• دادامنى كەچۈرمەيمەن - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    دادامنى كەچۈرمەيمەن

     

     

    ئەكبەر جاپپار دەردى 

     


    رەھمەتلىك چوڭ ئانامنىڭ دەپ بىرىشىچە ، ئانام مەن بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئىچىپ  بىر سائەتتىن كېيىن  ھۇشىغا كىلىپ   دوختۇرلاردىن ، « بالام  ئوغۇلمۇ ، قىزمۇ ؟ » دەپسوراپ ،ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن  جاۋاب چىقىپ بولغۇچە ، 23يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىپتىكەن . مېنى 70ياشلاردىن ئاشقان  چوڭ ئانام   دوختۇرخانىدىن  ئەچىقىپ ،  تاغامنىڭ   يارىدىمى   بىلەن  بىر   بالىسى  بار  ئەچىكە  سېتىۋېلىپ ، شۇنىڭ سۈتى بىلەن    بېقىپ چوڭ قىپتىكەن. دادام  يانچۇقىغا پۇل كىرسىلا قىمار ئوينىمىسا  ئۇيقىسى كەلمەيدىغان  ئادەم بولۇپ ،  ئانام  قازا قىلىپ  بەش ئايدىن كېيىن ،  قىمار ئويناپ ئۆي ۋە باشقا بىساتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئۇتتۇرۋىتىپ ، قوشنا يېزىدىكى ئۈچ بالىسى بىلەن تۇل قالغان بىر ئايال بىلەن توي قىلىپ ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كىتىپتىكەن . ئەقىلمگە كەلسەم چوڭ ئانامنىڭ تاملىرى زەيلىشىپ كەتكەن ، ھۇيلا تېمىى يوق ئىككى ئېغىزلىق كونا  ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە   تۇمۇش كەچۈردىكەنمەن . 
    1998 – يىلى ، يەنى مەن 6ياشقا كىرگەندە چوڭ ئانام   قازا قىلدى . ئۇنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن تاغام ( ئانامنىڭ ئاكىسى ) مېنى ئۆيىگە ئەكىلىۋالدى ۋە مەن بىلەن تەڭ ياشلىق ئوغلى بىلەن كەنىتنىڭ باشلانغۇچ مەكتىۋىگە ئاپىرىپ بەردى . بىرىنجى سىنىپنى پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا ، بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كەلسەم ، بىشىغا ئاق شاپاق دوپپىنىڭ بۇرجىكىنى قىستۇرۇپ كېيىۋالغان ، شاپ بۇرۇت بىر ئادەم تاغام بىلەن پاراڭلىشىپ  ئولتۇرۇپتۇ . ئۇ ئادەم مېنىڭ باش ئايىغىمغا   قاراپ  ، كىلە بالا   مەن سېنى ئېلىپ كەتكىنى كەلدىم ، -دېدى . مەن تاغامنىڭ سۈپەتلەپ بەرگىنى ۋە ئۇ  ئادەمنىڭ  مېنى « بالام » دېگىنىدىن  دادام ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولساممۇ ، نېمىشقىكى ئۇنىڭ يىنىغا   بارغۇم كەلمىدى . تاغام مېنىڭ  ئۇنىڭدىن قىچىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ .
    ـــــ بالام ئۇ سېنىڭ داداڭ ، نەچچە يىلدىن بىرى پۇل تاپىمەن دەپ  ياقا يۇرۇتلاردا  يۈرۈپ ئەمدى قايتىپ  كەپتۇ ، سېنى ئېلىپ كەتكىنى كەپتۇ  ، مەن بالىچىلاپ بېقىۋالاي دېسەم ، ئۆزەمنىڭ بالىسىنى ئۆزەم باقىمەن ، ئاپىرىپ مەھەللىدىكى  مەكتەپتە ئوقىتىمەن دەپ ئۇنمايۋاتىدۇ ، قانداق قىلىسەن ، -دېدى . دادام بىلەن بىرگە كەتكىم بولمىسىمۇ  ئۇ    بېشىمنى سىلاپ :
    ــــ بالام  سەن تۇغۇلغاندىن بىرى قارىيالمىدىم  ،  ماقۇل دەپ مەن بىلەن كەتكىن ، ئۆيدە ئىككى ئاكاڭ بىر ئاچاڭ بار   ، ئۇلار بىلەن بىللە مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيسەن ، ئۆگەي ئاناڭمۇ ئەسكى  ئايال ئەمەس ساڭا ئوبدان قارايدۇ ، دېسە ماقۇل دەپ  ئۇنىڭ بىلەن بىرگە   كىتىپتىمەن .    دادامنىڭ ئۆيىگە بارسام مەندىن 10ياشلار چوڭ بىر ئوغۇل ، تۆت ياش چوڭ بىر قىز  ئىككى ياش چوڭ بىر ئوغۇل بالا بار ئىكەن ، دادام ئۇلارنى ئۆگەي ئاناڭنىڭ  بالىلىرى   دەپ تونۇشتۇردى . ئۆگەي ئانام قانداقراق ئايالدۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ تۇرسام ئۆينىڭ ئىچىدىن قارامتۇل ، چاچلىرىنى ئاز تولا بۇدىرە قىلىۋالغان ، ئۆزىنىڭ سەتلىكىگەباقماي گىرىمنى بولىشىغا قىلغان 30نەچچە ياشلاردىكى بىر ئايال  چىقىپ باش ئايىغىمغا بىر قارىۋېتىپ چىرايىنىمۇ ئاچماي  :
    ــــ ھە بالىڭىز Y مۇشىمىكەن ، -دېدى . مەن ئۇنىڭ تەلەتىنى كۆرۈپ دەسلەپتە سەل قورقىغان بولساممۇ ، دادام بولغاندىكىن نېمىدىن قورتاتتىم دېگەنلەرنى ئويلاپ خاتىرجەم  تۇرىۋەردىم  . ئەتىسى دادام ئۆگەي ئانام بىلەم مېنى بازارغائاپىرىپ بىر قۇر يېڭى  كېيىم ئېلىپ بەردى . مەن  كېىيمنى كېيىپ قەۋەتلە خوش بولۇپ كەتتىم . ئۆگەي چوڭ ئاكام باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ  مەكتەپتىن چىقىۋالغان بولۇپ  بىكار  يۈرىدىكەن .  ئۆگەي ئاچام بىلەن ئاكام  مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن . دادامنىڭ قېشىغا يېنىپ كىلىپ بىر ھەپتىگىچە  يا دادام ، يا ئۆگەي ئانام مەكتەپكە بار دېگەن گەپنى قىلمىدى . بىر كۈنى دادامغا :
    ــــ دادا ، مەنمۇ مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇي ،  دېسەم ئۇ بىردىنلا ئاچچىغلاپ  :
    ــــ ئوقۇپ نېمە قىلاتتىڭ  ، ئاكاڭمۇ نەچچە يىل ئوقۇپ بىكار يۈرمەمدۇ ، تولا گەپنى قىلماي ، ئەتىدىن باشلاپ مەن بىلەن سوۋ خونىڭ جاڭگىلىغا  بىرىپ ،مەن ئوتان تەرگىنى  كەتكەندە   ئىشەككە  قاراپ بىرىسەن ، دېدى .  شۇنداق قىلىپ ئەتىسىدىن باشلاپ ھەر كۈنى تاڭ سۈزۈلمەستە  دادام بىلەن   ئىشەك ھارۋۇسى  قېتىپ ،  سوۋخونىڭ جاڭگالدىن ئۆتۈن ئەكىلىپ يېزا بازىرىدا  ساتتۇق . شۇ چاغلاردا  دادام ھەر كۈنى ئوتۇننى سېتىپ بولۇپلا ھارۋۇنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويۇپ  نەگىدۇر كىتىپ    يېرىم كىچىلەردە  ،   گاھىدا خۇشال ، گاھىدا خاپا ئۆيگە  كىلەتتى  .  ئۆگەي ئانامنىڭ ھەر خىل تاپا – تەنىسى ، ئۆز باللىرىغا بىر خىل ماڭا بىر خىل  قىلغان مۇئامىللىرىگە چىداپ ، ئۆگەيلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ بىر يىلدەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۇم ، ئارلىقتا  ئۇ ئۆيدە تۇرغۇم كەلمەي تاغامنىڭ ئۆيىگە نەچچە قېتىم قېچىپ بىرىۋالسام دادام  بىرىپ ئۇرۇپ ياندۇرۇپ كەلدى .  مەن  سەككىز ياشتىن  ئاشقاندا بىر كۈنى ئىشەككە ئوت سېلىپ بىرىپ ئۆيگە كىرسەم  ، ئۆگەي ئانام  ئاخشام ساندۇققا   1500 يۈەن سېلىپ قويغان ئىدىم يوق تۇرىدۇ سەن ئالدىڭمۇ دېدى ،  مەن پۇلنى ئالمىغاندكىن  ياق ئالمىدىم دېسەم ، سەن ئالمىساڭ نەگە كىتىدۇ دەپ   سەت گەپلەر بىلەن  تىللاپ تۇراتىتى دادام ئۆيگە  كىرىپ ،پۇلنى سەن ئالمىساڭ كىم ئالىدۇ  ؟ پۇل قېنى  ؟ ئۇ پۇل مەن بۈگۈن قىمار ئوينايدىغان پۇل ئىدى دىدى ، مەن ئوغۇرلىمىدىم ، دېگىنىمگە قۇلاق سالماي ، پۇلنى نەگە تېقىپ قويدۇق دەپ، ئۆگەي ئانام بىلەن بىرلىشىپ تانا بىلەن قولۇمنى باغلاپ ئۆينىڭ  تورۇسىغا ئېسىپ چىۋىق بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى  ، تاياققا چىدىماي يىغلاپ راست گەپنى قىلىپ مەن ئالمىدىم دېسەم ئىشەنمەي  ، بەدەنلىرىم غۇررەك غۇررەك ئىششىپ  كەتكۈچە ئۇرۇپ ، ئېسىپ قويغان يەردىن چۈشۈرۈپ قولۇمنىمۇ يەشمەي ، پۇلنى تېقىپ قويغان يەرنى دەپ بەرمىسەڭ  ئۇرۇپ ئۆلتۇرىۋىتىمىز  دەپ ئۆيگە سولاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . ( كېيىن ئۇقسام ئۇ پۇلنى چوڭ ئۆگەي ئاكام ئوغۇرلاپ كەيپى ساپا بىلەن تۈگۈتىپتىكەن  )  . دادام ئەتە يەنە ئۇرمىسۇن دېگەنلەرنى ئويلاپ ، ئۆيدىكىلەر ئۇخلاپ قالغاندا قولۇمنى يېشىپ ، كېچىدە ئۇدۇل قوشنا يېزىدىكى دادامنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ بىرىپ   بولغان ئەھۋالنى ئۇنىڭغا  دېسەم  ، ئۇ ياشلىرىمنى سۈرتۈپ  ،  ئەگەر ئۆز ئاناڭ بولغان بولسا بۇ كۈنلەرنىمۇ كۆرمەس ئىدىڭ بالام دەپ  بەدەنلىرىمگە دورا سۈرتۈپ ، بولدى ئەمدى ئۇ ئۆيگە بارماي  مۇشۇ يەردە تۇرغىن  دېدى . ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىككى كۈن سىرىتقىمۇ چىقماي يېتىپ ،  ئۈچۈنجى كۈنى  بەدەنلىرىمنىڭ ئاغرىقى بىر ئاز ياخشىلانغاندا سىرىتقا چىقسام ، دادام بىر موتوسكىلىت بىلەن كېلىۋىتىپتۇ  ، ئۇنى كۆرۈپ  قورقۇپ قېچىپ كەتسەم ئۇ   قوغلاپ   تۇتىۋېلىپ ، يەنە ئۇرۇپ ھاممامنىڭ توسقىنىغا ئۇنماي ئۆيگە ئاپىرىپ  پۇلنى نەگە تىقىپ قويدۇڭ دەپ ،قولۇمنى باغلاپ قويۇپ تورۇسقا ئېسىپ يەنە ئۇردى . مەن ئالمىدىم دەپ  تۇرىۋالسام پەقەت ئىشەنمەي كىچىچە تازا ئويلا ئەتە پۇلنىڭ نەدىلىكىنى دېمىسەڭ  يەنە تاياق يەيسەن قولۇڭنىمۇ يېشىۋەتمەيمەن  دېدى .    ئۆيدىكىلەر ئۇخلاپ قالغاندا يەنە  قېچىپ چىقىپ، كىچىچە يول مېڭىپ چوڭ ئاپامنىڭ مەھەلىسىگە بېرىپ ، تاغامنىڭ ئۆيىگە كىرەي دېگەنلەرنى ئويلىغان بولساممۇ  دادام كىلىپ تۇتىۋالمىسۇن  دەپ بىر كېچە چوڭ ئانامنىڭ قوشنىسىنىڭ يول بويىدىكى تونىرىنىڭ ئىچىدە يېتىپ تاڭ سۈزىلىشى بىلەن ،  مەھەلىنىڭ سىرتىدىكى  قوناقلىققا يوشۇرنىۋىلىپ   بىر كۈننى ئۆتكۈزدۈم. قورسىقىم ئىچىپ خام قوناقلارنى يەپ ئاخىرى بولماي مەھەلىنىڭ چىتىدىكى خۇمدانغا  بارسام ، 25 ياشلاردىكى بىر بالا  تەرەكتۇرغا  قىش  بېسىۋىتىپتىكەن،  يېغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا  ئەھۋالنى دېسەم ئۇ  ، دادامنى بىلىدىكەن ، داداڭ ئۆتۈپ كەتكەن   ئەسكى  ،  ئىتتىن تارتىپ مۈشۈككىچە قەرزى بار بىر  قىمارۋاز ، ئۇ پۇل ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدىغان ئادەم  ، بولدى  ئۆيۈڭگە   بارغىن بولمىسا  بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغىن  دەپ يەيدىغان نەرسىلەرنى بەردى.  كەچ بولغىچە  ئۇنىڭ بىلەن  قىش  ئاپپارغان  يەرلىرىگە بىرگە بېرىپ  كەچتە ئۆيىگە  بىرگە كەتتىم .  ئۆيىدە تاماق يەپ ئولتۇرساق  دادىسى كىرىپ ئەھۋالىمنى  ئۇقۇپ ، بۇ بالىنىڭ دادىسىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ،ئەگەر  بۇ بالا بۇ ئۆيدە تۇرسا  دادىسى   كىلىپ بىزنى بالامنى ئەپقىچىپسەن دەپ رەسۋا   قىلىشتىن يانمايدۇ ، ئەڭ ياخشىسى بۇ بالا بۇ ئۆيدە تۇرمىسۇن دېدى .ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىر كۈن قونۇپ ئەتىسى   قىش ئەككىرىدىغان بىر تەرەكتۇرغا ئولتۇرۇپ   ناھيىگە بېرىپ ، كەچ كىرگۈچە ھېلىقى ئۆيدىن ئېلىۋالغان ناننى يەپ تەمتىراپ يۈرۈپ ، قاراڭغۇ چۈشكەندە  بىكەتنىڭ ئالدىغا بارسام ،  بىكەتنىڭ دەرۋازىسىغا قارايدىغان ئادەم چىقىپ  ، نېمە قىلىدىغان بالا سەن دەپ سورىدى ، ئۇنىڭغا   ئەھۋالنى دېسەم ئۇ ئادەم ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ ، ئۇنداق بولسا مېنىڭ يېنىمدا تۇر دەپ يېنىدا ئېلىپ قالدى .كىچىلىرى دىجۇرنى خانىدىكى ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە يىتىپ ،  كۈندىزلىرى  دجۇرنىخانىنى تازلاپ ، يېزىلارغا ماڭىدىغان مىنىبوسلارغا خىرىدار توۋلاپ  بېرىپ شۇ يەردە جىنىمنى بىقىپ  6 ئايدەك تۇردۇم . بىر كۈنى   بىكەتنىڭ ئالدىدا تۇرسام دادام ئۇچراپ قالدى  ، ئۇنى كۆرۈپ يەنە ئۇرمىسۇن دەپ  قېچىپ كەتسەم ، ئارقامدىن قوغلاپ كىلىپ  تۇتىۋىلىپ ، بولدى ئەمدى ئۇرمايمەن  بالام ، مەن بىلەن ئۆيگە كەتكىن دەپ  ئۇنمىسام ، ئۇنماي مەجبۇرىي ئۆيگە ئېلىپ كەتتى . ئۆيگە كىلىپ پۇلنى ئالمىغان بولساڭ بوپتۇ ، ئەمدى باشقا يەرگە كەتمەي ئۆيدە تۇرى ، -دېدى .  ھەپتىدىن كېيىن ئۇ قىمار ئوينايدىغان  يېرىگە مېنى ئېلىپ بىرىپ باشقىلار كىلىپ قالسا خەۋەر قىلىسەن دەرۋازا ئالدىدا قاراۋۇللۇققا قويۇپ قويىدىغان    بولىۋالدى. گاھى ئاچ گاھى توق ، سوغۇق  – ئىسسىق دېمەي دادامنىڭ كەينىدە يۈرۈپ بىر يېرىم يىلدەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۈم   ، بۇ ئارلىقتا ئۇنىڭدىن  ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك  ھەر خىل باھانالار بىلەن  تاياق يەپ تۇردۇم .   2002 – يىلى 5 – ئايلارغۇ  دەيمەن ،   مەن   ئون ياشقا كىرگەن چاغدا بىر كۈنى دادام  يېزىمىز تەۋەسىدە بىرسىنىڭ ئۆيىدە   قىمار ئويناپ  ،  50 مىڭ يۈەنگە قارىز بولۇپ قاپتۇ ، دەرۋازا ئالدىدا  تۇرسا بىرسى داداڭ توۋلايدۇ دېدى ، ئۆيگە كىرسەم ئۇ مېنى دادام بىلەن پات – پات قىمار ئوينايدىغان T  دېگەن بىر ئادەمگە كۆرسىتىپ ، قانداق مانا مۇشۇ بالامنى قەرىزنىڭ  ئورنىغا بەرسەم بولامدۇ ، دەپ قولۇمنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى . مەن دادامدەك باغرى تاش ئادەمدىن قۇتۇلغىنىمغا ئىچىمدە خوش بولغان بولساممۇ ئۇ ئادەم مېنى نېمە قىلار دېگەنلەرنى ئويلاپ قورقۇپ كەتتىم . ئاخىرى بولدىلا   قورسىمىمغا يەيدىغان نەرسە  بەرسە ئاچ قالمىساملا بولدىغۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ  گەپمۇ قىلمىدىم . دادام مېنى ئۇ ئادەمگە بىرىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى .Tماڭا سەن بۈگۈندىن باشلاپ مېنىڭ بالام بولدۇڭ  ، مەن نېمە دېسەم ماقۇل  دەيسەن ،  دەپ  شۇ كۈنى كېچىدە  بىر ماشىنا بىلەن ناھىيىدىكى ئۆيىگە  ئېلىپ كەتتى . ئىككى كۈندەك ناھىيە بازىرىنى ئايلاندۈرۈپ كېيىم- كېچەك ياخشى تاماقلارنى ئېلىپ بېرىپ ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى . ئۈچۈنجى كۈنى ئۇ  ئايالى  بىلەن مېنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە  كەلدى   . T نىڭ ئۈرۈمچىدىمۇ ئۆيى بار ئىكەن ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئايدەك تۇردۇم  .بۇ جەرياندا ئۇ مېنى    ھەر كۈنى دېگۈدەك بازارغا ئاپىرىپ باغچىلارغا ئەكىرىپ ، يېڭى كېيىملەرنى ئېلىپ بىرىپ خۇددى ئۆز بالىسىدەك  ياخشى كۈتتى ، شۇ كۈنلەردە ئۆز دادامدىن كۆرمىگەن خولۇقلارنى باشقىلاردىن كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن دادامنى ئويلاپمۇ قويمىدۇم  . بىر كۈنى  ئاخشىمىT نىڭ ئۆيىگە  ناتونۇش بىر ئادەم  12 ياشلاردىكى بىر قىزبالا ، چوڭى 12 ياش ،  كىچىكى 8 ياشلاردىكى6 ئوغۇل بالىنى باشلاپ كەلدى  . T بىزنى بىر ئۆيگە سولاپ سىرتقا  چىقمايسىلەر مەن سىلەرنى ئىچكىرىگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كىلىمەن دېدى .  2002  – يىلنىڭ ئاخىرى T ھېلىقى ئادەم بىلەن  بىز 8 بالىنى  پويىز بىلەن  لەنجۇ دېگەن يەرگە  ئېلىپ كەلدى .  ئۇ يەردە   ھەممىمىز   بىر كۈن بىر مېھمان كۈتۈشتا قوندۇرۇپ ئەتىسى تاڭ ئاتماستا بىر مىنىبوس بىلەن بىر يەرگە ئاپپاردى .   T بىز 8 بالىنىM ئىسىملىك بىر ئادەمگە ئۆتكۈزۈپ بەردى .M نىڭ شەھەرنىڭ سىرتىدىرەك  ئىجارە ئالغان ئۆيىدە    ئون نەچچىدەك بىز بىلەن تەڭ  ياشلاردىكى  بالىلار بار ئىكەن ، ئۇ بالىلار بىلەن ھەپتىدەك بىرگە تۇردۇق ، نېمە بەرسە ، ئاز بەرسىمۇ . كۆپ بەرسىمۇ يېدۇق  . بىر كۈنىM ھەممىمىزنى بىر ئۆيگە يىغىپ  : مەن سىلەرنى سېتىۋالدىم ، ھازىردىن باشلاپ   مەن نېمە دېسەم شۇنى قىلىسىلەر بولمىسا    ئۇرۇپ ئۆلتۇرۋىتىمەن ، ئەگەر يۇرتۇمگە كىتىمەن دېسەڭلا ماڭا  100 مىڭ يۈەندىن پۇل تېپىپ بەرسەڭلا ئاندىن    يولغا سېلىپ  قويىمەن  ، پۇل تاپماي تۇرۇپ كىتىمەن دېسەڭلا نەندىن بولسا تۇتۇپ كىلىپ ئۆلتۈررپ توڭگۇزغا تاشلاپ بېرىمەن ياكى  تېرىك پىتى  كۆمىۋىتىمەن  ، سىلەرنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىڭلارنى بىرەر ئادەم  بىلمەيدۇ ، ئەگەر ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئائىلەڭلەرگە خەۋەر قىلساڭلار مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسىلە  ، بۇ شەھەردە  مەندىن  ئايرىلىپ قالساڭلا ئاچلىقتا ئۆلۈپ قالىسىلەر دەپ ، يېڭى كەلگەنلەرنى كونا بالىلاردىن كىشىلەرنىڭ سومكىسىدىكى ، يانچۇقىدىكى پۇللارنى قانداق ئوغۇرلاشنى  ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۈردى  . شۇنىڭ بىلەن  ئەپلاشتۇرەلمىسەك تاياقنى بولىشىغا يەپ   ئۆيدىن تالاغا چىقماي بىر سوتكىدا بىر نەچچە سائەتلا ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتتا يانچۇقچىلىق قىلىشنى ئۇگەندۇق  .  10 كۈندىن كېيىنM مەن بىلەن 15 بالىنى پويىزبىلەن شىنجىن دېگەن يەرگە ئەكىلىپ بىر ئۆينى ئىجارىگە ئىلىپ،    شۇ ئەتراپتىن بىر ئاشخانا ئىچىپ،   بىزنى   كۈندىزلىرى  ئاشخانىدا ئىشلىتىپ  كىچىلىرى   يەنە  يانچۇقچىلىق قىلىشنى ئۆگەتتى  . ئىككى  ئايدىن  كېيىن ئاشخانىسىدا ئىشلەتمەي بىزگىمۇ ھەر كۈنى بازارغا چىقىپ پۇل تىپىش ۋەزىپىسىنى بەردى . شۇنداق قىلىپ ئىككى ، ئۈچ بالا بىر بولۇپ بازارغا چىقىپ  M نىڭ باشقا چوماقچىلىرىنڭ پايلاپ مېڭىشى بىلەن باشقىلارنىڭ سومكىسىدىن ، يانچۇقىدىن ، نەرسىلەرنى ئوغۇرلاشقا باشلىدۇق . مەن ئەڭ دەسلەپتە پايلاقچىنىڭ  چاندۇرماي شەرەت قىلىشى بىلەن   بىر خەنزۇ قىزنىڭ سومكىسىغا ناھايىتى قورقۇنچىلىقتا قول سېلىپ ،ئاقتۇرسام قولۇمغا پورتىمالدەك بىر نەرسە ئۇرۇندى ، چاندۇرماي ئېلىپ ، ئارقامدا پايلاپ مېڭىۋاتقان پايلاقچى  بىلەن بىر ئوبورنىغا كىرىپ قارىساق   ، ئىچىدە ئىككى مىڭ يۈەن پۇل بار ئىكەن ، ئۇ پۇلنى ھلىقى  پايلاقچى  يانچۇقىغا سېلىپ ، مېنى      بىر ماشىنا بىلەن   ياتىدىغان ياتاققا ئېلىپ كەتتى  .كەچقۇرۇن      M  مېنى ماختاپ  سەن ھۈنەرنى ياخشى ئۈگىنىپسەن ، ئەتىدىن باشلاپ بازارغا چىقىپ  كۆپرەك پۇل ئوغۇرلىغىن   دېدى . ئەتىسى يەنە بازارغا چىقىپ بىر ئايالنىڭ سومكىسىنى ئاقتۇرسام بىر يانفۇن چىقىپتى ئۇنىمۇ  M   نىڭ پايلاقچىسىغا  بەردىم    . ئەتىسى يەنە بىر تورخانغا كىرىپ  توردا پاراڭلىشىۋاتقان بىر ئايالنىڭ سومكىسىدىن  800 يۈەندەك نەخ پۇل  ئوغۇرلاپ قايتىپ چىقتۇق . شۇنداق قىلىپ M نىڭ ئۆيىدە   بىر يىرىم   يىلدەك يەنى 12 ياشقا كىرگىچە تۇرۇپ ، 200 يۈز مىڭ يۈەندەك پۇل تىپىپ بەردىم . ئارلىقتا بىر ھەپتىدەك پۇل تاپالماي بىر كۈنى ياتاققا كىرسەم نېمىشقا پۇل تاپالمايسەن دەپ بەش تال تاياق   سۇنغىچە ئۇردى ،تاياقنىڭ زەربىسىدىن ئۈچ كۈندەك ئورنۇمدىن قوپالماي ياتتىم ،  تۆتىنچى كۈنى  ھىلىقى پايلاقچىنىڭ  نازارەت قىلىشى بىلەن   يەنە بازارغا  چىقىپ ،50 ياشلاردىكى  بىر  خەنزۇ ئەرنىڭ سومكىسىنى ئاقتۇرسام ئىچىدىن بىر پورتىمال چىقتى ، قارىسام 700 يۈەندەك ل پۇل بار ئىكەن  ، ئۇ پۇلنى يانچۇقۇمغا سېلىپ مېنى پايلاقچىنىڭ بىخۇتلىقىدىن پايدىلىنىپ  قىچىپ كىتىپ ، ئۈچ چاقلىق بىر موتىسىكىلىتنى كىرا قىلىپ پويىز ئىستانسىسىگە بېرىپ،  نەگە بېرىشىنى بىلمەيمەن بىر پويىزغا چىقىپ ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان بىر شەھەرگە كىلىپ قاپتىمەن. يېنىمدا پۇل بولغاندىكىن شۇنى خەجلەپ ئاخشاملىرى كۆرۈكنىڭ ئاستى ، تاشلاندۇق بىنالاردا يېتىپ ھەپتىدەك يۇردۇم . پۇلۇم تۈگەپ   كوچىلاردا لاغايلاپ يۇرۇپ  بىر ئاز پۇل تاپاي دېگەن نىيەت بىلەن بىر تاللا بازىرىدا   مال كۆرەۋاتقان  بىر ئايالنىڭ سومكىسىنى  ئاختۇرسام ، بىر پورتىمال چىقىپتى ، قاچاي دەپ تۇرسام  ئامانلىق ساقلىغۇچىلار تۇتىۋىلىپ ساقچىغا تاپشۇرۇپ بەردى .ساقچىلار مەمۇرىي توختىتىش ئورنىغا سولاپ قويدى . مېنى سولاپ قويغان كامىردا  30 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر  ئايال بار ئىكەن ، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ  غۇلجىدىن ئىكەنلىكىنى ، بۈگۈن ئۆزىنى  بورۇنغا ئېلىپ كىتىدىغان ئادەملەرىنىڭ كىلىدىغانلىقىنى ، ئەگەر ماقۇل دېسەم چىقىپلا مېنىمۇ بورۇنغا ئېلىپ چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى ، چىققاندىن كېيىن شىنجاڭغا بىرگە ئېلىپ كىتىپ ، يۇرتۇمغا يولغا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى دېدى . مەن ئۇنىڭ گىپىگە ماقۇل بولدۇم ، دېگەندەك  كەچقۇرۇن ھىلىقى ئايالنى بىر ئۇيغۇر  ئەر كىلىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى . ئەتىسى ئۇلار    كىلىپ ساقچىلار بىلەن كۆرشۇپ مېنىمۇ ئېلىپ چىقىپ كەتتى . ئۇلار بىلەن ئەتىسى سەندۇڭ دېگەن يەرگە  كەلدۇق . ئۇ ئايال بىلەن بىرگە كەلگەن ئەر ئۇنىڭ ئېرى ئىكەن ئۇلار  بىر مېھمان كۈتۈشتىن ياتاق ئالدى ، ياتاققا ئورۇنلىشىپ  بولۇپ  سېنى ساقچىغا نۇرغۇن پۇل تۆلەپ  ياندۇرۇپ چىقتۇق ، ئەتىدىن باشلاپ  بازارغا چىقىپ ئوغۇرلۇق قىلىپ پۇلىمىزنى تىپىپ بىرىسەن دېدى  ،   مەن ماقۇل دەپ ئەتىسى بازارغا چىقىپ پۇل تاپالماي ياقاققا كىرسەم  ئىرى  تاسما بىلەن نېمىشقا پۇل تاپالمايسەن دەپ بولىشىغا  ئۇردى . مەن ئۇنىڭغا ئەتە چوقۇم پۇل تاپىمەن دەپ يىلىنسام ئەتە نەدىن بولمىسا ئىككى مىڭ يۈەن تاپىسەن دېدى . ماقۇل دەپ ئەتىسى بازارغا چىقىپ يەنە پۇل تاپالماي ، ياتاققا كىرسەم ئۇرمىسۇن دەپ قورقۇپ شۇ ئەترەپتىكى بىرتۈڭگاننىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ،قورسىقىم ئاچ دېگەننى چالا – پۈلا ئۇقتۇرۇپ،  ئاشخانىسىنىڭ تازلىقىنى  قىلىپ بەرسەم  قورسىقىمغا تاماق بەردى . ئاخشىمى  شۇ ئەتراپتىكى يېڭى سېلىۋاتقان بىر بىنانىڭ ئىچىدە يىتىپ ، كۈندۈزلىرى    ئۇ تۇنگاننىڭ يېنىدا ئىشلەپ  يۈردۇم .  6 - كۈنى  ھېلىقى ئەر -خوتۇنلار چۈشكەن مېھمان كۈتۈشكەبارسام ئۇلار يوق ئىكەن ، يەنە ھېلىقى تۈنگاننىڭ  ئاشخانىسىغا كىلىپ ئىشلەپ بېرىپ   ئاخشىمى ھىلىقى يەردە  ياتتىم .بىر كۈنى  ئەتىگىنى  ئويغۇنۇپ   يول بويىغا چىقىپ تۇرسام   بىر سوڭخاجىياڭ ماشىنىدا تۆت ، بەشتەك ئۇيغۇر بالىلار كىلىپ ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ ماڭدى .ئۇلار مېنى بىر يەرگە ئاپىرىپ مۇنچىغا ئەككىرىپ يۇيۇندۇرۇپ سەن نەدىن دەپ سوراپتى دەپ بەرسەم،بۈگۈندىن باشلاپ  بىزنىڭ يىنىمىزدا تۇرۇپ ئوغۇرلۇق قىلىسەن ، بىز ياتاق ، تامىقىڭنى بىرىمىز دېدى ، ماقۇل دەپ ئۇلار ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە بىرگە يېتىپ ، ئەتىسىدىن باشلاپ بازارغا چىقىپ ئوغۇرلۇق قىلىپ  ئۇلارنىڭ يىنىدا 15 كۈندەك تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ سومكا ،  يانچۇقلىرىدىن    بەش مىڭ يۈەندەك پۇل ئوغۇرلاپ سېنىت ئېلىپ قالماي بەردىم .  ئىككى كۈن ئۇدا پۇل تاپالماپتىم ئۇلارمۇ نېمىشقا پۇل تاپالمەيسەن دەپ ئاخشىمى تاسما بىلەن  ئۇردى ، ئەتىسى بازارغا چىقىپ  مېنى پايلاپ ماڭغان بالىنىڭ ئوبىرنىغا كىرىپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتتىم .  ئۆزەممۇ  بىلمەيمەن شىنجىننىڭ ئەتراپىغۇ دەيمەنD   ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر  كاۋاپچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالىمنى  دېسەم ئۇ ئادەم ، سەنمۇ مۇساپىرى ئىكەنسەن مېنىڭ يېنىمدا تۇرغۇن بىر مەزگىلدىن كېيىن مەن سىزنى شىنجاڭغا ئەچىقىپ يۇرتۇڭغا يولغا سېلىپ قوياي دېدى . شۇنداق قىلىپ  D  نىڭ ئىشلىرىغا يارىدەملىشىپ بالىسىنى بېقىپ بېرىپ ئۆيىدە 4 ئايدەك تۇردۇم . بىر كۈنى كاۋاپخانىنىڭ ئۈستىدىكى ياتىدىغان   ئۆيدە تۇرسام، بىر ماشىنىدا بەش ئالتىدەك ئۇيغۇر بالىلار كىلىپ ،  D دىن ھېلىقى بالىنى بىزگە سېتىپ بېرىڭ نەچچە پۇل دېسىڭىز بىرەيلى دېدى ، كاۋاپچى ، ياق مەن ئۇ بالىنى شىنجاڭغا ئەچىقىپ قويىمەن دەپ ئۇنمىدى . ئاردىن تۆت كۈن ئۆتۈپ  M  نەگە كەتتى بىلمىدىم يوق  بولۇپ كەتتى ،ئايالىمۇ ئىزلەپ تاپالمىدى   .  10 كۈندىن كېيىن  ئۇنىڭ ئايالى بىلەن شىنجاڭغا  بىرگە چىقىپ كىتىدىغان بولۇپ  ئۇ  پويىزغا بىلەت ئالغىنى كېتىپتۇ، مەن كاۋاپخانا ئالدىدا ئۇنىڭ تۆت  ياشلىق ئوغلىنى بېقىپ تۇرسام  ، بىر كىچىك  ماشىنا  كىلىپ ئىچىدىن يەتتە ، سەككىزدەك ئۇيغۇرلار چۈشۈپ مېنى تۇتۇپ ماشىنىغا سولاپ ئېلىپ كەتتى ،  M  نىڭ بالىسى  شۇ يەردە  ئالدىدا  يىغلىغانچە  قالدى . ئۇلار مېنى  يەنە بىر شەھەرگە ئاپىرىپ  ئىجارىگە ئالغان ئۆيىگە ئېلىپ بىرىپ،  بىزگە 50 مىڭ يۈەن تىپىپ بەرسەڭ شىنجاڭغا ئاپىرىپ قويىمىز دىدى ،ياق دېسەم ئۇلار ئۇراتتى ،ماقۇل بولۇپ ئۇلارنىڭ يېنىدا  ئىككى ئايدەك تۇرۇپ، 23 مىڭ يۈەندەك پۇل تېپىپ بىرىپ، مېنى ئەمدى شىنجاڭغا ئەچىقىپ قويۇڭلار دېسەم،  ئۇنداق ئاسان ئىش يوق  سەن شۇمغا ئاران ئېرىشتۇق تولا گەپ قىلماي ئەتىدىن باشلاپ پۇلنى كۆپرەك ئوغۇرلا ئىپادەڭگە قارايمىز ، دېدى   . ھەپتىدىن كېيىن  بازارغا چىقىپ قېچىپ كىتەي دەپ پويىز ئىستانسىسىگە كەلسەم، مېنى شىنجاڭدىن ئېلىپ چىققان T ئۇچراپ قالدى،  ئۇنى كۆرۈپ  قېچىپ كەتسەم، شىرىكلىرى  بىلەن  قوغلىدى ، ئالتە قەۋەتلىك    بىر بىنانىڭ ئۆگىزىسىگە  چىقىپ مۈكىۋالسام  ،  ئارقامدىن قوغلاپ چىقىپ ،بىنانىڭ ئۈستىدە تۇتىۋىلىپ ئۇردى ، بولدى ئۇرماڭ نېمە دېسىڭىز ماقۇل دەي ، يېنىڭىزدىن ھېچ يەرگە بارماي دېسەم ، سەن شۇمنى مەن شېنجاڭدىن   ئەچىقىپ تەربىيىلىسەم، كۆزۈڭ ئېچىلىپ ئەمدى تۇتۇق بەرمەيدىغان بولىۋالدىڭغۇ دەپ  ئۇرىۋەردى ، قېچىپ يۈرۈپ  بىنانىڭ لىۋىگە كىلىپ قاپتىكەنمەن ،  T بىرنى تىپىپتى  بىنادىن يىقىلىپ چۈشتۈم . بىرچاغدا  ھۇشۇمغا كەلسەم بىر توپ ساقچىلار بېشىمدا تۇرىدا ، پۇت قوللۇرۇم ئېسىغلىق  ،بەدەنلىرىم ئاغرىپ بىر دوختۇرخانىدا يېىتپتىمەن . ئەسلى مەن بىنادىن يىقىلغاندا بىر ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كىتىپ ، ئوڭ پۇتۇپ يوتامدىن ،سول پۇتۇم تىزىمدىن ، ئىككى قولۇم جەينەكتىن  ۋە  ئىڭەك سۆڭكۈم  سۈنغان بولۇپ بىر تازلىقچىنىڭ ئىنكاس قىلىشى بىلەن، شۇ يەردىكى ساقچىلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن ئىكەن .شۇ يەردىكى  ساقچى ئىدارىسىنىڭ  پۇل چىقىرىشى بىلەن سۇنغان پۇت ۋە قوللۇرۇمغا گاڭبەن سېلىپ داۋالىدى. دوختۇرخانىدا 4ئايدەك يىتىپ،  ھاسىدا ماڭغۇدەك  بولدۇم ، ساقچىلار تېپىپ كەلگەن  بىر ئۇيغۇرنىڭ  تەرجىمە قىلىپ بىرىشى  بىلەن بولغان ئەھۋالنى  ئۇلارغا  دەپ بەردىم   . 5 ئايدىن كېيىن ساقچىلار مېنى گۇڭجۇدىكى بىر يىغىۋىلىش ئورنىغا ئەكىلىپ قويدى .ئۇ يەردە تۇرۇپ ساقچىلارنىڭ يارىدىمى بىلەن يۇرتۇمدىكى ساقچىخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ ،تاغام بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۇم ، تاغام  مېنىڭ ھايات ئىكەنلىكىمنى ئۇقۇپ ، گۇڭجۇغا چىققان بىر ئۇيغۇر  سودىگەر تونىشىنىڭ ئادرىسىنى دەپ بېرىپ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېنىپ چىققىن دەپتى ، يەنە باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماي دەپ ساقچىلارغا ،  مېنى سىلەر شىنجاڭغا ئەچىقىپ قويۇڭلار دېسەم ماقۇل دېدى .   يىغىۋېلىش ئورنىدا  ئالتە  ئاي  تۇردۇم .   14 ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا شۇ يەرگە يىغىۋالغان 80 دەك مەن ياشلىق ئۇيغۇر  باللىرى ۋە   ،30 دەك چوڭ ئادەمنى شۇ يەرنىڭ ساقچىلىرى پويىز بىلەن ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ،  بىر يىغىۋىلىش ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى . ئۈچ ئايدىن كېيىن ۋىلايىتىمىزنىڭ كادرىلىرى كىلىپ ، بىز بىر يەرلىك 30 دەك بالىنى  ئۆز  يۇرتىمىزغا  ئاپىرپ قويدى . ناھيىگە كەلگەن كۈنى    خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى ، مېنى دەپ بەرگىنىم بويىچە  مەھەلىگە ئېلىپ كەلدى . مەن تاغام ( ئانامنىڭ ئاكىسى ) نىڭ ئۆيىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ مۇشۇ ئۆي تاغامنىڭ ئۆيى  دېسەم،  ئۇلار ئۆيگە قاراپ  ئادەم يوق ئىكەن دەپ تۇراتتى،  تاغامنىڭ ئايالى نەدىندۇر كىلىپ قالدى ، مەن ئۇنىڭغا ئاچا مەن كەلدىم دېسەم ئۇ ماڭا  قاراپ گەپمۇ  قىلماي ئۆيى تەرپكە ماڭدى ، كادىرىلار   بۇ بالا سىلىنىڭ تۇققانلىرى  بولامدۇ دېسە بىردىنلا چالۋاقاپ ، مەن ئۇ بالىنى تونىمايمەن دېدى . شۇنىڭ بىلەن كادىرلار ئاچچىغلاپ مېنى يېزىغا  ئېلىپ كىتىپ ، يېزىلىق ساناتۇرىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيەردىكىلەرگە   ئۆيىدىن ئادەم كەلسە بىرڭلا دىدى ،ئەتىسى  كەچقۇرۇن تاغام ( ئانامنىڭ ئاكىسى )كىلىپ مېنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى . تاغامنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئايدەك تۇرسام  ئايالى ھەر كۈنى تىللاپ زادىلا پاتۇرمىدى . ئاخىرى ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ ، قوشنا مەھەللىدىكى بىر ئۈچ چاقلىق موتوسكىلىت  ھەيدەپ كىرا قىلىدىغان بالىغا يارىدەملىشىپ موتوسىنى سۈرتۈپ ، ئادەم سېلىپ بېرىپ  گاھىدا موتوسىنى ھەيدىشىپ  ، ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر يىلدەك تۇردۇم .ئارلىقتا نەچچە قېتىم ئانام ۋە چوڭ ئاناملارنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ ،  بولىشىغا يىغلاپ دەرتلىرىمنى ئۇلار ئاڭلىمىسىمۇ تۆكۈپ تۇردۇم .دادامنىڭ يېنىغا باراي دېسەم يەنە سېتىۋىتىشىدىن قورقتۇم ، ئۇمۇ مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ ئىزدەپمۇ كەلمىدى .    بىر يىلدىن كېيىن ھىلىقى بالا بىلەن كىلىشەلمەي ئۆز مەھەلەمدىكى خۇمدانغا كىلىپ شۇ يەرگە قىش ئالغىنى كەلگەن تەرەكتۇرچىلارغا يارىدەملىشىپ ، تەرەكتۈرىنى ھەيدىشىپ بېرىپ ئاخشاملىرى شۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە ، گاھىدا تەرەكتۈرلارنىڭ ئۈستىدە  يىتىپ قوپۇپ  بىر يىلدەك جىنمىنى باقتىم   . ئۇندىن كېيىن يېزىدىكى بىر سۇۋاركىچىنىڭ يىنىدا بىر يىلدەك تۇرۇپ ھۈنەر ئۆگەندىم ، بىر كۈنى ماشىنىغا تۆمۈر بېسىۋىتىپ پۇتۇمغا تۆمۈر چۈشۈپ كىتىپ، قاتتىق ئاغرىپ كەتتى ئۇستامنىڭ يارىدىمى بىلەن  تېڭىقچىغا پۇتۇمنى تاڭدۇرۇپ  ئۇستامنىڭ  ئۆيىدە 3 ئايدەك  ياتتىم  . بىر كۈنى ئۇنىڭ  بىر تۇققىنى  ئۆيگە كىلىپ مېنىڭ ياتقىنىمنى كۆرۈپ ،  بۇ بالىنىڭ دادىسى   ئۆتۈپ كەتكەن ئەسكى قىمارۋاز  ، ھامىنى بىر كۈنى كىلىپ سەندىن بالام ساڭا مانچە ۋاقىت ئىشلەپ بىرىپتۇ ،مانچە پۇل بىرىسەن دەپ رەسۋا قىلىدۇ ، بۇ بالىنى يىنىڭدا تۇرغۇزما دېدى . ئۇ ئۆيدىنمۇ يىنىپ چىقىپ نەگە بېرىشىمنى بىلەلمەي ناھىيىگە بىرىپ يەنە ھىلىقى بىكەتنىڭ دەرۋەزىسىغا قارايدىغان ئادەمنىڭ ئىشلىرىغا يارىدەملىشىپ 6 ئايدەك تۇردۇم . پۇت  - قولۇمدا گاڭبەن بولغاچقا تۈزۈكرەك ئىش قىلالماي بارا – بارا ئۇ ئادەمنىڭ كۆزىگىمۇ سەت كۆرنىشكە باشلىدىم. بىر كۈن ئاچ ، بىر كۈن توق ئۇ يەر ، بۇيەرلەردە تەمتىرەپ يۈرۈپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۇم . قوساققا يەيدىغان نەرسە تاپالمىغاندا ئىلاجىسىز بىكەت ئالدىدا توختۇتۇپ قويغان ماشىنىلارنىڭ ئەينىكىنى چىقىپ  ، ئىچىدىكى ئۈنئالغۇسىنى ئوغۇرلاپ سىتىپ جان باقتىم ، ئارلىقتا نەچچە قېتىم ساقچىلارنىڭ قولىغىمۇ چۈشۈپ قالدىم .  بىر كۈنى دوختۇرخانىغا كىرىپ پۇتۈمنى تەكشۈرۈتسەم 5 مىڭ يۈەن ئەككەلسەڭ   گاڭبەننى ئېلىۋىتىمىز دېدى  .مەھەلىدىكىلەردىن دادامغا ئەھۋالىمنى دەپ قويۇڭلا ماڭا ئىگە بولۇپ پۈت ، قولۇمدىكى گاڭبەننى ئالدۇرۇپ قويسۇن ، ساقايغاندىن كېيىن بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ماڭا خەجلىگەن پۇلىنى تېپىپ بېرىمەن دەپ خەۋەر كىرگۈزسەم ، ئۇ مېنىڭ  ئۇنداق بالام يوق ، مەندە نوپوسىمۇ يوق ، مەن كىچىك ۋاقتىدىلا   ئۇنى باشقىلارغا بېرىۋەتكەن دەپتۇ .  قانداق قىلىپ پۇل تاپارمەن دەپ غەم قىلىپ يۇرسەم ،بىر كۈنى كەچقۇرۇن بىر ئادەم بىكەت ئالدىغا بىر كونا 10 كىشلىك جىپ ماشىنىنى توختۇتۇپ قويۇپ بىر يەرگە كەتتى . ماشىنىنى ئوغرۇلاپ ساتاي دېگەن مەقسەتتە  ماشىنىنى ھەيدەپ قىچىپ ،  تۈزۈكرەك ھەيدىيەلمىگەنلىگىم ئۈچۈن   يول بويىدىكى ئورمان بەلۋىغىغا تىقىۋىتىپ ،چىقىرالماي تۇرسام ساقچىلار كىلىپ تۇتىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان ئوغرى دېگەن قىلمىش بىلەن بىر يىللىق ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەشكە قارار قىلىندىم .
    ئەمدىلىكتە ئويلانسام ،مەن ئانام   ھايات بولغان بولسا ، دادام دېگەن مۇناپىق ئۆزىنىڭ دادىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ ، مېنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ يېنىدا باققان ، خورلىمىغان ،  قىماردىكى  قەرزى ئۈچۈن باشقىلارغا  بېرىۋەتمىگەن ، ھىلىقى ئادەم سىياقىدىكى مەخلۇقلار ماڭا  ئوغۇرلۇق قىلىشنى  ئۆگەتمىگەن  ۋە ئۇرۇپ بىنادىن تاشلىۋەتمىگەن  بولسا ، 18 ياشقا تولۇق كىرمەي تۇرۇپ يۇقارقىدەك نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى بېشىمدىن كەچۈرۈپ  يۈرمەس ۋە  پۇت  قولۇمدىكى  گاڭبەننى ئالدۇرۇشقا پۇل تاپىمەن دەپ باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغۇرلاپ  بىر تەربىيىلەنگۈچىگە ئايلىنىپ قالماس ئىكەنمەن   .قىسقىسى ئەقلىمگە كەلگەدىن تارتىپ  ھەردائىم ئىسىمگە ئالسام قۇرقۇنچىلىقتا بەدەنلىرىمنى تېترەك بېسىپ كىتىدىغان كۈنلەرنى كۆرۈشىمگە ،ئاشۇ  بالا تېپىشنى بىلىپ تەربىيىلەشنى بىلمەيدىغان قىمارۋاز دادام سەۋەبچى  بوپتۇ  . باشقىلاردىن ئاڭلىسام دادام كۈنلىرىنى يەنە شاپاق دوپپىسىنى  قىستۇرۇپ  كىيىپ تاپقان پۇلىغا قىمار  ئويناش ، نەشە  چېكىش بىلەن ئۆتكۈزۋېتىپتۇ   . مەن ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىن ئۇلار كەچۈرمىشىمنى ئاڭلاپ ، داداڭنى كۆرمىگىنى ئۇزۇن يىل بوپتۇ ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىپ كۆرۇشتۇرۇپ قويايلى   دەپتى مەن  ئۇلارغا : دادام مېنى كۆرگىنى كەلمەيدۇ ، مەن ئۇنى كۆرمىگىنى 10 يىلدىن ئاشتى ، بۇ جەرياندا ئۇ دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن مېنى سەن نەدە ؟ نېمە كۈنلەرنى كۆردۇڭ ؟ دەپ ئىزلەپمۇ باقمىدى ، دېسەم  ئۇلار دادامنى مەجبۇرى چاقارتىپ كەپتۇ . بىر كۈنى ساقچىلار داداڭ سەن بىلەن كۆرۈشكىنى كەپتۇ دېدى ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ  نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىدىم، ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم . تۈرمە دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا چىقسام دادام  بىر سىلياۋخالتىدا تۆت گىردە ناننى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ . مېنى كۆرۈپ خۇددى ناتونۇش ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك باشقا   گەپ قىلماي ، بۇ گىردىنى يېگىن دېگەن بىر ئېغىز گەپنى قىلىپلا كىتىپ قالدى . ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ يىغلاپ كەتتىم . مېنى كۆرۈتۈرۈشكە ئېلىپ چىققان ساقچىلارمۇ ، توۋا دۇنيادا مۇنداقمۇ دادا بولىدىكەن  ھە دېيىشىپلا قالدى . بەلكىم مېنىڭ كەچۈرمىشىمنى ئوقىغان ھەرقانداق بىر ئادەم دادامغا نەپرەتلىنەر ، يۈرىگىمدىكى  گەپنى قىلسام  ،مېنىڭ دادام يالغۇز مەنلا ئەمەس ، پۈتۈن ئىنسان ھاياتىدا يەر - زېمىنمۇ نەپرەتلەنگىدەك  ، « دادا » دېگەن  بۇ ئۇلۇغ ئىسىم خاتا قويۇلۇپ قالغان ،  ئادەم سىياقىدىكى بىر مەخلۇق . مەن  ئۇنى قەتئىي كەچۈرمەيمەن   . جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن  دادام بار دېگەنلەرنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمەي ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرشىپ ئىشلەپ ، پۇل تېپىپ پۇت – قولۇمدىكى گاڭبەنلەرنى ئالدۇرۋىتىپ ،بۇرۇنقى تارىخمغا خاتىمە بېرىپ ھالالدىن تۇرمۇش كەچۈرش يولىغا ماڭىمەن .