• توردىكى «ئۇكاش»~3 - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    توردىكى «ئۇكاش»

     

    ھېكايە
    ئاپتورى:مىھراي نەجمىدىن(گۇلزىبا)

    بۈگۈن ئىشتىن بۇرۇنلا قايتىپ كەلدىم ، ئايگۈزەل بىلەن بىرگە تاماق ئەتتىم ، تاماقتىن كىيىن ئۇنىڭدىن قاچا-قۇچىلارنى تالىشىپ يۇدۇم ، ئۇ كومپىيوتۇر ئالدىغا كەتتى . قارىسام بېشىنى كۆتۈرمەي كوت-كوتتا خەت يىزىشىۋېتىپتۇ ، ئادەتتە يىگىتى بىلەنلا ئاۋازلىق پاراڭلىشاتتى ،بۈگۈن كىم بىلەن پاراڭلاشتىكىنە بۇ ؟!
    قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بۇلۇپ مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم ، بۇ چاغدا ئۇ مۇنبەردە بىر نەرسىلەرنى كۆرۈۋاتقانىكەن.
    ــ قارىغىنە گۈزەل ، مۇنۇ شېئىر بەك ياخشىكەن ، مەن نىمىشقا يازالمايدىغاندىمەن .
    ــ ئاددىلا شېئىركەنغۇ،،،مەن بۇنداق شېئىرلارغا قارىغاندا چاچما ، گۇڭگا شېئىرلارنى ياقتۇرىمەن ، بۇلۇپمۇ ئوسمانجان ساۋۇت ، ئادىل تۇنىياز دىگەنلەرنىڭكىنى .
    ــ ما ئەدەبىياتچىنىڭ ئاددىكەن دەپ كەتكىنىنى ، ئۈزۈڭ يازالمايسەن ، يازغانلارنىڭكىنى ياراتمايسەن!
    ــ مېنىڭ يازغانلىرىمنى كۆرمەي تۇرۇپ يازالمايدىغانلىقىمنى قانداق بىلدىڭ ؟
    ــ راست يازالامسەن ؟
    ــ توختاپ تۇر ھە !
    تاشلاپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان ماتىرياللىرىمنىڭ ئارىسىدىن توپا بېسىپ تاشلىنىپ ياتقان بىر خاتىرىنى تاپتىم .
    ــ تۇتە مانى ، چالىقۇشى ئىمزاسىدىكى شېئىرلارنىڭ ھەممىسىنى مەن يازغان .
    بىرىنچى بەتنى ئېچىپلا ئۇقۇشقا باشلىدى ئۇ :
    ــ                                                                                كالىندار
                                                                                       يىرتىلدى بىر بەت ،
                                                                                      كۆڭلۈم پەرىشان ،
                                                                                      ئازلىدى بىر بەت ،
                                                                                      كۆپلىدى بىر دەرت ... ...
    ھى ھى ھى ....قاپىيە ئويناپ يۈرۈيدىغان ۋاقىتلىرىڭ دىگىنە ئۇ !
    ــ زاڭلىق قىلىۋاتامسەن ، خېلى ياخشى يىزىلغان جۇمۇ ...كىلاسسىك ئەدەبىياتقا ئىمتاھان بىرەرمىش تېخى ، قاراپ تۇرۇپ شېئىرغا باھا بىرەلمىسەڭ ...
    ــ توختا ئالدىرىماي كۆرۈپ چىقاي ...
    ئۇ خاتىرىنى بىرلا قۇلىغا ئېلىپ كىرىشىپلا كەتتى ، مەن بولسام كومپىيوتۇرنىڭ ئالدىغا كىلىپ يۇمۇر-چاخچاق ئىزلەپ كۈرۈشكە باشلىدىم . لىكىن چاخچاقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇ مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قىلغاچقا بەزى يەرلىرىنى تازا چۈشىنەلمىدىم .تۇيۇقسىز كوت-كوت يۇرۇپ ھەم تىتىلداپ خەت كەلدى .
    ــ گۈزەل سەن پاراڭلىشىپ تۇرە ،ئاپپاقتىن باشقا ھەرقانداق ئادەم بولسا مىنى ئالدىراش دەپ قويغىن .
    ــ خوپ باشلىق .
    « ھەدە ، نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن ؟ مەن يەنە كەلدىم.»
    ــ سەن ماڭا ئىنىم بار دىگەن گەپنى قىلمىغانغۇ ،نەدىن پەيدا بولدى بۇ ئىنىڭ ؟
    ــ ئۇ دىگەن توردىكى ئۇكاش ساراڭ ،
    «مۇنبەر كۆرۈپ ئۇكام »دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم .
    «ساڭا مەسلىھەت سالىدىغان بىر ئىش بار ئىدى ، دىمەي دىسەم كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ ، دەي دىسەم خىجىل بولدۇم »
    «دەۋەرگىن ، مەن ھەم سىنىڭ ھەدەڭ ، ھەم سىنىڭ دوستۇڭ ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟»
    «ئەمىسە دېدىم ، زاڭلىق قىلما ھە ، يېقىن بىر دوستۇم بار ئىدى .(قىز)...يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن چىراي ئىپادىسى ، خېلى بولدى ماڭا بەك يېقىنچىلىق قىلىدۇ ، گىپىمنى چۈشەندىڭمۇ ؟ مىنىڭ بۇنداق بۇرۇن يۈرگۈم يوق ، لىكىن ئۇ قىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ قويغۇممۇ يوق ، قانداق قىلسام بۇلا...»
    ــ ھوي! ئايگۈزەل ، مۇنۇ ئۇكاش باشلانغۇچنىڭ نەچچىنچى سىنىپىدا ئوقۇيدۇ ، بۈشۈكىدىنلا بۇزۇلاي دىدىمۇ بۇ ؟
    ــ نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن ساراڭ ، ئۇ دىگەن ئالىي مەكتەپ ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ، شىنجاڭ داشۇنىڭ ماتىماكىسىدا ئوقۇيدۇ ئۇ !
    ــ ھە ، بىلدىم .
    «ئۇنى ياخشى كۆرەمسەن ؟»
    «بىلمەيمەن ھەدە ، مەن ئۇنىڭغا ئامراق ، لىكىن ئالاھىدە ھىسىيات يوق »
    «سەن بۇرۇن بىرەسىنى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ ؟»
    «ھەئە ، ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە بىرسىنى ياخشى كۈرەتتىم ، ھازىر تېخى ۋاقتى ئەمەس كىيىن دەيمەن دەپ ئويلايتتىم ، لىكىن ئۇ قىز ئالىي مەكتەپكە كىلىپلا بەك ئۆزگىرىپ كەتتى .شۇڭا ھەم كۆڭلۈم ئاغرىپ ھەم كۆڭلۈم سوۋۇپ...»
    «قانداق ئۆزگىرىپ كەتتى ؟»
    «ئۇيۇن تاماشاغا بېرىلىپ ، بۇرۇنقى ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس نازاكىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ دىگەندەك ، ئاڭلىسام دەسلەپتە يىگىتى ئۇنى تاشلىۋەتكەندىن كىيىن ئۇ كىملا بولسا يۈرۈپ ، كىم نەگە باشلىسا شۇ يەرگە بېرىپ يۈرۈپتۇ ، كىيىن مىنى ئىزلەپ دەردىنى تۈكۈپ يۈرۈيدۇ »
    «ئۇ دەردىنى تۆكسە سەن نىمە دىدىڭ ؟»
    «بولدى يىغلىما ھەممە ئىش ئۆتۈپ كىتىدۇ دىدىم»
    «ئاشۇنداقلا ئاددى ؟»
    «سەن پىسخىلوگ بولساڭ بۇلىدىكەن جۇمۇ ھەدە ، راستىنى دىسەم ئۇ <بەك تۈگۈشۈپ كىتىۋاتىمەن ئېرشات ،بۇرۇن قىلغانلىرىڭنى بىلمەپتىكەنمەن ، ئەقىلسىزكەنمەن ...ماڭا پۇرسەت بىرەلەمسەن ، ھەممىنى يېڭىدىن باشلايلى>دەپ ئالدىمغا يىغلاپ كەپتۇ ، ئاخماقنىڭ چار خالتىسى بولمىسام مەن <سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ يۇلىدا ماڭ ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ يولىدا ماڭاي> دەپلا بولدى قىلدىم شۇ!›
    «ئۇنىڭغا نەپرەتلىنەمسەن ؟»
    «ھەئە»
    «ئەمىسە ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەنسەن»
    «كىسىپلا مۇنداق دەۋەتتىڭغۇ؟»
    «ما ناخشىنى ئاڭلاپ باق » دىدىمدە ئۇنىڭغا توردىن ئىزلەپ  <مۇھەببەت بولمىسا نەدىن كەلگەن نەپرەت ئۇ> دىگەن خەنزۇچە ناخشىنى ئەۋەتىپ بەردىم .
    « راسلا پىسخىلوگچى بولساڭ بولغۇدەك ، راستىنى دىسەم ئۇنى ئۇنتۇيالماي قىينىلىمەن»
    «ئۇ ھەممىنى باشتىن باشلايلى دەپتىغۇ شۇنداق قىلساڭلا ، سەنمۇ ، ئۇمۇ ئازاپتىن قۇتۇلۇلىدىكەنسىلەنغۇ؟»
    «ئۇ نەچچە بالا بىلەن يۈرۈپ بولدى ھازىر ، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن يۈرسەم باشقىلار نىمە دەيدۇ ، كۆڭلۈم كۆتۈرمەيدۇ مىنىڭ »
    «بۇرۇن ئۇ قىزبالىنىڭ نەرىنى ياخشى كۈرەتتىڭ ؟»
    «ساددا ، ئوماق ، بەك ئاقكۆڭۈل قىز ئىدى.»
    « سەن ئۇ ئۆزگىرىشكە باشلىغاندا ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدىڭمۇ ؟ ئۇنى توستۇڭمۇ ؟»
    «ياق ، كاللىسى ئىشلەيدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەكتە!»
    «قارا ئۇكام ، ھەممە ئادەمنىڭ ئازىدىغان ، ئۆزىنى بىلەلمەي قالىدىغان ۋاقتى بۇلىدۇ ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇ ھەمىمىي ، ھەقىقى دوستقا ، دوستىنىڭ توغرا يول كۆرسىتىشىگە مۇھتاج بۇلىدۇ ، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۇچۇرغىنى ھەقىقى دوست بولمىسا ئۇ ئازغۇنلۇق پاتقىقىغا تېخىمۇ پېتىپ كىتىدۇ ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇ قىز ئازغان ، دوستقا مۇھتاج بولغان ۋاقىتلاردا سەن ئۇنىڭ يېنىدا بۇلالماپسەن ، دەل سىنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا يوقلۇق پۇرسىتىڭدىن باشقىلار پايدىلىنىپ ، ئۇ قىزنى ئازۇنلۇق پاتقىقىغا تېخىمۇ پاتتۇرۋېتىپتۇ ، چۇشەندىڭمۇ ئىنىم »
    «سەن ئۇ قىز بىلەن يۈرىشىڭ كېرەك دەۋاتمايدىغانسەن ؟!»
    «ۋاي ئەقىللىق ماتىماتىك ، مەن يۈر دىمىدىم ، دوستلۇق قۇلۇڭنى ئۇنىڭغا بەرگىن ، ئۇقىزنىڭ خاتالىقىنى تۈزۈتىشىگە ياردەم قىل دىدىم .»
    «تاڭ جۇمۇ ، ئۇيۇنغا كۆنۈپ قالغان ئادەم قانداق بۇلاركىن ؟»
    «سەن بايام ئۇقىزنى ساددا ، ئاقكۆڭۈل دىگەنىدىڭغۇ؟»
    «ئۇ دىگەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى ۋاقتى !»
    «شۇنداق ئۇ دىگەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى ۋاقتى ھەم ھەقىقى ماھىيىتى ، ئۇ چۇقۇم خاتالىقىنى قانداق قىلغاندا تۈزەتكىلى بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ ، ئۇ ساڭا مۇھتاج ئۇكام »
    ئۇكاش ئۇزاققىچە جىمىپ كەتتى .ئۇنىڭ ئويلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئالدىرىماي خەت يىزڭشقا باشلىدىم :
    « تېخى قايسى كۈنى سەئىدىنىڭ «‹گۈلىستان» دىگەن كىتابىدىن مۇنداق بىر ھىكايەتنى ئوقۇغانىدىم  ، ساڭا سۆزلەپ بىرەي ھە ئۇكام :
    گۆھەر پاتقاققا چۈشۈپ كەتسىمۇ يەنىلا قىممەتلىك ، چاڭ-توزان ئاسمانغا ئۆزلىسىمۇ ھامان يارامسىز ، قابىلىيەت بولغان بىلەن تەربىيە بولمىسا بىكار ، ئۈنۈمسىز تەربىيەنىڭمۇ پايدىسى يوق ، كۇل ئالىي نەسەپتىن كىلىپ چىقىدۇ ، چۈنكى ئوتنىڭ ئەسلى زاتى ئۈستۈن،لىكىن ئۆزىدە بىرەر ئارتۇقچىلىق بولمىغانلىقتىن توپا بىلەن باراۋەر.شېكەرنىڭ قىممىتى قۇمۇشتىن ئەمەس بەلكى ئۆزىدىكى خۇسۇسىيەتتىن.
    لاياقەتسىز ئىدى ئەسلىدە كەنئان ،
    رەسۇل ئوغلى بۇلۇش كەلتۈرمىدى شان.
    پەزىلەت كۆرسەت ئاچما گەپ شەجەرىدىن ،
    تىكەندىن چىقتى گۈل ،ئىبراھىم ئازەرىدىن .
    خۇددى مۇشۇ نەسىھەتتە دىيىلگىنىدەك ، سەن ئۇ قىزنى تېخى بايىلا ساددا ،سەبىي ،ئاقكۆڭۈل دىگەنىدىڭ ، مەيلى بۇ ئۇنىڭ قاچانقى ۋاقتى بولسۇن ھامان ئۇنىڭ ئىچكى ماھىيىتى ، ئەسلى قىياپىتىدۇر ...بولمىسا مۇنداق ئويلايلى ئۇكام ، سەن دىگەن ئۇيغۇر يىگىتى ، ئۇ دىگەن ئۇيغۇر قىزى ، ھەربىر ئۇيغۇر قىزىدا ھەربىر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ھەققى بار ، مەسئۇلىيىتى بار دەپ ئويلىغىن ، ئۇ قىز ياردەمگە مۇھتاج ، ھەقىقى دوستلۇققا ، كۈيۈنۈشكە مۇھتاج ، ئۇنى ھەممىدىن چۈشىنىدىغان ئادەممۇ سەن ، ئۇنىڭغا ھەقىقى ياردەم بىرەلەيدىغان ئادەممۇ سەن ! ئەمدى ئويلىشىپ باققىن ، مېنىڭ باشقا ئارتۇق گىپىم يوق ، ئۆزۈڭ ئويلىشىپ كۆر.
    ئۇ يەنىلا ئۇزاق جىم بۇلۇپ قالدى ،ئاندىن خېلى بىركەملەردىن كىيىن :
    «رەھمەت ھەدە ، دىگەن ھەربىر ئېغىز گەپلىرىڭنى ئىسىمدە تۇتىمەن » دەپ خەت قايتۇردى .
    توردىكى ئۇكاش بىلەن خوشلۇشۇپ بۇلۇپ خۇددى بىر چوڭ ئىش قىلىۋەتكەن ئادەمدەك خوش بۇلۇپ قالدىم .
    ــ ماۋۇ «ھىجران»«كەچكۈز»«نامازشام گۈلى» دىگەن شېئىرلىرىڭ ، «ئېھ ئانام » ، «بالىلىقىم » دېگەن نەسىرى ئەسەرلىرىڭ بىر-بىرىدىن ياخشى چىقىپتۇ ...ئالتۇن ياتىدۇ سايدا ، تۇنۇمىساڭ نىمە پايدا دىگەن مۇشۇكەندە !...
    خىيالىمنى بۇزۇۋەتتى ئايگۈزەل.
    ــ گۈزەلئاي ، ئەسەرلىرىڭنى مۇنبەرگە چىقىرايلىچۇ ؟
    ــ ئۈزۈڭنىڭ نامىدا چىقار ، قاچانقى يىزىپ تاشلاپ قويغان نەرسىلەر بۇ ...
    ــ مەن خېلى تۇنۇلۇپ قالدىم...ھى ھى ھى .....سىنى تىزىملىتىپ قۇياي ھە .
    مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم بۇ ئىشقا ، ئىككىمىز بىر بۇلۇپ تىزىملاتتۇق ، لىكىن بىز ئىشلەتمەكچى بولغان ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان ئىشلىتىلىپ بولغان ئىسىمكەن ، مىنىڭ چالىقۇشى دىگەن ئىسىمغا ئەجەپ مىھرىم بار ئىدى دىسە !
    ــ گۈزەل دەپلا تىزىملىتىپ باقايمۇ يا ؟
    ــ ھە مەيلى .
    ــ قارا قارا ، بولدى بولدى ، ئۇھ...ھەنىم بولسا .
    ئۈچ پارچە شېئىرىمنى بىر تىما قىلىپ يوللاپ قويدۇق .كەچتە ئۇ ئاپپاق بىلەن پاراڭلاشقاندا بۇ ئىشلارنى خوشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى ، ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن ياخشى چىققان بىرەر كۇپلىت شېئىر دىگەندەك نەرسىلەر بەك چوڭ بىلىنسە كېرەك ، ئۇ ھەتتا ئىرىنمەي خاتىرىلىرىمدىكى بەزى شېئىرلارنى تىلفۇندا ئۇنىڭغا ئۇقۇپمۇ بەردى.

    تۇرمۇشىمغا يەنە يېڭى مەزمۇن قۇشۇلدى ، ئۇ بولسىمۇ كۈندە مۇنبەر كۆرۈش ۋە ئۇكاش بىلەن پاراڭلىشىش ، بىر ئاي بۇلار بولمايلا مۇنبەردە كۆزگە كۈرۈنگەن ئەزا بۇلۇپ قالدىم ، ئۇكاش بىلەنمۇ ناھايىتى ياخشى دوستلاردىن بۇلۇپ قالدۇق ، ئۇ مىنىڭ ئايگۈزەل ئەمەس گۈزەلئاي ئىكەنلىكىمنى بىلدى ، ئايگۈزەل ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئاپپىقى بىلەن تىلفۇندا پاراڭلىشىش ، ئۇچۇر يوللىشىش بىلەن ئالدىراش ئىدى .شۇڭا ئۇكاش كۆپەرەك مەن بىلەنلا پاراڭلىشاتتى.
    نىمىشقىكىن تۇرۇپلا ئۇيۇن- تاماشا بىلەن تازا خوشۇم يوق بۇلۇپ قالدىم ، كەچلىرى ئۆيدە كىتاپ ئۇقۇيتتۇم ، تورغا چىقىپ مۇنبەر كۈرەتتىم ، ئەمما تىما يوللىغان بىلەن ئالدىراپ ئىنكاس يازمايتتىم ، ئامال بار قىزلارنى ، جەمىيەتنى سۆكۈپ يازغان تىمىدىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم ، ئۇلار نىمىشقا ھىچكىمنىڭ ئەسكى بۇلۇپ قالغۇسى يوقلىقىنى ، يامان ئاتاقلىق قىز بۇلۇپ مەينەت كوچىلاردا يۈرگۈسىنىڭ ئەسلا يوقلىقىنى بىلمەمدىكىنە ؟
    بىر كۈنى قانداق بۇلۇپ ئاشۇنداق تىمىلارنىڭ بىرىغا كىرىپ قاپتىمەن . ھاراق ئىچىدىغان قىزلارغا قارىتىلغان تىمىكەن .
    «ئۇنداق قىزلارنى ئاپچىقىپ چالما-كېسەك قىلسا بۇلىدۇ» دەپ يىزىپتۇ بىرى ئىنكاسىدا .
    «مىڭ لەنەت ئاشۇنداق قىزنى تۇغۇپ تەربىلىگەن ئانىغا» دەپتۇ يەنە بىرى .
    ئۇ ئىككى جۈملە گەپكە قانچىلىك قاراپ ئولتۇردۇمكىن بىلمەيمەن . بىر چاغدا تىلفۇنۇم جىرىڭلاپ ئاندىن ئىسىمگە كەلدىم .قارىسام ھېلىقى كۈنىدىكى ئىلھام دىگىنى ئىكەن .
    ــ قانداق ئەھۋالىڭىز گۈزەل قىز !
    ــ يەنە گەپ ئاڭلىمىدىڭىز ، ئىسمىمنى توغرا ئاتاڭ دىدىمغۇ سىزگە .
    ــ گۈزەلئاي خانقىز ، بولدىمۇ يا ؟! ئادەم بىر چىرايلىق گەپ قىلسا توڭلىقىڭىزنى قاراڭ !
    ــ كەچۇرۇڭ ، كەيپىياتىم پەقەت ياخشى ئەمەس.
    ــ نىمە ، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟
    ــ تاڭەي نىمە بولدۇمكىن ، ئاچچىقىم كىلىپ قالدىغۇ تۇرۇپلا .
    ــ گەپلىرىڭىزدىن قارىساممۇ چاۋجى (ھەددىدىن زىيادە) ناچاركەن دەڭە . .. ...ھازىر ئۆيىڭىزدىن چىقالامسىز ؟
    ــ ھەئە .(ناھايىتى تىزلا ھەئە دىگەنلىكىمگە ئۈزۈممۇ ھەيران قالدىم)
    ــ مەن بىر دوستۇمنىڭ قېشىغا كەلگەن دەڭە سىفەن داشۇگە ، ھازىر مەكتەپنىڭ ئالدىدىلا .
    ــ ماقۇل ، ئالدىنقى قېتىم بىز خوشلاشقان يەردە كۆرۈشەيلى .
    شۇنداق قىلىپ ئىلھامنىڭ يېنىغا چىقتىم ، ئاۋال كابانناغا باردۇق ، ئالتە-يەتتىدەك بالىلار بىرگە ئولتۇردۇق ، ئۇلارغا مىنى «كىچىكىمدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان يېــقــــقــــىن دوستۇم» دەپ تۇنۇشتۇردى . ئاچچىقىمدا تازا ئويناپتىمەن ، ئىلھاممۇ مىنىڭ ئېچىلىپ ئويناپ بەرگىنىمگە خوش.
    ــ سائەت بىردىن ئېشىپتۇ ، بۈگۈن مەن بىلەن قايتىپ كىتەرسىز؟
    ــ نەگە بارىمىز ؟
    ــ قارىسام سىزنىڭمۇ ، مىنىڭمۇ كەيپىياتىم چاغ ئەمەس دەڭە ، ئوبدان بىر يەرنى تېپىپ كېچىچە دەرت تۈكۈشمەيمىزمۇ ؟مىنىڭ ئازراق ئىچكۈم كىلىۋاتىدۇ ، ماڭا ھەمرا بۇلۇپ ئولتۇرۇشۇپ بەرسىڭىزلا بولدى ، خالىسىىڭىز مەن دەردىمنى تۆكىمەن خالىسىڭىز سىز...قانداق دىمىدىم ؟
    ــ ماقۇل ، بۈگۈن كۆڭلىڭىزنى يەردە قويماي .
    ئۇ باشلىغان مىھمانخانىغا باردىم ، مۇھىتى مۇشۇ كەمگىچە مەن كۆرگەن ئەڭ پاكىز مىھمانىانىنىڭ بىرى ئىكەن ، يولدا كىرگۈچە ئېلىۋالغان يەيدىغان ئىچىدىغاننى ئۈستەلگە قويدۇق ،پەقەت غۇۋا ، كىچىككىنە ئۈستەل چىرىقىنىلا ياندۇرۇپ قويدۇق .يىيىشنى ، ئىچىشنى باشلىۋەتتۇق ،
    ئۇنىڭغا ھەممىنى دەۋەتتىم ، قوللىرىنى رەت قىللماي ئىچىۋەردىم ، يىغلاۋاتىمەن ، ئىچىۋاتىمەن ، دەۋاتىمەن ، ھەتتا خوجايىنىمنىڭ قانداق ئەسكىلىك قىلىدىغانلىقىدىن تارتىپ ھەممىنى دەۋەتتىم .

    ئۇمۇ دەردىمنى تۆكۈمەن دەۋاتقان ، لىكىن ھىچنىمە دېمىدى ، مەن تىللىغاننى تەڭ تىللاپ ماختىغاننى تەڭ ماختاپ ماڭا بىر نەرسىلەرنى ئىچۈرۈپلا ئولتۇردى...ھەممىنى سىزىپ ، بىلىپ تۇرىۋاتىمەن ...ئۇنىڭ مېنى يۆلەشتۇرۇپ كارىۋاتقا قانداق ئاپارغانلىقىدىن تارتىپ...لىكىن قارشىلىق قىلغۇدەك ماغدۇر مەندە يوق... ...
    بىر چاغدا كۆڭلۈم ئېلىشىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ، بېشىم قاتتىق ئاغىرۋاتىدۇ ، يۈزلىرىمنى يۇيۇپ ئازراق سەگەكلەشكەندەكمۇ بولدۇم...ھېلىقى ئىلھام دىگىنى ھىچنىمىنى تۇيماي ئۇخلاۋاتسا كېرەك...تىلفۇنۇم ئۈستەل ئۈستىدە ئىكەن ،ئەزەلدىن سىرتتىكى ۋاقىتلىرىمدا تىلفۇنۇمنى ئەتمەيتتىم...بۈگۈن نىمە بولدىكىنە ! سائەتكە قارىسەم سەھەر ۋاقتى ئالتە بۇلاي دەپتۇ ، يەردىكى ، ئۈستەلدىكى قالايمىقانچىلىقتىن كۆڭلۈم تېخىمۇ ئېلىشىپ كەتتى ...ھىچنىمە ئىسىمدە يوق ، ھىچنىمىنى ئويلىغىممۇ يوق ، كىيىملىرىمنى كەيدىمدە ئۇ ئالىى دەرىجىلىك مىھمانخانىدىن چىقىپ كەتتىم .

    خۇددى ئىككى ئادەم پاراڭلىشىۋاتقاندەك گۇدۇڭلىغان ئاۋازدىن ئويغىنىپ كەتتىم . كۆزۈمنى ئاچسام ئۈزۈمنىڭ ئۈيىدىكەنمەن...قانداق بۇلۇپ ئۆيدە بۇلارمەن ...ھە راست ، ئەتىگەن چىققانچە ئۇدۇل ئۆيگە كەلدىم...ئۆيگە كىرسەم ئايگۈزەل باركەن...مىنى يۆلەشتۈرۈپ ئەپكىردى،،،ئالە شەنى... ...ئەمدى ئايگۈزەلگە قايسى يۈز بىلەن قارىغۇلۇق...
    پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ دىگۈدەك چىقىپ ئىشىكنى ئاچتىم ، ئايگۈزەل ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىدە ناماز ئۇقۇۋېتىپتۇ (قايسى كۈنى ئۇ تامدىكى رەسىملەرنى سۇيۇپ يۇرەتتى...) .
    ئۇھ...دىدىم ئىچىمدە ، مەن تېخى بۇ ئەپتىمنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇ بۇ ئۆينى ماڭا تاشلاپ بىرىپلا چىقىپ كىتەرمىكىن دىگەنىدىم . ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇردۇم . يەنىلا بۇرۇنقىدەك يىغلاپ سەجدە قىلىۋېتىپتۇ...«توۋا،،،سەندەك قىزلاردىن يەنە قانچىسى باردۇ ھە ئايگۈزەل ، خۇدايىمغا بەك يېقىنمىكىن دەپ ئويلايمەن سېنى ، ئاللا چۇقۇم بەختىڭنى بىرىدۇ ، ھېلىھەم شۇنچىلىك بەختلىكسەن...مۇشۇ بەختىڭگە كۆز تەگمىسۇن ئىلاھىم... »
    ئۇنىڭ ناماز ئوقۇۋاتلقانلىقىغا خېلى ئۇزاق قاراپ تۇردۇم ، ئاجايىپ بىر خىل ھىسىيات بىلەن...ئەگەر ئۇ مىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە نەگە بېرىپ نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى بىلسە يەنە مەن بىلەن بىر ئۆيدە تۇرارمۇ ؟... ...
    «ئى ئۇلۇغ ئاللا ، سەن ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ، بىلىپ تۇرغۇچىدۇرسەن ،ھەربىر مۇسۇلمان قىزلىرىمىزغا توغرا يولنى كۆرسەتكىن . ئۇلارغا ھىدايەت ئاتا قىلغىن!دوستۇم گۈزەلئاينىڭ تىزراق ناتوغرا يولدىن قايتىشىغا تاردەم قىلغىن... ...»
    ئەمدىلا كىرىپ كىتەي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان دۇئالىرى ئارىسىدىن يۇقارقى سۆزلەر قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى...
    دىمەك ئۇ ھەممىدىن خەۋەردار ، مىنىڭ جەمىيەتتە ئويناپ يۈرۈيدىغانلىقىمنى بىلدى...بەلكىم ھېلىلا «كىتىمەن» دەپ قوپار ، بىر ئايمۇ بۇلۇپ قالدى ،ئەمدى بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئالالمايدىغان بولدۇم دىسىمۇ ھىچنىمە دىيەلمەيمەندە...... شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى...ئۇ ئىجارە پۇلى تۆلىمىسىمۇ مەيلىتى...
    __ گۈزەل قانداقراق بۇلۇپ قالدىڭ ؟
    __ھە؟...ھە...ياخشى...
    __قارىسام پەقەت مىجەزىڭ يوق....ساڭا سۇيۇقئاش ئىتىپ قويغانىدىم ،__ئۇ شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى ، ئاشخانا ئۆيگە چىقسا كېرەك . ھەيران قالدىم ...كۆڭلۈمنى ئاياۋاتامدۇ نىمە؟
    __ قىززىقراق تاماق يەۋالغىن ، مەن چىقىپ تەكرار قىلاي .
    __ماقۇل .
    بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىيالمىدىم . قارىسام ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ، دىمەك بۈگۈن ئىشقا بارمايدىكەندە...يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ ئۇ ئەتكەن ئاشنى ئىچىشكە باشلىدىم...
    ــ كەچتە نىمە تاماق يىگۈڭ بار .
      ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلمەي مۇشۇنداق سورىدۇم.
    ــ كەچتە مەن ساڭا قىلىپ بىرەي ، ئاغرىق تۇرساڭ ،چۈشتىكى ئوتتۇرا چىنە سۇيۇقئاش نىمىگە دالدا بۇلاتتى ، سىنىڭ نىمە يىگۈڭ بار دىگىنە!
    ــ ھىچنىمە .،ــ شۇنداق  دەپلا ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىدىن چىقىپ كەتتىم . كومپىيوتۇرنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئېچىقلىق مۇنبەردىن ئۆزۈمنىڭ شېئىرلىرىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆردۈم .تۈنۈگۈنكى ئاچچىقىمدا ئىككىنچى ئېچىپ سالماسمەن ما مۇنازىرە دىگەن يەرنى دەپ ئويلىۋىدىم ، بارمايمەن دىگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ دىگەندەك ئىش بولدىدە !
       قىز قەلبى دىگەن شېئىرىمغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۈلگۈم كىلىپ قالدى ، ئىچىممۇ ئاچچىق بولدى .«ھەممە ئۇيغۇر قىزلىرىمىز سىزدەك ئويلىغان بولسا ــ ھە !».«ھەقىقەتەن ئەخلاقلىق قىزكەنسىز ، ئاللا بەختىڭىزنى بەرسۇن»...بۇ مەۋھۇم دۇنيادا ئالىيجاناپ بولماق نىمە دىگەن ئاسان  ؟!  لىكىن بىرمۇ مۇنبەرداشنىڭ خېتىغا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم ، چۈنكى مەۋھۇم دۇنيادا بولسىمۇ ئوبرازىمنىڭ خۇنىكلىشىپ كەتمەسلىكىنى خالايتتىم...
      كوت-كوتنى ئەمدى ئېچىشىمغا توردىكى ئۇكاشتىن خەت كەلدى.
    «يائاللا ھەدە ، بارمۇسەن ؟»
    «بار ئۇكام»
    «ئايگۈزەل ھەدەمدىن سوراپ تۇردۇم بولمىسا ...سىنى سەل مىجەزى يوق دىۋىدى»
    «شۇ... ئازراق مىجەزىم يوق .»
    «نەرىڭ ئاغرىيدۇ ھەدە ؟ دوختۇرغا ئاپىرايمۇ ؟»
    «رەھمەت ئۇكام ، خۇددى مىنى راستلا دوختۇرغا ئاپارغاندەك سۆيۈندۈم سەندىن»
    «تۈزۈت قىلمىغىنە ، بىر تۇققان ھەدە – ئىنىلەردەك بولغاندىمۇ شۇنداق دىيىش كىتەمدۇ!...ئۈزۈڭ دىگەنغۇ ھەربىر ئۇيغۇر يىگىتى ھەر بىر ئۇيغۇر قىزىغا مەسئۇل بۇلىشى كېرەك ، دەپ ، ماڭا مەسئۇل بۇلىۋاتىدۇ دەپلا ئويلا»
    «ئەقلىڭگە تەشەككۇر ئۇكام ، ھېلىقى قىز بىلەنچۇ ،كۆرۈشتۈڭمۇ؟»
    «ھەئە ،رەھمەت ساڭا ، ئۇنىڭغا ، مەن سىنىڭ يېقىن دوستۇڭ ، نىمە ئىش بولسا ماڭا دېگىن ، قۇلۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن ، ھەممىنى باشتىن باشلىغىن دىۋىدىم ...»
    «ھە دىمەمسەن ، قانداق بولدى؟»
    «ئىچىمنى ئىزىپ بەك يىغلاپ كەتتى...ھازىر گىپىمنى بەك ئاڭلايدۇ...(كالچاراپ كۈلۈپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)»
    «دوستلىرىڭ بىرەر نەرسە دىمىدىمۇ ؟»
    «دىمەمدىغان ، ھەر سېسىق گەپنى ئاڭلاپ كەتتىم ، بەزىلىرىگە چۈشەندۇرۇپ قويدۇم ، بەزىلىرىگە چۈشەندۇرسەممۇ چۈشەنمىدى ،< سىنىڭمۇ قىز بالا ئوينىغىڭ كىلىپ قاپتۇ ھە>دىۋىدى بىرسى ، تاس قالدىم چىشىنى تۈكۈۋەتكىلى... »
    «تۇرۇپلا ئىرادەڭ چىڭغۇ ؟ باشقىلارنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىنى مەن بىلەتتىم ، مەن تېخى سېنى ئۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپلا بەلنى قۇيۇۋېتەرمىكىن دەپ ئويلىۋىدىم .»
    «دەل ئاشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ قىزنىڭ قوغدىنىشقا نەقەدەر مۇھتاجلىقىنى مەن بىلدىم ، بىرسى تاشلىغاننى بىزمۇ تاشلىساق ،ئۇنىڭغا ماڭغۇدەك يول قويمىساق ، ياخشى ئىش قىلىپ يۈرسىمۇ ئارقىدىن غەيۋەت قىلساق ، كۆزگە ئىلمىساق ، ئۇ قانداقمۇ قەددىنى رۇسلىيالىسۇن ، شۇنداق ئەمەسمۇ ھەدە ، »
    «كىچىككىنە ئىشتىنمۇ ھىس قىلغانلىرىڭ ئاز ئەمەسكەن ، كۆزىتىش ئىقتىدارى بۇتنىمۇ جانلىق نەرسىگە ئايلاندۇرالايدۇ  دەيدىغان بىر گەپ بار...ئەتراپىڭدىكى ئاشۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلىپ ماڭ ، سەن ئۇچۇن باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمۇ ،يۈرۈش-تۇرىشىمۇ ، غالىبىيىتى ، مەغلۇبىيىتىمۇ بىر بىلىم ، بىر تۇرمۇش... »(قاچاندىن بىرى مۇنداق گەپچى بۇلۇپ قالغانلىقىمغا ھەيران قالدىم )
      «سەندەك ھەدەم بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن ھەدە! مىنىڭمۇ بىر ھەدەم بولسىچۇ ھە؟»
    «سەن نەچچە بالا ، ھەدەڭ يوقما ؟»
    «ئىككى ، بىر ئاكام بار ، بەك تىرىشچان ھەم بەك ئالدىراش ،ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا...»
    «ھە...»
    «جىمىپ كەتتىڭغۇ ھەدە ، نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟»
    «مۇنبەرگە شېئىرلىرىمنى يوللاپ قويغان ، شۇ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ .شۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن »
    «ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بىرە ئادىرسىنى ؟»
      ئۇنىڭغا بىر قانچە تىمىلىرىمنىڭ ئادىرسىنى ئەۋەتىپ بەردىم .
    «ھەجەپ ياخشى يىزىپسەن...راستلا...»
    «بۇرۇن يازغان...ئۇزاق بولدى يىزىپ باقمىدىم»
    «نىمىشقا يىزىپ باقمىدىڭ ؟»
    «بىلمەيمەن...ئىلھام يوقمىكىن...تاڭ !يىزالماس بۇلۇپ قالدىم تۇرۇپلا...»
    «نىمىلەرنى دەيدىغانسەن...ئۇنداق ياخشى يازغان ئادەم ھەرگىزمۇ بىراقلا يىزالماس بۇلۇپ قالمايدۇ.يەنە يازغىنە ھەدە!»
      ئۇنى يالۋۇرتىشنى خالىمىدىم .
    «ماقۇل...ئىلھام كەلگەندە...»
    «راست دىدىڭ ھە ؟»
    «راست دىدىم ، ئىلھام كەلگەندە ...»
    «(ھىيلىگەرلىك بىلەن ھىجىيىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)...ھى ھى ھى ...ماقۇل ئەمىسە ...لىكىن ئىلھام كەلگەندە چۇقۇم يازىسەن!»
    «چۇقۇم!»
      «ھەدە ، دەرسىم بار ئىدى ، مەن شۇنىڭغا تەييارلىق قىلاي ، ياتاققا كىرسەملە ساڭا خەت يىزاي ، مەن چۇشەي ئەمىسە .»
    «ماقۇل ئۇكام ، ئۆگىنىشىڭنى ياخشى قىل ،باشقىلارغىلا ئەمەس ئۆزۈڭگىمۇ مەسئۇل بۇلىشىڭ كېرەك؟ »
      «بىلدىم ھەدە .ئەمىسە مەن چۈشتۈم ، كۈرۈشكەندە كۈرۈشىلى»
    «ماقۇل ئۇكام كۈرۈشكەندە كۈرۈشەيلى،،،»
      ئۇكاش چۇشۇپ كەتكەندىن كىيىن باشقا نەرسىلەرنى كۆرۈش خۇشياقمىدى ، ھەممىنى ئۆچۈرۈپ كارىۋىتىمغا كىلىپ يېتىۋالدىم ، بېشىم يەنە ئاغرىۋاتاتتى .ئايگۈزەل كىرىپ كەلدى:
    ــ گۈزەلئاي ، قانداقراق تۇرىسەن ؟ ئۆگىنىشىمنى قىلىپ بولدۇم ، ئەمدى بىردەم ساڭا ھەمرا بۇلايچۇ ؟
    ــ ماقۇل .
    ئۇمۇ يېنىمغا كىلىپ ئولتۇردى ،
    __ بېشىڭنى مىنىڭ قۇچۇقۇمغا قويغىنە ، ساڭا جىق گەپ قىلىپ بىرىمەن ، بېشىڭنى تۇتۇپ قۇيىمەن ، بىردەمدىلا ياخشى بۇلۇپ قالىسەن ، مىنىڭ قوللىرىم دىگەن خاسىيەتلىك قول.
    ــ ئاتە پونى...نىمىلا دىگەن بىلەن غۇلجىلىقتەسەن!
    ــ پو ئاتمىدىم ، مەن دىگەن خاسىيەتلىك قىز تۇرسام ؟
    ــ كىم شۇنداق دەيدۇ ؟
    ــ ئاپپاق شۇنداق دەيدۇ ؟
    ــ خۇتۇنىنى ماختىغان بىرىنچى ئاخماق .
    ــ سەۋەبى بار گەپ بۇ ! مىنى ماختىمىدى.
    ــ دىگىنە ئەمىسە !
    ــ قۇچۇقۇمغا بېشىڭنى قۇيۇپ ياتساڭ دەپ بىرىمەن .
      بېشىمنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا قۇيۇپ ياتتىم .ئۇ خۇددى ئاپامدەك چاچلىرىمنى سىلىغاچ گىپىنى باشلىدى:
      ــ بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن چۈش توغۇرلۇق بىر پاراڭلىشىپ قالدۇق دىگىنە !
    ــ كىم بىلەن ؟ ئاپپاق بىلەنما ؟
    ــ ھەئە ئاپپاق بىلەن ! ئادەمنىڭ بەزىدە ئاجايىپ ئۇدۇل كىلىپ قالىدىغان چۈشلىرى بۇلىدىغۇ ، ئۇنىڭغا بىر قېتىمقى  ئاجايىپ چۈشۈم توغۇرلۇق سۆزلەپ بەردىم .  مەن شۇنداق چۈش كۆرۈپتىكەنمەن ، بوۋام بىلەن تاغام (بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى)بىزنىڭ ھويلىدا چوڭ بىر قازاندا پولو ئىتىشنى تالىشىۋاتقانمىش ، ھويلىدا مىھمانلار بەك كۆپمىش...تاغام :‹<مەن ئىتەيچۇ ...بالا بولغاندىكىن ، بىز بار يەردە سىزگە نىمە بار دادا›>، دىسە بوۋام قوپۇپ ‹<سىز ئەتكەن پولو مەن ئەتكەن پولودەك ئوخشىمايدۇ بالام›> دەۋاتقۇدەك... ...ئەتىسىلا بۇ چۇشنى ئاپامغا دىدىم ، ئاپام باشقا گەپ قىلمىدى ، لىكىن بوۋامنى يېزىدىكى  تۇققانلارنىڭ يېنىغا كەتتى دىدى ، بۇرۇنمۇ بوۋام دائىم يېزىدىكى تۇققانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇراتتى ، شۇڭا بەك ھەيرانلىقمۇ ھىس قىلمىدىم ، لىكىن بوۋامغا تىلفۇن قىلالمايدىغانلىقىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى ، بوۋامنى بەك ياخشى كۈرەتتىم...شۇنىڭ بىلەن ئىمتاھانمۇ تۈگىدى ، تەتىل قىلىپ قايتتۇق ، ئۆيگە كىلىپلا بوۋامنىڭ بىر ئاي بۇرۇن تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى بىلدىم ، بوۋامنىڭ تىنى شۇنداق ساق ئىدى ،بەكلا ھەيران قالدىم ھەم بەك ئازاپلاندىم  ، بوۋام تۈگەپ كىتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن تاغام قاتناش ۋەقەسىگە يۇلۇقۇپ دوختۇرغا كىرىپ قاپتىكەن ، لىكىن بۇنى بوۋام ئۇقمايدىكەنتۇق ، دوختۇرلار بولسا تاغامنى <مىڭىسى قاتتىق سىلكىنىپ كەتكەن ، ھۇشىغا كىلەلمەسلىكى مۇمكىن ، ياكى ھۇشىغا كەلسىمۇ ئۆمۈرلۈك مېيىپ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن>دەپتۇ ، لىكىن تاغام 24سائەتتىن كىيىن مۆجىزىدەكلا ھۇشىغا كەپتۇ ، دەل تاغام ھۇشىغا كەلگەن شۇ ۋاقىتتنىڭ ئالدا-كەينىدە بوۋام نامازغا تەرەت ئېلىۋاتقان يېرىدىلا مىڭىگە قان چۈشكەن دىگەن باھانە بىلەنلا بىزنى تاشلاپ كىتىپ قاپتۇ ، تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى تاغام مېيىپمۇ بولماي ، ھىچ ئىش بولمىغان ئادەمدەك ھۇشىغا كەپتۇ . دەل شۇ ئىش بولغان كۈنى ، يەنى بوۋام تۈگەپ كەتكەن كۈنى مەن ئاشۇنداق چۈش كۆرۈپتىمەن ھەم ئاپامغا تىلفۇن قىلىپ ھەممىنى ئاپامغا دەپتىمەن ، ئاپاممۇ ھەيران قاپتۇ ھەم تۇققانلارغا دەپتۇ ، تۇققانلارمۇ  بەكلا  ھەيران قاپتۇ ، <خۇدايىم كۆڭلىگە ساپتۇ > دىيىشىپتۇ...دەل مۇشۇ ئىشلارنى ئاپاققا دەپ بەرسەم ، ئۇ ئۇزاقتىن-ئۇزاق جىم تۇرۇپ كەتتى ، ئاندىن ماڭا ئاشكارلىمىغان بىر سىرنى ئېيتىپ بەردى . ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھەللىلىك بىر قىز بار ئىكەنتۇق دىگىنە ، بېيجىڭدا ئۇقۇيدىكەنتۇق ، بىز يۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمىگەن چاغلار ئىدى ، ئۇ بېيجىڭدا سودا قىلىۋاتقان ۋاقتىدا جاھاننىڭ تارلىقىدا ئۆتەپ-تېشىپ شۇ قىز بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالسا بۇلىدۇ ، ياقا يۇرتتا دىگەن ھېلىغۇ بىر مەھەللە ئىكەن ، بىر شىنجاڭلىقنىمۇ كۆرسىمۇ باشقىچە بۇلۇپ كىتىدىغان گەپ ئادەم دىگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرگە تاماق يەپتۇ ، تاماقتىن كىيىن بىرگە بازار ئايلىنىپتۇ ، ئىشقىلىپ بىر كۈن كەچكىچە بىرگە ئىكەن ، ئەسلىدە ئۇ قىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلى باركەنتۇق ، ئاپپاقتىن بىرسى بىلەن يۈرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يىغلاپ تۇرىۋېلىپ  كەتكىلى ئۇنىماپتۇ ، ئاپپاق ئۇ قىزغا تەسەللى بىرىپ بىر مۇنچە گەپلەرنى قىپتۇ ، ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي مەكتىۋىگە ئاپىرىپ قۇيۇپتۇ ، لىكىن مەكتەپكە كىرىپ كىتىشتىن بۇرۇن ئاپپاقنى قۇچاقلاپ تازا يىغلاپتۇ...
      ئەمما ئاپپاق مېنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ  بۇ ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ماڭا دىمەپتۇ ، لىكىن شۇ كۈنىلا مەن مۇنداق چۈش كۆرۈپتىمەن : شۇنچە ئادەم جىق بىر كوچىدا ئۇ بىر قىز بالا بىلەن كوچىدىلا قۇچاقلىشىپ تۇرغۇدەك...ھېلىقى قىز بالىنىڭ چېچىنى سىلاپ تۇرغۇدەكمىش ...ئۇ قىز بالا قىزىل چاپان كىيىۋالغانمىش...ئەتىسى ئۇنىڭغا دىسەم ئۇ ‹<مەندىن قالايمىقان گۇمانلانساڭ ئاشۇنداق قالايمىقان چۈش كۈرىسەن ، ماڭا ئىشەنمەيسەن›> دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى ، كىيىن بوۋامنىڭ چۈشىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كىيىن ئاندىن بۇ ئىشلارنى ماڭا چۈشەندۈردى ، ئەڭ ھەيران قالىدىغىنىم ئۇ قىز بالا ئۇ كۈنى قىزىل چاپان كىيىپتىكەن ، شۇڭا ئاپپاق ماڭا‹<كۆرگەن چۈشۈڭلىنى بىرىگە ئېيتماڭلا›> دەپ جېكىلەپ تۇرىدۇ...شۇڭا دەيمەن ، مەن دىگەن خۇدايىم ئالاھىدە ئىلتىپات قىلغان خاسىيەتلىك قىز...خاسىيەتلىك قىزنىڭ قوللىرىمۇ خاسىيەتلىك بۇلىدۇدە ئەلۋەتتە!
    ــ توۋا...مۇنداق ئىشلارمۇ بار دىگىن...
    ــ خۇدايىم خالىغان بەندىسىنىڭ دىلىغا سېلىۋەرمەيدۇ بۇنداق چۈشنى...
    ــ ھە... ...
      ئىككىلىمىز ئۇزاق جىمىپ كەتتۇق .
    ــ نىمە ئويلاۋاتىسەن گۈزەل ،ــ سوراپ قالدى ئۇ .
    ــ جىق ئىشلارنى جېنىم...
      ئۇنىڭغا توردىكى ئۇكاشنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردىم .
    ــ ناھايىتى توغرا يول كۆرسىتىپسەن ، مانا ساڭا مۇكاپات ،ــ پىشانەمگە سۈيۈپ قويدى ئۇ !
      ــ ساراڭ !
    ــ گۈزەل ، بىر ئىشقا دىققەت قىلدىڭمۇ ، ياشلىرىمىزنى ، ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنى تۈگەشتۈرىۋېتىپ بارغىنى يەنە شۇ مۇھەببەت ھە !
    ــ ھەئە! سەن قانداق ئويلىدىڭ !
    ــ مۇنداق ئويلايمەن ، ئوغۇللار مەسئۇلىيەتسىز ، قىزلار بەك بوشاڭ ھەم ئىرادىسىز...
    ــ پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ !
    ــ بۇرۇنقى ۋاقىتلار نىمە دىگەن ياخشى ھە ؟
    ــ قانداق دەيسەن ؟
    ــ گۇناھلىق ئىشلار ئاز...! قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت نىمە دىگەن ساپ ، پاك ...بۇنداق ئالدىنىش ، ئالداش يوق ...
    ــ بىر-بىرىنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ بىر ئۆيگە ئەپكىرىپ قۇيىدىغان ۋاقىت تۇرسا ئۇ!  نەدە يۈرۈپ مۇھەببەتلەشسۇن ئۇلار...
    ــ ۋۇي ، ئەدەبىياتتا ئۇقۇغاندەك گەپ قىلغىنا ، تاھىر-زۆھرە ، پەرھات-شىرىن ، لەيلى-مەجنۇنلارنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭغۇ !   ھە  بوپتۇ ، ئۇلارغا يىراق زامانغا تەۋە بولسۇن ئەمىسە ئەختەم بىلەن گۈلەمخان ، نۇزۇگۇن بىلەن باقىلارچۇ ؟  يەنە ئامانقۇل بىلەن ئايسۇلۇلارچۇ ؟ !
    ــ ئۇغۇ شۇ...زاماننىڭ تەرەققىياتى شۇمىكىن يا!
    ــ يۈزەكى ئويلىساڭ زاماننىڭ تەرەققىياتى شۇ ! چوڭقۇرراق ئويلىساڭ مىللىيلىكىمىزدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى. بىزنىڭ مىللى ئەنئەنىمىزدە ئەركىن مۇھەببەتلىشىش ، چوڭلارنىڭ ئالدىدا قولتۇقلىشىپ مېڭىش ، توي قىلمىغان قىز-يىگىتلەر بىر ئۆيدە تۇرۇش دىگەن گەپ يوقتى ، ھەتتا تويدىن بۇرۇن قۇلىنىڭ ئۇچىنى تۇتقۇزۇشمۇ چوڭ گۇناھ ئىدى...ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ قايسى بىرى بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشەنمەيدۇ دەيسەن ؟ بىر ئىشنى تۇنجى قېتىم كۆرگۈنۈڭدە كۆزلىرىڭگە سىغمايدۇ ، ئىككىنچى قېتىم كۆرگۈنۈڭدە توۋا دىگۈڭ كىلىدۇ ، ئۈچۈنچى ،تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ... ....قېتىم بۇلۇپ كۆرۈۋەرسەڭ ئۇ ئىشلار كۆزۈڭگە سىڭىپ كىتىدۇ ، ھەتتا ئۇ ئىشلار ساڭا ئادەتتىكى ئاددى ئىشلاپ بۇلۇپ تۇيۇلىدىغان بۇلۇپ كىتىدۇ ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ...بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق مىللى مائارىپىمىز بولغان بولسا ئەخلاقىمىز بۈگۈنكى كۈنگە قالمايتتى!
      ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ دىمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى.
    ــ ئەگەر ، مەن ئەگەر دىدىم ھە ...سەن يىگىتىڭدىن ئايرىلىپ قالساڭ قانداق قىلىسەن ئايگۈزەل ؟
      ــ ئاللا ساقلىسۇن ، لىكىن تەقدىرگە ، ئاللانىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىلىشىغا ھىچكىم ھىچنىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ ، لىكىن مەن چۈشكۈنلۈشۈپ كەتمەيمەن ، ئۆزۈمنى تاشلىۋەتمەيمەن ، چۇنكى ئۆزىنى قىينىغانلىق ئاللانىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىققانلىق .
    ــ ساڭا قول قۇيىمەن جۇمۇ !
    ــ بىر گەپ قىلسام ئىشىنەمسەن گۈزەل ؟
    ــ ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن.
    ــ بىز يۈرگەندىن بىرسى كۆرۈشۈپ باقمىدۇق ؟
    ــ نىمە دەيدىغانسەن؟
    ــراست ، ئىككى يىل بۇلاي دەپتۇ ، ئەسلىدە پۇرسەتقۇ باتتى ، لىكىن ئىككىلىمىز كىيىنلىكىمىز ئۈچۈنلا كۈرۈشمىدۇق .
    ــ چۈشەنمىدىم.
    ــ ئىككى يات جىنىس ياكغۇز قالغان يەردە چۇقۇم ئۈچۈنچى بىرسى بار بۇلىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ شەيتان . دەيدىغان بىر ھەدىس بار ئاڭلىغانمىدىڭ ؟
    ــ ئاڭلىغاندەك قىلىمەن .مەنىسىنى چۇشەندىم ، ئۇ ساڭا ئىشەنمەمدۇ ياكى ئۆزىگىمۇ ؟
    ــ ماڭىمۇ ، ئۆزىگىمۇ ئىشىنىدۇ ، لىكىن بىز شۇنداق بىر كۈننى تەڭ كۈتىمىز ، ئاللادىن تەڭ تىلەيمىز ، سەۋىر تاقەتتىن كىيىنكى مىۋە چۇقۇم بەك تاتلىق بۇلىدۇ !
    ــ توۋا...مۇنداق ئاشىق-مەشۇقلارمۇ بار دىگىنە بۇ زاماندا ...ئويلاپمۇ باقماپتىمەن ھەم ئىشەنگۈممۇ كەلمەيۋاتىدۇ ...
    ــ ئىشىنىشىڭ كېرەك ، ئەمەلىيەتقۇ بۇ ! مىنىڭ ئاسپىرانىتلىقتا ئۇقۇشۇممۇ ئامالسىزلىقتىن ، ئۆيدىكىلەرنىڭ ماڭا تېپىپ قويغىنى بار دىگىنە ، شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ بالىسى ، ئەگەر مەن ئۇقۇشنى باھانە قىلسام ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىل تۇتىقى بولمايدۇ ھەم مىنى قوللايدۇ ، ئەگەر يۇرتقا كىتىپلا قالسام ئۇلارمۇ يېقىنلىرىنىڭ ئالدىدا  بەك تەڭلىكتە قالىدۇ  ، ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ بولساممۇ ئۇ دىگەن باھانە ، تۇلۇق ئوقۇپ كىتىشىم ناتايىن ، ئۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كىينلا...ھى ھى ھى ...
    ــ  ھى ھى ھى ...تۇيىمىزنى قىلىمىز دىگىنە ھە !
    ــ ئاللا خالىسا ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلسام دەيمەن .
    ــ ئۇ خىزمەت قىلىشىڭغا قۇشۇلامدۇ ؟
    ــ ياق.
    ــ سەن رازىما ؟
    ــرازى .
    __ ئالتە يىل ئىچكىرىدە جاپا تارتىپ ئوقۇپ ...ئەمدى ئۇقۇغانلىرىڭ بىر تىيىن بۇلۇپ كەتسە سەن رازىما ؟
      __ بىر ئايالغا نىسبەتەن يولدىشىنى ، يولدىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئوبدان كۈتۈپ رازى قىلسا ، بالىلىرىنى ئوبدان تەربىلەپ ، ئىمان –ئىتىقادلىق،ئەخلاقلىق ، بىلىملىك قىلىپ تەربىلىسە بۇنىڭدىن ئارتۇق نىسىۋە ، بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخت بولمايدۇ گۈزەل! ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى بالىلىرىمنى تەربىيلەش يۇلىدا ئىشلىتىمەن ئاللا خالىسا ...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنداق ئىمان-ئىتىقادلىق بالىنىڭ بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلىشقا ، پەرزەنتلىرىنى قاتارغا قۇشۇشقا قانچىلىك بەدەل تۆلىسەڭ ئەرزىيدۇ ، شۇڭىمۇ مىنىڭ يۇرتتىكى ئۇ قۇرۇق سۆلەت بايۋەتچە بىلەن پەقەت خوشۇم يوق.