماقۇل بولدۇم ، بىر-بىرىمىزنى سىزىشتۇق ، ئاندىن رەسىمنى ئالماشتۇردۇق ، مەن ئۇنى شۇنداق چىرايلىق سىزسام ...ئۇ...ئۇ بۇ ئىشەكنى سىزىپ ...ھۈ ھۈ ھۈ ...
    __ بولدى يىغلىماڭ ، ئۇ سىزگە ئامراقلىق قىلىپ ، سىز بىلەن ئوينىشىپ شۇنداق قىلىدۇ ، يىغلىماڭ ھە ئاپپاق قىز ،
    __ ئۇ ماڭا ئۆچ .
    __ ئەمىسە ئورنۇڭلارنى ئالماشتۇرىۋېتەي ،__ دېدىم مەن چىرايىمغا جىددى تۈس بەرگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ .
    __ ياق ، ياق ...
    __ ئەمىسە قانداق قىلىمىز ؟
    __ ... ... ...
    __ يېقىن دوسلار دىگەن كۆپ ئۇرۇشمايدىغان ھە ئەزىزە ، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشساڭلار راسىتىنلا ئورنۇڭلارنى ئالماشتۇرىۋېتىمەن .
    __ بىلدىم خانىم .
      ئۇنى كىرگۈزۋېتىپ ، بىردەم خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ قاپتىمەن ، نىمە دىگەن سەبىي ، پاك ، بىغەم ۋاقىتلار ھە... ... ئادەم مەڭگۈ چوڭ بولمىسا ، بالىلىقتىكى ئاشۇ گۈزەل ، ئاپپاق تۇرمۇشتىن مەڭگۈ بەھىرلەنسە...

      ئالدىمغا كىلىۋاتقان سىمادىن مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم ، نىمە دىگەن ئوخشىغان سىما ، قول سېلىپ مېڭىشلىرى ، ئۈچ-تۆت قەدەمدە بىر قوللىرى بىلەن چاچلىرىنى تاراپ قۇيىشى ، قەددىنى تىك تۇتۇپ ئەتراپىغا قاراپ-قاراپ قۇيۇشلىرى... ...
      پۇت-قوللىرىمدا جان قالمىدى ، راستىنلا ئۇ شۇكەن ، ئىلھام شۇكەن ، بىر يىلدىن بىرى مەن بىلەن خىيالىمدا مۇڭداشقان ، ماڭا كۈچ بېغىشلاۋاتقان ، ماڭا تەسەللىي بېرىۋاتقان ، ماڭا يول كۆرسىتىۋاتقان ئىلھام شۇكەن ...
      __ سېنى بەك كۆپ ئىزلەپ كەتتىم...بۈگۈن قار يېغىپتۇ ، مەن قارغىمۇ ئامراق ، سىنى بۈگۈندىن باشلاپ ، قارلىق ، يامغۇرلۇق ، ئاپتاپلىق ، بورانلىق كۈنلەردە ماڭا ھەمرا بۇلامدىكىن دەپ ئىزلەپ كەلدىم...
      راستكەن ، ئاللادىن چىن نىيتى ، ئىخلاسى بىلەن تىلىسە بىرىدىكەن...ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمىدى ،كۆزلىرىمدىكى ياشنى توختىتالمىدىم ...ھايات يەنىلا گۈزەلكەن ...خۇددى بۈگۈنكى ئاقلىق  دۇنياسىدەك ... ... ...

    تامـــــام