• قىز قەلبى

    ئاپتورى:داڭلىق مۇنبىرىدىن زىبا

     

    (نەسىر)

     


        تېخى تۈنۈگۈنلا شوخ،ئەركە قىز ئىدىم. ھاياتقا ،مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ھەۋەس بىلەن باقاتتىم.
    قاچانلاردىن تارتىپ سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ،بىلمەيمەن.شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆز ئەركىم ئۆز قولۇمدا بولماي قالدى.سېنىڭدىن ساپ،ئوتلۇق سۆيگۈ كۈتتۈم.مېنىمۇ مەن سېنى سۆيگەندەك سۆيسىكەن دەپ ئۈمىد قىلدىم.ئەپسۇس،تولىمۇ ئەپسۇس. سەن مېنىڭ پاك،غۇبارسىز مۇھاببىتىمنى بىردەملىك ئۆتكۈنچى ھىسياتنىڭ قۇربانى قىلدىڭ.سەن ئۈچۈن تىزغان گۈلدەستىلىرىمنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ۋەيران قىلدىڭ.ھەتتا سەن ئۈچۈن بەرپا قىلغان كۆڭۈل گۈلزارلىقىمغا كىرىپ ئۇنىڭدىكى ئەڭ چىرايلىق ،ئەڭ خۇشپۇراق گۈلنى ئۈزۈپ  باشقا قىزغا سوۋغا قىلدىڭ.سېنى سۆيگۈ گۈلزارىمدىكى يىگانە بۇلبۇلۇم دەپ ئويلايتتىم.سېنىڭ گۈلدىن -گۈلگە قونۇپ يۈرۈيدىغان كېپىنەك ئىكەنلىكىڭ مەلۇم بولغىنىدا،ھايات ماڭا ئۆز مەنىسىنى يوقاتقاندەك،كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتكەندەك بىلىندى.بۇرۇن ئەشۇ مېھرىبانلىقىڭ،ئاق كۆڭۈللىكىڭ بىلەن كۆزۈمگە خىزىر سۈپەت كۆرۈنەتتىڭ. توۋا...نېمانچە تاش يۈرەكلىشىپ كەتتىڭ؟؟
        بىلىپ قويغىنكى ،ھەقىقىي ئاشىقلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر تىلەمچىگە ئوخشايدۇ.ئۇلار پەقەت ۋە پەقەت تىلىگىنىگە چۇشلۇق نەپكە ئىرىشەلىسىلا شۇنىڭغا شۈكرى-قانائەت قىلىپ ياشايدۇ.سەنمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماڭا ئوخشاش تىلەمچىلىك كوچىسىغا كىرىپ قېلىپ،قۇرۇق قول قايتقىنىڭدا ئاندىن مېنىڭ قەدرىمگە يېتىشىڭ مۇمكىن!
        كۆڭلۈمدە سېنى ئەمدى ئويلىماسلىقنى،سېنى مەڭگۈگە ئۇنتۇپ كېتىشنى ئويلىغان،سېنى ئەمدى قايتا ئىزلىمەسلىكىنى قارار قىلغان بولساممۇ،ئەمما كۆڭلۈم ،يەنە شۇ كۆڭلۈم بۇنىڭغا يول قويمىدى.قەلبىمدە ھامان بىر سادا توختاۋسىز ئەكىس ئېتىدۇ...«ۋاپاسىزنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى كەچۈرەلمىسەڭ سېنىڭ ۋاپادارلىقىڭ نەدە تۇرۇپتۇ؟!!!»
        قىز قەلبى شۇنداق بولامدىكىن ؟بىلمىدىم،ۋاپاسىز يارنىڭ بارچە رەزىللىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرسىمۇ، كۆڭۈلنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا ئۇنى ئەپۇ قىلىۋىتىدىكەن.....