
-
1991-يىلى 10- ئاي. مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمىي مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قېتىملىق يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تاللانغان خەلقئارا ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 10 ئالىم مىسىر رەئىس جۇمھۇرى مۇھەممەد ھۈسنى نۇبارەكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئۆز ئىمزاسى قويۇلغان تەبرىك شاھادەتنامىسىنى ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ 1-دەرىجىلىك ئىلىم-پەن ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. بۇ ئون ئالىم ئىچىدىكى تولىمۇ يىراق تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن، بېشىغا يارىشىملىق بادام دوپپا، بەقەسەم تون كىيگەن بىر ئۇيغۇر گېزىت-زھورنال مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى....
-
مەھمۇد بەدەلجان ئۆمەر ئوغلى 1924-يىلى ئالمۇتا شەھرىدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالمۇتادا تاماملاپ تىببى ئىنىستىتۇتقا ئوقۇشقا چۈشكەن . 1941-يىلى ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى پارتلىغاندا كېڭەيش ھۆكۈمىتى ئۇنى كىروف نامىدىكى ھەربى تىببى ئۇنىۋېرستېتقا ئوقۇشقا ئېۋەتكەن.1943-يىلى بىر قولىدا داۋالاش سومكىسى يەنە بىر قولىدا قورال ئېلىپ دۇشمەن ئالدىنقى سېپىگە كىرىپ جەڭ قىلغان . ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئۇ گېرمانىيەدە ھەربى خىزمەت ئۈتىگەن . ھەربى خىزمەت ئۆتەپ بولغاندىن كىيىن كىروف نامىدىكى تىببى ئۇنىۋېرستېتتە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە 1953 -يىلى تىببى پەنلەر نامزاتلىق دېسىرتاسىيىسىنى غەلبىلىك ياقىلىغان ....
-
ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چىەكسىڭىز،ئاندىن تىما تۇلۇق چىقىدۇ.
سىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بۇ نۇسخا دەل ئاشۇ دۇنيادا بىردىنبىر ساقلىنىپ قالغان نۇسخا بولۇپ، بۇنى ئوسمان ئېمپىرىيىسىنىڭ ۋەزىرلىرىنىڭ بىرى بولغان نازىپ بېينىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن بىرى بولغان بىر ئايال ساقلاپ كەلگەن ۋە ئاخىرىدا تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن 1914- يىلى كىتاپپۇرۇش ئارقىلىق دىيار بەكىرلىك ئەلى ئەمىرگە 20 ئالتۇن تىللاغا ساتقان، ئەلى ئەمىرمۇ ناھايىتى مەرىپەتپەرۋەر بىلىملىك بىر كىشى بولغاچقا بۇ كىتاپنى كۆرۈپلا بۇنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك كىتاپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋە شۇ مەزگىلدىكى مەتبىئاتچى ھەم تەتقىقاتچى كېلىسلى رىفئەت بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ دۇنياۋى بۈيۈك ئەسەر " تۈركى تىللار دىۋانى " ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان. ۋە ھىجرى 1333- 1335- يىللار ئارىلىقىدا كېلىسلى رىفئەت بۇ كىتاپنى مىخ مەتبەدە تىزدۇرۇپ باستۇرغان.
دۇنيادىكى تۇنجى يەر شارى خەرىتىسى
-
ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چىەكسىڭىز،ئاندىن تىما تۇلۇق چىقىدۇ.
ئانام دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغىلى ھەپتىدىن ئېشىپ قالغانىدى . ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇللا ئانام ياتقان دوختۇرخانىغا قاراپ يول ئالدىم . بالنىستقا كىرىپ كەلگىنىمدە ئانام ئۇخلاپ قالغان ، ئايالىم ئانامغا قاراۋاتاتتى .
__ تۈنۈگۈندىن بېرى ئانىلىرىغا قاراپ كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقتىم ، بالدۇرراق كىلىدىغان كۈنلىرىمۇ بارمۇ سىلىنىڭ ؟ _ كىرىپ تۇرىشىمغا ئايالىم پەس ئاۋازدا سۆزلەپلا كەتتى .
__ قانداق قىلىمىز خۇتۇن ، ھايات ۋاقتىدا مۇشۇنداق ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ ،قارىۋالمىساق ، كىيىن ۋاي ئىست دىگىنىمىز بىلەن بىكار ئەمەسمۇ . سەنغۇ ئانامغا بەك ياخشى قاراۋاتىسەن ،__ دېدىم گەپنى باشقا ياققا بۇراپ ،__ ھە راست ،بۈگۈن ئاكامنىڭ ئايالى كىلىپ ئانامغا قارىماقچى ئىدىغۇ ؟ -
ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چىەكسىڭىز،ئاندىن تىما تۇلۇق چىقىدۇ.
ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪە ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﻮۋﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﺪۇق. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺪى. ﻗﻮرﺳﺎﻗﻤﯘ ﺗﻮﻳﺪى. ﭘﯘت - ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺟﺎن ﻛﯩﺮدى. ﺋﯘ دۆﯕﺪﯨﻦ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮاق ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ، ﻳﯩﺮاﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺑﯩﺮدﯨﻦ - ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﻛﺎﻟﺘﺎ ﺑﺎزارﻏﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪى. ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﺎۋاپ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﮔﯜﻟﺨﺎن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻏلاﺷﺘﻰ. ﺋﻮۋﭼﯩلار ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﻮۋ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗﺑﻪردى. ﺋﯚزﺋﺎرا ﭼﺎﻗﭽﺎﻗلاﺷﺘﯘق. ﺋﯚزۈم ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪن ﭼﺎﻗﭽﺎﻗلاﺷﺴﺎﻣﻤﯘ، ﻛﯚزۈم ﻟﻪﻣﭙﻪﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﺪاﻗﻘﺎ ﻗﻮﻧﺪۇرۇﻟﯘپ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮى ﺗﺎﺳﻤﯩﺪا ﭼﺎﺗﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻏلاﻧﻐﺎن، ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﻮﯕﻐﯘراق ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎن ﻗﺎرﭼﯩﻐﯩﺪا ﺋﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪن ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﻧﻨﻰ ﺷﯜرﻛﻪﻧﺪۈرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﻮرﻗﯘﻧﭽﻠﯘق ﻧﯘر ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪى. ﺑﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺮەڭ ﻗﻮﯕﻐﯘراﻗﺘﻪك ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺗﻘﯘﭼلاردا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﯜرﻟﯜك ﭼﻪﻛﭽﯩﻴﯩﺶ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯘزاق ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎراپ ﭼﯩﺪاپ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى ﻳﺎﻛﻰﻛﯚزﯨﻨﻰ ﺋﻪﭘﻘﺎﭼﻘﺎﻧﺪا ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯩﻤﯩﻠﺪاﺗﻘﺎﻧﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘزاق «ﻛﯚزۋازﻟﯩﻖ» ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن.
-
ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چـەكسىڭىز،ئاندىن تىما تۇلۇق چىقىدۇ.
ﻗﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮﻏﯘق ﮬﻪم ﺳﺎپ ﮬﺎۋا ﻳﯜزﮔﻪ ﺋﯘرۇﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦﺋﺎﻟﻐﺎن ﻧﻪﭘﻪس، ﺷﻪﮬﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘزۇﻟﻐﺎن ﮬﺎۋاﺳﯩﺪﯨﻦ زەﺋﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪن ﺋﯚﭘﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻘﯩﺪﯨﻦﺋﻮﻳﻐﺎﺗﻘﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﺪى؛ روﮬلار ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﯜپ ﻗﯘﺷﺘﻪك ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ، ﺳﻪﮔﻪك ﺑﯩﺮ راﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯧﻘﯩﻢ ﺗﻮﻣﯘرلاردا ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﻗﺎﻧلارﻧﻰ ﺋﯘرﻏﯘﺗﺘﻰ. ﺳﯜﺑﮭﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﺷﺎﻳﺎر ﺑﺎزﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ، ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﻪﺗﯩﻦ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇپ ﺋﻮﭼﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮت ﻗﺎلاﺷﻘﺎﺗﯘﺗﯘﻧﻐﺎن ﺋﺎﺷﭙﻪز ﻛﯚزﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﭘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘۋﯨلاپ ﺋﻪﺳﻨﯩﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻗﺎراپ ﻗﺎﻟﺪى. ﻳﻮﻟﺪا ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪﺋﺎﻟﺪﯨﺮاپ ﻣﺎﯕﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮ - ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪى. ﻗﻮﻳﯘق ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ دالا، ﺳﻮك - ﺳﻮك، ﻳﯘﻟﻐﯘﻧلار ۋە ﺋﯘﻳﻪر - ﺑﯘﻳﻪردە ﻣﻮﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎق ﻟﯧﭽﯩﻜﯩﺪەك ﭘﺎرﭼﻪﻗﺎرلار ﻛﯚرۈﻧﺪى. ﻛﯧﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻪك زەﯕﮕﻪر ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺳﻤﺎن ﺳﻪﺑﯩﻴﻨﯩﯔﻛﯚﯕﻠﯩﺪەك ﺳﯜزۈك ﺋﯩﺪى. ﺋﯚﭼﯜش ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺮەﻟﻪﺷﻜﻪن ﻳﯘﻟﺘﯘزلار ﻳﯩﺮاﻗلاپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻗﯩﺰﻏﺎﻛﯚزى ﻗﯩﻴﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻟﻤﯜرﮔﻪﻧﺪەك، ﻛﯚز ﻗﯩﺴﻘﺎﻧﺪەك ﻛﯚرۈﻧﺪى. ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰدا ﻗﺎرا ﻛﯚرۈﻧﮕﻪن ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﺪا - ﺳﺎﻧﺪا ۋاخ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺧﻮرازﻧﯩﯔ ﭼﯩﻠﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﯕلاﻧﺪى. ﻗﻮﻳﯘق ﻳﯘﻟﻐﯘن ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻠﯩﺮى ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮل ﺑﺎلا ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰدا ﺳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﮔﺰﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗﺳﺎﻣﺎﻧﻐﺎ ﺳﻪﻛﺮەپ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎن ﭼﯧﻐﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮدە ﺋﯧﮕﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﭘﭽﯩﻘﯩﭗ، ﺑﯩﺮدە ﻳﻪرﮔﻪ ﺗﺎﺷلاپ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺪى. ﺗﺎڭ ﺳﯜزۈﻟﺪى. ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ دالا ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﺟﯘۋاﻧﺪەك ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻘلاﺷﺘﻰ......
-
ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چىەكسىڭىز،ئاندىن تىما تۇلۇق چىقىدۇ.
ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪﻛﯧﺴﻪل ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭘﺎراڭ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪۇق. ﺳﯧﺮﯨﻖﭼﺎﭼﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺧﺴﯩﺪﯨﻦ ﻟﻪﯕﻤﻪن ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﯟﯦﺪى، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ «ﺋﺎﺷﻘﺎزﯨﻨﯩﻢﺋﺎﻏﺮﯨﭗ، ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﮔﯧﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﯟاﺗﯩﺪۇ» دەپ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﯧﮕﯩﭙﻤﯘﻗﻮﻳﻤﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪۇم. ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧلارﻧﯩﯔﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﺋﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎن ﺳﯚزﻟﻪۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕلاﺷﻘﺎ ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎﻳﻪر ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎراپ ﻗﻮﻳﺪۇم. دەل ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻣﻪن ﻳﻪۋاﺗﻘﺎن ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦﺑﯩﺮ ﺗﺎل ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎچ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى! ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن «ﺗﯧﺨﻰ ﮬﯧﻠﯩلا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﯩﻨﻪ ﭼﯚﭼﯜرە ﺋﯩﭽﯩﯟاﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن» دەپ ﮔﻪپ ﻳﺎﺳﺎپ، ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎچ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﯩلا، ﻛﯚﯕﻠﯜم ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪەك ﺑﻮلاﺗﺘﻰ …
ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕلاپ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻮرۇﻧﺴﯩﺰ رەﻧﺠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰﺑﯩﻠﺪﯨﻢ. -
بۈگۈنكى دۇنيادا،
مەدەنىي مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭى يىل بايرىمى بار؛
شەرەپشان ئۇيغۇر مىللىتىمۇ شۇ قاتاردا بار.
نەۋروز— ئۇيغۇرنىڭ يېڭى يىل بايرىمىدۇر؛
ئۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەكلەر مۇھەببەت قاينىمىدۇر.
بۇ نەۋروز ئەمەلىيەتتە، ھېيت – بايراملارنىڭ ئەڭ ياخشىسى؛
ئۇنىڭ بار بولغاي مۇنداق بىر مەخسۇس ناخشىسى: