• ئادالەت

     


     (م.ئەركىن تۈمەنى)

                          
    مۇھەببەت دېمەككى ، ئاشۇنداق ھېسيات ،
    ئۈنسىز ، تىۋىشسىز ، جىمجىت لىرىكا .
    مۇھەببەت رېڭى يوق ، شەكىلسىز رەسىم ،
    نوتىسىز ، ئاھاڭسىز ، ئوتلۇق مۇزىكا .
     ـــــــــــ پەرھاد ئېلىياس « غالىب تەشۋىشلەر » ناملىق شېئىرىدىن
     


    ـــ ھەي ، تۇرسۇن ، ھەي ! ماڭا قارا دەيمەن ـــــ بايىدىن بېرى قىززىق پاراڭلارنى قىلىۋاتقان جامال قىلىۋاتقان گېپىنى توساتتىن توختىتىپ ، ئايىقىنى زور ئىشتىياق بىلەن مايلاپ ئولتۇرغان تۇرسۇنغا سۆز ئاچتى ــــ ئاڭلىدىڭمۇ ؟
    ـــ نېمىنى ! ــــ جامالنىڭ ئاغزىدىن نېمە خەۋەر چىقىدىغىنىغا قىزىققان تۇرسۇن ، مايلاۋاتقان ئايىقىنى قويۇپ ، ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇردى .
    ـــ ئاڭلىسام سىنىپىمىزدىكى ئادالەت مۇھەببەتلىشىۋېتىپتىمىشقۇ !
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، كۆرىۋاتقان كىتابىمنى كارىۋاتقا تاشلاپ ، ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇميۇ ، ئۈستىدىكى كارىۋاتقا « گۈسسىدە » كاللا قويۇپ ، يەرگىلا زوڭزىيىپ قالدىم . ئۇنىڭغىچە تۇرسۇن كېلىپ ، مېنى يۆلەپمۇ ئۈلگۈردى .
    ـــ چاتاق يوقتۇ ؟!
    ـــ ھېچ ... ھېچقىسى ... يوق . ـــ مەن ئورنۇمدىن ئاستا تۇردۇم - دە ، كارىۋاتقا ئولتۇردۇم . تۇرسۇنمۇ خاتىرجەم بولۇپ ، ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى . مەن بىر ئاز ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن ، جامالدىن سورىدىم ـــ بايا نېمە دېگەنتىڭ !؟
    ئېھتىمال چىرايىم بىرقىسما بولۇپ قالغان بولسا كېرەك ، جامال كېكەچلەشكە باشلىدى .
    ـــ با ... باشـ ... باشقىچە ... گەپ قىلمىغاندىـ ... ـمەن ؟
    ـــ ۋاي نېمىگە تىلىڭنى چاينايسەن ؟ بايا دېگەن گېپىڭنى يەنە بىر قېتىم دېگىن دېدىمغۇ ! بايا نېمە دېگەنتىڭا ؟!
    ـــ ئادالەت مۇھەببەتلىشىۋېتىپتۇ !
    ـــ كىم بىلەن ؟ ـــ ئاغزىمنى ئەمدىلا ئۆمەللىۋىدىم ، تۇرسۇن مەندىن چاققان كېلىپ ، گەپ ئارىلىدى .
    ـــ كىم بىلەن بولاتتى ؟! ـــ دېدى جامال ئىزاھات بەرگەندەك ، ئاندىن گېپىنى داۋام قىلدى ـــ ھېلىقى قوشنا سىنىپتىكى راخمان سۇيۇق بىلەن بولمامدۇ !
    ـــ توۋا ! ـــ دېدى تۇرسۇن يەنە گەپ ئارىلاپ ـــ بۇ ئادالەتمۇزە ! ئوغۇل بالا تېپىلمىغاندەك ئاشۇ ئوماچتەك چاچرايدىغان راخمان بىلەن تېپىشىۋالغىنىنى كۆرمەمدىغان !
    ـــ شۇ ئەمەسمۇ !؟ ـــ دېدى جامال نېمىدىندۇر نارازى بولغاندەك تەلەپپۇزدا ـــ جاھاندا نى ـ نى ئوغۇل بالىلار تۇرسا ، ئۆتۈپ ـ تېشىپ ئەمدى شۇ سۇيۇق بىلەن ـ ھە !
    ـــ شۇنى دېمەمسەن ...
    مەن پەقەتلا چىداپ تۇرالمىدىم ـ دە ، ئۇلارغا قەھرىم بىلەن سۆزلەشكە كىرىشتىم .
    ـــ ھەي ! سىلەرگە دېيىشكۈدەك گەپ تېپىلمىدىمۇ ؟ ئادالەت ، ئادالەت دەپلا كەتتىڭلارغۇ ! تازىمۇ بىر !
    مەن ئىشىكنى زەرد بىلەن يېپىپ ، ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم ... ...
    ... ...
    دەرھەقىقەت ! دۇنيادا سەۋەبسىز ئىش يوق . مېنىڭمۇ ئاچچىقلىنىشىم ، ئەلۋەتتە ، بىھۇدە ئەمەس . كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام ، مەن ئادالەتكە كۆيۈپ يۈرگىلى خېلى بولدى ، توغرىراقى ، ئالىي مەكتەپكە كەلگەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇنى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ يۈرىۋاتىمەن . لېكىن مەن جۈرئەت قىلالمىدىممۇ ، ئەيتاۋۇر ، ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈپ باققان بەندە ئەمەسمەن . لېكىن ئۇنى ئۈن ـ تىنسىز سۆيۈپ كېلىۋاتىمەن .
    جامالدىن بايىقى گەپنى ئاڭلاپ تازا ئىشەنمىگەن بولساممۇ ، لېكىن يەنىلا شۈبھىلىنىپ قېلىۋاتاتتىم . سىرتنىڭ سوغىقى بارا ـ بارا كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى ، ئەتراپ ئاپئاق تۇمانلار ئارىسىدا گۇڭگا كۆرۈنمەكتە ، خىياللىرىممۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ خرەلەشمەكتە ئىدى :
    « ئاھ ئادالەت ! سەن شۇنداقمۇ قىلغانسەنمۇ ؟ مېنىڭ پەقەتلا ئىشەنگىم كەلمەيدۇ . سەن ئادەم تېپىلمىغاندەك ئاشۇ لەڭپۇڭدەك لىغىرلاپ ، سۇيۇقئاشتەك ئېقىپ ، ئوماچتەك چاچراپ يۈرىدىغان راخماننى تاپقانسەنمۇ ؟ ... ھەي ي ! بۇنى ئەمدى كىمدىنمۇ كۆرىمەن ؟! يەنە شۇ ئۆزۈمنىڭ جۈرئەتسىزلىكىدىن كۆرمەي نى ئىلاج ؟! بوپتۇ ، < كۆڭۈل دېگەن پادىشاھ ، كۆيۈپ قالسا تارتىشا > دەپ ، كۆڭۈل چۈشسە نېمە ئامال !؟ قىزلار ساراڭ ئەمەستۇر ، كۆڭلى چۈشمىسە ، بىكاردىن بىكار مۇھەببەتلەشكىلى ! بەلكىم مۇھەببەت شۇنداق بولسا كېرەك !؟ يا بولمىسا قىزلار < ئومۇچۇم قويۇق بولسا ، سۆيگىنىم سۇيۇق بولسا > دەپ ئويلامدىغاندۇر !؟ ... ئاھ ! »
    خىياللىرىم بارا ـ بارا چىگىشلەشمەكتە ئىدى . بېشىممۇ زىڭىلداپ ئاغرىماقتا ئىدى . ناۋادا تېلىفونۇم سايراپ كەتمىگەن بولسا ، بۇ سوغۇقتا مۇزلاپ قالغۇچە تۇرارمىدىمكىن تاڭ !؟
    تېلىفونۇمنى ئالدىمدە ، خوشياقمىغاندەك سۆزلەشكە باشلىدىم :
    ــ ۋەي ! ... كىم ؟... ۋاي كىم بولسىڭىز ئىسمىڭىزنى دەڭا بىر ، ئادەمنى تىكوغا سالماي ! ... كىم ؟... ھە بىلدىم ... ـــ تېلىفون رازىيەدىن كەلگەن ئىدى ، بايا تېلىفوننى ئالغىنىمدا دىققەت قىلمىغانىكەنمەن ــــ نېمە ئىشىڭىز بارئىدى ؟ ... ھە ؟! كۆرۈشەيلى ؟! ... ھازىرلىما ؟... ۋاي ماقۇل ، ماقۇل !
    تېلىفوننى قويۇپ بىرھازا تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم . راستىمنى ئېيتسام ، رازىيە بىلەن بىر سىنىپتا بولساممۇ ، نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇم كەلمەيتتى ، لېكىن ئۇ دائىم ماڭىلا تېلىفون قىلاتتى . ھېلىلا ئۇنىڭ تېلىفونىنى ئېلىپ ئەنسىرەپ قالدىم . ئۇنىڭ تېلىفوندىكى تىترەڭگۈ ، زەئىپ ئاۋازىنى مېنى ئاز ـ تولا ئەنسىرىتىپمۇ قويغانىدى . مەن ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ ، ئاخىرى نېمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىش قارارىغا كەلدىمدە ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان جايغا ــــ ماكتىپىمىزدىكى كۆل بويىغا قاراپ يول ئالدىم ... ...
    X                 X                       X
     ـــ بۇ گەپلىرىمنىڭ ھەممىسى راست ، سۇبات ـــ دېدى رازىيە ياش يالتىراپ قالغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ ـــ مەن سىزگە چاقچاق قىلمىدىم ! سىزنى ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقىنىمغا توپتوغرا بىر يىل بولدى . سىزنى ئىزچىل ھالدا چىن دىلىمدىن سۆيۈپ كېلىۋاتىمەن ، سۇبات . بىلىپ تۇرىمەن ، بۇنداق قىلىش ، بولۇپمۇ بىر قىزبالىنىڭ بىر ئوغۇل بالىغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى ئەقەللىي قائىدىگە مۇخالىپ ئىش ، لېكىن ھەر كىشىنىڭ ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەش ھوقوقى بولىدىغۇ !؟
    ـــ ماڭا قاراڭ رازىيە ! ـــ دېدىم مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياندۇرۇش مەقسىتىدە ـــ كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن . بىراق مۇھەببەت دېگەن زورلاپ تاڭىدىغان ۋەياكى ئىچ ئاغرىتىدىغان نەرسە ئەمەس . كۆڭۈل چۈشمىسە بەرىبىر بىكار ! راستىنى دېسەم ، مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئادىمىم باشقا . سىز ئەڭ ياخشىسى مېنى كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ ! سىزگە مەندىنمۇ ياخشى ئوغۇل بالا ئۇچرايدۇ .
    مەن پېشىمنى قېقىپ كەتمەكچى بولدۇميۇ ، كۆزۈم رازىيەنىڭ لىققىدە ياشقا تولغان كۆزى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ لەسسىدە بولۇپ قالدىم .
    ـــ ئۇنداق قىلماڭ ، سۇبات ! ـــ رازىيە چىدىيالماي « پاڭڭىدە » يىغلىۋەتتى ـــ مېنى مۇنداقلا رەت قىلىۋەتمەڭ ! ھېچ بولمىغاندىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭ !
    ــ مۇنداق ساراڭلىق قىلماڭ ! بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىززىتىنى تۆكىۋالىسىز . جاھاندا ئوغۇل بالىلار دېگەن كۈرمىڭغۇ !؟ مەندىنمۇ ياخشىسى ئۇچرايدۇ سىزگە !
    مەن لېۋىمنى چىشلەپ كېتىپ قالدىم . لېكىن كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇپتۇ ، رازىيە ئازاپ ئىچىدە ئۆرتىنىپ قالغانىدى ...
    ... ... ...
    كېچە . ئەتراپ قاپقاراڭغۇ . ياتاقداشلىرىم تاتلىق ئۇيقۇدا . مەن بولسام پەقەتلا ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم . ئىچىم مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولماقتا . مېنى ئادالەتنىڭ ئىشىق ئوتى ھەم رازىيەنىڭ گەپ ـ سۆزلىرى قىينىماقتا ئىدى . خىيالىم تولاراق رازىيە ئۈستىدە بولاتتى . تۇرۇپلا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالدىم ، كۆڭلۈم ئۇنى ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ قويارمۇ ، دېگەن ئەندىشىدە ئىدى . ئىچىم بىئارام بولماقتا ئىدى ، كەيپىياتىمنى تەڭشەش ئۈچۈن ، تاماكىدىن بىرتالنى لېۋىمگە قىستۇردۇم ۋە چاقماق چاقتىم . قېرىشقاندەك چاقمىقىم يامناي قويدى . ئەنسىزلىك ئىچىدە تېلىفوننى ئالدىمدە ، رازىيەگە تېلىفون قىلماقچى بولۇپ توختاپ قالدىم . تۈن تاڭغا ئۇلىشىپ قالغانىدى . ئىچىمدە خۇداغا ئۈنسىز نىدا قىلدىم :
    « ئاھ ، ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللا ! ئۇنى ئەخمىقانە خىياللاردىن مۇستەسنا قىلغايسەن ! »
        ئەنە شۇنداق ئۈنسىز نىدالار ئىچىدە كۆزۈمنىڭ قاچانلاردىن ئۇيقىغا ئىلىشىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالغانىدىم ... ...
    ... ...
    سىنىپ ئىچى جىمجىت ئىدى . مۇئەللىم ئىجتىھاد بىلەن دەرس سۆزلىمەكتە . ئەنە ! ئالدىمدىكى پارتىدا ئادالەتنىڭ نازۇك گەۋدىسى . ھالبۇكى ئۇنىڭ يېنىدىكى پارتا ـــــ رازىيەنىڭ ئورنى بوش ئىدى . مەن شۇ دەقىقىدە ئەنسىرەپ قالغانىدىم ، چۈنكى قىزلار تولىمۇ ھېسياتچان ، مۇھەببەتكە ئىنتىلىشچان كېلىدۇ ، ئۇلارنىڭ قەلب تارىسى تولىمۇ نازۇك ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئازراقلا تېگىپ كەتتىڭمۇ ، بولدى ، قىزلارنىڭ كۆڭۈل تارىسىنىڭ سايرىغىنى ، ئازاپلىق جىرىڭلىغىنى شۇ ئىدى . ئاھ ، مۇھەببەت ! سەن كىشىلەرنى نېمە كويلارغا سالمىدىڭ ـ ھە ! ئەينى ۋاقىتتا تاھىر ـ زۆھرە ، فەرھاد ـ شېرىنلار سېنىڭ ئۈچۈن ئۆز جېنىنىمۇ قۇربان قىلغان ، ھاياتىنى تەرك ئەتكەن ئەمەسمىدى !؟ ئاھ ، مۇھەببەت ! سەن قانچىلىغان يىگىتلەرنى ئاشىق قىلمىدىڭ !؟ قانچىلىغان قىزلارنى مەجنۇن كەبى يىغلاتمىدىڭ ـ ھە !؟ مانا بۇ سەن ! مانا بۇ سېنىڭ ھىجرانلىرىڭ !...
    مەن ئەنسىرەش ئىچىدە ئادالەتكە ئىككىلىك خەت يېزىپ ئەۋەتتىم ، مەقسىتىم شۇ باھانىدا رازىيە توغۇرلۇق « ئاخبارات » ئىگىلەش ئىدى . ھايالشىمايلا ئادالەتتىن جاۋاپ كەلدى .
    « ساۋاقدىشىم سۇبات ، ئەنسىرىمەڭ ، ئاخشام رازىيە توساتتىنلا قىزىتىپ كېتىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىققانىدۇق . دوختۇر بىر نەچچە كۈن ئارام ئالسا ئوبدان بولۇپ كېتىدۇ ، دەيدۇ »
    ئۇھ !
    خەتنى ئوقۇپ خاتىرجەم بولدۇم ۋە ئادالەتگە يەنە باغاقچە يازدىم . ھايالشىمايلا يەنە جاۋاپ تاپشۇرىۋالدىم .
    « كەچۈرۈڭ سۇبات . چۈشتە باشقا بىرى بىلەن دېيىشىپ قويغانىدىم ، كېيىچە بىر گەپ بولار ! »
      خەتنى تاپشۇرىۋېلىپ لاسسىدە بولۇپ قالدىمدە ، قەغەزنى يىرتىپ تاشلىۋەتتىم .
    زېرىكىشلىك ھەم ئۇزۇنغا سوزۇلغان دەرسمۇ ئاياقلاشتى . ھەممەيلەن كىتاپ ـ ماتىرىياللىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئاشخانىغا قاراپ يۈگۈرۈشمەكتە ئىدى . مەنمۇ كىتاپلىرىمنى يىغۇشتۇرۇپ ، قىپقىزىل مامۇق چاپىنىغا مەھكەم ئورىنىپ ، ئىتتىك كېتىپ بارغان ئادالەتكە يېتىشىۋالدىم .
    ــ ئادالەت ! ـــ دېدىم مەن ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە ـــ راستىنلا باشقىلار بىلەن دېيىشىپ قويغانمىدىڭىز ؟
    ــ ھەئە ! ـــ دېدى ئۇ قىسقىلا قىلىپ .
    مەن ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدىم . چۈنكى ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ئورنىمۇ قالمىغانىدى . ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى ، مەن ھېچبىر نىشانسىز ماڭماقتا ئىدىم .
    كۈنلەر بىر ـ بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە . مەن ئاخىرى ئادالەت بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم . ئۇ مېنىڭ كۈندە چاقىرىشىمدىن زېرىكتىمۇ ، ئەيتاۋۇر ، ئاخىرى ماقۇل بولدى ، يەنە كېلىپ بۈگۈن كەچ سائەت سەككىزدە !
    ئاھ ، ۋاقىت ! مەن بىلەن قېيىشماي ئىتتىكرەك ماڭغىن ، سېنىڭ ئۆز قارارىڭنى تېپىشىڭغا مۇھتاجمەن !
    سەككىز ! سائەت سەككىز بولغانىدى ، مەن ئادالەت بىلەن ئاخىرى ئايرىم كۆرۈشكەنىدىم ...
     ـــ ئادالەت ! دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست . سىزنى راستىنلا سۆيىمەن ! سىزنى ...
    ــ بولدى قىلىڭ سۇبات ! ـــ دېدى ئادالەت گېپىمنى بۆلۈپ ـــ كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم ، لېكىن سىزمۇ مېنى چۈشىنىڭ ! مېنىڭ يۈرگەن يىگىتىم بار . ئەڭ ياخشىسى سىز بۇ گەپلەرنى دېمىگەن بولۇڭ ، بىز بۇرۇنقىدەك ياخشى ساۋاقداش ، سىرداش دوستلاردىن بولۇپ ئۆتەيلى !
    ئادالەت كېتىپ قالدى ، مەن بولسام ئويلىنىش ، تەلمۈرۈش ، ھىجران ئوتىدا كۆيۈش ۋە ئاللىقانداق ھېسلار ئىلكىدە قالغانىدىم . تۇرۇپلا رازىيەنى ئويلاپ قالدىم . ئۇ ئەينى چاغدا قانچە ئازاپلانغان بولغىيتى ـ ھە !؟ شۇ دەقىقىدە ، سوغۇق ئەدىمەكتە ئىدى ، قۇرۇپ قالغان غازاڭلار ئاللىقانداق ئاھاڭدا ئاستا شىۋىرلايتتى .
    مۇھەببەت ـــ بەخىتنىڭ قەدەم تىۋىشى ،
    يۈرەكنى ـــ يۈرەككە چاتقان چىغىر يول .
    مـــــۇھەببەت ـــ دوزاقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ،
    قـىلىچنىڭ بىسىدا ئېچىلغان بىر گۈل !
     ئاھ ! نېمىدىگەن ھېسياتقا باي قۇرلار بۇ ! مۇھەببەت ھەقىقەتەنمۇ ئازاپ ، ھىجران ۋە ۋىسالغا تويۇنغان ئۇلۇغۋار ھېسيات !
    مەن ئويلاندىم . ئويلانغاندىمۇ يۈرىكىمنى دەڭسەپ تۇرۇپ ئويلاندىم ، ئەمدى مەن غەپلەتتە ياتماسلىقىم كېرەك ، مەن « مېنى سۆيگەننىڭ گۈلى » بولىشىم كېرەك ! مەن ھوشۇمنى يىغمىسام ، ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قېلىشىم ئېنىق ئىدى . شۇڭا مەن تېلىفونۇمنى ئالدىمدە ، رازىيەنىڭ تېلىفون نومۇرىنى باستىم . ئۇنىڭ زەئىپ ، ئەمما ئوماق ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، چېھرىمگە كۈلكە قوندى ... ...
    X                 X                       X
     رازىيە بىلەن يۈرىۋاتقىنىمغا ھەش ـ پەش دېگۈچە ئىككى ئايدىن ئاچتى . بىز بىر ـ بىرىمىزگە ئىنتايىن ئامراق ئىدۇق ، بىرگە تاماق يەپ ، بىرگە تەكرار قىلاتتۇق . ئىشقىلىپ بىز ئىنتايىن ئىجىل ـ ئىناق ئۆتىۋاتاتتۇق . مەن ئادالەتكە بولغان سۆيگۈمنى يۈرىكىمنىڭ پىنھان جايلىرىغا دەپنە قىلىپ ئۈلگۈرگەنىدىم .
    يــۈرىكىمنى كۆمىۋەتتىم پىنھانغا ،
    پىنھانلارغا كۆمىۋەتتىم قوش قوللاپ .
    ۋاپـــا بىلەن توشقۇزدۇم مەن يۈرەكنى ،
    ۋاپــــادارىم ، نىگارىمنى كۆپ ئويلاپ !
    ئىشقىلىپ ئىككىمىزنىڭ كۈنلىرى ئىنتايىن خۇشھال ـ خورام ئىدى . لېكىن شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئادالەتنىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرىۋالدىم . خەت تولىمۇ ھەسرەتلىك يېزىلغانىدى :
    « قەدىرلىك سۇبات
    مەن مۇشۇ تاپتا قان يىغلاپ بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . راستىنى ئېيتسام ، مەن راخمان بىلەن ئايرىلىپ كەتتىم . توغرىسى ، ئۇ مېنى تاشلىۋەتتى ، خۇددى كېرەكسىز نەرسىنى ئىككىلەنمەيلا تاشلىغاندەك تاشلىۋەتتى . مەن نېمە گۇناھىم ئۈچۈن مۇشۇنداق ئازاپلارغا دۇچار بولىمەن ؟ ئۇنىڭغا ئەقىدە قىلغىنىم ، ئۇنى چىن دىلىمدىن سۆيگىنىم ئۈچۈنمۇ ؟ ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن ؟ قانداق قىلىشىم كېرەك !؟
    بىتەلەي     ئادالەت »
      خەتنى ئوقۇپ ئويلىنىپ قالدىم ، كونا دەردلىرىممۇ قوزغىلىپ قالغانىدى ، لېكىن ئۆزۈمنى كونتىرول قىلمىسام بولمايدۇ . چۈنكى يېنىمدا مېنى سۆيىدىغان ، ماڭا چىن ئەقىدە قىلغان ۋاپادارىم رازىيە بار . مەن دوستلۇق يۈزىسىدىن ئادالەتكە جاۋاپ خەت يازدىم :
    « دوستۇم ئادالەت
    خېتىڭىزنى تاپشۇرىۋېلىپ مەنمۇ ئەپسۇسلاندىم . دۇنيادىكى ئىشلار بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ . ھايات مۇساپىسى ئۆزىنىڭ ئەگرى ـ توقايلىقى بىلەن بىزنى سىنايدۇ . سىز خېتىڭىزدە راخماندىن ئايرىلىپ ، كۆپ ئازاپلانغانلىقىڭىزنى يېزىپسىز . مەن سىزگە دوستلۇق سالاھىتىم بىلەن شۇنداق نەسھەت قىلماقچىمەنكى ، سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپلانماڭ ! ئۇنداق كىشىلەر سىزنىڭ قايغۇرىشىڭىزغا ، ئازاپلىنىپ ياش تۆكىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ ! چۈنكى ئۇلار دۇنيا تەرىپىدىن رەت قىلىنغان كىشىلەر ! ... سىزگە ئاخىرقى تەكلىپىم شۇكى ، سىز يىقىلغان جايىڭىزدىن دەس تۇرڭ ـ دە ، قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ مەغرۇر ياشاڭ ! ھايات ، بەخىت سىزگە ۋە بىزگە مەڭگۈ قۇچاق ئاچىدۇ !
    دوستىڭىز     سۇبات »
      خەتنى يېزىپ بولۇپ ، كونۋېرتقا سالدىمدە ، ئاستا پىچىرلىدىم : « سىز مەغرۇر ياشاڭ ! ھايات ۋە بەخىت ھەممىمىزگە قۇچاق ئاچىدۇ ! »
    قۇياش ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇرىنى سېخىلىق بىلەن كەڭ كائىناتقا چاچماقتا ئىدى ... ..