-
قىزنىڭ كۆڭۈل ئىزھارى - [تورداشلار ئەسەرلىرى]
قىزنىڭ كۆڭۈل ئىزھارى
ئاپتۇرى : ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان قاشتېشى
مۇھەببەتتە كۆڭۈل ئىزھار قىلىش كۆپۈنچە ئوغۇللارنى ئاساس قىلىدۇ ، بىرقىسىم قىزلار ئامالسىز پۇرسەت ئالدىدا ئۆز كۆڭلىنى بايان قىلىدۇ ، لېكىن بۇ بىر قىزغا نىسبەتەن ئاسان چىقىدىغان قەلىب سۆزلىرى ئەمەس .
بىر قىز بىلەن يىگىت باغچىنىڭ گۈللىكىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى ، ئۇلار خېلىلا ئۇزۇن پاراڭلاشتى ، يىگىت مېڭىشقا تەمشەلدى ، قىز يىگىتكە گېپى بارلىقىنى ئېيتىپ توختاتتى ، قىز ئىنتايىن خىجىللىق بىلەن يەرگە قاراپ تۇرۇپ يىگىتكە دېدى :
_ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن !
يىگىت : - ئۇن سۇرمىدى ،
قىز : - گەپ قىلمايسىزغۇ ؟
يىگىت : - مۇمكىنمۇ ؟
قىز : - ئەگەر ئىككى ئادەم بىربىرىگە ئىشەنسە ، چوقۇم باشقا ئېلىپ چىقالايدۇ ، مىنىڭ ئىشەنچىم بار !
يىگىت : - ئۇغۇ شۇ ، مۇھىمى ئىشەنچ ،
قىز : - توغرا ، ئىشەنچ مۇھەببەتنىڭ تۇۋرىكى ، قانداق ؟
يىگىت :- مەن دەل شۇنىڭ ئۈچۈن ئامالسىزمەن . كەچۈرۈڭ ،
قىز : - بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟
يىگىت سۈكۈت ئىچىدە ! ، قىز يىگىتنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى سەزگەندەك بولدى - دە ، كۆز ياشلىرىنى ئۈزۈلۈشكە باشلىدى .يىگىت يىراقلارغا قاراپ ئۇھ سىناتتى . قىزنىڭ يېغىسى ھەقىقەتەنمۇ يۈرەكنى ئىزەتتى ، ئۇ يېغلاپ تۇرۇپ ، ئاۋازى تىرىگەن ھالدا ،
قىز: - مىنى قىينىمىسىڭىز ، قەلبىمنى بولسىمۇ چۈشىنىپ قويسىڭىز ، ماڭا ئىشىنىڭ .
قىز ئۆزىنى پەقەت تۇتىۋالالمىدى ، بەلكىم قىزلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن ئايرىلىشنى خالىمىسا كېرەك .
يىگىت قەلبى قىزنىڭ كۆز يېشىغا چىداپ تۇرالمىدى ، قىزنىڭ بۇ ھالى يىگىتنىڭ پۇتۇن ۋۇجۇدىنى تىتىرتىۋەتكەن ئىدى ، لېكىن يىگىت ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ سالماقلىق بىلەن سۆزىنى باشلىدى .
يىگىت : - ئويلاپ بېقىڭ ، سىز مىنىڭ كۆڭلۈمدە باشقا بىر قىزنىڭ بارلىقىنى بىلىسىز ؟ سىز ئاشۇ قىزدىن ئاشۇرۇپ قىلالامسىز ، قىسقىسى سىز شۇ قىزدىنمۇ ئۇستۇن ، ئىسىل خىسلەت بىلەن قەلبىمنى ئالالاسىزمۇ ؟
قىز : - ئەلۋەتتە ، مەن چوقۇم ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولىمەن .
يىگىت : - ئۇنداق بولسا ئۇنىڭغا ئوخشاش ھەممە ئوغۇل دوستلىرىڭىزدىن كىچەلەمسىز ؟ يەنى تۇتۇق ئاكا - ئىنە دىگەندەك ،
قىز جىم تۇرۇپ قالدى . يىگىت داۋام قىلدى ،
يىگىت : - سىز مىنى دەپ بارلىق ئوقۇشىڭىزدىن كىچەلەمسىز ، ھازىرلا ئوقۇشتىن ۋاز كىچىپ مەن بىلەن ئۆتۈشكە قوشىلامسىز ؟
قىز يەنە سۈكۈت ئىچىدە بېشىنى چايقىدى .
يىگىت : - سىز مىنى دەپ ئاتا - ئانىڭىزدىن ، يۇرتىڭىزدىن كىچىپ مىنىڭ شەھرىمگە كىلەلەمسىز ؟
قىز يەنىلا بېشىنى چايقىدى .
يىگىت گەپ قىلاي دەپ تۇرىشىغا قىز سۆز باشلىدى .
قىز : - ئەگەر سىز مىنى ھەقىقى ياخشى كۆسىڭىز ، مەن ھەممىدىن كىچىمەن دېدى .
يىگىت : - ئىككىمىز يۇردۇقمۇ دەيلى ، لېكىن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولا ؟
قىز : - ۋاقتى كەلگەندە .....
يىگىت دەرھال گەپنى بۆلدى ...
يىگىت : - مانا بۇ مەن ياخشى كۆرگەن قىز بىلەن سىزنىڭ تىپىك پەرقىڭىز ! ئۇقىز دەل مۇشۇ سەۋەپلەر بىلەن مەندىن كەچكەن ، چۈشەندىڭىزمۇ ؟ ئۇ مۇھەببەتتە ئاقىۋەتنى بەك ئويلايدۇ ، چۈنكى ئەسەبىي مۇھەببەت ئادەمنى مۇشۇنداق سەۋدا قىلىدۇ ، بولدى سىز چۆچۈڭ ، بەختىڭىز تېخى ئالدىڭىزدا مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ۋەيران قىلماڭ ، سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز مۇھەببەت ئۈستىدىلا ئەمەس ، پەن - مەرىپەت ، ئىلىم - ھىكمەت بىلەن بولسۇن ، بۇ دۇنيادا مۇھەببەتسىز يالغۇز قالمايسىز ، بۇ ئىنتىلگەن مۇھەببەت ۋاقتى - قارارى كەلمىگەن ئاساستا يولىڭىزنى توسمىسۇن .
سىزگە قىلىدىغان ئاخىرقى سۆزۈم : مىنىڭ قورقىدىغىنىم ئايغى چىقمايدىغان مۇھەببەتكە پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن بىرىلىش . ئامان بولۇڭ ،
قىزنىڭ كۆزلىرىدىكى ياش ئاللىبۇرۇنلا توختىغان ئىدى ، قىز ئويلىشىشقا باشلىدى . قىز يىگىتنىڭ قولىنى تۇتىۋالدىدە ،
قىز : - كەچۈرۈڭ ، مەن خاتا قىپتىمەن ،سىزگە بولغان مۇھەببىتىم ۋە ھۆرمىتىم ھەقىقەتەنمۇ ئاشتى . سىزدەك ئىسىل پەزىلەتلىك ئوغۇلا بالىنىڭ ھازىرمۇ بارلىقىدىن خوشالمەن .
يىگىتنىڭ قولى قىزغا بەكلا ئىللىق بىلىندى ، قىزغا بۇ جۈرئەتنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلەلمىدى ، بەلكىم بۇ قولنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تۇتىۋېلىشىنى سەزگەن بولسا كېرەك . لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ قوللىرىنى كۆزى قىيمىغان ھالدا ئاستا قويۇپ بەردى .
يىگىت قىزنىڭ ئازاپقا تولغان كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ ،كۈلۈمسىرگەن ھالدا :
يىگىت : - مەندەك يىگىتلەر ھەم مەندەك ئويلايدىغان يىگىتلەر ئارىمىزدا كۆپ ، مۇھىمى ئۇنى بايقاشتا .
قىز ئوغۇلغا تىكىلىپ خىجىللىق نەزىرىنى تاشلىدى-دة
_رەھمەت سىزگە !
دەپ يىگىت يېنىدىن كۆزى قىيمىغان ھالدا ئايرىلدى .2006 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى (ئۈرۈمچى )