
-
بالىلار كەمپۈتنى تولا يېيىشنىڭ پايدا-زىيىنى ئۈستىدە ئويلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت تەم. چوڭلار بولسا ئۇلارنىڭ چىشىغا قۇرۇت چۈشۈشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدۇ. بالىلىقتىكى ئويۇنلارنى چوڭ بولغاندا ئەسلىسەڭ قالتىس مەنىلىك تۇيۇلىدۇ، ھەتتا ئۇ كىيىنچە يىتىلگەن ئەقىل-پاراسىتىڭ ۋە پەلسەپىۋى ھۆكۈملىرىڭ بىلەن بىرلىشىپ، ئۆز ئىچىگە تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى يوشۇرغان، لېكىن ئۆز ۋاقتىدا بايقالمىغان كاتتا ئاسارە-ئەتىقىگە ئايلىنىدۇ.
مەن يېزىدا تۇغۇلۇپ، يېزىدا چوڭ بولدۇم. بالىلىق دەۋرىمدە شەھەرلىك بالىلارغا خاس ئويۇنچۇقلىرىم بولمىسىمۇ؛ لېكىن ئورمان، ئېقىن ۋە غىلاڭ سايلار گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ گۈزەل ماكانىمدا بىز ئوينايدىغان ئويۇنلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. بىر چاغلاردا قىش پەسلى يىتىپ كىلىشى بىلەنلا ماشرەڭ فورما كىيگەن نۇرغۇن ھەربىيلەر مەھەللىمىزدە پەيدا بولاتتى، ئۇلارنىڭ ياتىقى كەنت مەمۇرىيىتى ئىچىگە ھەمدە بۇرۇنقى بايلاردىن مۇسادىرە قىلىنغان كونا، ئەمما پۇختا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. -
دﯦﮭﻘﺎﻧلارﻣﯘ دۆﻟﻪت ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﯩﻠﻪر ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎراۋەر ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺑﺎﻳﺮام ﻣﻪزﮔﯩﻠﯩﺪە ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﻮرۇن، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەم ﺋﯘلارﻧﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻜﻪ ﺳﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، دﯦﮭﻘﺎﻧلارﻏﺎ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ، دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮاﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.
************
ﺑﯘ ﻳﯩﻞ دۆﻟﻪت ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎرﭘﺎ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ﺑﺎﻳﺮاﻣﻠﯩﻖ دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﯩلاﻧﻰ ﺗﯜزۈۋاﺗﺎﺗﺘﯘق. دادام ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰلا: «ﻣﯘﺷﯘ دﯦﮭﻘﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻳﻮﻗﻜﻪن - ﮬﻪ!» دﯦﺪى. ﺑﯘ ﮔﻪﭘﺘﯩﻦ ﻳﯜرﯨﻜﯩﻢ «ﭼﯩﻤﻤﯩﺪە» ﻗﯩﻠﺪى ...