• توردىكى «ئۇكاش»~4 - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    توردىكى «ئۇكاش»

     

    ھېكايە
    ئاپتورى:مىھراي نەجمىدىن(گۇلزىبا)

     

     

    توۋا...بىر چاغلاردا مەنمۇ شۇنداق ئويتلايتتىم ھە ! پەقەت ئۇنىڭلا خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتسەم ، ئالدىدا مۇلايىم ، خۇشپىچىم بولسام ، ھەر قېتىم ماڭا گەپ قىلغىنىدا <ماقۇل نىجاتىم > دەپلا تۇرسام ، مۇلايىملىقىمدىن سۈيۈنۈپ ، خوش بۇلۇپ كەتسە دەپ ئويلايتتىم...
    ــ گۈزەل ، سەندىن بىر سۇئال سورىسام بۇلارمۇ ؟
    ــ گەپ تېشىلىپ قالدى ھە ، سوراۋەرگىن .
    ــ سەن بىرەرسى بىلەن يۈرۈپ باققانمۇ ؟
    ــ بىرەرسى دەيسەنغۇ...
    ــ چاقچاق قىلماي دەپ بەرگىنە ، مىنىڭ بەك ئاڭلاپ باققۇم بار.
    ــ ھەئە .
    ــ كىيىن قانداق بولدى ؟
    ــ بۇلارنى دىسەم بىر ھىكايە پۈتۈپ كىتەرمىكىن .
    ــ مەيلى ، مۇشۇنداق يېتىپ پاراڭلىشايلى ، كەچتە تاماق ئەتمەيلى بولدى ، سرتتىن ئۇششاق-چۈششەك بىر نەرسىلەرنى ئەكىلىپ يەيلى .مىنىڭ راڭپىزا ئىچكۈم كىلىۋاتىدۇ .
    ــ مەيلى ئەمىسە سوراپ قالدىڭ ، ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ تىلغا ئالغۇم يوقتى،،،بوپتۇ كۆڭلۈڭ ئۈچۈن قىسقىچە قىلىپ سۆزلەپ بىرەي .
    ئىككىلىمىز كارىۋاتقا يۆلىنىپ ئولتۇردۇق .ئۇنىڭ قوللىرىنى ئويناپ ئولتۇرغاچ سۆزلىرىمنى باشلىدىم.
    ــ بىز ئىككى قىز ئىدۇق ، دادام ھۈنەرۋەن ،ئاپام ئائىلە ئايالى ئىدى ، ھەدەم تۇلۇقسىزدىن كىيىنلا ئوقىمىدى ، دادامچە بولسا مىنىمۇ ئۇقۇتقۇسى يوق ئىدى ، لىكىن ئاپام «بىر قىزىمىز بولسىمۇ ئۇقۇسۇن » دەپ يۈرۈپ مېنى تۇلۇق ئۇقۇتتى ، پىداگپكىكا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ قەغىزىنى ئۆيگە ئاپارغاندا ئاپامنىڭ «قىزىم خانىم بۇلىدىغان بولدى» دەپ قانچىلىك  خوشال بۇلۇپ كەتكىنىنى بىلمەيسەن ! شۇنداق قىلىپ ئۇقۇشقا كەلدىم ، باشقا ئىشلارنى ئويلىغۇم كەلمەيتتى . پەقەت تىرىشىپ ئۇقۇسام ،ياخشى نەتىنجىلەر بىلەن ئۆيگە قايتسام ، دادامنىڭ «مىڭ ئۇقىسىمۇ يەنە شۇ ، ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىگە يىزىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس دىگەنتىمغۇ »دەپ ئاپامغا تاپا-تەنە قىلغانلىرىنى ئاڭلىمايلا ئىتتىك خىزمەت تاپالىغۇدەك بولسام ...دىگەنلەرنىلا ئويلايتتىم .تەييارلىقنىڭ بىرىنچى يىللىقدىلا كۆزگە كۈرۈنۈشكە باشلىدىم ، كەسىپكە چۈشكەن يىلىلا بىر قانچە ئەسەرلىرىم مەكتەپ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى ، سىنىپتىمۇ ئۆگىنىش ھەيئىتى بۇلۇپ سايلاندىم . باشقىلاردەك ئالاھىدە ياسىنىپ يۈرەلمەيتتىم ، ئۆيدىن ئەۋەتكەن پۇل  تاماق ۋە ماتىريال پۇللىرىغا ئاران-ئاران يىتەتتى .لىكىن بۇنداق بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىپمۇ كەتمەيتتىم ، چۈنكى مەن «كۆپ كىتاپ ئۇقۇغان ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتى مول بۇلىدۇ» دەپ قارايتتىم . بىراق كۆڭلۈم سۇ ئىچمەيدىغان بىرلا يېرى بار ئىدى ، نىمىشقىدۇر ياتىقىمدىكى بالىلار بىلەن پەقەت چىقىشالمىدىم ، ئەمدى ئويلاپ باقسام بەك دۆتكەنمەن ، شۇ ۋاقىتتىكى تۈزلىكىم ھەممىگە سەۋەپ بوپتىكەن ، مەن باشقىلاردەك خەقنىڭ ئارقىسىدىن گەپ قىلىشنى ياقتۇرمايتتىم ، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى بايقىسام دەۋىرەتتىم ، شۇڭا بىرسىگە «ئاتا-ئاناڭغا ئۇنداق يالغان گەپ قىلما ، ئۇنداق قىينالغۇچە يا ئۆيدىكىلەرگە راستىنى ئېيت ، يا كەچلىكى ياتاققا قايتىپ كەل » دىسەم بىرسىگە «بۇنداق بىكار لاغايلاپ ، چۈشكىچە ئۇخلاپ يۈرگىچە چىقىپ ئۆگىنىش قىلساڭ بولمەمدۇ ؟» دەيتتىم ، باشقىلار تازا خەقنىڭ يامان گىپىنى قىلىشىۋاتسا مەن قوپۇپ ئۇلار تازا تىللاۋاتقان ئادەمنىڭ ئىككى ئېغىز ياخشى گىپىنى قىلىپ قۇياتتىم ...بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ ،،،كۆپ ئىشلارغا ھەيران بۇلاتتىم ، تېخى ھازىرلا ئاقچى ،كۆكچى دەپ گىپىنى قىلىۋاتقان بولسا شۇ كىشى كىرىپ قالغۇدەك بولسا «ۋاي ئاداش »دەپ ھالى قالمايتتى ، بۇنداق ئىشلار كۆزۈمگە سىغمايتتى ، نەزىرىمدە پەس ئادەملەر مۇشۇنداق بۇلاتتى ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىقىغا ھەيران بۇلاتتىم ، يالغانچىلىق ، غەيۋەت-شىكايەت ، مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ساختا دوستلۇق قاتارلىقلار ئىچىمنى پۇشۇراتتى . دائىم ئۇلارنى نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم،،،مىجەزىم ئۇلارغا ئوخشىمىغاچ كىلىشەلمىدىم . زاڭلىق قىلىشلارغا ، تاراق-تۇرۇقلارغا ئىچىمدە كۈلۈپ ئۆتكۈزۋەتتىم ، ئويلاپ باقسام ئۇ ۋاقىتلاردابەك كەڭ قورساق ئىكەنمەنتۇق .ھازىر بۇلىدىغان بولسا...
    ــ ھە ...قانداق قىلاتتىڭ ؟
    ــ ھىچقانداق ، لىكىن بۇرۇنقىدەك ‹ئۇلارمۇ بىر كۈنى چۈشىنىپ قالىدۇ ، قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىدۇ› دەپ يۈرۈۋەرمەيتتىم ، ئۇنداق ئادەملەرگە يول قويساڭ ئۆزىنى تېخىمۇ چوڭ چاغلاپ قىلغانلىرىدىن تېخىمۇ پەخىرلىنىپ يۈرۈيدىكەن .
      شۇنداق ياتاقتىن تازا كۆڭلۈم سۇ ئىچمەي يۈرگەن ۋاقىتلار دىگىنە ، پاراللىل سىنىپتا مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق نىجات دەيدىغان بىرسى بۇلىدىغان ، مەنغۇ يۇرتلۇقۇم بولغاچقىلا سالام قىلىشاتتىم ، كۆپ قىزلار ئاشىق ئىدى ئۇنىڭغا ، ئاجايىپ شوخ ، كىلىشكەن بالا ئىدى ، ئۆگىنىشىنىڭ ياخشىلىقىنى دىمەيسەن  تېخى...دەل شۇ بالا ، ماڭا تەلەپ قۇيۇپ قالدى . بەكلا ھەيران قالدىم ، ئىنتايىن ئادەتتىكى قىز ئىدىم . ئانچە- مۇنچە بىر نەرسە يىزىپ قۇيىدىغاننى ئارتۇقچىلىق دەپ ئېيتساق مىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقىم يوق دەپ ئويلايتتىم ، ھازىر ئويلاپ باقسام مىنىڭ ئاشۇ چاغدىكى قەلبىممۇ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىق ئىكەن ، باشقا قىزلاردەك خەقنىڭ پۇلىنى كۆزلەپ مۇھەببەتلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ، مەكتەپتە زىرىكىپ قېلىپ يۈرۈپ قالىدىغان خىياللاردىن نېرى ئىدىم ،باشقىلار بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالسا كەشىمنىڭ چۇشۇپ قېلىشىغا قارىماي يۈگرەيتتىم... ‹ئەگەر بىرسى بىلەن يۈرۈپ قالسام ، چۇقۇم بارلىقىم ئۇنى خوشال قىلىش ئۈچۈن بۇلىدۇ ، ئاشۇ كىشى بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ئۈتىمەن›دەيدىغان ئىنتايىن ساپ ، بىغۇبار ئارزۇيۇملا بار ئىكەنتۇق ، خۇددى سەندەك بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن ، دەپ ئويلايتتىم . ئەجەپ جىق سۆزلەپ كەتتىم ھە !
    ــ ياق ،  ھەقىقى ئەدەبىياتچىدەك سۆزلەۋاتىسەن ، خۇددى شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنى يېنىڭدا بىرگە يۈرگەندەك ھىس قىلىپ قالدىم ، دىگىنە ھە !
    ــ شۇنداق قىلىپ ، نىجاتنىڭ خېتىنى تاپشۇرۋېلىپ بەك ھەيران قالدىم ، «ئۇ نەرىمنى ياقتۇرۇپ قالدىكىنە » دەپ ئويلىدىم . قايتىدىن ئۆزۈمگە سەپ سېلىشقا باشلىدىم ، چىرايىمنىڭ سۈزۈك ، بىر تال چىكىت چاغلىق نەرسە يوقلىقىنى ، كۆزلىرىمنىڭ چوڭ ، كىرپىكلىرىمنىڭ قۇيۇق ، ئۇزۇنلىقىنى ، شۇنچە ئاددى كىيىم-كېچەكلەردىمۇ فىگورىمنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىپ تۇرۇدىغانلىقىنى ئەنە شۇ چاغدا بايقىدىم ، ئەگەر مەنمۇ باشقا قىزلاردەك مودا ، تار كىيىملەرنى كىيىپ ، چاچلىرىمنى قۇيۇپ بېرىپ ، گىرىم قىلىپ يۈرسەم قانچە چىرايلىق بۇلۇپ كىتەرمەن ھە ! دىگەنلەرنى ئويلىدىم...
      نىجاتنىڭ مېنى قوغلىشىۋاتقانلىقى نەچچە كۈنگە قالمايلا بالىلارغا پۇر كىتىپتۇ ، بىر قانچە دوستلىرىم چۇقۇم يۈرۈشۇمنى ،ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىقنى تاپىلاپمۇ ئۈلگۈردى تېخى! لىكىن ياتاقتىكىلەرنىڭ ياپما سېسىق گەپلىرى جان-جېنىمدىن ئۈتۈپ كەتتى . ياتاقتا كۆڭلۈم يېرىم بۇلىدىغان ئىشلار كۆپەيگەنسىرى نىجات بىلەن بۇلىدىغان ۋاقتىم كۆپىيىشكە باشلىدى .لىكىن نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ قېتىپ يۈرۈشلىرىگە قاراپ ئۈزۈمدىن خىجىل بۇلۇپ قالاتتىم ، ئەمما ئۇ «سىنىڭ ئاددى –ساددىلىقىڭ مېنى كۆيدۈرگەن»دەپ مىنى خىجىلچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ تۇراتتى ...ئۇنى راستلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، لىكىن ئارىمىزدا بىر پەردە باردەك ھىس قىلاتتىم.ئۇنىڭ بىلەن يۈرسەم ئۆز-ئۈزۈمگە ، بۇلۇپمۇ ئاپامغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھىسىياتتا بۇلۇپ قالاتتىم.
      بىر كۈنى ياتاققا كىرسەم  قىزلار بۇ يىل ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ كەتكەن بىر جۈپلەرنىڭ گىپىنى قىلىۋېتىپتۇ ،
    ــ شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئايرىلىپ كىتىپتىما ، مەكتەپتە ئەجەپ ياخشى ئۆتكەن ھە ...تازىمۇ بىر ئىش بوپتۇ .
    ــ بۇرۇنلا بىلەتتىم شۇنداق بۇلىدىغىنىنى ، قەيسەرنىڭ دادىسى چوڭ باشلىق ،ئاپىسىنىڭمۇ يۇرتتا خۇتۇن-خەقلەر ئارىسىدا شۇنداق چوڭ ئابرويى بار ! مىنەۋەر دىگەن بىر تۇل خۇتۇننىڭ  قىزى ، قەيسەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆتەپ-تېشىپ ئۇنىڭغا بىر تۇل خۇتۇننىڭ قىزىنى ئېلىپ بىرەتتىمۇ ؟
    ــ شۇڭا دەيمەنغۇ ، ھازىر دىگەن قايسى جاھان ، ھەممە ئادەم ئۆز خىلىنى تاپقان ياخشى ، كونىلار يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇن ، دەپتىكەن ، ھازىر ۋاي ئۇنداق باينى تاپتىم ، ۋۇي مۇنداق باينى تاپتىم دەپ كۆرەڭلەپ يۈرگەن بىلەن ئەتە-ئۆگۈن شۇ تاپقان ئادىمىغا يارىغۇدەك ئاتا-ئانىسى بولسا بۇلىدۇ .
    ــ گۈزەل ، نىجاتنىڭ ئۆيىدىكىلەر نىمە ئىش قىلىدىكەن ؟
    ــ ئاڭلىسام دادىسى دوختۇرخانا باشلىقى دەيدۇ ، ئاپىسىمۇ خېلى داڭقى بار دوختۇركەن .گۈزەل تەلىيىڭ بار جۇمۇ !
    ــ گۈزەلنىڭ راستلا تەلىيى بار ھە !
    ــ ھاھاھا.....
      قىزلارنىڭ «چاخچىقىغا » نىمە دەپ جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلمەي «ئىشىم بار ئىدى» دەپلا سىرتقا چىقىپ كەتتىم ، ئەزەلدىن ئاتا-ئانامدىن ، ئۇلارنىڭ ھالال ئەمگىكىدىن پەخىرلىنىپ كەلگەنمەن ، ئەجىبا كادىر ئائىلىسىدىن بۇلۇش شۇنچە چوڭ ئىشمىدۇ ...
      ياتاقتىن شۇ چىققىنىمچە ئۇدۇل چوڭ مەيدانغا چىقىپ بىر بۇلۇڭغا بېرىپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتىمەن ، بىر كەم بولغاندا يېنىمدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا نىجات پەيدا بۇلۇپ قالدى .
    ــ نىمە بولدۇڭ گۈزەل ؟
    ــ ھىچنىمە !
    ــ زادى نىمە ئىش بولدى ، بۈگۈن دىسەڭمۇ دەيسەن ، دىمىسەڭمۇ دەيسەن .
      يەرگە قاراپ ئولتۇرغان يېرىمدە ئولتۇرىۋەردىم .
    ــ ئىچىمنى سىقمىساڭچۇ ؟ تۇرە ئورنۇڭدىن .
      خېلى بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن ، مەندىن گەپ چىقىشقا كۆزى يەتمىگەن نىجات قوللىرىمدىن تارتىپ ئۆرە تۇرغۇزدى ،
    ــ نىمە ئىش بولدى دىگىنە !
      گەپ قىلالماي ھېقىغداپ يىغلاپ كەتتىم ، كۆز-ياشلىرىمنى ئېيتتى ئۇ .
    ــ دىگىنە ، زادى نىمە ئىش بولدى .
      ئاران تۇرغانىدىم ، ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۈزۈمنى ئېتىپ ئاۋازىمنى قۇيۇپ بىرىپ تازا يىغلىدىم.
    ــ ئاشۇ گەپلەرگە يىغلاپ يۈردۈڭما ئەخمەق ، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى ئەجەپ تىز ئىشقا ئاشۇرۇپسەن ھە !
      يىغلاۋاتقان ئادەم كۈلۈپ كەتتىم .
    ــساراڭ ، مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ چاخچاق قىلامسەن ئادەمگە!
    ــ ئاشۇلارنىڭ شۇنداق دىگىنىگە بولسىمۇ بىر كۆزىگە كۆرسىتىپ قۇيايلى گۈزەل ، ماقۇل دىگىنە ، سىنى ئەمدى يىغلاتمايمەن ، ھىچكىمگە بوزەك قىلدۇرمايمەن ، ھىچكىم سىنى تاك ئىتىپ چىكەلمەيدۇ ، ھىچكىم ساڭا ئارتۇق گەپ قىلالمايدۇ ؟
    ــ ماڭا قوغدىغۇچى بولماقچىمۇ سەن ؟
    ــ ياق !  ھەمرا بولماقچى ...يىگىتىڭ بولماقچى ، يەنە كەلگۈسىدىكى ئېرىڭ بولماقچى...
    ــ قېلىن !   گەپ قىلمىدىم ساڭا !
    ــ ھېلىمۇ قاچانغىچە ماقۇل دىمەيسەن ، بىز يۇرۇپلاۋالساق ئاغزى تۇۋاقلىناتتى ئاشۇنداق ۋىتۋالداقلارنىڭ ...ماقۇل دىگىنە گۈزەل...سىنى قوغداشقا ، ئاسراشقا ، ساڭا كۈيۈنۈشكە ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بەر!بىر ئۆمۈر سىنىلا قەدىرلەيمەن ، سىنىلا ياخشى كۆرىمەن !
      بىر ئوغۇل بالا ، يەنە كىلىپ ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئادەم كۆزلىرىڭگە قاراپ تۇرۇپ ئۇنداق گەپلەرنى قىلسا چىدىماق تەسكەن .
    ــ شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلدىڭ ؟،ــ سۆزلىرىمنى بۆلىۋەتتى ئايگۈزەل.
    ــ ماقۇل دەۋەتتىم شۇ !   يۈرۈپ قالدۇق ...تاكى ئۇقۇش پۈتتۈردىغانغا بىر يېرىم يىل قالغۇچە ،  ناھايىتى ئىسىل يۈردۇق ، ئۆگىنىشنىمۇ تەڭ ئېلىپ ماڭدۇق ، ھەممىنىڭ بىزگە مەستلىكى كىلەتتى ، ياتاقتىكى باش ئاغىرقىدىنمۇ بىراقلا قۇتۇلغاندەك بولدۇم ، چۈنكى ياتىقىمغا ئاخشىمى بىر چاغلاردا پەقەت زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن قايتىپ كىرمىسەم باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە نىجات بىلەن بىرگە بۇلاتتىم .بەك ياخشى ئۆتتۇق ، چىرايلىق ئۆتتۇق ، باشقىلاردەك ئۇيۇن-تاماششاغا بىرىلمىدۇق ، باشقىلار باغچىدا ،قەھۋەخانا ، دىسكوخانىلاردا مۇھەببەتلەشسە بىز سىنىپتا ، كۈتۈپخانىدا ، قوللىرىمىزدا كىتاپ ...ئەنە شۇنداق مۇھەببەتلەشتۇق ، لىكىن يۈرگىنىمىزگە بىر يىلدىن ئاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئولتۇرۇشلىرى ، ئاغىنىلىرى ، سۇرۇنلىرى كۆپىيىپ قالدى ، مىنى تەڭ ئېلىپ باردى ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ماقۇل دەپ ئۇ باشلىغان يەرلەرگە باردىم ، لىكىن بۇرۇندىن ئۇنداق سۇرۇنلارغا كۆپ بارمىغاچقىمىكىن ئىچىم پۇشۇپ ، ۋاقىتنى تىزراق ئۆتكۈزەلمەي قىينالدىم ، قارىسام بارا-بارا ئىشلار قاملاشمىغىلى تۇردى ، سۇرۇندىن كەچ قېلىپ ياتاققا قايتالمايدىغان ئەھۋاللار كۈندىن كۈنگە كۆپەيگىلى تۇردى ، ئىقتىسادتىنمۇ بەك قىينالدۇق ، نەچچە كۈنلەپ ئاچ يۈرۈپمۇ كىتەتتۇق .
      بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىمىزنى شۇنداق سېغىنغانىدىم ، ئۇ خۇددى ماڭىلا مەنسۇپتەك ، ئىككىمىزلا بىرگە يۈرۈيدىغان ، ئايلىق پۇلىمىز كەڭ-تاشا يىتىدىغان ئاشۇ ۋاقىتلارنى شۇنداق سېغىنغانىدىم .لىكىن ئۇنىڭغا دىسەم ئۇ «ھىچنىمە بىلەن كارىمىز يوق ئاشۇنداقمۇ ئۆتۈپتىكەنمىز ، دوستلار بىلەن ئويناپ-كۈلۈپ ئۆتكەننىڭ نەرى يامان ، ھازىر ئۇنداق كۈندە بىرگە يۈرسەك كىيىن بىر ئۆيگە كىرگەندە بىر-بىرىمىزدىن زىرىكىپ قالمايمىزمۇ » دەپ قۇياتتى .
      بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن دىباغا باردۇق ، بەك كەچ قالدۇق . بۇرۇنقىدەك يېقىن ئەتراپتىكى ياتاقتىن بىرىگە كىرىپ كەتتۇق ...ئۇ كۈنى ئۇ پەقەت ئۇنىماي قويدى ، يالۋۇرۇپ دىمىگەن گەپلىرىم قالمىدى ...ئاخىر ئۇنىڭ دىگىنىگە بويسۇندۇم...
      مۇشۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا كۆزلىرىمدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى ، ئايگۈزەلگە ھەممىنى دەۋېتىشنى لايىق تاپتىم ، ئۇ دىگەن ئاجايىپ ئاقكۆڭۈل ، سەمىمى قىز ، ئۇنىمۇ ئالداۋەرسەم بولمايدۇ ،
    ــ شۇنداق قىلىپ ،ــ دەپ گىپىمنى داۋاملاشتۇردۇم ،ــ شۇنداق قىلىپ پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولدۇم ، لىكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئۆزگىرىپ كەتتى . ھەتتا ئايرىلىپمۇ كەتتۇق ، كۆز-ياشلىرىم ، يالۋۇرۇشلىرىم ھىچنىمىگە كار قىلمىدى . ھەممىدىن بەك ياتاقتىكى قىزلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ كەتتى ، دەرىسلەردىمۇ بىراقلا چىكىندىم ...ئىشقىلىپ بەك تۈگۈشۈپ كەتتىم ، شۇ ۋاقىتلاردا نىجاتنىڭ بىر دوستى مىنى ئىزلەپ قالدى ، ئۇ خىزمەت قىلىدىغان بىر بالا ئىدى ، ئۇلار بىر سۇرۇندا تۇنۇشۇپ قاپتىكەن ، يېقىندا نىجات سۇرۇنغا باشقا بىر قىزنى باشلاپ بېرىپتۇ ، ئۇ سورىسا بىز ئايرىلىپ كەتكىلى نىكەم دەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن نىجاتنىڭ ئۇ دوستى مىنىڭ تىلفۇن نۇمىرىمنى سورىسا ئۇ دەپ بىرىپتۇ . بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئارقىمغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم ، شۇنچە تىز يېڭىدىن يۈرۈۋاپتۇ ،،،يەنە تېخى بىر ئوغۇل بالا تىلفۇن نۇمىرىمنى سورىسا دەپ بىرىپتۇ...مۇشۇنداقمۇ ئوغۇل بالا بۇلامدۇ...نەپرەت ، كۈنچىلىك ، پۇشايمان ، خورلۇق...ئۇ چاغدىكى ھىسىياتىمنى ساڭا سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن...
      نىجاتنىڭ ئۇ دوستىنىڭ ئىسمى ۋەلى ئىدى ، نىجاتتىن ئۆچ ئېلىش ، كۆزىگە كۆرسۈتۈپ قۇيۇش ئۈچۈن ۋەلى بىلەن يۈردۈم ، بۇرۇنقىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر گۈزەلئاي قىياپىتىدە .
      ۋەلى مەرت ئىدى ، نىمە دىسەم ئاساسەن ئېلىپ بىرەتتى . ماڭا كۈيىنىشى ، كۆڭۈل بۈلىشىنى خۇددى ئالدىمدا ئۇيۇن كۆرسىتىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم.شۇ ۋاقىتلاردا تۇرۇپلا دىبا ، رېستۇران دىگەنلەرگە شۇنداق ئامراق بۇلۇپ قالدىم ، ۋەلىنىڭ ئاپارغىنىغا قانائەت قىلماي ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇنچە نەچچە قېتىم  بېرىپ ئويناپ يۈردۈم ، بەزىدە ئۇ ئۇقۇپمۇ قالدى ، ئازراق ئاچچىقلاپ بېقىپ جىم بۇلۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ توختاپ قالاتتى ، دائىم ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىمايتتىم ، خاپا قىلاتتىم ، لىكىن ئۇ ئارتۇق بىر نەرسە دىمەي ، ‹<سەن تېخى كىچىك گۈزەل ، كىيىن چۈشىنىپ قالىسەن ›> دەپ قۇياتتى .
      بارا-بارا ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنىڭ ئالدىدا خىجىل بۇلۇشقا باشلىدىم ، ئۇقۇش پۈتىدىغانغا ئاز قالغاندا ئۇنىڭغا ھەممىنى دەۋەتتىم ، ئۇ ئىككى كۈن يوقاپ كەتتى ، مەن تېخى ئەمدى ئۇ مىنى ئىزدىمەسلا بولدى دەپ ئويلىغانىدىم ، لىكىن ئۈچۈنچى كۈنى يەنە ئىزلەپ كەلدى ، ساقاللىرى ئۈسۈپ قاپتۇ ، كىيىملىرىنىڭ ياقىسى كىر تۇرىدۇ ، ئاجايىپ پاكىز-رەتلىك يۈرۈيدىغان بالا ئىدى ، قاراپ مىنىڭمۇ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى .«ماڭا سىنىڭ جىسمىڭ ئەمەس ،قەلبىڭ كېرەك گۈزەل ، ھەممىنى باشتىن باشلايلى » دەپ ئىزەپ كەپتۇ . ماقۇل دىدىم .بىز باشتىن باشلايلى دىگەن بىلەن باشقىلار بىزنى باشتىن باشلىغىلى قويمىدى ، مەكتەپتە ئارقامدىن جىق گەپلەر چىقىپ كەتتى ، قىزلارنىڭ سېسىق گىپىدىن قۇتۇلالمىدىم ،  بارغانسىرى تىرىككەك ، جىلىپەز بۇلۇپ قالدىم ...ئاشۇنداق ۋاقىتلاردا ۋەلى ھەممە ئېغىرىمنى كۆتۈرەتتى . نىجات مەن بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن مەكتەپتە نامى چىقىپ كەتكەن بىر قىز بىلەن يۈرۈپ قالدى ، ھەممەيلەن ھەيران قالدى ئۇلارغا . لىكىن قارىسام مودا ، چىرايلىق ئۇ قىز بىلەن ئىككىسى خېلى ماسلىشىپ قاپتۇ . ھەتتا كىيىن ئۇلارنى توي قىلغۇدەك ، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ بوپتۇ دەپ ئاڭلىدىم .
    ئاشۇ گەپلەردىن كىيىن ، ئوغۇللارغا بىراقلا ئۆچ بۇلۇپ كەتتىم ، ۋەلىگىمۇ ئۆچ بۇلپ قالدىم .ئۇنىڭغا ئايرىلىپ كىتىمەن دىسەم ماڭا كۆپ يېلىندى ، قىززىق يېرى ئۇنىڭ يېلىنىشىدىن ھۇزۇر ھىس قىلدىم .كىيىن ئايرىلىپ كەتتۇق .
      ئەنە شۇندىن كىيىن مۇشۇ يېرىم ئاغرىيدۇ ئايگۈزەل (قۇلۇمنى يۈرۈكۈمنىڭ ئۈستىگە قويدۇم) شۇڭا ھىچنىمىدىن كارىم يوق ، كۆڭلۈم نىمىدىن خوش بولسا شۇنى قىلىپ يۈردۈم ، جىق كىشىلەر بىلەن ئارىلاشتىم ، ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن يۇرتقا قايتىشنى خالىمىدىم ، مىنىڭ نىجاتىم ھېلىقى داڭقى چىقىپ كەتكەن بىلەن توي قىلىپ بولدى ...ئۇلارنى كۆرەرگە كۈزۈممۇ يوق!
      تۈنۈگۈنكى ئىشقا نىمىشقا خاپا بولمايسەن ئايگۈزەل ؟
    ــ سىنىڭ چۇقۇم مۇشۇنداقراق بىر ئىشلارغا يۇلۇققانلىقىڭنى مەن بىلەتتىم ، بۇرۇنقى ئىشلارنى ، ئۇ ئاچچىق خاتىرىلەرنى ئۇنتۇپ كەت گۈزەل ، يېنىڭدا مەن بار ، بىز ھەممىنى باشتىن باشلايلى بۇلامدۇ ؟
    ــ ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتەلەيمەن ، لىكىن بۇلغانغان روھىمنى ۋە تىنىمنى ئۇنتۇپ كىتەلمەيمەن ، مەن تۈگەشكەن ئىنسان ئايگۈزەل ، ماڭا ھېلىمۇ شۇنچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كەلدىڭ ، ساڭا ھەممىنى دىدىم ، ئەگەر خالىساڭ تۇرۇپ قال ، خالىمىساڭ ...
    ــ نىمىلەرنى دەپ يۇرۇيسەن !،ــ ئۇنىڭ ئاۋازلىرى تىترەپ كەتتى ، قارىسام يىغلاپ كىتىپتۇ ، توۋا...بۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلاپ ، كۈلكىسىگە تەڭ كۈلىدىغانلاردىن يەنە قانچىلىك قىزلار باردۇ ھە ؟!
      ــ ساڭا بۇلارنى دەپبىرىپ ئىچىم بوشاپ قالدى .
    ــ گۈزەل ، ماقۇل دىگىن ھەممىنى باشتىن باشلا ، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن ، بۇلامدۇ گۈزەل .
    ــ تىرىشىپ باقاي .
      ئاران شۇنداقلا دىيەلىدىم . مەن دىگەن ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا قەدىر-قىممىتىمنى يوقىتىپ قويغان بىر ئىنسان ، قىز دىيىشكىمۇ ئەرزىمەيدىغان بىر قىزمەن !  قايسى ھالىمغا ....نىمىنىمۇ يېڭىدىن باشلارمەن ھە !
      ئىككىلىمىز جىمىپ كەتتۇق ، دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تىلفۇنى جىرىڭلاپ قالدى .
    ــ ئاپپاقكەن ،ــ دېدى ئۇ . تىلفۇننى ئېلىپ بولغۇچە كۆزلىرى كۈلۈپ بولغان ئۇنىڭغا مەستلىگىم كەلگەن ھالدا قاراپ قويدۇم.
      كەچ بۇلۇپ كىتىپتۇ . ھېلى ئۇ تىلفۇننى قويسا بايا دىگەندەك سرتتىن ئازراق نەرسە ئەكىرىپ بىر نەرسە يىسەل بولغۇدەك دىگەنلەرنى ئويلىدىم . ئۇلارنى ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىۋالسۇن دەپ ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم-دە بېرىپ كومپىيوتۇرنى ئاچتىم . قارىسام ئۇكاش باركەن.
    «دەرىستىن چۇشۇپ بولدۇڭما ؟»
    «ھەئە ،ھازىر چۈشۈشۈم »
    «تاماق يىدىڭمۇ »
    «ياق تېخى ، سەنچۇ ؟»
    «ياق...ھېلى ئايگۈزەل بىكار بولسا بىرگە چىقىمىز!»
    «مەنمۇ چىقىمەن !»
    «ھە يولنى يىراق كۆرمىسەڭ كەل.»
    «مىھمان قىلامسەن؟»
    »شۇنداق بۇلا ئەمدى.»
    «ئەمىسە بارىمەن.»
    «راست دەۋاتامسەن ؟»
    «راست دىدىم ...ئەمىسە بىر سائەتتىن كىيىن سىفەن داشۆنىڭ ئالدىدا كۆرۈشەمدۇق»
    «كەچلىك  تەكرار يوقما ؟
    «بۈگۈن دىگەن جۈمە ...ساراڭ ھەدە!»
    «ھە ماقۇل ئەمىسە»
    «ۋوي ، تىلفۇن نۇمىرىڭنى دەپ بەر ماڭا ، ھېلى قانداق تاپىمەن سىنى »
    «سىفەن داشۆنىڭ ئالدىدا بىر-بىرىنى قولتۇقلاپ تۇرغان ئەڭ چىرايلىق ئىككى قىز بىزشۇ !  بىرمىزنىڭ بېشىدا ياغلىق بار جۇمۇ !»
    «ئۇ چۇقۇم ئايگۈزەل ھەدەم ،»
    «ھەئە،شۇ!»
    «مىنىڭ تىلفۇن نۇمىرىم ********13»
    «بىلدىم ، كىچىكمەي كەل جۇمۇ !»
    «نەق بىر سائەتتىن كىيىن ئەمىسە !»