• يات ئەلنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىلەر ئۈچۈن - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    يات ئەلنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىلەر ئۈچۈن

     

    ئاپتورى: ئىززەتگۈل ساتتار

     

    ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى بۈگۈن،
    تەنھالىق ئىچىدە يۈرەكتە تۈگۈن.
    باشقىغا خوشاللىق،ماڭا ئاددى كۈن،
    قىزارغان چىچەكتەك سۆيگۈم تۈنۈگۈن.

    باھارنى چىللىغان قۇياشقا قاراپ،
    ۋۇجۇدۇم ھەۋەسلەر قەترىدە تاراپ.
    كىملەرنىڭ قەلبىگە قارايمەن ماراپ،
    سەۋدايى تاماگەر ھېسلىرىم ئوراپ.

    نەقەدەر كۈلكىلىك سايرىماس تېلفۇن،
    نۇمۇسلۇق بىر قىزمەن ئەمەسمەن يۇچۇن.
    ئۆزۈمنىڭ بىر گۈزەل قائىدە-يۇسۇنى،
    يات ئەلنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىلەر ئۈچۈن.





    评论

  • ياشايمەن دائىما ئۆزلۈكۈم بىلەن،
    «يات ئەلنىڭ ئۇسلۇنى ئۆزگىلەر ئۈچۈن»
    دىلىمدا ئىمانىم، ۋىجدانىم بولغاچ،
    پەرق ئېتەر قەلبمدە ئۆزلۈك ۋە يوچۇن.