• ئۆيگە كەلسەم ئايگۈزەل تېخىچە ئۇخلىماي كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىرمۇنچە گېپىگە «بەك چارچاپ كەتتىم، كىرىپ ئۇخلىۋالاي» دەپلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدىم، سەۋەبى ئۇنىڭغا چاندۇرۇپ قويماسلىق ئىدى. ئەگەر يېنىمغا كەلسىلا تاماكا ئىسى، ھاراق پۇراپ كېتىشىم تۇرغانلا گەپ!
    ئەتىسى ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرسام ئۇ ئىشقا كېتىپتۇ. ئەتىگەنلىك ناشتامنىمۇ تەييارلاپ قۇيۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بىرسى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادەتلىرىمنى بۇزۇپ، ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدىم، قارىسام مېھمانخانا ئۆينىڭ بۇلىڭىغا ئەپچىلگىنە قىلىپ كومپيۇتېر ئۈستىلىنى قۇيۇپ قۇيۇپتۇ، قارىغاندا ئىككىنچى قول كومپيۇتېر ئالغاندەك قىلاتتى.
    كەچتە ئىشتىن كېلىپلا ئۇنىڭ تەييار قىلىپ قويغان تامىقىنى يېدىم،
    ــ يېڭى خىزمىتىڭىز قانداقراقكەن؟
    ــ بولىدىكەن، دۇكاندىكى قىزلار بىلەنمۇ چىقىشىپ قالدىم،
    ــ ياغلىقىڭىزنى ئېلىۋەتتىڭىزمۇ يوق،
    ــ ئۇلارنىڭ ھېلىقى پوسمىسى بارغۇ، شۇنى كىيىدىكەنمىز، چېچىمنى تۈگۈپ، ئورىۋالغاندىن كىيىن كەيسەم چېچىم چىقىپ قالمايدىكەن.
    ــ نامازلىرىڭىزنىچۇ؟
    ــ ئارام ئېلىدىغان كىچىككىنە ئۆيى باركەن، خېلى پاكىزكەن، شۇ يەردە ئۆتىدىم.
    ــ خوجايىنىڭلار گەپ قىلمىدىما؟
    ــ ياقەي، خەنزۇكەن، ناماز ئوقۇيمەن دېسەم تېخى، «سودام تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغان بولدى» دەپ خوش بوپ كەتتى دېمەيسىز ...
    ــ ھە ...

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم سىڭلىم، تۇيۇقسىزلا يازغان خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىز ھە قاچان، تېمىلىرىڭىز، ئىنكاسلىرىڭىز دىققىتىمنى تارتقىلى خېلى بولغان، مەنمۇ بىر چاغلاردا توردا، مۇنبەردە سىزگە ئوخشاش ئەسەر يوللاپ يۈرەتتىم، نۇرغۇن دوستلىرىممۇ بولغان ... ھاياتىمدىكى بۇرۇلۇشنى، توغرا يولنى ماڭا مۇشۇ تور كۆرسەتكەن دېسەممۇ بولىدۇ... شۇڭا سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، ھېچ بولمىسا سىزگە بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلەرنى سۆزلەپ بېرىپ ئىچىمنى بىر بوشىتىۋېلىشنى ئويلاپ يۈرەتتىم ... يېقىندا يوللىغان بىر تېمىڭىزدا يولدىن چىقىپ كەتكەن بىر قىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەپسىز... شۇ تېمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن كاللامغا باشقىچە بىر ئوي كەلدى، ئويلىساممۇ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىدىغان ئاشۇ كەچۈرمىشلىرىم، قىسقىغىنە كۈلكە ئاتا قىلغان، ئەمما ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قويغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىم، چىراقلىرى كۆزلىرىمنى چاقناتقان، ئويۇنلىرى قەلبىمنى ئۆزىگە تارتقان ئاشۇ كۈنلەر... دېمەكچى بولغانلىقىمنى چوقۇم چۈشەندىڭىز، يېزىڭ، قانچىلىك يازالىسڭىز شۇنچىلىك يېزىڭ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئۆمرىدە بىر كېلىدىغان پۇرسەت دەپ بىلىدىغان، ناتونۇش شەھەر ناتونۇش كىشىلەر قاينىمىدا ئەركىنلىكنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ئاشۇ قىز-يىگىتلىرىمىزگە ئازراق ئەسكەرتىش ياكى تەربىيە بېرەلىسەك ئەنە شۇ بىزنىڭ غەلىبىمىز،،، بەلكىم مۇشۇ ئىدىيە مەن ئويلاشتىنمۇ يىرگىنىدىغان ئاشۇ كەچۈرمىشلىرىمنى سىزگە بىرمۇ بىر بايان قىلىپ بېرىشكە كۈچ ئاتا قىلىۋاتسا كېرەك ... ئاللا قەلىمىڭىزگە كۈچ بەرسۇن.

  • بەزىلەر مېنىڭدىن بۇ قېتىمقى چەت ئەل سەپىرىڭدىن زادى نېمىگە ئېرىشتىڭ، دەپ سوراشتى. مەن »ۋەتەندىن ئايرىلغان ئادەمنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدىكەن، دېگەن ھەقىقەتنى ھېس قىلدىم« دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇلار بۇ جاۋابىمنى ناھايىتى ئاددىي ھېس قىلىشتى. شۇنداق، قارىماققا بۇ گەپ شۇنچە ئاددىي، لېكىن بۇ گەپنىڭ تېگىدىكى ھەقىقەتنى ھەربىر ئەۋلاد ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن، ھىجراندىكى ئازابلىرى بىلەن، كۆز ياشلىرى بىلەن ئىزھارلاپ بولغىلى بولمايدىغان ماددىي-مەنىۋى بەدەللىرى بىلەنلا چۈشىنەلەيدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ خاتىرجەم ياشاۋاتقان بىر بالىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسى بىلەن ئۇرۇشنىڭ زەربىسىدىن ئۆيى ۋەيران بولغان مېيىپ پەلەستىنلىك بالىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسىنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟!

    بەزى ھەقىقەتلەر ئېيتىلىشىدىنلا ناھايىتى ئاددىي ھەم ئاممىباب بولغاچقا، ئۇنىڭ توغرىلىقىدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ، ئۇنى تەبىئىي رەۋىشتە ئۆزىنىڭ خاتىرىسىگە ئېلىۋالىدۇ، ئالاھىدە بىر ئىش تەسىر قىلمىغۇچە ئىنسان ئۆزى پىششىق بىلىدىغان ھەقىقەت توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقمايدۇ، ئۇ ئويلىنىپ بېقىشقا مەجبۇر بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن چۈشىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. سىز ئۆز ۋەتىنىڭىزدە تۇرۇۋاتقاندا ۋەتەننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلمايسىز ياكى يۈزەكى ھېس قىلىسىز، ئاشۇ ئەزىز ۋەتەندىن مەلۇم مەزگىل ئايرىلغاندا، »ۋەتەن« دېگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنىڭ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى بايقايسىز.

  •    ئانا دېگەن بۇ سۆز ھەقىقەتەن تولىمۇ يېقىملىق ھەم مۇبارەك سۆزدۇر، شۇنداقلا يەنە سېھرىي كۈچكە ئىگە سۆزدۇر.
         ئانا، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ جاپاكەش، ئەڭ ۋاپادار ۋە ئەڭ قابىلىيەتلىك ئۇستاز ھەم بىر ئۇستا ئىجادكار، پۈتكۈل كائىناتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغۇچى ئۇستا ھۈنەرۋەن.
         ئانا، قارىغىنە!؟ تۈن كېچە بولدى، ھەممە تاتلىق ئۇيقۇدا، ئەمما سەنچۇ؟ سەن يەنىلا يالغۇز ھالدا مېنى پەپىلاۋاتىسەن، ماڭا يېگانە ھەمراھ بولۇۋاتىسەن. مانا مەن چوڭ بولدۇم، مېنىڭ ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولغۇنۇمغا قاراپ ئىچ- ئىچىڭدىن خۇشال بولدۇڭ، بەلكى كەلگۈسىدە مەن توي قىلىپ، ئۆي- ئوچاقلىق بولغاندا، سېنىڭدىن ئايرىلىشىم، ھەپتىدە، ئايدا، يىلدا بىرەر قېتىممۇ يوقلىيالماسلىقىم مۇمكىن، ئەمما، سەن مېنى ھەربىر تېنىقىڭدا، ھەربىر قەدىمىڭدە، يۈرىكىڭنىڭ ھەربىر سوقۇشلىرىدا ياد ئېتىپ تۇرىسەن، بەختىمنى تىلەيسەن.

     

  • كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر! بۇ بىر تەرەققىيات زۆرۈرىيىتى. ئۇچۇرلىشىۋاتقان دۇنيا تارىخنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. تارىخنى يوشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنى دەستەك قىلىۋېلىشقا بولمىغاندەك، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئۆتمۈش - يېزىلىپ بولغان تارىخ، رېئاللىق - يېزىلىۋاتقان تارىخ.


    ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس ئۆتمۈشى شەكىللەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تارىخ پەنلىرى بىر مىللەت، بىر رايون ياكى بىرەر ئائىلىگە نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان نۇرلۇق ئەڭگۈشتەر ھېسابلىنىپ كەلمەكتە. كىمنىڭ ياكى قەيەرنىڭ بولۇشىدىن، كىمگە ياكى نېمىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ تارىخلا بولىدىكەن، ئۆزىگە تۇشلۇق ئارزۇ - ئارمانلارنى مۇجەسسەملىگەن ئەپسانە - رىۋايەتلىرى، قان - ياشلىق ھايات ئۇلانمىلىرىنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرى ھەم مۇشۇ پاكىتلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىدىيە - مۇلاھىزىلىرى بىلەن مەدەنىيەت خەزىنىسىنى ئۇلغايتىپ ھەم نۇرلاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ يۈزىنى يورۇق، كۆزىنى ئوچۇق، يولىنى دۇرۇس قىلىدۇ. بىر مىللەت، بىر دۆلەتكە نىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ھالاكەتكە يۈزلىنىش ھېسابلانسا، بىر ئائىلە، بىر ئادەمگە نىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىق - كۇپۇرلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە، يۇقىرىقى يەكۈننى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، جاھاندا بولغان ۋە بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ شۇنچە كۆپ، شۇنچە ئەھمىيەتلىك، شۇنچە جەلپكار ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالىمىز. بەلكىم، نۇرغۇن زامانلاردىن بۇيان ئۆز تارىخىنى ئۆزى يوقىتىپ كېلىۋاتقان نادان خەلقلەر ئۈچۈن كۆزىنى ئېچىش تېخىمۇ مۇھىم بولسا كېرەك.

  • زاﻣﺎن – زاﻣﺎﻧلاردﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﺗﯩﻠلاردا داﺳﺘﺎن ﺑﯘ ﻗﻮۋﻣﻨﯩﯔ ﺑﻮي – ﺑﻪﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎۋۇل، ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻤﻠﯩﻚ؛ ۋۇﺟﯘد ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮرﻗﯘﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ۋە ﺷﯩﺠﺎﺋﻪت؛ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮ ۋە ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭙﭙﻪت، ﻏﯘرۇر؛ ﺋﺎڭ – ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘر ۋە ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻧﻪﺳﻪﺑﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﻮۋﻣﻨﻰ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺋﺎﻣﻪت – ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎرلارﻏﺎ، ﻧﯘﺳﺮەت -ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻧﺎﺋﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪى.
    ﻧﯩﮭﺎﻳﻪت، ﺑﯘ ﺳﯜﭘﻪت -ﺳﺎﺋﺎدەﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎن ﺋﻪﺳﯩﺮ -ﺋﯧﺮالارﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺎت -ﻗﯘﻳﺮۇﻗﻠﯩﺮى ﺳﯩﻴﭙﺎپ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯜﻳﯜك ﻳﯩﭙﻪك ﻳﻮﻟﻰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮى، ﺗﯩﻠﺴﯩﻤﺎت ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪر، ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ – رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﯕﻤﻪس ﺟﯘلاﺳﻰ، ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎس زﯨﻠﺰﯨﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﯩﯔ ﺑﻪرﮬﻪﻗﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺋﻪﺑﻪدﯨﻴﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺷﺎﮬﯩﺪﻟﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ.
     


  • راست سۆزلىگەن ئادەمنىڭ خاتالىقى ئاز ، ئارتۇقچىلىقى كۆپ بولىدۇ .


    ئارزۇ - ئارمانلىرىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي كىرىم سەۋىيەڭگە تۇشلۇق بولسۇن ، ئىقتىسادىي سەۋىيەڭ ئۆسكەندە ئاندىن ئۇنى ئۆستۈرمىسەڭ كۈلكىگە قالىسەن .


    ئاددى - ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ماھىر بولمىغان ئادەم مەڭگۈ قۇل بولۇپ ئۆتىدۇ .


    گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەرسىلەردۇر ، بىراق ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى گۈزەللىك بولىۋەرمەيدۇ .


  • بالىلار كەمپۈتنى تولا يېيىشنىڭ پايدا-زىيىنى ئۈستىدە ئويلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت تەم. چوڭلار بولسا ئۇلارنىڭ چىشىغا قۇرۇت چۈشۈشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدۇ. بالىلىقتىكى ئويۇنلارنى چوڭ بولغاندا ئەسلىسەڭ قالتىس مەنىلىك تۇيۇلىدۇ، ھەتتا ئۇ كىيىنچە يىتىلگەن ئەقىل-پاراسىتىڭ ۋە پەلسەپىۋى ھۆكۈملىرىڭ بىلەن بىرلىشىپ، ئۆز ئىچىگە تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى يوشۇرغان، لېكىن ئۆز ۋاقتىدا بايقالمىغان كاتتا ئاسارە-ئەتىقىگە ئايلىنىدۇ.
    مەن يېزىدا تۇغۇلۇپ، يېزىدا چوڭ بولدۇم. بالىلىق دەۋرىمدە شەھەرلىك بالىلارغا خاس ئويۇنچۇقلىرىم بولمىسىمۇ؛ لېكىن ئورمان، ئېقىن ۋە غىلاڭ سايلار گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ گۈزەل ماكانىمدا بىز ئوينايدىغان ئويۇنلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. بىر چاغلاردا قىش پەسلى يىتىپ كىلىشى بىلەنلا ماشرەڭ فورما كىيگەن نۇرغۇن ھەربىيلەر مەھەللىمىزدە پەيدا بولاتتى، ئۇلارنىڭ ياتىقى كەنت مەمۇرىيىتى ئىچىگە ھەمدە بۇرۇنقى بايلاردىن مۇسادىرە قىلىنغان كونا، ئەمما پۇختا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى.

  • دﯦﮭﻘﺎﻧلارﻣﯘ دۆﻟﻪت ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﯩﻠﻪر ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎراۋەر ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺑﺎﻳﺮام ﻣﻪزﮔﯩﻠﯩﺪە ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﻮرۇن، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەم ﺋﯘلارﻧﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻜﻪ ﺳﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، دﯦﮭﻘﺎﻧلارﻏﺎ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ، دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮاﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.

      ************

      ﺑﯘ ﻳﯩﻞ دۆﻟﻪت ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎرﭘﺎ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ﺑﺎﻳﺮاﻣﻠﯩﻖ دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﯩلاﻧﻰ ﺗﯜزۈۋاﺗﺎﺗﺘﯘق. دادام ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰلا: «ﻣﯘﺷﯘ دﯦﮭﻘﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻳﻮﻗﻜﻪن - ﮬﻪ!» دﯦﺪى. ﺑﯘ ﮔﻪﭘﺘﯩﻦ ﻳﯜرﯨﻜﯩﻢ «ﭼﯩﻤﻤﯩﺪە» ﻗﯩﻠﺪى ...

  • كۆتۈرۈپ ئەكەپتۇ دادام بىر كۈنى ،
    بۇيۇمدەك كىلدىغان ئەسكى تۈمۈرنى .
    ئەسكى دەپ كۆرمەڭلار سىرتىغا قاراپ ،
    ئەسكىسى داتلىشىپ كەتكىنى ئىدى .


    بەرمەي بىزگە تاشلىدى ئۇنى ،
    ئىچكىرى ئۆيدىكى كونا قازناققا .
    دىيىشىچە بىر كۈنى لازىم بۇلارمىش،
    ئىشەككە ھەركۈنى بىدە توغراشقا .


    شۇندىن ئون يىل كىيىنكى كۈندە ،
    تۇيۇقسىز ئۇچراتتىم ئاشۇ تۈمۈرنى .
    ئۈستىدە داتلار قېلىنلاپ قاپتۇ ،
    سېپىدە ياقۇتلار چاقنىتىپ كۆزنى .

  • ئەتراپنى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ، ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىت ، تىمتاس . لەنىتى يامغۇر شارىلداپ ياغماقتا ئىدى . تورخانىدىن چىقىپ ياتاققا قاراپ ماڭدىم . سائىتىمگە قارىۋىدىم ، كىچە سائەت 3نى كۆرسىتىپ تۇراتتى . ھېسلىرىمنىڭ <<مۇھەببەت ، سەن ئۆل !>>دىگەن تېمىسنى ئوقۇشقا قىزىقىپ كىتىپ سائەتنىڭ بۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قاپتىمەن . ئەمدى بۇ يېرىم كىچىدە ياتاققا ئارتىلىپ كىرمەكتىن باشقا ئامال يوق ئىدى . يامغۇر تېخىمۇ قاتتىق يېغىشقا باشلىدى ،
    يۈگۈرۈپ دىگۈدەك مېڭىپ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى قاراڭغۇ، تار كوچىغا يىتىپ كەلدىم .
     توساتتىن كەينىڭگە قارا دىگەندەك قىلىپ ، شۇنداق قارىۋىدىم ،
    يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ سۇقۇپ كەتتى .
     كەينىمدە ئاپئاق كىيىم كىيۋالغان بىرسى ماڭا قاراپ تۇراتتى .
     قۇرقۇنىمدىن پۈتۈن بەدىنىم لاغىلداپ تىترەپ كەتتى . تېزلا ئالدىمغا قارىۋالدىم.......

  • ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چىكىڭ،شۇندىلا ئاۋازلىق ئەسەرنى ئاڭلىيالايسىز

     

  • ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چىكىڭ،شۇندىلا تىمىنىڭ تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرەلەيسىز

     

    بۈگۈن يەكشەنبە ، ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ زىرىكتىم . خۇددى سىز ئۇچراپ قالىدىغاندەك كوچىغا چىقىپ نىشانسىزلا ئايلاندىم . ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بۇ چوڭ شەھەردە ئالدىراش پېتى مىغىلداپ كىتىۋاتقان ئادەملەر ئارىسىدا مەن يەككە -يىگانە . بەزىدە سىزدىن ئايرىلىپ شۇنچە يىراق يەرگە ئوقۇشقا كەلگىنىمگە ئازراق پۇشايمانمۇ قىلىپ قالىمەن . بىراق، يەنە تېزلائۆزۈمگە قايتىمەن ، دائىم ئەقىل بىلەن ھىسىيات ئارىىسدا مانا شۇنداق تېڭىرقايمەن . سىز مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم ، سىز بولسىڭىزلا مەن ھەرقانداق جاپاغا چىدايمەن ، سىز مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ .

    زاھىرە چىن يۈرىكىدىن چىققان ،سېغىنىشلىق ھىسياتى ئۇرغۇپ تۇرغان خەتنى يېزىپ بۇلۇپ ، ئۆزى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى . شۇئان ئۇنىڭ مەمنۇنلۇق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان چىرايىدا چىرايلىق زىناق پەيدا بۇلۇپ ، بۇ گۈزەل قىزنى تېخىمۇ ئوماق تۈسكە كىرگۈزۋەتتى .

     

     

     

     

     

     

     

  • ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چىكىڭ،شۇندىلا تىمىنى تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرەلەيسىز

     

     

     

    بېشىدىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇق ئۆتمىگەن ئاتىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان بىر تەنتەك يىگىت بار ئىكەن.
    بىر كۈنى ئاتا-بالا ئىككەيلەن بىللە باغچىغا بىرېپتۇ ، يىگىت بىر تال گۈلنى تۇتۇۋېلىپ :
              ئاتا ،بىز ياشلار مانا شۇ ئېچىلىپ تۇرغان گۈلگە ئوخشاش تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچكە ئىگە . سىلەر قېرىلار قانداقسىگە ئۆزۈڭلارنى ياشلارغا سېلىشتۇرالايسىلەر ؟-دەپتۇ .
              ئاتا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ گەپ قىلماپتۇ ، ئەمما بىر كىچىك دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، بىر بولاق ياڭاق ئېلىپ ، ئۇنىڭ بىرىنى ئالقىنىغا قويۇپ تۇرۇپ :
              بالام ، ئوخشىتىشىڭ ناھايىتى جايىدا بولدى ، ئەگەر سەن ئېچىلغان گۈل بولساڭ ، مەن مانا بۇ قۇرۇق مېۋىگە ئوخشايمەن . بىراق ، پاكىت ئادەملەرگە شۇنى ئۇختۇرۇدىكى ، ئېچىلغان گۈل ئۆزىنىڭ ھاياتىنى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈل بەرگىلىرىدە نامايەن قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، مېۋە بولسا ، ھاياتىنى شاكال ئىچىگە چوڭقۇر يۇشۇرۇنغان ئۇرۇققا سىڭدۈرۈپ قويۇشقا خۇشتار !-دەپتۇ . يىگىت بۇنىڭغا قايىل بولماي :
              گۈل ئېچىلمىسا ، مېۋە نەدىن كەلسۇن ؟- دەپتۇ . ئاتا قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ :
        -شۇنداق ، مېۋىنىڭ ھەممىسى ئەسلى گۈل ئىدى ، ۋەھالەنكى ، ئېچىلغان ھەممە گۈلنىڭ مېۋىگە ئايلىنالىشى
    ناتايىن ! -دەپتۇ .

  • ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى باسسىڭىز،ئاندىن تىما مەزمۇنى تۇلۇق چىقىدۇ.

     

    1. ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورانغىنىدۇر. ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز ، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسىمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىي مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نومۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتىبارلىق قىز نامايەن بولىدۇ ۋە بۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقىملىق كۆرىنىدۇ. ھايا كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭ ئۇيتى بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ...