• ئـــانــا - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    ئاپتورى: غوجابدۇللا ئۇبۇلقاسىم(زىيالىي)

     


    ئانا دېگەن بۇ سۆز ھەقىقەتەن تولىمۇ يېقىملىق ھەم مۇبارەك سۆزدۇر، شۇنداقلا يەنە سېھرىي كۈچكە ئىگە سۆزدۇر.
    ئانا، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ جاپاكەش، ئەڭ ۋاپادار ۋە ئەڭ قابىلىيەتلىك ئۇستاز ھەم بىر ئۇستا ئىجادكار، پۈتكۈل كائىناتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغۇچى ئۇستا ھۈنەرۋەن.
    ئانا، قارىغىنە!؟ تۈن كېچە بولدى، ھەممە تاتلىق ئۇيقۇدا، ئەمما سەنچۇ؟ سەن يەنىلا يالغۇز ھالدا مېنى پەپىلاۋاتىسەن، ماڭا يېگانە ھەمراھ بولۇۋاتىسەن. مانا مەن چوڭ بولدۇم، مېنىڭ ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولغۇنۇمغا قاراپ ئىچ- ئىچىڭدىن خۇشال بولدۇڭ، بەلكى كەلگۈسىدە مەن توي قىلىپ، ئۆي- ئوچاقلىق بولغاندا، سېنىڭدىن ئايرىلىشىم، ھەپتىدە، ئايدا، يىلدا بىرەر قېتىممۇ يوقلىيالماسلىقىم مۇمكىن، ئەمما، سەن مېنى ھەربىر تېنىقىڭدا، ھەربىر قەدىمىڭدە، يۈرىكىڭنىڭ ھەربىر سوقۇشلىرىدا ياد ئېتىپ تۇرىسەن، بەختىمنى تىلەيسەن.
    ئانا قۇچىقى_ ئىنسان بالىسىنىڭ ئەڭ بىخەتەر قوغدىنىش ئورنى، ئانا قۇچىقى_ جىمى يامانلىقلاردىن، ساختا مۇھەببەتتىن، خىيانەتتىن، ئۇنتۇلۇشلاردىن، تەرك ئېتىشلەردىن يىراق." ئانا يىغلىسا راست يىغلار، قالغىنى يالغان" دېگەن مىسرالار سېنىڭ پاكلىقىڭ، مۇھەببىتىڭنىڭ چىنلىقىغا بېرىلگەن ھەقىقى باھا.
    ئانا، ئېسىڭدىمۇ؟ مەن يىراق جايغا ئوقۇشقا ماڭغىنىمدا:"جېنىم بالام، ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسرا، تامىقىڭنى ۋاختىدا يە...، سەپىرىڭ قۇتلۇق بولسۇن!" دەپ مېنى ئۇزاتقىنىڭ، كۆزلىرىڭدىن جۇدالىق ياشلىرىنى تۆكۈپ، قېيىمىغان ھالدا مېنى ئۇزاتقىنىڭ، قاچان كېلەرسەن؟ سالامەتمۇسەن؟....دەپ سانسىزلىغان كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگۈنۈڭ، سانسىزلىغان كۈنلەرنى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ مىسكىن، غەمكىن كۆزلىرىڭ بىلەن مېنى كۈتۈش، يولۇمغا تەلمۈرۈش بىلەن كەچ قىلغىنىڭ.
    ئانا ئۇ تۇمۇرىمىزدا ئاققان ھەربىر تامچە قاننى، ھەربىر تىنىقىمىزنى ئاتا قىلغان، ئەمما ئۇ ھەمىشە غەمكىن، دەرتلىك يۈرۈيدۇ. ئانا بەلكىم خورلانغان، بەلكىم خىيانەتكە ئۇچرىغان، بەلكىم ئۇنتۇپ كېتىلگەن ۋە بەلكىم تاشلىۋېتىلگەن. ئەمما، ئانا بىزنى ئەبەدىي تاشلىمايدۇ، ئۇنتۇمايدۇ. ئۇنىڭ بارلىق مۇھەببىتى پەقەت پەرزەنت ئۈچۈنلا، ئۇ ھەرۋاقىت بىز ئۈچۈن باش قاتۇرغان، ياش ئاققۇزغان مېھرىبان ئىنسان، لېكىن ئۇ يەنىلا يالغۇز، مەيۈس، دەرتلىك، غېرىپ، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ ئازار يېگۈچى.
    دۇنيادا ئەڭ كۆپ، ئەڭ سەرخىل، ئەبەدىي ئۇنتۇلماس نەرسە مۇھەببەت بولسا كېرەك، ئەمما مۇھەببەتنى ھەقىقىي ئاتا قىلالايدىغان، كىشىگە ئالەمچە سۆيگۈ ۋە بەخت بېغىشلىيالايدىغان پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئىنسان بار، ئۇ بولسىمۇ- ئانا.
    ئانا، مەن يېقىلسام يۈرىكىڭ ئاغرىيدۇ. كۆزۈمدىن ياش تامچىلىغاندا، يۈرىكىڭدىن قان تامچىلايدۇ. مېنىڭ كۈلكەم- سېنىڭ بەختىڭ، مېنىڭ كۆز يېشىم- سېنىڭ ئازابىڭ. ئانا، بۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە خوراپ تۈگەيدۇ، پەقەت ۋە پەقەت سېنىڭ مۇھەببىتىڭلا ئەبەدىي خورىمايدۇ، مەڭگۈ پاك، غۇبارسىز، مېننەتسىز!...

     


    ئاپتور: ئىلى پىداگوگىكا ئېنىستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتىتى   2007-يىللىق ئۇيغۇرتىل- ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى