• توردىكى «ئۇكاش»~1 - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    توردىكى «ئۇكاش»

     

    ھېكايە
    ئاپتورى:مىھراي نەجمىدىن(گۇلزىبا)

     

    تۇنجى خەت


    ئەسسالامۇئەلەيكۇم سىڭلىم، تۇيۇقسىزلا يازغان خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىز ھە قاچان، تېمىلىرىڭىز، ئىنكاسلىرىڭىز دىققىتىمنى تارتقىلى خېلى بولغان، مەنمۇ بىر چاغلاردا توردا، مۇنبەردە سىزگە ئوخشاش ئەسەر يوللاپ يۈرەتتىم، نۇرغۇن دوستلىرىممۇ بولغان ... ھاياتىمدىكى بۇرۇلۇشنى، توغرا يولنى ماڭا مۇشۇ تور كۆرسەتكەن دېسەممۇ بولىدۇ... شۇڭا سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، ھېچ بولمىسا سىزگە بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلەرنى سۆزلەپ بېرىپ ئىچىمنى بىر بوشىتىۋېلىشنى ئويلاپ يۈرەتتىم ... يېقىندا يوللىغان بىر تېمىڭىزدا يولدىن چىقىپ كەتكەن بىر قىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەپسىز... شۇ تېمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن كاللامغا باشقىچە بىر ئوي كەلدى، ئويلىساممۇ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىدىغان ئاشۇ كەچۈرمىشلىرىم، قىسقىغىنە كۈلكە ئاتا قىلغان، ئەمما ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قويغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىم، چىراقلىرى كۆزلىرىمنى چاقناتقان، ئويۇنلىرى قەلبىمنى ئۆزىگە تارتقان ئاشۇ كۈنلەر... دېمەكچى بولغانلىقىمنى چوقۇم چۈشەندىڭىز، يېزىڭ، قانچىلىك يازالىسڭىز شۇنچىلىك يېزىڭ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئۆمرىدە بىر كېلىدىغان پۇرسەت دەپ بىلىدىغان، ناتونۇش شەھەر ناتونۇش كىشىلەر قاينىمىدا ئەركىنلىكنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ئاشۇ قىز-يىگىتلىرىمىزگە ئازراق ئەسكەرتىش ياكى تەربىيە بېرەلىسەك ئەنە شۇ بىزنىڭ غەلىبىمىز،،، بەلكىم مۇشۇ ئىدىيە مەن ئويلاشتىنمۇ يىرگىنىدىغان ئاشۇ كەچۈرمىشلىرىمنى سىزگە بىرمۇ بىر بايان قىلىپ بېرىشكە كۈچ ئاتا قىلىۋاتسا كېرەك ... ئاللا قەلىمىڭىزگە كۈچ بەرسۇن.
    سىزدىن ئۆتىنىدىغىنىم. ئەسەر ئىسمىنى «توردىكى ئۇكاش» دەپ قويسىڭىز، بۇنداق قۇيۇشنىڭ تازا مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما مۇشۇنداق قۇيۇش ئارقىلىق توردا تونۇشقان، بىر تۇغقان قېرىنداشلاردىن چارە ئۆتكەن، ماڭا قىزلىقنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، قىزلارنىڭ ھۆرمىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تۇنۇتقان، مېنى ناتوغرا يولدىن قۇتقۇزۇپ چىققان ئۇكام، ئىنىم __ئېرشاتقا بولغان رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ... يەنە دوستۇم ئايگۈزەلمۇ بار ... ئۇلار بۇ دۇنيادىكى پەرىشتىلەر، ئاجايىپ ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي كىشىلەر ... ئاللا ئۇلارنىڭ يولىنى ئۇچۇق، كۈنلىرىنى خۇشال قىلسۇن ئىلاھىم ...
    ئەمىسە كەچۈرمىشلىرىم سىزگە قالدى، قالدى ئىشلار قەلىمىڭىزگە ئامانەت ... ماڭا خەت قايتۇرماڭ، مەن بىر ئۆلۈپ بولغان ئىنسان، پەقەت كىچىكلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى سىزگە دەپ ئولتۇرىمەن ... سىزگە ۋە قەلىمىڭىزگە ئىشىنىمەن.
    سىزنى سىڭلىسى ئورنىدا كۆرۈپ، سالاھىيىتى بولمىغان ھەدىڭىز گۈزەلئايدىن...

    جاۋاب خەت

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھەدە، قايتا -قايتا خەت قايتۇرۇپمۇ سىزدىن ئۇچۇر ئالالمىغاندىن كىيىن مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشنى مۇۋاپىق تاپتىم، خەتلىرىڭىزنى ئوقۇدۇم ... ئىچىمدىكى ھاياجاننى، ئىچ ئاغرىتىشنى، كاللامدا يېڭىدىن يېڭىغا پەيدا بۇلىۋاتقان سوئاللارنى، ئوي-خىياللارنى، ھەر قانچە قىلىپمۇ نېمە دەپ ئىپادىلەپ بېرىشنى بىلمىدىم، قەلەم بەزىدە ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلىدىكەن ...
    ناتوغرا يولدا مېڭىۋاتقانلار، بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ ئۆتكۈزۈۋاتقانلار نۇرغۇن، ئەمما ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا سىز بىر پەرىشتە ھەدە! توغرا يولدا ماڭدىڭىز، توغرا يولدا مېڭىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدىڭىز، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭىز ئۈچۈن چىن ئەقىدىڭىز بىلەن ئاللاھدىن گۇناھىڭىزنى تىلىدىڭىز! يەنە بىزدەك ئىنى-سىڭىللىرىڭىز ئۈچۈن كۆزىڭىزدىن قان-ياش ئاققۇزۇپ، ھېكايىڭىزنى سۆزلىدىڭىز ...
    ئاللا گۇناھلىرىڭىزنى مەغپىرەت قىلسۇن، ھەممە قىزلىرىمىزنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا مەدەت بولسۇن!
    قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ ھەدە، شۇنداقتىمۇ يازدىم، ئۆزۈمنى خۇددى سىزدك، خۇددى ئايگۈزەل بىلەن بىرگە ياشاۋااتقان گۈزەلئايدەك ھېس قىلىپ تۇرۇپ يازدىم ...


    ئىككى« گۈزەل»

    ئۈرۈمچى. 7-ئاي.
    تىلفۇنۇمنىڭ توختىماي جىرىڭلىشى ئۇيقۇمنى بۇزۇۋەتتى، كۆزلىرىمنى ئاچماي تۇرۇپ قۇلۇمدا سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ تىلفۇنۇمنى ئالدىم.
    __ ۋەي!
    __ئەسسالامۇئەلەيكۇم !،__ما گەپنى ئاڭلاپلا چوقۇم خاتا كەلدى ما تېلېفون دەپ ئويلىدىم.
    __كىمنى ئىزدەيسىز؟
    __ مەن ئۆي ئىجارە ئالاي دېگەن، ئېلاننى كۆرۈپ تېلېفون قىلىشىم.
    __ھە، بىلدىم،__ئۇيقۇم خېلى ئېچىلغاندەك بولۇپ قالدى.
    __سىز ئۆيدىمۇ، مەن مەكتەپنىڭ ئىچىدىلا، چىقىپ ئۆينى كۆرۈپ باقاي دېگەن.
    __مەنغۇ ئۆيدە، لېكىن ئۆينى ئىجارىگە ئالسىڭىز ھەممە گەپ ئېلاندا دېيىلگەندەك بولىدۇ، ئەگەر بىرەر -يېرىم ماددىدا سۈلھى قىلىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز بولدى مۇشۇ يەردىلا توختاپ قېلىڭ.
    __ئەمىسە ھازىر چىقاي.
    __ھە ماقۇل.
    باشلىرىم ئاغرىپ تۇراتتى، تەسلىكتە ئورنۇمدىن تۇردۇم، تۇنۇگۈن كەچتە قانداق بولۇپ ئۆيگە كەلگەنلىكىمنى ئەسلىدىم، ئاخشام بىر سورۇندا ئولتۇردۇق، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىمنى تونۇمايمەن، «دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى» دېگەنلىكى ئېسىمدە! كىيىن مەست بوپ قالدىم ... كىيىن ،،، ھە ئېسىمگە كەلدى ... نېمە دېگەن ئەقىللىق ھە مەن. ئۇ مېنى ئۆزى خالىغان يەرگە ئاپارماقچى بۇلىۋېدى مەن ئۇنىمىدىم، قارىسام سەل پەيلى يامان، شۇنىڭ بىلەن «بولدى بىزنىڭ ئۆيگىلا بارايلى، ئۆيدە بۈگۈن ئاپام يوق» دېدىم، ئۇنىڭغىمۇ ئوبدانلا خۇش ياقتى بۇ گەپ، لېكىن بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندە قوشنامنىڭ دېرىزىسىنى كۆرسىتىپ «ۋاي ئۆيدىكىلەر كېلىپ بوپتۇ، ئەمدى كىرىپ كەتمىسەم قەتئىي بولمايدۇ» دەپ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم... ھى ھى ھى ... ئەجەب ئەقىللىق ھە مەن...
    شۇلارنى ئويلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇشقا باشلىدىم، تۇرۇپلا خىيالىمغا يېڭى قوشنام، بايام تېلېفون قىلغان قىز كىرىپ قالدى.« چوقۇم ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلى بىقىنىغا ئۈسۈپ كەتكەن ئەركە-نايناقتىن بىرى، سىرتتىن ئۆي ئېلىپ يېتىپ باققۇسى كەلگەندۇ، باشقىلارنى دوراپ... يا بولمىسا مۇھەببىتى بىلەن خەقنىڭ كۆزىدىن خالى ئۆتكۈسى كەلگەندۇ، ئۇنداق بولسا شەرتىمنى كۆرسە بۇ ئۆينى ئىجارىە ئېلىش ئويىدىن يالتىيۋالاتتى ... يا بولمىسا ياتاقداشلىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان تازا مىجەزى ئەسكى بىرىمىكىن ...»
    خىياللىرىمنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغۇچە ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ كەتتى.
    __ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
    نېمە دېسەم بۇلا، ئالدىمدىكى ياغلىق چىگىۋالغان، مەدەنىي كىيىنىۋالغان بۇ قىزغا قاراپ بايامقى خىياللار كاللامغا قانداق تىز كەلگەن بولسا يەنە شۇنداق تىز غايىب بولدى.
    __بايا تېلېفون قىلغان قىز سىزمۇ؟
    __ھەئە.
    __قېنى كىرىڭ.
    ئۇنىڭغا شەرتلەرنى يەنە بىر قېتىم دېگەچ ئۆينى كۆرسەتتىم.
    __ شارائىتلىرى ئويلىغىنىمدىن ياخشىكەن، يەنە تېخى شۇنداق پاكىزكەن، بۈگۈنلا كۈچۈپ كىرسەم بۇلامدۇ، نەرسە-كېرەكلىرىم دوستۇمنىڭ ياتىقىدا قالغان.
    __نېمە؟ سىز بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەسما؟
    __ياق، مەن شەرقى شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن.
    قارىغاندا ئوغۇل دوستى بولسا كېرەك، بىرىگە تېلېفون قىلىپ ئۆينىڭ ئورنى، شارائىتى ھەتتا ھەربىر شەرتلىرىدىن تارتىپ تۇلۇق چۈشەندۈردى، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كىيىن رەسمىيەتنى ئۆتىدۇق، شۇنداق قىلىپ سودام ئۈزۈممۇ ئويلاپ باقمىغان ئاساستا تىزلا پۈتۈپ قالدى. رەسمىيەتلەرمۇ ئاددىي تەرتىپلىك پۈتتى.
    __ ئىسمىڭىزنى تېخى بىلمەيمەندە قوشنام،__دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
    __گۈزەلئاي.
    __ھا ھا ھا...
    __نېمىگە كۈلىسىز، كۈلگىدەك ئىسىم ئەمەسقۇ بۇ؟
    __مىنىڭ ئىسمىم ئايگۈزەل.
    __ھە ،،، راسلا قىزىق ئىش بوپتۇ. ئىككى گۈزەل بىر بوپتۇ، قۇيرۇقى تەڭ بوپتۇ دېگەنلەر ئىسىڭىزگە كەپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟
    __ئۇمۇ ھەم شۇ ... ھەم* ئەلانىڭ گۇزەلئايسى يادىمغا يىتىپ قالدى، ھەم مەغرۇر ھەم گۈزەل...
    __ئاشۇرۇۋەتتىڭىز،  رەھمەت.(راستىنى دېسەم قىزلارنىڭ ماختىغىنىنى ئاڭلىسا ئەجەب تۇرىدىكەن)
    مۇشۇ گەپتىنلا ئۇ قىزنىڭمۇ كىتاب ئوقۇيدىغان ئادىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم، ئايگۈزەل نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالغىلى چىقىپ كەتتى، سائەتكە قارىسام چۈش بۇلاي دەپ قاپتۇ، نېمە تاماق يېيىشنى ئويلاپ بايا ئۇ قىزنىڭ ئاشخانىنى كۆرۈپ خوش بوپ كەتكەنلىكى يادىمغا كەلدى،
    __ ھەممە نەرسىلەر تۇلۇقكەن ھە؟ تاماق ئەتسەكمۇ بۇلامدۇ؟
    __ گاز پۇلىنى ئۆزىڭىز چىقارسىڭىز بولىدۇ.
    __ئەجەب ياخشى بولدى ...
    شۇنداق قىلىپ يېڭى قوشنىلىق بولۇپ قالدىم، نېمىشقىدۇر بۇ قىز تۇنجى قېتىمدىلا مەندە ئىللىق تەسىرلەرنى قالدۇردى.


    يېڭى قوشنام بىلەن تىزلا چىقىشىپ قالدىم، لېكىن تولا گەپ سورايدىغان قىزكەن، ئېلاندىكى «بىر-بىرىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» دېگەن ماددىنى تازا چۈشەنمىسە كېرەك.
    ئۇيەنە سەل غەلىتىرەك، ئىشەنمىسىڭىز قاراڭ ھە!
    ئىشتىن كېلىپلا، ئاشخانا ئۆيدە چىقىۋاتقان تاراق-تۇرۇق ئاۋازلاردىن ۋە ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان پۇراقتىن ئۇنىڭ تاماق ئېتىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.
    ــ تاماقنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭىزمۇ نېمە ؟،ــدەپ سورىدىم مەن.
    ــ ھەئە. ــ كىيىۋالغان ئۇزۇن كۆينىكى، تارتىۋالغان پەشتامىسى، ياغلىقى دىگەندەكلەر قوشۇلۇپ ئۇنى بەئەينى ئائىلە ئايالىغىلا ئوخشىتىپ قويغانىدى. ئەمما لاتاپەتلىك، چىرايلىق ئىدى. ئۇنىڭغا قاراپ تۇيۇقسىز ئاپام يادىمغا يىتىپ قالدى ۋە كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى.
    ــ تۇنجى قېتىم تاماق ئېتىشىم، شۇڭا...
    ــ تامان ئەتكىلى بولىدىكەن، دەپ خوش بوپ كەتكىنىڭىزگە قاراپ، ئۇستا ئاشپەزمىكىن دەپتىمەن سىزنى! پىيازنى سېلىشتىن بۇرۇن ياغنى بەك قىزىتىۋېتىپسىز، خېلىلا كۆيدۇرۇپسىزغۇ،ــ دېدىم مەن ئاشخانىغا كىرگەندىن كىيىن،ــگازنى ئۆزىڭىز ئەكەلدىڭىزما؟
    ــ ئۇدۇل قوشنىمىزدىن سورىسام بىر تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەرگەن، تېلېفون بەرسەم ئۆزلىرى ئەكەپ بەردى.
    قىزىق، مۇشۇ كەمگىچە ئۇدۇل قوشنامنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيمەن مەن.
    ئۇنىڭ كۆيۈپ كەتكەن تامىقىنى بىرگە ئولتۇرۇپ يېدۇق، لېكىن ئۆزۈمنى ھەرقانچە زورلاپمۇ تۇلۇق يەپ بولالمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە تولا سوئال سوراپ مېنى بىزار قىلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇخلايمەن دېگەننى باھانە قىلىپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم.
    ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرسام، «كەچۈرۈڭ، ناماز ئۇقۇيتتۇم، سىزگە ئالدىم بولۇپ قالىدىكەن، تاشقىرىقى ئۆيدە تاملاردا رەسىم باركەن» دىۋىدى، دەسلىپىدە تازا چۈشىنەلمىگەندەك بولۇپ تۇرۇپ قالدىم، ئاندىن ئازراق بىر نەرسىلەرنى چۈشەنگۇدەك بولدۇمدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاشقارقى ئۆيگە چىقىپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن چۈشلۈك ئۇيقۇمدىنمۇ ۋاز كەچتىم. نېمىشقىدۇر بىئارام بولۇپ قالدىم، قىزغا قاراپ نىمىنىدۇر ھېس قىلغاندەك بولدۇميۇ ئەمما نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ ئېيتىپ بېرەلمەي ئىچىم سىقىلدى.
    ــ بۈگۈن چۈشتىن كىيىن ئىشقا بارمامسىز،ــ سوراپ قالدى ئۇ ساپاغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ خىيالغا كەتكىنىمنى كۆرۈپ.
    ــ ياق.
    ــ دەم ئالىدىغان ۋاقتىڭلار ئەجەب كۆپكەن ھە!
    ــ ھە!
    ــ بۇ ئۆينىڭ ئىجارىسىمۇ ئانچە ئەرزان ئەمەس ھەرقاچان، مائاشىڭىز قانچىلىك، ئۆي پۇلى، تۇرمۇش پۇلى دىگەندەكلەر يىتەمدىكەن.
    ــ ھەئە يىتىدۇ.
    ــ بىر كۆپەيتىش ئورگىنىدا شۇنچە كۆپ مائاش بىرەمدا؟
    ــ سودىمىز ياخشى.
    ــ شۇنداق بولسىمۇ؟
    ــسىز ساقچىما ئايگۈزەل؟
    ــ ساقچى بولسام سىزنىڭ بۇ ئىشلىرىڭىزنى سوراپ نېمە قىلاتتىم گۈزەلئاي،،، ھى ھى ھى ... سىزگە ئامراقلىقىم كېلىپ شۇ!
    ئۇنىڭ ساددا گەپ-سۆزلىرىگە كۈلۈپ قويدۇم خالاس. كۆڭلۈمدە بولسا « ھازىر ئادەمنىڭ تېشىغا قاراپ باھا بەرگىلى بۇلاتتىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ ئىشەنچىمگە ئېرىشىپ ھەممە سىرلىرىمنى بىلىۋېلىپ، كىيىن ماڭا ئورا كولىغان ئاشۇ قىزمۇ دەسلىپىدە ماڭا مۇشۇنداق ئامراق ئىدى، مانا مۇشۇنداق ساددا ئىدى ... كىيىن قانداق بولدى ئەنە! ياغلىق ئارتىپ، ناماز ئۇقۇپ يۈرگىنىگە قاراپلا ياخشى قىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىۋەتسەم بولماس...» دېگەنلەرنى ئويلىدىم، ئۇنى دېمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ ئۆينى ئاشۇنداق بىرسىنىڭ، ئايالى بىر بىرىنىڭ ماڭا بىراقلا بىر يىللىق ئىجارىگە ئېلىپ بەرگىنىنى ئۇنىڭغا دىيەلمەيمەندە!
    、 ئۇنىڭ كىتابلىرى كۆپكەن، ئەدەبىي كىتابلارمۇ، «ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانما»،«سالىھلار گۈلىستانى»،«يول بۇ يەردە»... قاتارلىق دىنى كىتابلارمۇ باركەن، قالايمىقان تۇرغان كىتاب جاسىنى يىغىشتۇرۇپ، كىتابلىرىنى بىر چىرايلىق تىزىپ قۇيىۋىدى، ئۆيمۇ باشقىچە بولۇپ قالدى، مەنمۇ جۇشقۇن، تىرىشچان ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمغا قايتقاندەك بولۇپ قالدىم.
    كەچلىكى ئۇ مىفەن ئېتىپتۇ، «قورسىقىم بەك توق» دېگىنىمگە ئۇنىماي، «ئازراق بولسىمۇ تېتىپ باقىسىز» دەپ بىر پىيالە تاماقنى ئالدىمغا قويدى، سەينىغۇ كۆيدۈرۈۋەتمەپتۇ، ئەمما تاماقتا تەم دېگەن نەرسە يوق، ئۇنىڭغا قارىسام ئوخشاپتۇ دەپ ماختاپ ئولتۇرۇپ يەپ كېتىپتۇ، قاراپ كۈلگۈم كېلىپ كەتتى، خۇددى كىچىك بالىدەك...

    بۈگۈن ئىشقا بېرىش پەقەت خۇش ياقمىدى، خوجايىنىمغا تېلېفون بېرىپ «مىجەزىم يوقلۇقىنى» دەپ بولغۇچە ئارام ئېلىشقا رۇخسەت قىلىۋەتتى. ئۆيدە بىكار كىتاب كۆرۈپ ياتسام ئايگۈزەل خۇشال كىرىپ كەلدى.
    ــ تېپىڭە بىر خوش خەۋەر بار، توغرا تاپالىسىڭىز سۈيۈنچىسىمۇ بار...
    ــ تاڭ!
    ــ تېپىپ بېقىڭە!
    ــ تاڭ!
    ــ ساراڭ قىز! مەن خىزمەت تاپتىم.
    ــ سىز ئاسپىرانىتلىققا تەييارلىق قىلىمەن دىگەنىدىڭىزغۇ؟
    ــ شۇنداق! ئۇنىمۇ قىلىمەن، بۇنىمۇ قىلىمەن، ئۆيدىكىلەرگە ئېغىرىمنى سېلىۋەرسەم بولمايدۇ-دە!
    ــ نېمە خىزمەت تاپتىڭىز؟
    ــ بىر دورا دۇكىنىدا، دورا ساتقۇچى بولىدىغان بولدۇم...
    ــ نېمە ؟! ھا،،، ھا،،، ھا... سىزنىڭ ئوقۇغان كەسپىڭىز نېمىتى، ھېلىقى جۇغراپىيە، ئەمدى كېلىپ دوختۇرلۇق قىلىمەن دەڭ...
    ــ ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ،ــدېدى ئۇ ئاغزىلىرىنى شۇنچىلىك ئوماق ئۈمچەيتىپ تۇرۇپ،ــ مىنىڭ ئاپام دوختۇر، كىچىكىمدىن باشلاپ دورا-ئۇكۇل بىلەن ھەپىلىشىپ چوڭ بولغانمەن، دورا-ئۇكۇل  دېگەندەك نەرسىلەر ماڭا ئانچە ناتونۇش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا خەنزۇتىلىنى پىششىق بىلىپ بەرسىلا بولىدىكەن،
    ــ ئاپام دوختۇر دەڭ، دادىڭىزچۇ؟
    ــ ئوقۇتقۇچى.
    ــ نەچچە بالا سىلەر؟
    ــ ئىككى، ھەدەم ئالدىنقى يىلى ياتلىق بولغان.
    ــ ئۆيىڭىز؟
    ــ غۇلجا شەھەر ئىچى.
    ما قىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ «توۋا» دېگۈم كەلدى... ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ بولغان قىزكەنغۇ بۇ، ئاپا-دادىسى مائاشلىق، كادىر ئائىلىسى، شۇنداق تۇرۇپ بۇ يەردە جاپا تارتىپ نېمە قىلە؟
    ــ مىنىڭ ئائىلە شارائىتىم سىزنىڭكىدەك ياخشى بولغان بولسا ئۇدۇل يۇرتۇمغا قايتاتتىم،
    ــ سىز نەدىن؟
    ــ قاراڭ ئايگۈزەل، بىز بىرگە تۇرغىلى بۈگۈن نەق تۆت كۈن بولدى، تېخىچە مىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىمنى بايقىمىدىڭىزمۇ؟
    ــ راستىنى دېسەم پەقەت بىلمىدىم، ئىشقىلىپ شىماللىق سىز.
    ــ خوتەندىن.
    ــ ۋاي مېڭە!
    ــ نەگە ماڭىمەن، ھېچنېمە ئېسىمدە قالمىسىمۇ تۇغۇلغان يۇرتۇم ئېسىمدە بار مىنىڭ.
    ــ پەقەت ئوخشىمايسىزكەن.
    گەپنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قالدى. تۇرۇپلا كۆڭۈلسىزگىنە كەيپىياتتا بولۇپ قالدىم. ئاپامنى، يۇرتنى سېغىنغانىدىم، ئەمما قايتىپ كەتسەم بولمايتتى ... قايتىپ كېتەلمەيتتىم ... قۇلۇمدىن نېمە ئىش كېلەر ؟! ئاپامنىڭ يەنە دادامنىڭ ئالدىدا قىزىرىپ تاتىرىپ تۇرغىنىنى كۆرگۈم يوق! يەنە شۇنداق بىر سىما بار ... ئۇ توغرىسىدا ھېچقانداق گەپلەرنى ئاڭلىغۇم، ھەتتا ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ قالغۇممۇ يوق!
    ئىچىمنى پۇشۇرۇپ كۆڭۈلسىز ئولتۇرغۇچە چىقىپ بازار ئايلىنىپ كېلىشنى لايىق تاپتىم.
    ــ ئايگۈزەل، چۈشتىن كىيىن باشقا ئىشىڭىز بولمىسا بازارغا چىقىپ كىرەيلىمۇ، كىيىم ـ كېچەك كۆرۈپ كىلەيلى.
    ــ چۈشتىن كىيىن كومپيۇتېر ئالغىلى چىقىمەن،
    ئەسلىدىنلا ئۇنىڭدىن بۇنداق ئىشلاردىن ئۈمىد كۈتمەسلىكىم كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر يېقىنىمغا تېلېفون قىلدىم.
    ــ ئالو تاتلىق قىز!
    ــ ھە، تېخى ھاياتمۇسىز؟
    ــ ئۇنداق ئۆلۈمۈمنى تىلىمەڭە، سىزگە ھېچ يامانلىق قىلمىسام ... سىزنى سېغىنىپ تۇراتتىم شۇ تاپتا!
    ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ لېكىن يەنىلا خۇش بولۇپ قالدىم، مەنمۇ چاندۇرماي يالغان سۆزلەشكە باشلىدىم:
    ــ شۇ مەنمۇ سىزنى سېغىنىپ... ... چۈشتىن كىيىن بازارغا چىقاي دېگەن، ھەمراھ بولۇپ بېرىشىپ بېرەمسىز ؟!
    ــ سىز دەپقاپسىز ئاپئاق قىز، ھېلىغۇ بازاركەن، مازار بولسىمۇ تەييارغۇ بىز! ھازىر بىرسى بىلەن كۆرىشىدىغان ئىشىم بار، بىرەر سائەتلەردىن كىيىن سىزگە تېلېفون قىلاي، تەييار بولۇپ تۇرۇڭ، ئاندىن ماشىنام بىلەن ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغىلا باراي، چۈشتىن كىيىن بازار ئايلىنايلى، كەچتە مىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشۇمغا بويسۇنىسىز، قانداق چاتاق يوقتۇ!
    ــ چاتاق يوققۇ! چاتاق بار يەردە بىز يوققۇ!
    ــ شاشقۇ باللا ھە! مۇشۇنداق يەلىرىڭىزنى دەيمىزدە! ئەمىسە داۋاي ... ھېلى كۈرۈشەيلى تاتلىق قىز.
    شۇنداق قىلىپ بۈگۈن بىر كۈنۈم خېلى كۆڭۈللۈك ئۆتىدىغان بولدى-دە!
    ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە بىر كۈن چۈشتىن كىيىن ئەكپەر بىلەن بىرگە بولدۇم، بىز بارمىغان شىياۋ شىمېر، داشىمېر، سەنشىخاڭزا، دا بازا، ئادىل، سۇبھىلەرمۇ قالمىدى، كەچلىكى خوڭسەنچىغا بېرىپ ئولتۇردۇق.

    سورىنىمىز شۇنداق قىزىۋاتاتتى، ئارىلىقتا ئايگۈل بىلەن تازىلىق ئۈيىگە بىرلا چىقىپ كىرىپ، جىلە بولۇپلا قالدىم.
    ــ ئاڭلىدىڭمۇ، ئەكبەر توي قىلىدىكەن.
    ــ ئۇنداق ئەمەستۇ ؟!،ــئايگۈلدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.
    ــ سەن تېخى بىلمەيسەن دېگىنە... چايمۇ ئىچۈرۈلۈپ بوپتۇ. ئۇ قىزنى سېسترا دەيدۇ، بەك چىرايلىقمىش.
    ــ ھە،،،
    ئۆز – ئۈزۈمگە ھەيران قالدىم. ئۇ توي قىلسا مىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغىنىم نېمىسى، ياكى مۇشۇنداق ئوينىتىپ، كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرىدىغان، قاچانلا ھايت دېسەم ھۇيت دەپ تۇرىدىغان بىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمغا ئىچىم ئېچىشىۋاتامدىكىن... كىم بىلىدۇ، ئۇ كۆڭلىدە نېمە چوتلارنى سۇقۇۋاتىدۇ تېخى! بۇمۇ ئۇنىڭدەك «ئايالىم ئۆيدىكى خۇتۇنۇم، سىز سىرتتىكى خۇتۇنۇم جېنىم ... يەنە مۇشۇنداق ئارىلىشىپ ئۆتۈۋېرەيلى» دەپ قالسىچۇ ؟! ئۇنداق بۇلىشىغا مەن ئۇنىمايمەن ئەلۋەتتە !... ھەرقانچە يولدىن چىقىپ كەتسەممۇ خەقنىڭ ئاشنىسى بولۇپ ياشايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىدىم مەن!
    ــ قوپۇڭە، نېمە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىسىز ؟! ئوينايمىز دەپ كەلدۇق بۇ يەرگە.
    ئۇنىڭ بىلەن يىغلاڭغۇ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ تانسا ئويناۋاتىمەن. مۇزىكا قۇلۇقۇمغا بەك يېقىمسىز ئاڭلىنىپ كەتتى. ئۇ بۇرۇنقىدەك قوللىرىمنى چىڭ –چىڭ سىقىپ، مېنى ئۆزىگە تارتىپ –تارتىپ ئوينايتتى. بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ قۇيۇپ جاۋاب قايتۇرالمىدىم. تانسا تۈگىشى بىلەنلا ئۇ مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقتى.
    ــ ۋۇي، سەت تۇرىدۇ، كوچىدا ئادەملەر ئۈتۈشۈپ تۇرسا،ــ دېدىم ئۇنى ئىتتىرگەچ.
    ــ ئوخخو... گۈزەلئاي خانقىز بۈگۈن باشقىچىلىغۇ. مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە ...
    ــ بىلمىدىم، كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس كەچۈرۈڭ.
    ــ ئەمىسە كەيپىياتىڭىز ياخشىلىنىدىغان جايغا بارامدۇق.
    ــ بولدىلا... بۈگۈنچە ئۆيگە قايتىپ كېتەيمىكىن ...
    ــ بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ قالاتتى دەيمەن.
    ــ نېمىشقا ؟!،ــ ئۇنىڭ ئاغزىدىن راست گەپ چىقىشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلاتتىم.
    ــ مەن يېقىندا توي قىلىمەن.
    «ئۇھ...» دېدىم ئىچىمدە، ھەنىم بولسا بىرەر قېتىم بولسىمۇ راست گەپ قىلىپ باقىدىكەن بۇ!
    ماڭغاچ پاراڭلاشتۇق، ۋاراڭ -چۇرۇڭدىن بىراقلا خالى جايغا چىققاچقىمىكىن كاللام خېلى ئارام تېپىپ قالدى.
    ــ شۇنداقمۇ ؟،ــمەنمۇ بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالدىم.
    ــ ھەئە، ئۇ قىز بەك ياخشى، ئاقكۆڭۈل، پەرىشتىدەكلا قىز دەڭە، جەمئىيەتمۇ كۆرۈپ باقمىغان، مېنىمۇ بەك ياخشى دەپ ئويلايدۇ، يېقىندا بىر قانچە دوستى مېنى «ئانداق ئۇيۇنچى، مانداق ئۇيۇنچى» دەپ چېقىپتىكەن قاراڭ، ئۇلارنىڭ تازا ئوبدان دەككىسىنى بېرىپتۇ ... قىسقىسى ماڭا بەك ئىشىنىدۇ، شۇڭا تويدىن كىيىن ھەممىدىن بىراقلا قول ئۆزەيمىكىن دەيمەن... ھېلىمۇ بەك ئويناپ كەتتىم، قىلمىغان ئىشلىرىم ئاز قالدى. خۇدايىم جاجامنى بەرمەستە ئاستا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالمىسام بولمىدى.
    ئۇنىڭ گەپلىرىدىن تەسىرلىنىپ كەتتىممۇ ياكى بولغۇسى كىلىنچەككە ئىچىم تارلىقىم كېلىپ قالدىمۇ بىلمىدىم، كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشقىلى تۇردى.
    ــ مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيالامسىز؟
    ــ راستلا كېتەمسىز؟
    ــ ھەئە. كۆڭلۈم ئۆينى تارتىپلا تۇرىدۇ.
    ــ ماڭا قاراڭە، يىغلاپسىزغۇ، نېمە بولدى سىزگە ... بۈگۈن زادى بىر ئىش بار...
    ــ ھېچنېمە، سىز ئۈچۈن خۇشال بۇلىۋاتىمەن، ئويلاپ باقسام بىز تونۇشقاندىن بىرى بىرەر قېتىممۇ مۇنداق سەمىمىيلىك بىلەن پاراڭلىشىپ باقماپتىمىز.
    ــ مەنمۇ ئالدىڭىزدا خىجىل. جىق ئىشلارنى كىيىن چۈشەندىم، ئەسلى قىزلار بۇزۇق ئەمەس بىز ئوغۇللار ئەسكىكەنمىز، سىلەرنى تۇيدۇرماستىن ھەرخىل يوللارغا باشلاپ ئەكىرىپ كېتىدىكەنمىز ...
    ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتىم، تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ قۇچاقلىشىدىن دوستلۇقنى، تەسەللىنى ھېس قىلدىم،
    ــ توۋا، سىزمۇ يىغلايدىكەنسىز ھە ؟! تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، گۈزەللەرنىڭ يىغلىشىمۇ باشقىچە گۈزەل بولىدىغان گەپكەن...
    نىمىشقىكىن ئۇنىڭ ماختىشىمۇ شۇنچىلىك تەبىئىي ئاڭلىنىپ كەتتى.
    ئۇنىڭ ماشىنىسىدا ئۆي تەرەپكە قاراپ يول ئالدۇق، تۇيۇقسىز كاللامغا بىر سوئال كېلىپ قالدى، ناھايىتى قاملاشمىغان سوئال ... قاملاشمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ شۇنداق سورىغۇم كەلدى.
    ــ ئەكبەر!
    ــ نېمە ئاپئاق قىز؟
    ــ بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈن بىللە بۇلىشىمىزكەن، شۇڭا كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى دىيىشىۋالايلىچۇ.
    ــ چاتاق يوق.
    ــ لېكىن چوقۇم راست گەپ قىلىمىز ھە!
    ــ ھە ماقۇل.
    ــ ئەمىسە مەن بىر سوئال سوراي، لېكىن چوقۇم راست گەپ قىلىسىز!
    ــ ماقۇل دېدىمغۇ ئاپاق قىز، ئەكبەر قاچان سىزگە ماقۇل دېگەن ئىشىنى قىلماي باققان.
    ــ ئىككىمىز يېڭى تونۇشقان ۋاقىتلاردا، سىز مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن بۇ گېپىڭىز راستمىتى؟
    ــ مەن سىزگە قىزىققان، لېكىن ياخشى كۆرۈشكە كەلسەك... ... نېمە دېسەك بۇلا... ياخشى كۆرىمەن، سىز ئاقكۆڭۈل قىز، دوستلىرىمدەك ياخشى كۆرىمەن ...
    ــ سىزنىڭ مەن بىلەن توي قىلىشنى ئويلىشىپ باققان ۋاقتىڭىزمۇ بولغانمىدى؟(باياتىن بىرىقى شۇنچىلىك سورىغۇم كېلىپ كەتكەن، ئەمما جۈرئەت قىلالمىغان سوئال دەل مۇشۇ سوئال ئىدى)
    ــ راست گەپنى قىلسام ... ياق گۈزەلئاي...
    ــ راست گەپ قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.
    ئاشۇ گەپتىن كىيىن ئۆيگە بارغۇچە ئۇمۇ، مەنمۇ گەپ قىلمىدۇق. ئەمما ئۆينىڭ ئەتراپىغا كەلگەندە ئۇمۇ مەن بىلەن تەڭ ماشىنىدىن چۈشتى. ئىككى قۇلۇمدا بۈگۈن ئۇ ماڭا ئېلىپ بەرگەن كىيىم-كېچەكلەر بار ئىدى. ئۇ قوللىرىمدىكىنى ئېلىپ يەرگە قويدى، يۈزلىرىمدە ئەركىلەپ يۈرگەن چاچلىرىمنى قۇلاقلىرىم ئارقىسىغا قىستۇردى.
    ــ ھەر قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچۇرسىڭىز مېنى ئىزدەڭ، سىزنى ئوينىتىپ ئەكېلىش ئۈچۈن ئەمەس ھېقىقى دوستىڭىز سۈپىتىدە ياردەم قىلىمەن، ئەگەر خالىسىڭىز مېنى ئاكا دەپ تونۇسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇندىن كىيىن ئوغۇللار بىلەن قالايمىقان ئارىلاشماڭ، خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلىڭ، بولسا يۇرتىڭىزغا قايتىپ، خىزمەت قىلغاچ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دۇئاسىنى ئېلىڭ. خۇدايىم بەختىڭىزنى بەرسۇن،
    ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلاپ ئىچىمنى خېلى بوشىتىۋالدىم، مەن ئۇنىڭغا ئۇ ماڭا بەخت تىلەشتۇق. ئەسلىدە ئۇنىڭغا «ھەممىنى توي قىلغاندىن كىيىن باشلايمەن دەپ ئولتۇرماي ھازىردىن باشلاڭ» دېمەكچى ئىدىم، بىراق ئاغزىمدىن پەقەت چىقىرالمىدىم، تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۈزۈمنى شۇنچىلىك ئەرزىمەس ئادەمدەك ھېس قىلىپ كەتتىم. ھەم ئۇنىڭ كىيىن قىلغان سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ھازىردىن باشلىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.