• توردىكى «ئۇكاش»~2 - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    توردىكى «ئۇكاش»

     

    ھېكايە
    ئاپتورى:مىھراي نەجمىدىن(گۇلزىبا)

    ئۆيگە كەلسەم ئايگۈزەل تېخىچە ئۇخلىماي كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىرمۇنچە گېپىگە «بەك چارچاپ كەتتىم، كىرىپ ئۇخلىۋالاي» دەپلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدىم، سەۋەبى ئۇنىڭغا چاندۇرۇپ قويماسلىق ئىدى. ئەگەر يېنىمغا كەلسىلا تاماكا ئىسى، ھاراق پۇراپ كېتىشىم تۇرغانلا گەپ!
    ئەتىسى ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرسام ئۇ ئىشقا كېتىپتۇ. ئەتىگەنلىك ناشتامنىمۇ تەييارلاپ قۇيۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بىرسى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادەتلىرىمنى بۇزۇپ، ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدىم، قارىسام مېھمانخانا ئۆينىڭ بۇلىڭىغا ئەپچىلگىنە قىلىپ كومپيۇتېر ئۈستىلىنى قۇيۇپ قۇيۇپتۇ، قارىغاندا ئىككىنچى قول كومپيۇتېر ئالغاندەك قىلاتتى.
    كەچتە ئىشتىن كېلىپلا ئۇنىڭ تەييار قىلىپ قويغان تامىقىنى يېدىم،
    ــ يېڭى خىزمىتىڭىز قانداقراقكەن؟
    ــ بولىدىكەن، دۇكاندىكى قىزلار بىلەنمۇ چىقىشىپ قالدىم،
    ــ ياغلىقىڭىزنى ئېلىۋەتتىڭىزمۇ يوق،
    ــ ئۇلارنىڭ ھېلىقى پوسمىسى بارغۇ، شۇنى كىيىدىكەنمىز، چېچىمنى تۈگۈپ، ئورىۋالغاندىن كىيىن كەيسەم چېچىم چىقىپ قالمايدىكەن.
    ــ نامازلىرىڭىزنىچۇ؟
    ــ ئارام ئېلىدىغان كىچىككىنە ئۆيى باركەن، خېلى پاكىزكەن، شۇ يەردە ئۆتىدىم.
    ــ خوجايىنىڭلار گەپ قىلمىدىما؟
    ــ ياقەي، خەنزۇكەن، ناماز ئوقۇيمەن دېسەم تېخى، «سودام تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغان بولدى» دەپ خوش بوپ كەتتى دېمەيسىز ...
    ــ ھە ...
    ــ ھەراست، گۈزەلئاي! كومپيۇتېرنى تورغا ئۇلىتىۋېتەيمىكىن،
    ــ پۇلىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغىرمىسا ئۇلىتىۋېتىڭ.
    ــ ساراڭ قىز. باشقىچە پىكرىڭىز بارمۇ دېمەكچى.
    ــ يوق، ئۇ دېگەن سىزنىڭ شەخسى ئىشىڭىز ... نېمە ئىككىنچى قول كومپيۇتېر سېتىۋالدىڭىز؟
    ــ بۇ... بۇنى مەن سېتىۋالمىدىم ... ... بۇ يىگىتىمنىڭ.
    ــ نېمە؟ يىگىتىڭىز؟
    ــ ھەئە.
    ــ ھېلىقى سىز كەچكىچە تىلفۇندا پاراڭلىشىدىغان بالىنىڭ؟
    ــ ھەئە.
    ــ ئۇ ئۈرۈمچىدىما؟
    ــ ياق، ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىدۇ.
    ــ كاللامنى ئېلەشتۈرۈپلا ۋەتتىڭىز، كاللا ئىشلىتىشكە ئۆچلۈكۈمدە!
    ــ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆيى بار.
    ــ ئەمىسە سىز بۇ يەردە ئۆي ئىجارە ئېلىپ نېمە قىلىسىز؟
    ــ ئۇ ئۆزى ئىچكىرىدە، بۇ ئۆيىدە ھازىر ئادەم يوق، كومپيۇتېرنى شۇڭا ئەكېلىۋالدىم، بىر دوستىغا ئاچقۇچنى بېرىپ قۇيۇپتىكەن.
    قارىسامغۇ دۇرۇسلا قىز بالا كۆرۈنىدۇ، «يىگىتىم ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىدۇ» دىگىنىدىنلا بۇ قىزمۇ ئىشەنچلىك ئەمەس.
    ــ يىگىتىڭىز نېمە تىجارەت قىلىدۇ.
    ــ قاشتېشى،ــ قىز شۇنچىكى قىزارغىنىچە بېشىنى ئىختىيارسىز تۆۋەن سالدى،
    ــ ۋاي! ھا ھا ھا... بىزنىڭ كىلىنچەك دەڭە سىز؟
    ــ ئاللا خالىسا...
    ــ ئەمىسە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرسىڭىز بۇلاتتىكەنتۇققۇ؟
    ــ ئۇ بولمايدۇ دەيدۇ.
    ــ نېمىشقا ئەمدى؟
    ــ ھىم... نېمە دېسەم بۇلا ... ئەڭ ياخشىسى ئۇ ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ھېكايەتنى مەن سىزگە سۆزلەپ بېرەي. گۈلىستاندا مۇنداق بايان قىلىنىدىكەن:
    بىر ئالىم كىشىدىن باشقىلار سوراپتۇ:«ئەگەر كىشى بىر ئاي يۈزلۈك بىلەن خالى جايدا ئولتۇرسا، ئىشىك تاقاقلىق بولسا، رەقىپلىرى ئۇخلىغان بولسا، تۇيغۇسى قوزغىلىپ، نەپسى تاقىلداپ كەتسە، قىسقىسى ئەرەبلەر ئېيتقاندەك،<خورما پىشسا باغۋەننىڭ كارى بولمىسا >، ئۇ ئادەم ئۆزىنى تارتىپ ساقلىنىپ قالالارمۇ ؟»
    ئالىم ئېيتىپتۇ:«ئاي يۈزلۈكتىن ساقلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ، غەيۋەتچىلەرنىڭ يامان تىللىرىدىن ساقلىنالمايدۇ!»
                                                                   كىشى ئۆز ئىشىنى جۆندەيدۇ ئوبدان،
                                                                  لېكىن يوق يات تىلنى باغلاشقا ئىمكان.
    خۇددى مۇشۇنىڭدەك ... يىگىتىم مىنىڭ يۈزـ ئابرۇيۇمنى ئويلىشىپ شۇنداق قىلغان.
    ــ ھە...  ئۇ قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟
    ــ بىلمەيمەن، بەلكىم يەنە نەچچە ئاي بەلكىم نەچچە كۈنلەردىن كىيىن كېلىپ قالار، سودىگەر دېگەن شۇنداق بولىدىغان گەپكەن ،،،
    ــ جاھاننىڭ تارلىقىدا خوتەنگە كىلىن بولۇش ئالدىدا خوتەنلىك بىلەن بىر ئۆيگە كىرىپ قالدىڭىز دە! ھە، ئەمدى چۈشەندىم، قايسى كۈنى مەندىن سىز قايسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان دەپ سورىشىڭىز بىكار ئەمەسكەندە.
    ــ شۇنداق، ئۇ شەھەرلىك3 ــ ئوتتۇرىدا ئۇقۇپتىكەن، لېكىن سىز ۋىلايەتلىك1 -ئوتتۇرىدا ئۇقۇپسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تۇلۇقسىزدىلا ئۇقۇشنى تاشلاپ سودىغا كىرىشىپ كەتكەن، شۇڭا چوقۇم تونۇمايسىز...
    ــ بەلكىم، قېنى قاراپ باقايلى ھە، تونۇشۇمنىڭ تونۇشى چىقىپ قالامدۇ تېخى.
    ئۇزاق بولۇپتىكەن بىرسى بىلەن بۇنداق كۆڭۈل قۇيۇپ پاراڭلىشىپ باقمىغىلى، نېمىشقىدۇر ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە سوغۇق كۆرۈنىدۇ، ھەر قانداق ئادەمگە ئارتۇق گەپ قىلغۇممۇ كەلمەيدۇ، ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم يېڭى كىيىملىرىمنى كىيىپ، گىرىملىرىمنى جايىدا قىلىپ كوچىدا ماڭغىنىمدا قىز-ئوغۇللارنىڭ ماڭا قاراپ كېتىشى، ئوغۇللارنىڭ بىرەر نەرسىنى باھانە قىلىپ ماڭا گەپ قىلىپ بېقىشى ... يەنە تېخى مەن تاشلىۋەتكەن ئوغۇللارنىڭ ماڭا بىچارىلەرچە تەلمۈرۈشى... ئوغۇللارنى ئالدىغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئالدىنىشىمغا گول بۇلىشىنى تاماشا قىلىشىم... كەچلەردىكى ئولتۇرۇشلاردا ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا رەڭگارەڭ نۇر دۇنياسىدا ياشاش... مانا بۇلار مىنىڭ خۇشاللىقىم، گەرچە باشقىلاردەك ئىچىمدىن قاقاقلاپ كۈلەلمىسەممۇ ھەرھالدا بىردەم بولسىمۇ تارتقان خورلۇق، ئازاب، ئالدىنىشلىرىمنى ئۇنتۇيالايمەن، جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرەلەيمەن.
    ئايگۈزەلنىڭ تىرىشچانلىقىغا قول قويماي تۇرالمىدىم، ئۇ ئەتىگىنى نامازدىن كىيىن ئۇخلىمايتتى، ئىنگىلىزتىلى يادلايتتى، ئۆيلەرنى پاكىز تازلايتتى، ئۆزى ناشتا قىلىپ بولۇپ، مىنىڭ ناشتىلىقىمنى تەييار قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئىشقا ماڭاتتى، كەچتە كەلگەندە ئىرىنمەي-تىرىكمەي يەنە تاماق قىلاتتى، ئاندىن كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئىككى-ئۈچ سائەتتەك ئولتۇراتتى. ئۇنى نىمىش قىلىدىكىن دەپ قارىسام ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە مۇنازىرە مۇنبىرىنى كۆرىدىكەن، ئوغۇل دوستى بىلەن پاراڭلىشىدىكەن.
    خوتەنلىك ئوغۇللارنىڭ مىجەزىنى چۈشەنگەچكە ئۇ قىزنىڭ ھەربىر ئىشىنىڭ ۋاقتى سائىتىدىن تارتىپ يىگىتىگە دوكلات قىلىپ تۇرۇشى ئانچە غەيرىي بىلىنمىدى، مەنمۇ بىر چاغلاردا شۇنداق ئىدىم، ياتاقتا ئۇخلاپ قالساممۇ «تېلېفون قىلسام ئالىدىغان ئادەم يوق، نەگە باردىڭ» دەپ سوراققا تارتىپ كىتىلەتتىم، ئۇيقۇمنىڭ قاتتىقلىقىدىن بىر مۇنچە تىل ئاڭلايتتىم، ياتاقداشلىرىم ھەيران بۇلاتتى، ئەمما مەن بولسام شۇنداق مەسئۇلىيەتچان بىر يىگىتنىڭ قىز دوستى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنەتتىم.
    كەچلىكى ئۇخلاي دەپ ياتسام ئايگۈزەل ياتاق ئۈيۈمنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ قالدى.
    ــ كىرىۋېرىڭ.
    ــ قاراڭ گۈزەلئاي، بىر گەپ باتتى، لېكىن سىزگە دېيەلمەي...
    ــ دەۋرىڭ، قۇلۇمدىن كەلسىلا...
    ــ مىنىڭ سىز بىلەن بىرگە ياتقۇم بار...
    ــ قورقامدىكەنسىز؟
    ــ قورقۇپقۇ كەتمەيمەن، لېكىن ئالىي مەكتەپتە تەييارلىقتىن كېيىنكى تۆت يىل خەنزۇلار بىلەن بىرگە يېتىۋېرىپ بەك ئۇيغۇرسىراپ كېتىپتىكەنمەن، راستىنى دېسەم سىزگە ئۈزۈممۇ ئۇقمايمەن، بەك ئامراق بولۇپ قالدىم، كارىۋىتىڭىزمۇ خېلى چوڭكەن، قارىسام سىزمۇ بالدۇر ئۇخلىمايدىكەنسىز، مەن ئۆگىنىشنى ياتاق ئۆيدە قىلسام، كەچلىكى ئۇخلايدىغاندا يېنىڭىزغا كىرىپ ياتسام ،،، لېكىن ھەرگىز خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ... ئەگەر خالىمىسىڭىزمۇ مەيلى، سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن.
    ــ توۋا... مەن ئۇچراتقان ئەڭ غەلىتە قىزدە سىز، ماقۇل كىرىپ يېتىڭ.
    ــ ئىي... ئەجەب ياخشى ...
    ــ ساراڭ قىز! ئاغرىتىۋەتتىڭىز!
    ــ كەچۈرۈڭ!
    ئىككىلىمىز كۈلۈشۇپ كەتتۇق، ئۇ خۇشاللىقىدىن مېنى قۇچاقلىۋالغانىدى.
    ئۇغۇ يېنىمدا ياتسا ھېچ گەپ ئەمەس، ماڭىمۇ ئۇنداق پاراڭخۇمار قىزنىڭ بولغىنى ياخشى، لېكىن ئۇنىڭدىن تەپ تارتاتتىم، ماڭا كېچىلىرى كۆپرەك تېلېفون كېلىپ قالاتتى. قانداق پاراڭلارنى قىلىشىدىغىنىم ئۆزۈمگە ئايان، ئۇنىڭدىن تەپ تارتاتتىم... ئۇندا ئويلا مۇندا ئويلا ئاخىر ئۇخلاشتىن بۇرۇن تىلفۇنۇمنى ئېتىۋېتىشى قارار تاپتىم.
    شۇنداق قىلىپ ھەر كۈنى كەچ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتىدىغان بولدۇم، ئۇ دائىم بىر قولىدا توختىماي قىسقا ئۇچۇر يوللىغاچ ماڭا گەپ قىلىپ بېرەتتى، ياخشى يېرى ئىككىمىزنىڭ ئورتاق تېمىسى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ــ كىتاب.
    ئوقۇغان كىتابلىرىمىز توغرىلىق پاراڭلار كۆپ بۇلىناتتى. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا ھەممىدىن جالالىدىن بەھرام ئەسەرلىرىنى ياقتۇرىدىكەن، ئۇ كۈنى گىپىمىزنىڭ بېشى «لېيىغان بۇلاق» تىن باشلىنىپ ئاخىرى جالالىدىن بەھرامنىڭ كىچىك ھىكايىلىرىغىچە، پوۋىستلىرىغىچە بېرىپ توختىدى.
    ــ ئۈزۈمنى كىتاب خۇمار دەپ يۈرسەم، سىز مەندىمۇ ئۈتەمۇ نېمە ؟،ــدېدى ئۇ.
    ــ كەسپىم شۇ تۇرسا!
    ــ سىز ئەدەبىياتتا ئۇقۇغانما؟
    ــ ھەئە! ئالدىڭىزدىكى مۇشۇ مەكتەپتە نەق تۆت يىل ئەدەبىيات ئوقۇغانمەن.
    ــ ئەمىسە نېمىشقا كەسپىڭىز بىلەن شۇغۇللانمايسىز؟
    ــ ئۈرۈمچىدە مەندەكلەر ساماندەك، دىپلوم، ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى دىگەندەكلەر ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ قۇلىدا بار. نەدە يۈرۈپ كەسپىم بىلەن شۇغۇللىنالايمەن.
    ــ يۇرتقا كەتكەن بولسىڭىزمىغۇ ھە؟
    ــ يۇرتقا كەتكۈم يوق.
    ــ نىمىش...
    ــ سەۋەبىنى سورىماڭ!
    ــ ماقۇل سورىماي ...

    ئايگۈزەل بىلەن تېخىمۇ چىقىشىپ كەتتىم، دەسلىپىدە ئائىلەم، شەخسى تۇرمۇشۇم توغرىلىق خېلى گەپ ئېچىپ باقتى، لېكىن كىيىن مىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىمنى بايقىسا كېرەك، ئۇنداق سوئاللارنى سورىماس بولدى. ئەمما قالايمىقان سوئال سورىمىغان بىلەنمۇ بەزىدە دىل يارامنىڭ تاتىلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ قالاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بىلەن قىلىشقان پاراڭلىرىدىن ئۆتمۈشۈمدىكى ئۆزۈمنى ۋە ئۇنتۇلۇلغان ئاچچىق خاتىرىلەرنى ئەسلەپ قالاتتىم. ئۇنىڭ خۇددى بوۋاق بالىدەك ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرىگە قاراپ كۈلۈپ قۇياتتىميۇ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ئىچىم ئاچچىق بۇلاتتى.
    ــ بەك كەچ بوپ كەتتى، ئەمدى ئۇخلايلى ئاپاق،ــئۇ ھەر قېتىم خوشلىشىش ئالدىدا يىگىتىگە مۇشۇنداق دەيتتى، ئىچىمدە بولسا «ئوغۇل بالىنىمۇ ئاپئاق دەمدۇ؟» دەپ كۈلگۈم كېلىپ كېتەتتى. ئۇ خوش دېگىنى بىلەن ئۇلارنىڭ خوشلىشىشىغىمۇ ئالاھازەل بىرەر – يېرىم سائەت كېتەتتى.
    ــ ئاخىر قويدىڭىز ھە! يائاللا قارەڭە كۆزلىرىڭىزگە ... خۇمارلىشىپ كېتىپتۇ!
    ــ ۋاي مېڭە...،ــئۇ ئىتتىك ياستۇق تىگىدىكى كىچىك ئەينىكىنى ئېلىپ قاراپ كەتتى.
    ــ يالغان سۆزلىمىدىم ،.. ئەجەب پاراڭلىشىدىكەنسىلەر... ھېلى ھازىر، ھېلى كىيىن، ھېلى بالىلىق، تاس قالىدىكەنسىلەر بوۋام ماڭا مۇنداق چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن دېسە ماڭا مۇنداق ئېيتىپ بەرگەن دەپ بىر-بىرىڭلارغا چۆچەك ئېيتىشىپ بەرگىلى ...
    ــ ھى ھى ھى ...
    ــ ۋۇججۇن! كۈلكىسىنىڭ سەتلىكىنى بۇنىڭ!
    ــ يائاللا، ئەمدى بىر خوتەنلىكتەك گەپ قىلدىڭىز!
    ــ ئەسلىدىنمۇ خوتەنلىك مەن!
    ــ مەنمۇ خوتەنلىك!
    ــ ھى ھى ھى! قېلىنلىقىنى!
    ــ قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقىدۇ دەپتىكەن، ھى ھى ھى ...
    ــ ئېتىراپ قىلدىڭىز ھە!
    ــ سىزمۇ قېلىن، مەنمۇ قېلىن! ئىككىلىمىز قېلىن!
    ــ سىز قېلىن!
    ــسىز قېلىن!
    ــ ھى ھى ھى... ھا ھا ھا ...
    ئۇنىڭ بىلەن ياستۇقلارنى ئېتىشىپ، ئوينىشىپ كەتتۇق،
    ــ گۈزەلئاي!
    ــ نېمە؟、
    ــ تېخى ئۇخلىمىدىڭىزما؟
    ــ ياق ...
    ــ مېنى يېقىن دوستىڭىز قاتارىدا كۆرەمسىز؟
    ــ ئىككى يىلدىن بىرى ئىچىمدىن چىقىرىپ، كۈلۈپ پاراڭلاشقان قىز سىز. باشقىنى بىلمەيمەن.
    ــ بىز سەن دىيىشەيلىچۇ ... بايقىغانسىز، ئۈزۈممۇ بىلمەي سىزنى پات-پات سەنلەپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم.
    ــ ئىختىيارىڭىز!
    ــ سىز بەك ياخشى جۇمۇ.
    ــقانداق ياخشى؟
    ــ مەن نېمە دېسەم ماقۇل دەيسىز!
    «مەن نېمە دېسەم ماقۇل دەيسىز ... ... مەن نېمە دېسەم ماقۇل دەيسىز ... ... مەن نېمە دېسەم ماقۇل دەيسىز...» قۇلاق تۈۋىمدە تونۇش ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى... ئۇھ... يۈرىكىم...

    ئەتىسى ئىشتىن چۈشۈپلا خاۋ شىڭفۇغا كىرىپ سەي-كۆكتات سېتىۋالدىم، ئويلاپ باقسام ئون كۈندەك بوپتۇ، ئايگۈزەل ئېتىپ بەرگەن تاماقنى كۆزۈمنى يۇمۇپ يەپ كەلگىلى، تۈنۈگۈن قارىسام سەيلەرمۇ خېلى ئاز قاپتىكەن.
    سەيلەرنى ئېلىپ ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرسام دوستۇم دىلارە تېلېفون قىپتۇ. بۈگۈن كەچتە بىر ئولتۇرۇش باركەن، ئانچە زورلىتىپمۇ كەتمىدىم، كەچتە «مەشرەپ» نىڭ ئالدىدا كۆرىشىدىغانغا دېيىشىپ خوشلاشتۇق.
    ئۆيگە كەلسەم بىزنىڭ ئايگۈزەل كېلىپ بوپتۇ.
    ــ نېمە بولدى؟ شۈمشىيىپ ئولتۇرۇپ كىتىپسىەنغۇ؟
    ــ ھېچنېمە.
    ــ ۋۇي... ما يىغلاڭغۇنى، دېگىنە قايسى كىتابتىن ياكى قايسى تېمىدىن تەسىرلىنىپ كەتتىڭ.
    ــ كىتاب، تېما كۆرگۈدەك ھالىم يوق ھازىر.
    ــ ئاناڭ تېلېفون قىپتۇدە!
    ــ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم.
    ــ ئاپاق بىلەنما؟
    ــ ھەئە.
    ــ ۋاي ماڭە! سىلەردەك مېھماندەك ئۈتىدىغان، پەرھات-شىرىندەك تاتلىق گەپلەرنى قىلىدىغانلار قانداقمۇ ئۇرۇشسۇن.
    ــ چۈشتىن كىيىن دەم ئالدىم ئەمەسمۇ، ئۇنىڭغا ئۆيگە كەپ بولدۇممۇ دېمەي ئۇخلاپ قاپتىمەن، راستىنى دېسەم بەك چارچاپ كېتىپتىكەنمەن. تىلفۇنۇمنىڭ تۈكى تۈگەپ ئېتىلىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى تاپالماي خاپا بولۇپ قالدى...
    ــ كىچىككىنە ئىش كەنغۇ، شۇنىڭغا مۇشۇنداق شۈمشىيىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭما كىچىك بالىدەك ... بۈگۈن سىرتتىن تاماق يەيلىمۇ ... كەچتە ھاۋا شۇنداق سالقىن، كۈندۈزكى ئىسسىقتىن ئەسەرمۇ يوق.
    ــ ياق... ئەمدى ئۇنىڭغا جىق ئۇچۇر يېزىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالمىسام بولمايدۇ.
    ــ نېمانداق قىلىپ كېتىدىغانسەن، بىرلا ئېغىز گەپ، ئوغۇللار سەن قىلغانسېرى شۇنچە ئېشىۋالىدۇ.
    ــ ئۇ ئۇنداق بالا ئەمەس...
    ــ ئەمىسە ئۆزۈڭ قاراپ بىر ئىش.
    ئۇ ئۇچۇر يېزىشقا، مەن كەچلىك ئولتۇرۇشقا تەەييارلىق قىلىشقا باشلىدۇق.
    ــ ياراشماپتۇ،ــ دېدى ئۇ ئۇچامدىكى كۆڭلەكنى كۆرسىتىپ.
    ــ نېرى ياراشماپتۇ؟
    ــ پەقەت ياراشماپتۇ.
    ــ قىزىق، ھەممە ئادەم بەك ماختايدۇ بۇ كىيىمىمنى.
    ــ يېڭى يوق قانداقمۇ كىيەلەيسەن ... راست، ھېقىقى گۈزەلئاي مۇنداق كىيىنمەيدۇ!
    ــ ۋاي ساراڭ، كىتابتىكى ئۇ ئەلانىڭ گۈزەلئايسىغا سېلىشتۇرىۋەرمىگىنە ئادەمنى، مەن دېگەن رېئاللىقتىكى گۈزەلئاي ... ئىچكىرىدە ئالتە يىل تۇرغان ئادەمنىڭ ئىدىيىسىمۇ شۇنداق بۇلامدۇ دەيمەن.
    ــ ئىشقىلىپ مەن راست گەپنى قىلدىم، چىرايىڭغا رەڭگى ماسلاشماپتۇ، سەن دېگەن ئۇرۇق، ئېگىز تۇرساڭ، بۇ كۆڭلەكنى كىيىپ سېمىز، پاكار كۆرۈنۈپ قالدىڭ...
    ئۇنىڭ گېپى بەك جىق، دېگىنىگە ھە دېمىسەم توختىمايدۇ، ھېلى كىتابتىن، ھېلى ھەدىستىن، ھېلى تۇرمۇشتىن مىسال سۆزلەپ بېشىمنى ئاغىرتىپلاۋېتىدۇ، ئامالسىز كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدىم.
    ــ كەچتە بۇرۇنراق قايتىپ كەلسەڭ بوپتىكەن گۈزەل.
    ــ بەلكىم دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشى (قىپقىزىللا يالغان سۆزلەۋاتاتتىم) كىيىنرەك تۈگۈپ قالسا ئاشۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قېلىشىممۇ مۇمكىن!
    ــ ئامال بار قايتىپ كەلسەڭ... سەن يوق، ئۇيقۇم كەلمەيدىكەن.
    ــ گىپىنىڭ تاتلىقلىقىنى بۇنىڭ، ماقۇل. ئامال بار.
    بۈگۈنكى سۇرۇن خېلى قىزىدى، قارىسام ئارىسىدىن ئىككى يىگىتنىڭ كۆزى بىراقلا ماڭا چۈشكەندەك ...
    ــ پەيزىڭ بار جۇمۇ ئاداش... ئاۋۇ ئىلھام دېگىنىنى ھەر جەھەتتىن بولىدىكەن دەپ ئاڭلايمەنغۇ... قارىسام ساڭا كىرىشىپلا قالدى، كەلتۈرۈۋالامسەن يا!
    ــ كۆرمىدىڭمۇ، كەلتۇرىۋېلىشكە كۈچەش كەتمەيدۇ ... ئىشىكىمنىڭ ئالدىغىلا كەپ بولدى دېگىنە!
    ــ ئىشىكىنى چەكسەم ئاچارمۇ ئاچماسمۇ دەپ مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرىدۇ دېگىنە!
    ــ جۈرئىتى بولسا چەكمەمدۇ، ئىشىكىم جۈرئەتلىك، مەرد، كېلىشكەن يىگىتلەرگە ھەرۋاقىت ئۇچۇق دېگىنە!
    ــ ئاران تۇرغانتىم دېگىنە! ئېچىپلا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتمە يەنە، بىچارە قورقۇپ قېچىپ كەتمىسۇن... ۋەيت.........
    سۇرۇندىن كىيىن ھەممىمىز تارقىدۇق، مېنى ئىلھام ئاپىرىپ قۇيۇشقا مەسئۇل بولدى، ھامان مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
    ــ ئۆيىڭىز قايەردە؟ ياكى مېنىڭ ئۆيۈمگىلا كېتەمدۇق؟ ــ تاكسىغا چىقىپلا ئىككى بىسلىق چاخچىقىنى باشلىدى ئۇ.
    ــ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىغا ھەيسىدە بولىدۇ.
    ــ ياخشى تونۇشۇپ قالدۇق، ئۆزىڭىزمۇ ئىسمىڭىزدەك چىرايلىق قىزكەنسىز، ئارىلىشىپ ئۈتەيلى...
    ــ چاتاق يوق. (ئىچىمدە بولسا ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى نېمىشقا تونۇشۇپلا ئىسمىڭىزگە ئوخشاش چىرايلىقكەنسىز دەپ گەپ باشلايدىغاندۇ دېگەنلەرنى ئويلىدۇم)
    ــ گۈزەل!
    ــ ھە ؟!
    ــ نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتىسىز؟
    ــ ھېچنېمە.
    يېنىمغىراق سۈرۈلۈپ ئولتۇردى ئۇ.
    ــ كەچۈرۈڭ، مىنىڭ ئىسمىمنى تۇلۇق ئاتىسىڭىز بوپتىكەن، ئىسمىمنى چالا چاقىرغانلار بىلەن پەقەت خوشام يوق.
    ــ يېقىمىق ئاڭلىنىدىغۇ، سىزگە ئىسىم كەتمۈگۈدەك، ئۇنى ئىسمىم دەپ ئويلىماي، باشقىلار مېنى تەرىپلەۋاتىدۇ دەپ ئويلاڭ.
    ــ ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت. لېكىن ئۆزۈمنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرىمەن.
    ــ ماقۇل، ماقۇل، قاراڭ گۈزەلئاي، مىجەزىڭىز تۈز، ئۇچۇق-يۇرۇقكەن، ياقتۇرۇپ قالدىم، تىلفۇنىڭىزنى ئەكېلىڭە كۆرۈپ باقاي، ئەجەب ئويناپ كەتتىڭىز.
    ئۇنىڭ تېلېفونى بىر جىرىڭلاپ توختاپ قالدى.
    ــ ھە مانا، ئىسمىمنى نېمە دەپ كىزگۈزۈپ قويسام بۇلا، باشقا ئىلھامجانلار يوقتۇ ھە، ئىلھامجانىم دەپلا كىرگۈزۈۋەتتىم ئەمىسە.
    يولدا كەلگۈچە ئۇلا پاراڭ قىلدى، «سىزنى ھاكاۋۇر دېسەم بۇلارمۇ ياكى بەك جىمىغۇر دېسەم بۇلارمۇ، جىمغۇرمىكىن دېسەم بايا شاش ئويناۋاتاتتىڭىز ...» دەپ قاخشاپمۇ قويدى تېخى.
    ئۆيگە كىرسەم ئايگۈزەلخان تىلفۇندا پاراڭلىشىپ مۇڭ بولۇپ كېتىپتۇ. بايا تېخى ئۇرۇشۇپ قالدىم دەۋاتاتتى... ھازىر قىزلار ئەمەس ئوغۇللار ئۆچكە يېغى زادى!
    يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ يوتقانغا كىردىم.
    تىلفۇننىڭ ئاۋازىنى ئېچىۋەتتى ئۇ!
    ــ ساڭا يۇرتۇڭنىڭ شىۋىسىنى ئاڭلىتىپ قۇياي ...
    ــ ئاپاق، گۈزەل قايتىپ كەلدى.
    ــ ئەمىسە بىزمۇ قۇيايلى ما تىلفۇننى، ئەتىدىن باشلاپ ما تىلفۇندا توك قالمايدىغان، ھېلىقى نېمىتى ... شىنخاۋ(سىگنال) تارتمايدىغان ئىش يەنە بولۇپ قالمىسۇن ماخما ؟! بۈگۈن تولا يىغلاپ ئىچىمنى ئاغىرتىپ قويدۇڭ... بولمىغان بولسا،،، ھە... ئۈزۈڭ بىلىسەنغۇ مىجەزىمنى!
    ــ ماقۇل ئاپئاق، چوقۇم دىققەت قىلىمەن، ئەمدى سىلىنى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن.
    ــ ھە، ئەمدى مىنىڭ ئاپئاق يارىمغا ئوخشىدىڭ... ئەمىسە سائەتنى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالما... نامازغا تۇرالمىساڭ بولمايدۇ، چوقۇم ناشتا قىلىپ ماڭ، مەن دېگەندەك ياڭاق، باداملارنى ئېلىپ قويدۇڭمۇ؟
    ــ ھەئە، ئېپ قويغان.
    ــ ھە بۇلاپتۇ ھە، چوقۇم ناشتا قىلىپ ئاندىن ئۆيدىن چىققىن، قورسىقىڭنى ئاچ قويما! ئىسسىقتا تاماق يېگۈڭ كەلمەيدۇ ھەرقاچان، شۇنداق بولسىمۇ زورلاپ تۇرۇپ يە! بىرىنى ئۆزۈم ئۈچۈن بىرىنى ئاپاق يارىم ئۈچۈن دەپ يە!
    ــ ۋاي-ۋۇي ... ئاندىن تازا سەمرىپ سەتلىشىپ كەتسەم ھە! ماڭا يارىمايدىغان بولۇپ قالدىڭ دەپلا باشقا بىرىنى تېپىۋالساڭلا ...
    ــ بەك سەتلىشىپ كەتسەڭ ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق، شۇنچە كېلىشكەن تۇرۇپ سەندەك سەت بىر قىزبالا بىلەن بىرگە يۈرسەم خەق مىنىلا ئەمەس سىنىمۇ زاڭلىق قىلار ھەرقاچان... ھى ھى ھى ...
    ــ زادى نىيتىڭلا يامان.
    ــ شۇ... ئۆزۈڭنى مەن چىرايلىق دەپ ئويلاپ يۈرەمتىڭ، ئەينەككە بىر قارىغىنە،
    ــ ئەمىسە بېرىپ چىرايلىقنى تېپىڭلا!
    ــ راست دېدىڭ ھە!
    ـ-راست!
    ــ ئۈچ!
    ــراست!
    ــ ئىككى!
    ــ راست!
    ــ بىر!
    ــ يالغان!
    ــ ئاڭلىمىغانمىدىڭ، «قىلىقىڭنى دېمىسەم، چىرايلىقلىقىڭ چاغلىق» دېگەن ناخشىنى...
    ــ ئاڭلىغان!
    ــ ۋۇي، ئاۋازىنى پەسلەپ كەتكىنىنى بۇنىڭ ... چاقچاق قىلدىم ھوي! چىرايلىق بولمىساڭ مىنىڭ يارىم بۇلالايتتتىڭمۇ ؟!
    ــ راستما ئاپاق!
    ــ راست ئاپاق، چاخچاقمۇ قىلىشتۇق، دوستۇڭنىمۇ ئارام ئالغۇزمايمىزغۇ كۈندە، ئۇ قىزغا مەندىن سالام ئېيت.
    ــ ماقۇل.
    ــ ئەمىسە ئاپاق خوتۇن ...
    ــ يەنە باشلاندى...
    ــ ھى ھى ھى ... مەن ئامراق تۇرسام سىلىنى شۇنداق چاقىرىشقا، بۇندىن كىيىن مېنى خاپا قىلماڭلا ھە... ھە بولمىسا بۈگۈنكىدەك يىغلاپ قالىسىلە ... كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا جىق ئولتۇرىۋالماڭلا، دۇكاندا ئىشقا ئۈزۈڭلىنى ئۇرۇپ كەتمەڭلا، مانداق ئوغۇللار كىرسە بىر چەتكە ئۆتۈپ تۇرۇڭلا، ئىي باشقا خەنزۇ قىزلار بېرىپ تونۇشتۇرسۇن ،،، ئاڭلىدىڭلىما ئاپاق.
    ــ ھى ھى ھى ... ماقۇل ئاپاق.
    ــ ئەمىسە ئاللاغا ئامانەت، ئەتە نامازغا چوقۇم تۇرۇڭلا ھە!
    ــ ئاللا خالىسا ئاپاق. ئەمىسە ئاللاغا ئامانەت.
    ئۇلارنىڭ تاتلىق پاراڭلىرىدىن سۈيۈنۈپ كەتتىم، دەسلەپتە ئۇنىڭ ئوغۇل بالىنى «ئاپئاق» دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ بەك غەلىتىلىك ھېس قىلغان بولسام مانا ئەمدى مەنمۇ كۆنۈپ كەتتىم، ھەتتا مەنمۇ ئۇنىڭ يىگىتىنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاپئاق دەپ چاقىرىدىغان بولۇپ كەتتىم تېخى...
    ــ پارىڭى نېمە تۈگۈمەيدىكىن دېسەم مۇنداق مۇڭ پاراڭلارنى قىلىمىز دېگىنە!
    ــ ھى ھى ھى ... شۇ... ئەمدى... ھى ھى ھى... ئەجەب ئىزا تارتىپ كەتتىما! يۈزلىرىم قىزىشىپ كەتتى...،ــ شوخلۇق قىلىپ يوتقانغا يۈزلىرىنى پۈركىۋالدى ئۇ!
    ــ ماڭا قارىغىنە مەن قاراپ باقاي، يۈزلىرىڭ مىنىڭ گېپىمگە قىزىرىۋاتامدۇ، ياكى ئۇنىڭ «ئاپئاق خوتۇن» دېگەن گىپىگىمۇ؟
    ــ ئادەمنى خىجىل قىلمىيە ساراڭ...
    ــ نېمە تېخى... يارىم... ھى ھى ھى... قايسى زاماندىكى گەپ بۇ! ئاپئاق يارىم، تاتلىق يارىم ... جېنىم يارىم ... ئۇنداق قىلماي يۈزلىرىڭىزنى بىر ئېچىڭە...
    ــ ھى ھى ھى ... ھا ھا ھا،،،
    يەنە ياستۇقلارنى ئېتىشىپ ئوينىشىپ كەتتۇق. ئەمما «ئەتە كۈرۈشەيلى، خۇدايىمغا ئامانەت» دەپ رەسمىي ئۇخلىماقچى بولغاندا بولسا پەقەت ئۇخلىيالمىدىم، يېنىمدا بىر تاتلىق پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان قىزغا قاراپ ھەم مەستلىكىم كېلەتتى ھەم يەنىلا بۇرۇنقى كۈنلىرىم، خۇددى مۇشۇ قىزغا ئوخشاش بەختنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىپ تۇرغان كۈنلىرىم يادىمغا كېلەتتى. قانداق بولۇپ ئۆزۈممۇ تۇيماي بۇ يولدا مېڭىپ قالغاندىمەن، مىجەزىمنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكىنىچۇ تېخى! مەنمۇ ئايگۈزەلدەك كەچكىچە كۈلۈپ، سۆزلەپلا تۇرىدىغان، قوللىرىمدىن كىتاب چۈشمەيدىغان قىز ئىدىمغۇ! ساۋاقداشلىرىم ھەۋەسلىنىپ قارايدىغان، ئوغۇللار تىك تىكىلىپ قارىيالمايدىغان قىز ئىدىمغۇ... ئەمدىچۇ ؟! باشقىلارنىڭ قونچىقىغا ئايلىنىپ قالدىم، خالىسا خۇشال بولغاندا خالىسا پەرىشان بولغاندا ئىزدەيدىغان، دەسلەپتە تونۇشقاندا ھالى قالمايدىغان ئوغۇللار بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىنلا باشقىچە... قانداق قىلىپ قەدىر-قىممىتىمنى مۇنچە يوقىتىۋاتقاندىمەن...
    شۇ كۈنى كېچىسى چۈشۈمدە ئۇنى كۆرۈپتىمەن... ئۇنتۇغىلى ئۇزۇن بولغان سىمانى... مەكتەپتە دېگۈدەكمىشمەن، دەرستىن چۈشۈپ ئىشىكتىن چىقىشىمغىلا ئۇنى كۆرۈپتىمەن.
    «بولە گۈزەل ... قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى» دېگۈدەك، «مەن سىنى دەرسىڭ بولمىغاندىن كىيىن سەن تاماق يەۋەرگىن، دېمىگەنمۇ ؟» دېسەم ئۇ،«تۇمشۇقلىرىڭنى نېمانداق چىرايلىق ئۇچلايتىدىغانسەن، سەن يوق گېلىمدىن تاماق ئۆتەمدىغان» دەۋاتقۇدەك... ئىككىمىز قولتۇقلىشىپ ماڭساق ھەممەيلەن بىزگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ قالغۇدەك... ئۇچۇرغانلىكى دوستلىرىمىز بىلەن چاقچاقلىشىپ ماڭغۇدەكمىز...
    شۇنچە شېرىن چۈش، لېكىن بۇ شېرىن چۈشۈم كۆڭلۈمنى يەنە ئاغرىتىپ قويدى.
    ــ بۈگۈن يېڭىلىققۇ بۇ !،ــدېدى سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرۇۋالغانلىقىمنى كۆرگەن ئايگۈزەل.
    ــ سەنلا سەھەر تۇرۇشۇڭ كېرەكمىكەن، قىزىققۇ سەن، مىنىڭ ئاپاممۇ ماڭا «قىزلار سەھەر تۇرمىسا بەختى ئېچىلمايدۇ» دەيدىغان...
    ــ گېپىمنى ئۆگىنىۋاپسەندە... ياخشى، ياخشى بالا... بۇندىن كىيىن خۇدايىم بۇيرۇسا چوقۇم ئەتىگەنراق تۇرغىن، سەن كۆپىنچە ناشتا قىلمايسەن، ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىق بەك زىيانلىق، بولۇپمۇ بىز قىزلارغا نىسبەتەن!
    ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چۈشۈم يادىمغا يىتىپ جىم بولۇپ قالدىم.
    ــ گۈزەل! نېمە بولدۇڭ، ئەتىگەندىلا شۈكلەپ قالدىڭغۇ؟
    ــ ھېچنېمە،ــ ئېغىر كىچىك تىنىپ قويدۇم.
    ــقارىغىنە، ئەتىگەندىلا ساڭا بىر يۇمۇر سۆزلەپ بېرەيچۇ، تازا كۈلۈۋالغىن.
    ــ بىر كۈنى ھېسامكام،،، ھە دېگىنە نېمە قىپتۇ؟
    __ بىر كۈنى ... توختا تېلېفون كېلىپ قالدى... ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاپئاق!
    ئەتىگەندىلا يەنە باشلىدى بۇ ساراڭلار...
    ھېلى گېپى تۈگەپ تىلفۇننى قويغاندىن كىيىن ماڭا يۇمۇرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ، ئاندىن مېنى راست-يالغان بولسۇن كۈلدۈرۈپ ئىشىكتىن چىقىرىدۇ... نېمە دېگەن ئاقكۆڭۈل. ساددا، تۈز مىجەز قىزسەن ئايگۈزەل... ئاللا بەختىڭلارنى بەرسۇن..................