-
شەمشەر قىسىسى - [يانغىن ئىجادىيەتلىرى]
( داستان )
كۆتۈرۈپ ئەكەپتۇ دادام بىر كۈنى ،
بۇيۇمدەك كىلدىغان ئەسكى تۈمۈرنى .
ئەسكى دەپ كۆرمەڭلار سىرتىغا قاراپ ،
ئەسكىسى داتلىشىپ كەتكىنى ئىدى .
بەرمەي بىزگە تاشلىدى ئۇنى ،
ئىچكىرى ئۆيدىكى كونا قازناققا .
دىيىشىچە بىر كۈنى لازىم بۇلارمىش،
ئىشەككە ھەركۈنى بىدە توغراشقا .
شۇندىن ئون يىل كىيىنكى كۈندە ،
تۇيۇقسىز ئۇچراتتىم ئاشۇ تۈمۈرنى .
ئۈستىدە داتلار قېلىنلاپ قاپتۇ ،
سېپىدە ياقۇتلار چاقنىتىپ كۆزنى .
توساتتىن كاللامغا كەلدى بىر ئەقىل ،
شۇئانلا سۈرۈتتۈم قۇم داتلىرىنى .
ئاجايىپ تەس كەلدى ماڭا بۇ جاپا ،
زىرىكىپ سۈرتۈشتىن تاشلىدىم ئۇنى .
شۇ كۈنى چۈشۈمدە شۇ ئەسكى تۈمۈر ،
تۈمۈر ئەمەس كۈرۈندى بىر شەمشەر ماڭا .
جۇلاسى كۆزلەرنى قىلاتتى قارغۇ ،
سېپىگە ياقۇتلار قۇيۇلغان ئاڭا .
كۆك قىزىل ياقۇتلار زەپمۇ ياراشقان ،
ئالتۇن ھەل بىرىلگەن ئەپچىل سېپىگە .
بىسىمۇ تۇراتتى مەغرۇر يالتىراپ ،
قورققۇسى كىلەتتى قاراپ سۈرىگە .
مەنمۇ شۇ ئويدا گاڭگىرغان پېتى ،
ھەيرانلىق زوقلىنىش ئالدى قوينىغا .
توساتتىن چىش يېرىپ باشلىدى گەپنى ،
ئۇ شەمشەر بىرچاغدا كىلىپ زۇۋانغا .
<<ھۇدۇقما سۆزلىسەم مېنىڭدىن قورقۇپ ،
مەنمۇ ھەم سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار .
بەك ئۇزۇن بەك ئۇزۇن زامانلار بۇرۇن ،
يوقالغان تارىخنىڭ گۇۋاھىچىڭلار .
سۆزلىسەم گەپ ئۇزۇن دېتىمدىنمۇ كۆپ ،
سۆزلىمەي بولمىدى ساڭا ئاخىر رەت .
بۇ كۈننى ساقلىدىم مىڭ يىللار بېرى،
رازىمەن دەۋىلىپ ماڭسام ئاخىرەت .
مەن ئەسلى دۆلەتنىڭ بەلگىسى ئىدىم ،
ئادالەت مەن بىلەن ياقلىنار ئىدى .
رەزىللىك ئۈستىدە تۇراتتىم ئويناپ ،
ئەمەلنىڭ سورىنى پاكلىنار ئىدى .
شاھ تۇرۇپ ھەققانىيەت سۇپىسىدا ئېگىز ،
نەر تارتىپ كۆتۈرسە مېنى قۇلىدا .
ئاڭلىنار ئاستىدىن تۈمەنمىڭ ئاۋاز ،
تاغ يېرىپ ماڭاتتى ھەقنىڭ يۇلىدا .
شۇ چاغ قاتتىق بىر ئۇرۇش بولدىلەر ،
ئۇرۇشتا بىز تەرەپ ئەزىز بولدىلەر .
دۈشمەننىڭ مال -مۈلكى دۆلىتى قالدى ،
ياۋ شاھى خەلقىگە قەرز بولدىلەر .
شۇندىن كېيىن شاھنىڭ نامى تارقالدى ،
ئەتراپتىن دۆلەتلەر بىزگە قېتىلدى .
خەلقىمىز پاراۋان باج - سېلىقلار يوق ،
ئادالەت قۇياشنىڭ نۇرى چېچىلدى .
شۇھالدا يۈز يىللار غەمسىز ياشىدۇق ،
دۈشمەندىن ئۈمىدنى ئۈزۈپ ياشىدۇق .
ۋەلىكىن دۈشمەنلەر ياتماپتۇ جىمجىت ،
غەپلەتتە بۇ سىرنى بىلمەي ياشىدۇق .
توساتتىن شەرقتىن كۆتۈرۈلدى چاڭ ،
ھىسابسىز لەشكەرلەر قورشاپ كەلدىلەر .
ئۈلگۈرمەي قۇشۇننى بىزمۇ يىغىشقا ،
خەلقنىڭ ئاھ -زارى كۆككە يەتتىلەر .
شاھىمىز باتۇردۇر يەنە بولدى باش ،
سەپنىڭ ئالدىدا ئۆزى ماڭدىلەر .
قىلچىلىك زايە قىلماستىن مېنى ،
سانسىز دۈشمەننىڭ باشنى ئالدىلەر .
ئۇرۇشتا يىقىلدى نەچچە قەھرىمان ،
نەيزىنىڭ سۈركىلىشى كۆزنى چاقنىتار .
ۋەلىكىن ياۋ كۈچلۈك كەلدى ئۇرۇشتا ،
تۈكۈلگەن قانلار سەل بۇلۇپ ئاقار .
ئاخىرى شاھىمىز قورشاۋدا قالدى ،
ئۈچ تەرەپ ياۋلاردۇر بىر تەرەپ قىيا .
نۇمۇستىن ئۆلۈمنى ئارتۇق كۆردى شاھ ،
شاھىمنىڭ قەبرىسى بولدى شۇ قىيا .
مەن قالدىم قىيانىڭ تېگىدە يالغۇز ،
تەنلىرىم دۈشمەنلەر قېنىدا بۇيالغان .
شۇ ھالدا ياتتىم مەن كۆپ يىللار بېرى ،
قايتىدىن ياشاشقا ئۈمىد قالمىغان .
ئۈمىدنىڭ يىپلىرى ئۈزۈلگەن بىر كۈن ،
مويسىپىت بىر كىشى ئالدى قۇلىغا .
ئېلىپمۇ ئەكەلدى ئۆز قورۇسىغا ،
ۋەلېكىن ئالمىدى قايتا قۇلىغا .
ئويلىدىم ئىچىمدە ئېغىر خۇرسىنىپ ،
سىرىمنى تىڭشاشقا ئىنسان چىقارمۇ ؟
شۇندىلا مۇرادقا يىتەر ئىدىم مەن ،
ھالبۇكى قېرىنداش تۇققان چىقارمۇ ؟...
ئىسىمدىن كەتمەيدۇ شۇ قانلىق تارىخ ،
يېزىلسا دەيمەن تارىخ بېتىگە .
ئۈمىدتىن بۆلەكچە نەرسە كۈتمىدىم ،
داتلىرىم چىرماپ تۇرسا ئۈستىمدە .>>
شۇ زامان كۆز ئېچىپ ئىسىمنى يىغدىم ،
قارىسام تۇرۇپتۇ يېنىمدا شەمشەر .
بوۋامنىڭ روھى كۆرۈندى ماڭا ،
قارىسام قۇلىدا تۇرۇپتۇ شەمشەر .
كۆزۈمنى تىكتىم يىراق ئۇپۇققا ،
يوقالغان روھلىرىم كىلەرمۇ بىركۈن .
روھىسز ، ئارمانسىز ياشىغانلارنىڭ ،
توۋىسى كۆككە يىتەرمۇ بىر كۈن .
ئۇپۇقتىن بالقىپ چىققاندا قۇياش ،
كۆزلىرىم نۇرلاندى ئېسىمگە كەلدىم .
شەمشەرنى قىلبىگە قويدۇمغۇ ئېسىپ ،
شۇئانلا يۆتكىلىپ شىرەگە كەلدىم .
ئۇشبۇ رىۋايەت يېزىلدى مانا ،
قىر-چاپنىڭ ئىزلىرى پۈتۈلگەن قىسسە .
تۈگىتىپ سۈزۈمنى ئىشىمغا ماڭدىم ،
يوقالغان روھ شۇ مەن مېنى ئىزلىسە ...