• سەكراتتىكى بوۋاي
    (ھېكايە)

    --غۇپۇرجان پەتتار--
    ئۇشبۇ ھېكايىنىڭ ئاۋازلىق نوسخىسىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز تىمىغا مەرھەمەت قىلىڭ...
  • تىل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىللارنىڭ بىرى . ياكۇب گرىم :«بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدۇر . بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئۇستىخان - سۆڭەك ، قەبرە - كېپەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق بىر پاكىت باركى ، ئۇ بولسىمۇ دەل ئۇلارنىڭ تىلىدۇر» دەيدۇ . دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر تاشلىساق، بىر ئەل ياكى بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتى گۈللەنگەن دەۋرى دەل ئۇلارنىڭ مىللىي تىلىنىڭمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ۋە تاكامۇللاشقان دەۋرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز...

  • ئەركىن ھاشىم سۆزلىگەن نۇتۇق

    بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن ھاشىم دوختۇرنىڭ كۇچار ناھىيىلىك 4-ئۇتتۇرا مەكتەپتە سۆزلىگەن نۇتۇقى

    ئاڭلاپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ!

  • *پاررى توماس. پاررى توماس ئاپتوموبىل ماھىرى ۋە ئىنژىنېرى بولۇپ، چۈشىدىمۇ مالكولم كامبېلنىڭ ياراتقان مۇسابىقە رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ، ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، بىر ئۆزگىچە مۇسابىقە ئاپتومۇبىلىنى ياساپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا بابۇس دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئۇ بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، چاق بىلەن ماتورىنى تۇتاشتۇرىدىغان زەنجىرنى ئاپتوموبىلنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 1926- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى مۇسابىقىدە پاررى توماس ئاخىرى يېڭى رېكورت يارىتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى سائىتىگە 170 كىلومېتر ماڭىدىغان قىلىپ تەڭشەيدۇ. ئەمما، ئۇ ياراتقان يېڭى رېكورتنى ئىككىنچى يىلى مالكولم كامبېل يەنە بۇزۇپ تاشلايدۇ. پاررى توماس سۈرئەتنى يەنە تېزلىتىپ، بۇ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولغاندا، ئاپتوموبىلنىڭ زەنجىرى توساتتىن ئۈزۈلۈپ ئۆزىگە تېگىپ كېتىپ نەق مەيداندىلا ئۆلىدۇ.

  • ئىپپەتئاينىڭ گۈزەللىكى ،ئىپپەتلىكلىكى يۇرت-يۇتلارغا تاراپ كېتىپتۇ.بۇ شەھەردىن خېلىلا يىراق بىر تاغ بولۇپ ،تاغدا بىر توپ قاراقچى ياشايدىكەن.قاراقچىلارنىڭ "سەمەر"ئاتلىق بىر ئاتامانى بولۇپ ،ئۇ ئىپپەتئاينىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئاشىق-بىقارار بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىپپەتئاينىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ.
    بىر كۈنى ئىپپەتئاي بازارغا سودىلىققا چىققاندا،قاراقچى سەمەرنىڭ ئادەملىرى ئىپپەتئاينى بۇلاپ قېچىپتۇ.ئىپپەتخان بىلەن يولدىشى قىزىدىن ئايرىلىپ قالغىنىدىن ھەسرەت چىكىپ ،تولا يىغلاپ ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ،لېكىن ئامال قىلالماپتۇ. ئىپپەتئاي قانچە قىلسىمۇ قاراقچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالماپتۇ.سەمەر ئىپپاتئايغا زورلۇق قىلماقچى بولۇپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. بۇ چاغدا ئىپپەتئاي يېنىدىكى خەنجەرنى شارتتىدە چىقىرىپ ،مەردانە ھالدا سەمەرگە دەپتۇ:
    -سەندىن ئۆتىنەي.جېنىمنى ئالساڭ ئال !بىراق،مېنى بۇلغىما...بۇ جايغا پاك كەلدىم،ئۆلسەم مەيلىكىن،ناپاك ھالدا كېتىشكە رازى ئەمەسمەن.ئۆلسەم كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ.ماڭا زورلۇق قىلىپ ئىپپىتىمنى بۇلغۇساڭ ،ئالدىڭدىلا ئۆلۈپ بېرىمەن.ئىپپەتئاينىڭ مەردانە سۆزلىرىدىن سەمەر سەل پەس كويغا چۈشۈپتۇ.سەمەر قاراقچى بولغان خېلى كۆپنى كۆرگەن كىشى بولغاچقا ئىپپەتئايغا سەل ھۆرمىتى قوزغىلىپتۇ.سەمەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ:
    -ئەي قىز ،بۇنداق مەردانە سۆزلىرىڭگە ،جۈرئەتلىكىڭگە نېمە سەۋەب بولدى؟-دەپ سوراپتۇ.ئىپپەتئاي ئانىسى ئىپپەتخاننىڭ سۆزلىرىنى ۋە كۆرگەنلىرىنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ.سەمەر ئىپپەتخانغا قايىل بوپتۇ ۋە ئىپپەتئايغا:

  • چۈشۈمدە يىگىرمە قەۋەتلىك بىنادىن چۈشۈپ كېتىپتىمەن، بۇ چاغدا ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز ئىدىم، ئايالىم خوتۇنلار بىلەن چاي ئوينىغىلى كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا بىرەر ۋەسىيەت قالدۇرۇشۇم كېرەك ئىدى، بىراق شۇ تاپتا ئۇ قانىتى بولسىمۇ يېنىمغا ئۈلگۈرۈپ كېلىپ بولالمايتتى.
    مەن جىددىي ئويلاندىم ۋە بىردىنلا ئون توققۇزىنچى قەۋەتتىكى قوشنىلارنىڭ دېرىزىسىنى چېكىپ، ماڭا قەغەز – قەلەم تاشلاپ بېرىشنى ئېيتماقچى بولدۇم.

    -ساۋۇتكا، ھاي ساۋۇتكا! – دەپ توۋلىدىم مەن. ساۋۇتكام دېرىزە تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرغانىكەن، دېرىزىسىنى شۇنچە ئۇرۇپ توۋلىغىنىمنى ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋالدىمۇ، مەن تەرەپكە قاراپمۇ قويمىدى. ‹‹مەندىن تېخىچىلا رەنجىپ يۈرگەنمىدۇ؟›› دەپ ئويلىدىم مەن. ئۆتكەندە ئىدارىدىكىلەر ئۆيىڭىزنى مۇبارەكلەيمىز، دەپ كېلىپ بىر كېچە ئولتۇرۇش قىلغانىدى، مەن ‹‹رېستورانغا بارايلى››، دېسەم، ئۇلار ‹‹ئۆيىڭىزنى كۆرمىسەك زادى بولمايدۇ، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرىمىز››، دەپ تۇرۇۋېلىشتى. نېمە ئامال، ئولتۇرۇش بولغاندىكىن قىقاس – چۇقان، گۈلدۈر – تاراق بولىدىغان گەپكەن، سائەت ئون ئىككىلەر بولغاندا ساۋۇتكام چىقىپ:
    ئادەمنى ئارام ئالغىلى قويامسىلەر – يوق؟، يېرىم كېچە بولاي دېدى، قوشنىلارنىمۇ ئويلاپ قويۇڭلار...


  • قۇربان ھېيت مەزگىلى ئىدى. يۇرتۇمغا تۇغقان يوقلاشقا كەلدىم. گەرچە خىزمەتكە چىققىنىمغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، يۇرتداشلارنىڭ نەزىرىدە ۋىلايەتتە ئىشلەيدىغان يوغان كادىر ھېسابلىناتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنىڭ باشقىچە ھۆرمىتىمنى قىلىپ، ئۆي - ئۆيلەرگە چاقىرىشتى. بىر تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىدىكى پەتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىشىمدا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز ئېزىز مۇئەللىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
    ئېزىز مۇئەللىم مۇشۇ مەكتەپتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئوقۇتقۇچى ئىدى. مەكتەپ پائالىيەتلىرىنىڭ قاندىقى بولسۇن، مەيلى تەنتەربىيە دەمسىز ياكى سەنئەت، ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈشلەر بولمىسۇن ھەممىسىدە ئېزىز مۇئەللىمنىڭ پۇختا، ئەمما ئالدىراش بېسىلغان قەدەم ئىزلىرى چاقناپ تۇراتتى. «ئېزىز مۇئەللىمدىن سوراپ باقايلى ئەمىسە»، «ئېزىز مۇئەللىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ...» دېگەندەك سۆزلەر ئوقۇتقۇچى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيتتى. دېمىسىمۇ، ئۇ مەكتەپنىڭ باشلامچىسى ۋە تەشكىلاتچىسى ئىدى. ھەممە ئۇنى ھۆرمەت قىلاتتى. بىر كۈنى ئېزىز مۇئەللىم زۇكامداپ قالدى. ئۆزىغۇ خىزمەتتىن قالغىنى يوق، پەقەت گىمناستىكىدا پۇشتەك چېلىۋېتىپ چۈشكۈرۈپ سالدى. بۇ ئىش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ غۇلغۇلا ۋە بەس - مۇنازىرە قوزغىدى. «ئەگەر ئېزىز مۇئەللىم ئاغرىپ يېتىپ قالسىزە، ئىشنىڭ ئوخشىغىنى شۇ» دەيتتى بالىلار.
    بالىلىق دېگەن قىزىق بولىدىكەن. بەزىدە «چۈمۈلىنىڭ نەچچە پۇتى بار» دېگەندەك تايىنى يوق گەپلەر ئۈچۈن تالىشىپ - ئۇرۇشۇپ كېتىدىغان گەپكەن. بىر كۈنى مەكتەپ يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئاچماقچى بولدى. مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياسالغان كېسەك سۇپا بايراق، لوزۇنكا ۋە شىرەلەر بىلەن زىننەتلەندى.
    يوغان دۇمباق گۈمبۈرلەپ مەكتەپ بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈلدى. بىز يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن سىنىپلار بويىچە قاتار بولۇپ مەيداننى ئايلىنىشقا باشلىدۇق.

     

  • سادامغا  شىئېر  ئوقۇپ  بەرگىم  كېلىدۇ  ،
    كېلىنتون  سۇخانىدىن  چىقىدۇ  ھەيۋەت  .
    ئامالسىز  شىرەدىكى بىر  قەۋەت  چاڭنى  ،
    سەن  تۇتقان  قولۇمدا  سۈرتىمەن  رەت  - رەت  .

    مۈشۈكنىڭ  تىرناقلىرى  ئېسىمگە  كېلىپ  ،
    بىر  قۇتا  سىياھنى  تۆكىمەن  يەرگە   .
    ئانىلار  خاتىرجەم  ،  ئاتىلار  رازى  ،
    قىزىنى  بەرسىلا  ئوبدان  بىر  ئەرگە  .

    ئۆيۈمنىڭ  ئىشىكىدىكى  قاپ -قارا  قۇلۇپ  ،
    شاراقلاپ  ئېچىلار  كېچىدەك  گويا  .
    ئوت  ياقسام  ئوچاققا  چاي  قاينىتاي  دەپ  ،
    ئۆمۈرلۈك  پىغانىم  قاينايدۇ  چايدا  .

  • تۆمۈر پالىۋاننىڭ قاردا قالغان سۇس ئىزلىرىنى نىشان قىلىپ ماڭغان بەش -ئالتىدەك ياش ئوۋچى ئاقساقالنىڭ باشچىلىقىدا جىدى يول يۈرۈپ تۆمۈر پالىۋاننى تاپقاندا تۆمۈر پالىۋان يوغان بىر تاغىل يولۋاس بىلەن قۇچاقلاشقىنىچە قىتىپ قالغان ئىدى.  ئىگىز دۆڭنىڭ يان باغرىدىكى كەڭرى بىر يەر جىددى ئىلىشىش جەريانىدا، تىلغىنىپ،بۇلغىىپ كەتكەن ئىدى. يولۋاسىڭ قىنى بىلەن ئادەمنىڭ قىنى ئارلىشىپ كەتكەن، تۆكۈلگەن قانلار مەرۋايىتتەك پاقىراپ كۆز چاقاتتى.  تۆمۈر مەرگەننىڭ جىنىنى ئالغان، تۆمۈر مەرگەننىڭ قولىدا جان بەرگەن بۇ يولۋاسنىڭ بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋال كىچىككىنە ئارسىلان ۋاختىدا تۆمۈر مەرگەن ئىچ ئاغرىتىپ قويۇپ بەرگەن يولۋاس كۈچىكى ئىكەنلىكىنى ھىچ كىم خىيالىغا كەلتۈمىدى.  شۇ چاغدا تۆمۈر مەرگەن ئانا يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرغان يۈسۈپ ئوۋچىنىڭ يقنىغا كەپقالدى.  قەدىناس دوستىنىڭ شىجائىتىدىن سۆيۈنۈپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇنى تەبرىكلىدى. ئۇلار تۆمۈر مەرگەن ئوۋلاپ كەلگەن قىرغاۋۇل گۆشىدە كاۋاپ قىلىپ مەززە قىلىشىۋاتغاندابىر نىمىلەرنىڭ غىڭشىشلىرىنى ئاڭلاپ ئوۋچىلارغا خاس سەزگۈسى بىلەن يىقىنلا يەردە يولۋاسنىڭ ئۇۋىسىنىڭ بارلىقىنى پەملەپ ئىزدەپ بىقىۋىدى، دىگەندەك بۈككىدە بۇلغۇنلار بىلەن قاپلانغان بىر دۆڭنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۈچ يولۋاس كۈچىكىنى كۆرۈپ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.  جانلىقلار ئالىمىدىكى سۈر ھەيۋە، كۈچ قۇدرەت، قورقۇمسىزلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن يولۋاسنىڭ كۈچۈكلىرى تۆمۈر مەرگەن بىلەن يۈسۈپ ئوۋچىغا سۈر ھەيۋە بىلەن قارىشىپ تۇراتتى، كىچىككىنە چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ خىرىس قىلاتتى.  يۈسۈپ ئوۋچى ئۇزۇن خەنجىرىنى سۇغىرىۋىلىپ ئۇۋىغا يىقىنلاشتى.

  • بۇ ئاۋازلىق ئەسەرھەممىمىز ئىزدەپ يۇرگەن <<بەخىت>> كە ئەڭ دانالىق بىلەن جاۋاب بەرگۈسى...

  • بىلەمسەن؟ سېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان مېھرىبان ئاناڭ، ھاياتتا  ئۆزى مۇستەقىل مېڭىشنى ئۆگەنسۇن، دەپ، تە – تە قىلىپ، تۇنجى قېتىم  قولۇڭنى تۇتىدۇ.

     سەن مەكتەپكە كىرگەن چاغدا ئۇستازىڭ ساڭا قەلەم تۇتۇشنى ئۆگەنسۇن دەپ، كۆيۈنۈپ قولۇڭنى تۇتىدۇ.

    ھىجران دەشتلىرىدە چاڭقىغان يۈرەكلىرىڭ ۋىسال بوستانىدا  شىۋىرلىشىش پۇرسىتىگە نائىل بولغاندا، نىگارىڭ مۇھەببەت بىلەن قولۇڭنى تۇتىدۇ.

     خەيرلىك سەپەرگە ئاتلىنىپ مۇساپەڭدىكى ھەر بىر داۋاندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئاشقىنىڭدا ھاياتتىكى ئېغىر سىناقلاردا سىنىلىپ ئالبۇمىڭنىڭ ئۆڭمەس بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان دوستۇڭ غەلبەڭنى تەبرىكلەپ قولۇڭنى تۇتىدۇ.

    سەن ھاياتتا ئېغىر  سىناققا دۇچ كېلىپ، نېمە قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغىنىڭدا قەلبى ئىنسانپەرۋەرلىك بۇلىقىنىڭ مېھىر – شەپقەت سۈيىدە سۇغۇرۇلغان كىمدۇر بىرى سەمىمىيلىك بىلەن  قولۇڭنى تۇتىدۇ.

    سەن ئاغرىق ئازابىدا  قالغىنىڭدا كېسىلىڭنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاۋاتقان شەپقەت ھەمشىرىسى سېنى ھايات گۈلزارىغا قايتا باشلاپ كېلىش ئۈچۈن قولۇڭنى تۇتىدۇ...

  • ھېكىماخۇن چاڭ چىقىرىۋەتكۈدەك،  دېدى مىرغىياز ھېكىماخۇن ھەققىدە پاراڭ باشلاپ.

       — قانداق چاڭ چىقارغۇدەك؟ – سورىدىم مەن.

        —يېزىقچىلىقتا،  دېدى مىرغىياز.  ئۇ توپلام چىقارماقچىكەن. تۈنۈگۈن مېنى ئىزدەپ كەپتۇ، بېشىدىكى ماكچىيىپ قالغان شەپكىسىنى تاشلىۋېتىپ، تاقىر بېشىنى غادايتىپ مېڭىشىدىن قارىغاندا راستىنلا غەيرەتكە كەلگەندەك قىلىدۇ.

       —شۇنداقمۇ؟ – مەن ھەيران بولۇپ سورىدىم.

       — ئەلۋەتتە، مانا بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ھېكايىسى، مۇشۇنداق ھېكايىدىن يۈزنى يازسام توپلام بولارمۇ؟ دەپ مەندىن سوراۋاتىدۇ. ئاۋۋال مۇھەررىر ئاغىنەم كۆرۈپ باقسۇن دېدىم. ھېكايىسىغۇ ماڭا يارىدى، بىراق ئەمەلىيەتتىن سەل چەتنەپ كەتكەندەك قىلامدۇ، نېمە، كۆرۈپ باقامسىز؟

  • ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﻪﯓ ﭘﯩﻨﮭﺎﻥ، ﺋﻪﯓ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﺪﯗﺭ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﺗﯩﻞ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ: ﺩﯦﺮﯨﺰﻩ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﯟﯨﺮﻟﯩﺸﻰ، ﻗﺎﺭ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﭽﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﻮﺕ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﻗﯩﺮﺍﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺗﯩﻨﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ، ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﯨﻘﻰ، ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ... ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﻤﯩﺰ ﺳﯧﺰﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﻮﺭﯗﻏﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ، ﭼﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﯕﺴﯩﻖ ﮬﯩﺪﻯ، ﺷﺎﺗﯘﺕ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ، ﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﺗﺎﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻕ... ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﻠﻰ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯘﻻﺭ. ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯘﺩﯗﻕ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻦ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯧﺰﯨﻤﻠﻪﺭ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻗﯘﺩﯗﻗﻘﺎ ﺟﻪﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻗﯘﺩﯗﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻧﺎﮔﯩﮭﺎﻥ ﺳﻪﻥ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺳﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ، ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﭘﺎﺭﻩ - ﭘﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ.

  • ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻧﻨﺎ ﻣﺎﺭﯨﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻮﻳﯩﺰﺩﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﻡ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﮬﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯧﯟﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺑﯚﻟﯜﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﻛﺎﺭﯞﯨﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﻩﻙ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎﭼﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، ﭘﺎﮬ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻛﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﭽﻪ ،،ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﭽﻪ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﻮﻳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭ ﻛﺎﺭﯞﯨﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﯘ ﻳﺎﻥ_ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﻳﺎﺗﻘﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻤﯘ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﻗﯩﺰ ﻛﯩﺮﯞﺍﻟﺪﻯ، ﺋﯘ ﻗﺎﺭﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻤﯩﻜﯩﻦ؟ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﯜﺭﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﺎﻕ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﯧﭻ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺟﯘﻣﯘ. ﻗﺎﻳﺴﯩﺒﯩﺮ ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻱ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﭘﯘﻟﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺘﯘﻕ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﺘﯩﻦ ﺗﻮﻳﯘﻧﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﻖ، ﺋﯚﺯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺯﯨﺮﯨﻜﯩﭗ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﭖ_ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

  • داۋراڭچى بىر مىنۇتلۇق داۋراڭ ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەننى نەق ئالدى-دە، داۋراڭ ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. ناخشا چولپىنى ئوبراز بەدىلى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەننى نەق ئالدى. ۋاقتى بىر مىنۇت ياك ئۇنىڭىدن ئاز.
    دەۋاگەر ئىلتىجا قىلىپ كەلدى، بوسۇقلاردا جىنايەت شان-شەرەپكە، پۇرسەتكە، زىياپەتكە ئايلاندى. ھاجەتلەردىن بىنالار ئۈندى، داچىلار ئۈندى، ماشىنىلار ئۈندى…
    يېڭى ئوقۇش يۈتتۈرگەن ستۇدېنت قىز ئانىسىنىڭ باشلىشىدا ئش ئىزدەپ ئىشخانىغا كىردى. تارتىمىلار بايلىققا تولدى، ئىپپەت سودىسى باشلاندى. ئىشخانىلاردىكى توختام ئىشرەتخانىدا ئەمەلىيلەشتى.
    ئاخۇنۇم نىكاھ ئوقۇدى، ئالدىغا 50 يۈەن قويۇلدى. ئاخۇنۇم چالۋاقىدى: