• قـورقـۇنچـلـۇق چــۈش - [يانغىن ئىجادىيەتلىرى]

     

    ئەتراپنى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ، ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىت ، تىمتاس . لەنىتى يامغۇر شارىلداپ ياغماقتا ئىدى . تورخانىدىن چىقىپ ياتاققا قاراپ ماڭدىم . سائىتىمگە قارىۋىدىم ، كىچە سائەت 3نى كۆرسىتىپ تۇراتتى . ھېسلىرىمنىڭ <<مۇھەببەت ، سەن ئۆل !>>دىگەن تېمىسنى ئوقۇشقا قىزىقىپ كىتىپ سائەتنىڭ بۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قاپتىمەن . ئەمدى بۇ يېرىم كىچىدە ياتاققا ئارتىلىپ كىرمەكتىن باشقا ئامال يوق ئىدى . يامغۇر تېخىمۇ قاتتىق يېغىشقا باشلىدى ، يۈگۈرۈپ دىگۈدەك مېڭىپ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى قاراڭغۇ، تار كوچىغا يىتىپ كەلدىم . توساتتىن كەينىڭگە قارا دىگەندەك قىلىپ ، شۇنداق قارىۋىدىم ، يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ سۇقۇپ كەتتى . كەينىمدە ئاپئاق كىيىم كىيۋالغان بىرسى ماڭا قاراپ تۇراتتى . قۇرقۇنىمدىن پۈتۈن بەدىنىم لاغىلداپ تىترەپ كەتتى . تېزلا ئالدىمغا قارىۋالدىم . ئىچىمدە <<چۇقۇم خاتا كۈرۈپ قالدىم ، چۇقۇم خاتا كۈرۈپ قالدىم >>دەپ ، ئاستا كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا كەينىمگە شۇنداق قارىۋىدىم ،<< ۋايجان ! >> ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي توۋلىۋەتتىم ، ئۇ ماڭا تېخىمۇ يېقىنلاپ قالغانىدى . پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ يۈگۈرۈشكە باشلىدىم ، شۇ تاپتا كاللامغا ھېچنىمە كەلمەيتتى ، پەقەت سېزىمىمدە <ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان بىرسىلا >لا بار ئىدى . كەينىمگە قاراشقىمۇ ئۈلگۈرمەستىن ، ياق ..مەن ئەسلا كەينىمگە قاراشقا پېتىنالمىدىم. شۇنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلدىمكى ، ھېلىقى يىنىك نەرسىنىڭ ئارلىقى ماڭا بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا ئىدى . يۈگۈرۈپ ئاللىقاچان مەن ئارتىلىپ كىرمەكچى بولغان جايدىنمۇ يىراقلاپ كەتكەن ئىدىم . تۇيۇقسىز ئالدىمدىكى ئەخلەت ساندۇقىنى كۆرمەي ،ئۇنىڭغا سۇقۇلۇپ قاتتىق يىقىلىپ چۈشتۈم . ھۇدۇققىنىمدىن ئورنىمدىن تۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ، كەينىمگە شۇنداق قارىۋىدىم ،ئۇ ئاپئاق كىيملىك بىرسى يېنىمدىلا تۇراتتى . ئورنىمدىن تېز تۇرۇپ يەنە قاچماقچى بولدۇم ، ئەپسۇس ناھايىتى كىچىككەن ئىدىم . بىر قول تەرىپىدىن تۇتۇۋىلىندىم ، قۇرقۇنچىمدا كۆزۈمنى چىڭ يۇمىۋالدىم . يۈرىكىم خۇددى ھازىرلا قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك دۈپۈلدەيتتى . ئىككى پۇتۇم يەردىن كۈتۈرۈلدى ، .قەيەردىن كەلگەن قورقۇمسىزلىق ، جۈرئەتكىن بۇ ، بېشىمنى ئاستا بۇراپ مېنى تۇتىۋالغان كىشىنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم ، بىراق بوينۇمنى بىرى قىسىۋالغاندەك مىدىرلىتالمىدىم. غەيرەتكە پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ ئۇ قولدىن بوشىنىشقا تىرىشىپ باقتىم . تۇيۇقسىز ئۇ قولىنى قويىۋەتتى ، <پاق !>قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىگىز يەردىن پەسكە چۈشۈپ كەتتىم.
    <<ئا! ...>>
    قاتتىق توۋلىۋەتتىم ، كۆزۈمنى ئاچسام ياتاقتىكەنمەن ، كارۋاتتىن پەسكە چۈشۈپ كىتىپتىمەن .قۇرقىنىمدىن پۈتۈن بەدىنىم تەرلەپ كەتكەن ، يۈرەكلىرىم تېخىچە دۈپۈلدەپ سۇقۇپ تۇراتتى . خۇددى بىرسى قاتتىق ئۇرۇۋەتكەندەك ، بەدەنلىرىم ئاجرىلىپ كەتكەندەك سىقىراپ ئاغرىغىلى تۇردى .<<ئۇھ ! >>دەپ قاتتىق بىرنى تىنىۋىتىپ ، پىشانەمدىكى تەرلەرنى سۈرۈتتۈم . ئورنۇمغا كىلىپ ياتقاچ ، بايا كۆرگەن قورقۇنچلۇق چۈشنى ئويلاشقا باشلىدىم . يەنە شۇ ئۆلگۈر، قۇرقۇنچلۇق چۈش !
    -ئەزىز ، نىمە بولدۇڭ ؟
    بۇ ئاۋازدىن تېخىمۇ چۈچۈپ كەتتىم .
    ياتاقدىشىم ئەلى تېخىچە كومپىيوتىر ئالدىدا تۇراتتى . ئۇيقۇچان كۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا تىكىپ سورىدىم :
    -سائات قانچە بولدى؟
    - بەش يېرىم .
    <ھە >دەپ قويۇپ يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئۇھ تارتىۋەتتىم . ئەلى بىردىنلا بېشىنى كۈتۈرۈپ:
    -يەنە شۇ ھېلىقى چۈشنى كۆردىڭمۇ ؟ بايا مېنىمۇ قورقۇتىۋەتتىڭ . تۇرۇپلا قاتتىق ئاۋاز چىقىرىپ تىنىپ كىتىۋىدىڭ ، مەن يەنە شۇ ھېلىقى قورقۇنچلۇق چۈشنى كۆرگەن ئوخشايدۇ ،دەپ ئويلىغان ...
    مەن ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەي تاماكامنى تۇتاشتۇرۇپ ،قاتتىق سۈمۈرۈپ چىكىشكە باشلىدىم . سىرتتا شارىلداپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى . بۇ 8 يىلدىن بېرى ئۆزگەرمەي كىلىۋاتقان قائىدە ئىدى. پەقەت مەن ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق چۈشنى كۆرۈپ چۆچۈپ ئــويغانسام ، سائەت بەش يېرىم بولاتتى ، يەنە كىلىپ چۇقۇم يامغۇر ياغاتتى . 
    تاماكامنى چىكىپ بۇلۇپ ، قايتا ئۇخلاشقا رايىم بارماي ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزە ئالدىدىكى ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردۇم . 8يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ھېلىقى ئازاپلىق يامغۇرلۇق كۈن خۇددى كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدا ئايان بۇلۇشقا باشلىدى .
    ئۇ يىلى دەل باشلانغۇچنىڭ 4- يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتىم. مەكتىۋىمىز مەيدانىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە سېلىنغىلى بەكمۇ ئۇزۇن بولغان بىر ھاجەتخانا بار ئىدى. بىر كۈنى كەچلىك دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن بىرنەچچە ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە مەكتەپ مەيدانىدا پۇتبۇل ئويناۋاتاتتۇق ،ئۇيۇنغا قىزىقىپ كىتىپ ۋاقىتنىڭ بۇنچە تېز ئۆتكەنلىكىنى بىلمەي قاپتىمىز . باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن ئۆيلىرىگە قايتىشقان بۇلۇپ ،پەقەت مۇشۇ بىرنەچچىمىزلا مەيداندا توپ تېپىۋاتقان ئىدۇق. ئاستا - ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈپ، سىم - سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.
    -بالىلار ، يامغۇر ياغقاندا توپ ئوينىسا بەك قىزىق بۇلىدۇ . مەن تېلىۋىزوردا دائىم باشقىلارنىڭ يامغۇر ياغقاندا توپ ئوينايدىغانلىقىنى كۆرگەن ،-ئارىدىن ساۋاقدىشىم ئەكرەم شۇنداق دىۋىدى ، ھەممىمىز چۇرقىرىشىپ تېخىمۇ قىزىپ كەتتۇق . بىر چاغدا مەن سىم - سىم يامغۇر ئىچىدە ئاق رەڭلىك كىيىم كەيگەن بىرىنىڭ تامنى بويلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى غۇۋا كۆردۈم.
    ئۇ بېشىنى تۆۋەن سالغاچ چىرايىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى.بىراق، ئۇنىڭ كىيگەن ئاق رەڭلىق كىيىمىدىن ۋە ئالدىغا چۈشۈپ تۇرغان ئۇزۇن چاچلىرىدىن ئۇنىڭ قىز بالا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلاتتى . بىراق مەن كۆپ ئويلاپ كەتمىگەن ئىدىم ، پەقەت بىر خىل غەلىتىلىك ھېس قىلدىم . ئالدىمغا كەلگەن توپنى ئەكرەمگە <پاس چىقىرىپ بىرىمەن > دەپ كۈچەپ بىر تېپىۋىدىم ، توپ ئۇدۇللا قىزلار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ كەتتى. ھەممەيلەننىڭ كۆزى توپ كىرىپ كەتكەن جايغا تىكىلگەن ئىدى ، دەل شۇ چاغدا ھېلىقى ئاق رەڭلىك كىيىم كىيگەن قىزمۇ ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى.
    ھەممىسى توپنىڭ قىزلار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ مىنى تىللاشقا باشلىدى .
    -ۋاي كالۋا ..توپنى قىزلار ھاجەتخانىسىغا كىرگۈزۋەتتىڭ .
    -ماڭە ، توپنى ئېلىپ چىق ! كەچمۇ بۇلۇپ كەتتى ، ئۆيگە قايتىپ كىتەيلى .
    ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئاچچىقىم كىلىپ ، ئامالسىز ئۆزۈم كىرىپ توپنى ئېلىپ چىقماقچى بولدۇم ، بىراق، مەن ئۇغۇل بالا تۇرۇپ قىزلار ھاجەتخانىسىغا كىرسەم قانداق بۇلىدۇ ؟... ئۇلارغا يېلىنىش نەزىرىدە قاراپ باشقا ئامال ئىزدەپ بېقشىنى ئۈتۈندۈم . ئەكرەم مۈرەمگە قېقىپ تۇرۇپ:
    - كالۋا ،بۇنىڭ نىمىسى تەس، بايا بىر قىز ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتمىدىمۇ، سەل تۇرۇپ ئۇ چىققاندىن كىيىن ، ئۇنىڭدىن توپنى ئېلىپ چىقىپ بېرىشىنى ئۈتۈنسەكلا بولمىدىمۇ؟...
    -توغرا ، بىز بايا كىرىپ كەتكەن قىزنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ ، ئۇ چىققاندىن كىيىن شۇ قىزغا دەيلى .
    شۇنداق قىلىپ ھەممىمىز ھاجەتخانىنىڭ يېنىدا كۆزلىرىمىزنى چىقىش ئېغىزىغا تىككىنىمىزچە ئۇ قىزنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردۇق .
    تەخمىنەن بەش مىنۇت  ئۆتتى بولغاي ، قىز تېخىچە چىقمىدى .بۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى ، ھەممە يەرنى تىمتاس قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇرمۇ بايىقىدىن بەكرەك قاتتىق يېغىشقا باشلىدى ، ھەممىمىز مۇزلاشقا باشلىدۇق . ئەتراپ بارغانسېرى قاراڭغۇلاشماقتا ، .يامغۇر بولسا يەنىلا توختىماستىن ياغماقتا . ھەممىمىزنىڭ كىيىمى ھۆل بۇلۇپ ، خۇددى سۇغا چۈشكەن تۇخۇدەكلا بۇلۇپ قالغانىدۇق . بىز ئامالسىز كۆزلىرىمىزنى يەنىلا قىزلار ھاجەتخانىسىغا تىككىنىمىزچە ئۇ ئاق كىيىملىك قىزنىڭ چىقىشىنى كۈتتۇق .
    ۋاقىت ئاستا - ئاستا ئۆتمەكتە ، تەخمىنەن يەنە 10 مىنۇت ئۆتتى بولغاي ئۇ قىز يەنىلا چىقمدى . ئەتراپ جىمجىتلىققا چۆمگەن بۇلۇپ پەقەت يامغۇرنىڭ شىر - شىر قىلغان ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى. سوغۇقتا توڭلىغىنىمىزدىن ھېچقايسىمىز بىر ئېغىزمۇ گەپمۇ قىلماي جىم تۇراتتۇق...قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ، تۇيۇقسىز <<جاراڭ !>>قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ چاقماق چېقىپ كەتتى. ھەممىمىزنى سۈر بېسىشقا باشلىغان ، قۇرقۇنچتىن ھەم سوغۇقتىن غالىلداپ تىترەپ تۇراتتۇق . 
    قىزلار ھاجەتخانىسى يەنىلا جىمجىت...
    مەيداندا پەقەت مۇشۇ تۆتىمىزدىن باشقا بىرمۇ ئادەمنىڭ قارىسى كۈرۈنمەيتتى .
    -باللا ، ئاۋۇ نىمۇ ؟
    ئەكرەم بىردىنلا جىددىيلىشىپ بىزدىن سورىدى. ھەممىمىزنىڭ كۆزى ئۇ قۇلىنى كۆرسەتكەن تەرەپكە تىكىلدى...
    قاپقارا پوسما كەيگەن بىرى مەكتىۋىمىزنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن تېزلىك بىلەن بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى...
    -جـىن !
    كىمنىڭ گەپ قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن ، بۇنى ئاڭلاپ تۆتىلىمىز خۇددى بىر قورقۇنچلۇق نەرسە بىزنى قوغلاپ كىلىۋاتقاندەك تەڭلا يۈگۈرۈپ قېچىشقا باشلىدۇق .
    -تــــوخـــــتاش ! تــــوخـــــتاش !
    كەينىمىزدىن بىر ئايالنىڭ ۋارقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
    ئەكرەم ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ،بۇرۇلۇپ ئارقىسىغا قاراپ :
    - ۋاي توختاڭلا بالىلار ئۇ دەرۋازىۋەننىڭ ئايالى ئەمەسمۇ ؟-دېۋىدى ، ھەممىمىز يۈگۈرۈشتىن توختاپ كەينىمىزگە قارىساق ئۇ راستىنلا مەكتىۋىمىزنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل دەرۋازىۋەننىڭ ئايالى ئىكەن. ئۇ ئايال بىزگە يىتىشىۋالغاندىن كىيىن ھاسىرىغان ھالدا ئاچچىقلاپ تۇرۇپ:
    -سىلەرنى شۇنچە توۋلىسام نىمە دەپ قاچىسىلەر؟ بايا دېرىزىدىن سىلەرنى كۆرگەن ئىدىم.كەچ بوپ كەتسىمۇ ئۆيىڭلارغا قايتماي قىزلار ھاجەتخانىسى ئالدىدا نىمە قىلىۋاتىسىلەر؟-دېدى .
    - ئۇنداق ئەمەس ئاچا ، خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، بىز پەقەت توپىمىزنى ئېلىۋالايلى دىگەن، توپ ئويناۋىتىپ توپىمىز ئېھتىياتسىزلىقتىن قىزلار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ كەتكەن ، بىز كىرىشكە پېتىنالمىدۇق ، بايا بىر قىز كىرىپ كەتكەن ،شۇڭا بىز ئۇنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇرغان..-ھاسىرغىنىمىزچە چۈشەندۈرۈشكە باشلىدۇق .
    - شۇنداقمۇ؟
    _ بىراق، بىراق ئۇ قىز كىرىپ كەتكىلى خېلى بولدى . تېخىچە چىقمىدى...
    ئۇ ئايال گىپىمىزنى ئاڭلاپ ھەممىمىزگە بىرخىل سوغۇققانلىق بىلەن قارىۋەتكەندىن كىيىن :
    -ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇبۇرنىغا چۈشۈپ كەتمىگەندۇ ؟ مەن كىرىپ قاراپ باقاي ...-ئۇ گىپىنى تۈگىتىپلا قىزلار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ بايا دىگەن گىپىگە كۈلۈشۈپ، بىزمۇ ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردۇق .
    ئارىدىن يەنە تەخمىنەن بەش مىنۇت ۋاقىت ئۆتتى بولغاي ، ئۇ قىزمۇ ، ئايالمۇ چىقمىدى . بىزنى يەنە سۈر بېسىشقا باشلىدى .
    -نىمە ئىشتۇ بۇ ...ھاجەتخانا ئىچىدە جىن يوقتۇ ھە ، باللا ...
    بۇ گەپتىن ھەممىمىز قورقۇپ كەتتۇق . يەنە بىردەم ساقلىغاندىن كىيىن بىرى ھاجەتخانىدىن چىقتى...باشقا بىرى ئەمەس دەل بايىقى دەرۋازىۋەننىڭ ئايالى ئىدى.
    ئۇ ئاقىرىپ كەتكەن چىرايى بىلەن كۆزلىرىنى غەلىتىلا قىلىپ بىزگە تىكىلدى... بۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدۇق .
    _ نېمە بولدىڭىز ئاچا ؟ ...بىزگە ...بىزگە ...توپىمىزنى ئىلىپ چىقماپسىزغۇ ..- ئەكرەم جىددىيلىشىپ ئۇنىڭدىن سورىدى.
    -ئىچىدە توپ يوقكەن !
    <توپ يوقكەن >ئۇنىڭ ئاۋازى نىمىشقا بۇنداق سوغۇق ، قاتتىق چىقىدىغاندۇ؟ ھەممىمىز قورقۇنچ ، ھەيرانلىقتىن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدۇق .
    -ئۇنداقتا...ئۇنداقتا.. ئۇ قىزدىن سوراپ باقسىڭىز ، ئۇ توپىمىزنى كۆردىمىكىن؟... 
    تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتتى ۋە ئاۋازى بايىقىدىن بەكرەك تېخىمۇ قاتتىق چىقىپ كەتتى.
    _ دېدىمغۇ توپ يوقكەن ، ئىچىدە ئادەممۇ يوقكەن !
    ئۇنىڭ ئاخىرقى گىپى چىقىشى بىلەن ھەممىمىزنى تىترەك باستى...
    -ئادەم يوقكەن ...ئادەم يوقكەن...ئۇنداقتا بايا بىزنىڭ كۆرگىنىمىز..
    ئەكرەم ئۆز - ئۆزىگە سۆزلىگەچ ، بىردىنلا قاتتىق يۈگۈرىدى ، باشقىلىرىمىزمۇ تەڭلا بۇرۇلۇپ بار كۈچىمىز بىلەن يۈگۈرۈشكە باشلىدۇق .
    ئىككىنچى كۈنى مەكتەپكە كىلىپ ، باشقىلاردىن <<ئاخشام دەرۋازىۋەننىڭ ئايالى ئۈلۈپ قاپتۇ ، ئۆلگەندىمۇ ناھايىتى ئېچىنىشلىق ، قورقۇنۇچلۇق ھالەتتە ئۈلۈپ قاپتۇ ، ئۇنىڭ جەسىتى قىزلار ھاجەتخانىسىدىن تېپىلىپتۇ ...>>دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۆتىلىمىز قورقۇنىمىزدىن نىمە دىيىشىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ قالدۇق.
    بىر كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ساقچىلار كىلىپ ھېلىقى قىزلار ھاجەتخانىسىدىن بىر قىزنىڭ جەسىتىنى تاپتى .
    قىزنىڭ چىرايى ئاللىقاچان تۇنۇغۇسىز بۇلۇپ كەتكەن ، بىردىنبىر ئېنىىق بولغىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىۋالغان ئاق رەڭلىك كىيىمىلا ئىدى...
    كىيىن بىز ئۇ قىزنىڭ بىر ئاي ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرلۈپ ، قىزلار ھاجەتخانىسىغا تاشلىۋىتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. بىزنى تەتىلگە قويىۋىتىدىغان چاغدا دەرۋازىۋەنىمۇ ئالماشتۇرۋەتتى . سەۋەبى، بەزىلەر ئۇنى << ساراڭ بۇلۇپ قاپتۇ، ھەر كەچتە مەيداندا ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ <جازاسىنى يىدى،خۇدا ئۇردى>دەپ توۋلايدىكەن ، قىزلار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ قىزلار نى قورقۇتىۋىتىپتۇ >> دىيىشتى...

    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 8 يىل ئۈتۈپ كەتتى ، لىكىن شۇ ئىشلار داۋاملىق چۈشۈمگە كىرىۋىلىپ ماڭا ئاراملىق بەرمەيۋاتاتتى .
    خىياللاردىن بېشىمنى كۈتۈرسەم ، ئاللىبۇرۇن تاڭ ئاتقان بۇلۇپ ، غۇر -غۇر شامال دېرىزىدىن كىرىپ تۇراتتى ...
    بىر نەچچە كۈندىن كىيىن سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئالدىدا دوستۇم ئەكرەمنى ئۇچرىتىپ قالدىم ، ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشمىگەنگىمۇ خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى . ئۇزۇن يىل كۈرۈشمىگەن دوستلار تاغدىن -باغدىن پاراڭلىشىپ ، بىللە تاماق يىيىش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرىپ كەلدۇق . گەپتىن -گەپ چىقىپ ئۇنىڭغا دائىم ئاشۇنداق قورقۇنچلۇق چۈش كۆرىدىغانلىقىمنى دېۋىدىم ، ئۇنىڭمۇ ماڭا ئوخشاشلا چۈش كۆرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم .
    تاماق يەپ بۇلۇپ ، خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا ، ئەكرەم بىردىنلا سىرلىق قىلىپ :
    -دەرۋازىۋەننىڭ ئايالنىڭ نىمىشقا ئۆلتۈرىلگەنلىكىنى بىلەمسەن ،-دەپ سوراپ قالدى .
    -ياق ! -بېشىمنى چايقاپ ئۇنىڭغا ھەيرانلىق ئارلاشقان كۆزلىرىم بىلەن قارىدىم .
    - ئاڭلىسام ئۇ قىز ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى دەرۋازىۋەن ئىككىسىنى <<قۇتقۇزۇڭلار>> دەپ چاقىرىپتىكەن. بىراق دەرۋازىۋەننىڭ ئايالى < ئارتۇق ئىشلارغا ئارلاشماڭ >دەپ چىققىلى قويماپتۇ . شۇڭا دەرۋازىۋەن چىقماپتۇ ...بولمىسا...
    ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ كەتتىم ، كۆز ئالدىمغا شۇ ئىشلار يەنە كىلىشكە باشلىدى . بوۋاينىڭ <<خۇدا ئۇردى، جازىسىنى يىدى>>دىگەن گىپىنى ئەسلىدىم ، ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەندە !

    شۇ ئىشتىن كىيىن ھەر قېتىم يامغۇر ياققان كۈنى مەن ئاشۇ قۇرقۇنچلۇق چۈشنى كۆرىمەن ، چۆچۈپ ئويغىنىپ سائەتكە قارىغىنىمدا سائەت بەش يېرىم بولىدۇ... دەرۋازىۋەننىڭ ئايالىغا كەلسەك ، ئۇ قىزلار ھاجەتخانىسىدا زادى نىمە كۆردى ؟ قانداق ئۆلتۈرۈلدى ؟ ئۇنى پەقەت ئۇ ئۆزىلا بىلىدۇ....بىزگە نىسپەتەن ئۇ مەڭگۈ يىشىلمەس سىر !
    ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلاشقا ، بىردىنلا ئۇچۇق ھاۋا ئۆزگىرىپ ، شارىلداپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى .
    ئاپئاق كىيىم كىيگەن بىرسى مىنىڭمۇ ، شۇ تاپتا سىزنىڭمۇ كەينىڭىزدە قاراپ تۇراتتى .
    --------ئا !!...