
-
جۇدالىق - [كىنو-فىلىملەر]
فىلىمنى كۆرمەكچى بولسىڭىز،ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى بېسىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...جەلىپكار تور خاتىرىسىنىڭ
ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى،
تۆۋەندە سىلەرگە<<جۇدالىق>>
ناملىق فىلىمنى تەۋسىيە قىلماقچى.
بۇ فىلىم لوپنۇر،ئۈرۈمچى ۋە
گوللاندىيە ئامېستىردام...لاردا
سۆرەتكە ئېلىنىپ ئىشلەنگەن ئىكەن،
كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ. -
يېغىپلا تۇرسا مېھرى يامغۇرى،
يۈرىكى كىمنىڭ ئاڭا چىلاشماس.
ئىنسانى سۆيگۈدە ئىنساننى سۆيسەك،
قايسىبىر يۈرەك ئىشىكنى ئاچماس.سۆيگۈدۇر زىننەت،سۆيگۈدۇر سۇبات،
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.
ئىنساننىڭ ئۆزى ئۇلۇغ بىر ئەسەر،
شەپقەت يەتكۈزۈش دىمەك مۇندەرىجە.
قىسمەتكە تولغان پىشانىمىزدا،
ئىلاھى شۇئار سۈزۈكتۈر شۇنچە.
ئانا سۈتىدىن باشلىنار قۇتاد،
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات. -
تولا ئىسلىنىۋېرىپ،قارداپ كەتكەن ئۆينىڭ تورۇسىدىكى ئىنچىكە ،قوپال لىم-چەڭزىلەرنى ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن،سامان لايدا سۇۋالغان تاملارنىڭ ئۇ يەر بۇيەردىكى سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كېتىپ كىسەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان،سۇنۇپ ،دەز چىقىپ چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغان يەرلىرىگە پىلاستىر <جىياۋبۇ>چاپلاپ تۇرغۇزۇپ قۇيۇلغان كۆزنەكلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندائاساسەن ئەينەكلىرى قالمىغان ،ئېچىلىپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان دەرىزىدىن چۈشكەن نۇر ئۆينى غۇۋا يورۇتۇپ ،ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان بەدبۇي پۇراق بىلەن بىرگە ئادەمگە بىر خىل غەشلىك تۇيغۇسى بېغىشلايتتى. ئۆينىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى ئىگىلىگەن كاڭ ،كاڭنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن،كۆيە يەپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتكەن قارا(رەڭگىمۇ ئۆزگىرىپ كۈلرەڭ بۇلۇپ قالغان)ئىككى پارچە كېگىز،كېگىز ئۈستىدە تۆر تەرەپكە سېلىنغان كىرلىشىپ كاناپتەك قېتىپ كەتكەن ،ئەسلىدىكى قىزىل رەڭگى سۈسلىشىپ سۈس قىزىل رەڭگە كىرىپ قالغان كۆرپە ئۈستىدە ،قاسماقلىشىپ كەتكەن يېشىل دۇخاۋا ياستۇققا بېشىنى قويۇپ ،ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى ئۇزۇن سوزغىنىچە ،ئېغىر -ئېغىر يۆتىلىپ ،قىينىلىپ تەستە نەپەسلىنىپ ،ئاجىز ئېڭراپ ،ياشاڭغۇراپ قالغان كۆزلىرىنى تورۇسقا تىككىنىچە بىر بوۋاي ياتاتتى.
-
مەن دادامنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئۇ ئۆيدە بولمىسا:«نەگە كەتكەندۇ؟» دەپ ھەمىشە ئاچىلىرىمدىن سورايمەن.
مانا بۈگۈن قوربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى ئەتىگەندىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام، دادام يوق تۇرىدۇ. ئاچىلىرىمدىن سورىسام، ئاچىلىرىم:
- دادىمىز ھېيت نامىزىغا چىقىپ كەتتى،- دېدى. كىيىملىرىمنى كىيىپ، يۈزلىرىمنى يۇيۇپ، ئىشىكە يېنىش - يېنىشلاپ تەلمۈردۈم. بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ، دادام خوشال كىرىپ كەلدى. مەن ئاچىلىرىم بىلەن بىللە دادامنىڭ ئالدىغا يۈگۈردۈم. دادام:
- بالىلىرىم، ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! - دەپ ئاچىلىرىمغا 10 كويدىن ھېيتىلىق بەردى. مەنمۇ ئاچىلىرىمنىڭ قاتارىدا دادامغا قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئوغلۇم، ساڭا پۇل ئەمەس، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر نەرسىنى ھېيتلىق بېرىمەن، -دېدى. -
يەكشەنبە كۈنى بازار ئايلىنىپ كەلمەكچى بولۇپ كوچىغا چىقىۋېدىم، كىمدۇر بىرى ئارقامدىن دولامغا شاپىلاقلىدى، بۇرۇلۇپ ئېسىل كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، قارا كۆزەينەك تاقىغان بىر كىشىنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قول ئۇزىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
ـــــ ياخشىمۇ سىز؟ سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن.
ـــــ رەھمەت! ـــــــ دەپ قولىنى سىقتىم.
ـــــ رەھمىتڭىزگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن يەنە بىرقېتىم تەشەككۈرىمنى ئېيتىشقا رۇخسەت قىلغايسىز!
«بۇ كىم بولغىيدى؟» دەپ ھەيرانلا قالدىم، كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىۋېدى، ئېسىمگە كەلدى.
ــــــ ھە، سىز ھېلىقى ھېكايىنىڭ ...
ــــــ شۇنداق، شۇنداق. تونۇۋالدىڭىز، زېھىنىڭىزگە ئاپىرىن. سىزگە «ساراڭ» دېگەن ھېكايىنى ئاپىرىپ بەرگەن كىشى مەن بولىمەن.
ــــــ كېيىم-كېچىكىڭىز، گەپ-سۆزلىرىڭىز ئۆزگىرىپ كېتىپتىغۇ، تونۇماي قالغىلى تاسلا قاپتىمەن. -
-بالام ، ياخشى ئوقىغىن ، ئۆيدىكى ئىشلاردىن ئەنسىرىمىگىن ....
ھەر قېتىم ئۆيگە تېلىغون قىلغىنىمدا ئانامنىڭ چوقۇم دەيدىغان مۇشۇ بىر جۈملە سۆزى ئۇدۇل بېرىپ يۈرۈكۈمگە تېگەتتى ،
-ماقۇل ،ئانا ، خاتىرجەم بۇلۇڭ ، مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن ..
ئانام مېنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقىيالىغىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنەتتى ، ھەر قېتىم ئۆيگە مېھمان كەلسە مېنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى ، دېمىسىمۇ بىزنىڭكىدەك بىر يېزىدىن ،مەندەك بىر دېھقاننىڭ بالىسىنىڭ بۇ چوڭ شەھەرلەرگە كېلىپ ئوقىيالىشى راستلا ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى ، بىزنىڭ ئۆينىڭ جان سانى جىق ، كىرىمىمىز بەكلا ئاز ،شۇ سەۋەپلىك يۇقىرىلاپ ئوقىيالىغان پەقەت مەنلا بار ئىدىم ، ماڭا بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈرگىلىمۇ نەچچە يىل بۇلۇپ قاپتۇ ، ئوقۇشنىمۇ پۈتتۈرەي دەپ قالدىم لېكىن ئانام مېنىڭ قايسى مەكتەپتە ئوقۇيدىغىنىمنىمۇ دەپ بېرەلمەيدۇ ، ئۇ پەقەت مېنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر چوڭ شەھەردىكى بىر داڭلىق ئۇنۋېرسىتتا ئوقۇيدىغىنىمنىلا بىلىدۇ ،ئەلۋەتتە ئانامدىمۇ ئەيىپ يوق ، جاپاكەش ئانام ئۆمۈر بويى بالىلىرىنىڭ غېمىدە ، قانداق قىلىپ بالىلىرىنى ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش غېمىدىلا يۈرۈپ ، خەنزۇچە دىگەننى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسا ،يەنە كېلىپ ئانامنىڭ مەكتىپىمنى ئۇنداق ئېنىق بىلىپ كېتىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى . -
ﺋﻮﻏﻠﯘم!
ﺳﻪن ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯘزاق ﺋﻮﻳلاﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﺎﯕﺎ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ رﯦﺘﺴﯧﭙﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق دورا - ﺋﻮﻛﯘﻟﻐﺎ ﻣﻮﮬﺘﺎج ﺋﻪﻣﻪس. ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﺶ - ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﯔ، ﻛﯚﯕﯜل - ﻛﯚﻛﺴﯜﯕﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ.
ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎلاﻗﯩﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪە ﻣﯘﻧﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩلارﻏﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻞ:
ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪ؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎراﯕلاﺷﻘﺎﻧﺪا ﭼﯧﮭﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﭘﺎرلاپ ﺗﯘرﺳﯘن، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯚزﯨﻨﻰ زەن ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕلاﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟال؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﻣﻪ، ﺗﺎﺳﺎدﯨﭙﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮدە، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻛﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﯖﺪە ﺳﺎﻗلا؛ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﻰ ﺧﯘددى ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ، ﺋﯘﻧﻰ ﭘﯘراپ ﻗﻮﻳﺴﺎﯕلا ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ، ﻣﯘﺑﺎدا ﭘﯘرﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﺘﺨﯘش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺴﻪڭ، ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪدەم ﺑﺎﺳﯩﺴﻪن؛
-
تېخى تۈنۈگۈنلا شوخ،ئەركە قىز ئىدىم. ھاياتقا ،مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ھەۋەس بىلەن باقاتتىم.
قاچانلاردىن تارتىپ سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ،بىلمەيمەن.شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆز ئەركىم ئۆز قولۇمدا بولماي قالدى.سېنىڭدىن ساپ،ئوتلۇق سۆيگۈ كۈتتۈم.مېنىمۇ مەن سېنى سۆيگەندەك سۆيسىكەن دەپ ئۈمىد قىلدىم.ئەپسۇس،تولىمۇ ئەپسۇس. سەن مېنىڭ پاك،غۇبارسىز مۇھاببىتىمنى بىردەملىك ئۆتكۈنچى ھىسياتنىڭ قۇربانى قىلدىڭ.سەن ئۈچۈن تىزغان گۈلدەستىلىرىمنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ۋەيران قىلدىڭ.ھەتتا سەن ئۈچۈن بەرپا قىلغان كۆڭۈل گۈلزارلىقىمغا كىرىپ ئۇنىڭدىكى ئەڭ چىرايلىق ،ئەڭ خۇشپۇراق گۈلنى ئۈزۈپ باشقا قىزغا سوۋغا قىلدىڭ.سېنى سۆيگۈ گۈلزارىمدىكى يىگانە بۇلبۇلۇم دەپ ئويلايتتىم. -
بىر زامانلاردا مەنمۇ سىزدەك ياش ئىدىم،
ياشلىقىم غۇرۇرىدىن بەڭباش ئىدىم.
گاھ يۈگەنسىز شوخ- ئاساۋ بىر تاي كەبى،
گاھ بۇلۇتلار ئىچىدە ئۈزگەن ئاي كەبى.
تەلپۈنەتتىم ھەرنەپەس مۇشتاق بولۇپ،
ئارزۇ دەرياسىغا قانماق بولۇپ.
بىر زامان تەكلىماكانغا ئىشتىياق،
قوزغىلىپ، قويدۇم ئاڭا دادىل ئاياغ.
تەلىيىمگە ھەمراھىممۇ بار ئىدى _
كى، خوتەن كارۋانلىرى تەييار ئىدى.
قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز ماڭدۇق ئۇزاق،
گاھى ئاتلىق، گاھ ئىشەكلىك، گاھ ياياق.
بىزگە يول باشلار ئىدى ھېچ تېنىمەي،
كۆپنى كۆرگەن، كۆپنى بىلگەن بىر بوۋاي.
ئاخشىمى سۆكسۆك قالاپ، گۈلخان يېقىپ،
سوزۇلۇپ ئارام ئېلىپ چۆلدە يېتىپ،
گاھ ھېكايەت ئاڭلىشاتتۇق، گاھ راۋاپ،
ئۇچرىسا چۆلدە كىيىك يەيتتۇق كاۋاپ... -
توختى بۇ سەپەردىكى،يىنىدا ئولتۇرغان ھەمراھىنى<قارىم> دەپ ئاتايتتى.
<قارىم>ئۆزگىچە ئادەم ئىدى،گەپلىرى بەكمۇ چوڭقۇر مەنىلىك ئىدى،توختى بۇ ئادەم بىلەن پاراڭلىشىشنى خالاپ قالدى.
_قارىم سىلى قانچىلىك ئوقۇغان؟
_مەن ئوقۇمىغان،دېدى قارىم كۈلۈمسىرەپ،توختى بۇ گەپتىن ھەيران قالدى،
_ھەيران قېلىۋاتىلا ھە.....،بىلىم دىگەن مەكتەپتىن باشقا يەردىمۇ بار،ئوبدانراق كۆزىتىپ باقساق ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانىڭ ھەممىسى بىلىم،بىلىشنى ئىرادە قىلساق ئاللاھ تائالا بىزگە بىلدۈرىدۇ.
ئۇلار ھاياتلىق ھەققىدە پاراڭلاشتى،توختى قارىمغا ئىدارىسىدىكى ئىشلارنى،جەمىيەتنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە پاراڭ سېلىپ بەردى.
ئۇكام،دېدى قارىم بىر چاغدا توختىنىڭ گىپىنى بۆلۈپ،_دۇنيادا سەۋەپسىز ھېچنەرسە يوق،جاھانمۇ ئەمدىلا بۇزۇلغىنى يوق،بۇزۇلغىلى خېلى بولغان،بىز نەتىجىسىنى كۆرگۈچىلەر خالاس.
_تۈزىگىلى بۇلارمۇ؟
_تۇلۇق بۇزۇلۇپ بولسا ئاندىن تۈزىگىلى بولىدۇ،چالا بۇزۇق نەرسىنى تۈزىمەك تەس،توپان بالاسى ھەممىنى تۈزەيدۇ،بىلگۈچى ئاللاھ.. -
ئايگۈزەلدە كەچكىچە ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئۈچىلىمىز بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدۇق ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ،كارىۋات بېشىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرىمەن . دوختۇر ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىشنى ئېيتتى ، لىكىن ئۇنداق قىلمىدۇق ھەم قىلالمىدۇق ، ھەتتا ئاپىسى تىلفۇن قىلىپتىكەن يالغان سۆزلەپ بىر نەرسىلەرنى دەپ تىلفۇننى قۇيۇۋەتتىم .
ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گەپ قىلماي يۈرگىچە زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام بوپتىكەن ، ئۈتۈپ كەتكەنمەن دۆتكەنمەن ، ئادەم بىر ئىشنى ئىچىگە ئېلىۋەرسە مۇشۇنداق بۇلۇشىنى بىلەتتىمغۇ ، ئۇنىڭ ئاپاق بىلەن مەندىن باشقا ھەممە گەپلىرىنى ئېيتىپ سىرداشقۇدەك ئادىمى بولمىسا نىمىشقىمۇ ؟؟؟نىمىشقىمۇ ئۇنىڭدىن سورىمىغاندىمەن ، بەلكىم ماڭا يىغلاپ ئولتۇرۇپ ھەممە گەپلىرىنى دەۋالسا بۈگۈنكى ئىشلار يۈز بەرمەستى...
ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى بىرمۇ-بىر ئويلاۋاتىمەن...ئەنە يېڭى كۈچۈپ كىرگەن ۋاقتى ،ئوماق ، كۆزلىرى كۈلۈپلا تۇرىدىغان قىز...تولا سۇئال سوراپ ئادەمنى جىلە قىلىپ كىتىۋاتقان قىز ، تاماق ئىتىشنى بىلمىگەن ھالىغا تاماق ئىتىمەن دەپ ئوخشىمىغان تامىقىنى ئادەمگە يىگۈزۈپ بىزار قىلىۋەتكەن قىز ، قاپىقىم تۈرۈلۈپ بولغۇچە <بىر كۈنى ھىسامكام ...> دەپ يۇمۇر باشلاپ بۇلىدىغان قىز...كۈندە كەچلىرى ئاپاق بىلەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق مۇڭدىشىپ ، يۈزلىرى قىزىرىپ كىتىدىغان قىز...ھەر كۈنى جەيناماز ئۈستىدە ئاللاھتىن ھەربىر مۇسۇلمان قىزلىرىمىز ئۈچۈن ھىدايەت تىلەپ ياش تۆكىدىغان قىز...
تۇيۇقسىز ئۇنىڭ <ئاللاھ ھەرگىز بەندىلىرىنى تار يولدا قويمايدۇ ، چىن كۆڭلۈڭدىن ھەقىقى سەجدە قىلىپ تىلىسەڭ ئاللا تىلىگىنىڭنى بىرىدۇ > دىگەنلىكى ئىسىمگە كەلدى .
__ ئۆيگە كىتىمەن ئىلھام .
__ نىمە ؟ تۇرۇپلا...
__ مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيۇڭ ، ئاندىن ئايگۈزەلنىڭ يېنىدا ئىككىڭلار قېلىپ قېلىڭلار...ئۇ چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ، مىنىڭ ئۆيدە ئازراق قىلىدىغان ئىشىم بار . -
مىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىم ئايگۈزەلنى بەكرەك خوشال قىلغانىدى .ئۈزۈممۇ خوشال ئىدىم .ئىلھامنىڭ كۈيىنىشىدىن كۆڭلۈمدە ئۇزۇندىن بىرى ھىس قىلىپ كىلىۋاتقان بوشلۇقنىڭ ئورنى تولدۇرۇلغاندەك ھىس قىلاتتىم ، كۈندە نەچچە قېتىم تىلفۇن قىلاتتى ، نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى ، تاماق يىگەن-يىمىگەنلىكىمنى ، چارچىغان-چارچىمىغانلىقىمنى سورايتتى ، «مەن ساڭا بەك ئامراق»دەيتتى ئۇ ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تىلفۇن قىلىپ ، ئۇ شۇنداق مىنى ئەركىلەتكۈسى كەلگەندە سەنلەپ قۇياتتى.
بىر ئاي ئەنە شۇنداق ھەش-پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كەتتى .
ئايگۈزەل بىلەن پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىمىز بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى ، تاماقنى ئاساسەن مەن ئىتىدىغانلا بولدۇم ، ئۇ ھەم ئىشلەپ ھەم ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىپ ناھايىتى ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەنىدى،كەچ ۋاقىتلىرى ئۇزاققىچە ئاپپاق بىلەن ئۇچۇر يىزىشاتتى ياكى تىلفۇندا پاراڭلىشاتتى ، كېچىسى مەيلى قانچە كىيىن ئۇخلىمىسۇن ئەتىسى ئەتىگىنى يەنىلا نامازدىن كىيىن ئۇخلىماي ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنەتتى ، شۇڭا ئۇنى بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالسىكەن دەيتتىم ،
بۇ ھەپتىدە ئۇ دەم ئالماي ئىشلەپ كەتتى ، ئادەتتە ئۇلار نۆۋەتلىشىپ ئىككى كۈندە بىر قېتىم يېرىم كۈندىن دەم ئالاتتى .ئۇنىڭدىن سورىسام دۇكاندا بىر قىزنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ، ئۇ قىزنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى شۇڭا ئۇ قىز ئىشقا كىلەلمىگەن ۋاقىتلىرىدا قىزنىڭ ئورنىغا ئىشلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ــ ئىشلىگىنىڭگە پۇل قۇشۇپ بىرەمدۇ ؟
ــ ياق ، لىكىن ئۇ قىزنىڭ ئورنىغا قارىشىپ بەرمىسەم ئۇنىڭ مائاشىدىن تۇتىدۇ . -
ئايگۈزەلنى ساقلىغاچ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم ، تۇرۇپلا كۈلگۈم كىلىپ قالدى ، ئۇكاش بىلەن پاراڭلاشقىلى تېخى بىرەر ئايمۇ بولمىغانىدى ، بۇ تۇنجى قېتىم توردا تۇنۇشقان ئادىمىم بىلەن ئۇچراشقىنىم ھىساپلىناتتى ، توردىغۇ بىر-بىرىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرمەي ئولتۇرۇپ گەپنى قىلىۋىرىمىز ، ھېلى ئۇ كەلسە قانداق بۇلار...
ــ تىلفۇننى قۇيۇپ بوپسەنغۇ ھوي ! ،ــ تىزلىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ خىيالغا پېتىپ كەتكەن ئايگۈزەلگە چاخچاق قىلغۇم كەلدى،ــ يائاللا تىلفۇننى بىر قۇلۇڭغا ئالدىڭمۇ بولدى ، نەچچە سائەتكىچە خىيال دەرياسىنىڭ مايماق كېمىسىدە لەيلەپ يۈرگىنىڭ يۈرگەن ، تۇر ئورنۇڭدىن ، تاماق يىگىلى سىرتقا چىقىمىز .
ــ ساراڭ ، نىمانداق جىق گەپ قىلىسەن ؟
-بول دىدىم ، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى .
ــ ماقۇل ، ماقۇل .
ئۇنىڭغا ئۇكاش بىلەن كۆرىشىدىغان ئىشنى ئېيتمىدىم . بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ بۇنى ، «ئاپاق ئۇنىمايدۇ ، بولدى ئۆزۈڭ چىقىپ كىرگىن » دەپ قويسا ئامال يوق !
مەكتەپنىڭ ئالدىغا چىقتۇق .
ــ كەچتە نىمە يىگۈڭ بار ئايگۈزەل؟
ــ تاماق يىمەي ئۇششاق –چۈششەك نەرسە ئەكىرىپ يەيلى دىيىشكەنغۇ؟
ــ تاماق يەيلىچۇ بولدى ؟ يىغلىساملا قورسىقىم ئېچىپ كىتىدۇ مىنىڭ .
ــ بىنورمال ، ھەممە ئادەم يىغلىسا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ، سىنىڭ ئەكسىنچە ھە !
ــ نىمىلا دىسەڭ مەن مىھمان قىلىمەن بۈگۈن .
ــ ناھايىتىمۇ ئاددى . سۇيۇقئاش ئىچكۇم بار .
ــ ھەنىم بولسا ئەتكەن چاي دىمىدىڭ ..،مىھمان قىلاي دىسىمۇ دەپ يۈرگەن گىپىنى ...ماقۇل ، ساڭا سۇيۇقئاش بولسۇن... لىكىن بىز ئىككىمىزلا يىمەيمىز جۇمۇ ، ئۇكاشمۇ بار!
ــ ھە ؟! قايسى ئۇكاش ؟
ــ توردىكى ئۇكاشچۇ ؟ -
توۋا...بىر چاغلاردا مەنمۇ شۇنداق ئويتلايتتىم ھە ! پەقەت ئۇنىڭلا خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتسەم ، ئالدىدا مۇلايىم ، خۇشپىچىم بولسام ، ھەر قېتىم ماڭا گەپ قىلغىنىدا <ماقۇل نىجاتىم > دەپلا تۇرسام ، مۇلايىملىقىمدىن سۈيۈنۈپ ، خوش بۇلۇپ كەتسە دەپ ئويلايتتىم...
ــ گۈزەل ، سەندىن بىر سۇئال سورىسام بۇلارمۇ ؟
ــ گەپ تېشىلىپ قالدى ھە ، سوراۋەرگىن .
ــ سەن بىرەرسى بىلەن يۈرۈپ باققانمۇ ؟
ــ بىرەرسى دەيسەنغۇ...
ــ چاقچاق قىلماي دەپ بەرگىنە ، مىنىڭ بەك ئاڭلاپ باققۇم بار.
ــ ھەئە .
ــ كىيىن قانداق بولدى ؟
ــ بۇلارنى دىسەم بىر ھىكايە پۈتۈپ كىتەرمىكىن .
ــ مەيلى ، مۇشۇنداق يېتىپ پاراڭلىشايلى ، كەچتە تاماق ئەتمەيلى بولدى ، سرتتىن ئۇششاق-چۈششەك بىر نەرسىلەرنى ئەكىلىپ يەيلى .مىنىڭ راڭپىزا ئىچكۈم كىلىۋاتىدۇ .
ــ مەيلى ئەمىسە سوراپ قالدىڭ ، ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ تىلغا ئالغۇم يوقتى،،،بوپتۇ كۆڭلۈڭ ئۈچۈن قىسقىچە قىلىپ سۆزلەپ بىرەي .
ئىككىلىمىز كارىۋاتقا يۆلىنىپ ئولتۇردۇق .ئۇنىڭ قوللىرىنى ئويناپ ئولتۇرغاچ سۆزلىرىمنى باشلىدىم. -
بۈگۈن ئىشتىن بۇرۇنلا قايتىپ كەلدىم ، ئايگۈزەل بىلەن بىرگە تاماق ئەتتىم ، تاماقتىن كىيىن ئۇنىڭدىن قاچا-قۇچىلارنى تالىشىپ يۇدۇم ، ئۇ كومپىيوتۇر ئالدىغا كەتتى . قارىسام بېشىنى كۆتۈرمەي كوت-كوتتا خەت يىزىشىۋېتىپتۇ ، ئادەتتە يىگىتى بىلەنلا ئاۋازلىق پاراڭلىشاتتى ،بۈگۈن كىم بىلەن پاراڭلاشتىكىنە بۇ ؟!
قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بۇلۇپ مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم ، بۇ چاغدا ئۇ مۇنبەردە بىر نەرسىلەرنى كۆرۈۋاتقانىكەن.
ــ قارىغىنە گۈزەل ، مۇنۇ شېئىر بەك ياخشىكەن ، مەن نىمىشقا يازالمايدىغاندىمەن .
ــ ئاددىلا شېئىركەنغۇ،،،مەن بۇنداق شېئىرلارغا قارىغاندا چاچما ، گۇڭگا شېئىرلارنى ياقتۇرىمەن ، بۇلۇپمۇ ئوسمانجان ساۋۇت ، ئادىل تۇنىياز دىگەنلەرنىڭكىنى .
ــ ما ئەدەبىياتچىنىڭ ئاددىكەن دەپ كەتكىنىنى ، ئۈزۈڭ يازالمايسەن ، يازغانلارنىڭكىنى ياراتمايسەن!
ــ مېنىڭ يازغانلىرىمنى كۆرمەي تۇرۇپ يازالمايدىغانلىقىمنى قانداق بىلدىڭ ؟
ــ راست يازالامسەن ؟
ــ توختاپ تۇر ھە !
تاشلاپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان ماتىرياللىرىمنىڭ ئارىسىدىن توپا بېسىپ تاشلىنىپ ياتقان بىر خاتىرىنى تاپتىم .
ــ تۇتە مانى ، چالىقۇشى ئىمزاسىدىكى شېئىرلارنىڭ ھەممىسىنى مەن يازغان .
بىرىنچى بەتنى ئېچىپلا ئۇقۇشقا باشلىدى ئۇ :
ــ كالىندار
يىرتىلدى بىر بەت ،
كۆڭلۈم پەرىشان ،
ئازلىدى بىر بەت ،
كۆپلىدى بىر دەرت ... ...