-
مېھرى-شەپقەت-(مۇختەر بۇغرا) - [ئاۋازلىق ئەسەرلەر]
يېغىپلا تۇرسا مېھرى يامغۇرى،
يۈرىكى كىمنىڭ ئاڭا چىلاشماس.
ئىنسانى سۆيگۈدە ئىنساننى سۆيسەك،
قايسىبىر يۈرەك ئىشىكنى ئاچماس.سۆيگۈدۇر زىننەت،سۆيگۈدۇر سۇبات،
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.
ئىنساننىڭ ئۆزى ئۇلۇغ بىر ئەسەر،
شەپقەت يەتكۈزۈش دىمەك مۇندەرىجە.
قىسمەتكە تولغان پىشانىمىزدا،
ئىلاھى شۇئار سۈزۈكتۈر شۇنچە.
ئانا سۈتىدىن باشلىنار قۇتاد،
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.ئانا مېھرىدىن كۆز ئاچتۇق تۇلۇق،
باراۋەرلىكتىن ئالەم يوپيۇرۇق.
يىتىم رىسقىغا چاڭ سالساق ئەگەر،
بۇلۇپ كەتمەمدۇ دوزاخقا تۇترۇق.
تەڭ باراۋەرغۇ ئەسلى ئادەمزات،
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.ئېرىقتا سۇنى بىللە ئىچىدۇ،
بىللە تىكىلگەن سۇۋادان تېرەك.
ئەلگە بېرىمىز شۇندىلا شەربەت،
قاتارى تۇرساق ئانار دانىسىدەك.
ئىناقلىق بىلەن گۈزەل كائىنات،
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.ساخاۋەت دىگەن مال-دۇنيا ئەمەس،
ئىككى كەلىمە تەسەللى سەۋەر.
ئۆزگىگە داننى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ،
ئۆزىگە تاشنى قالدۇرار غەلۋىر .ھارام مال-دۇنيا ئىمانغا داغ-دات،
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.يىلغا باھانە كۆرسەتسەك بىكار،
ئۇنتۇلۇپ كېتەر كۆڭۈلدىكى داغ.
ئۇنتىلار ھەممە،ئۇنتۇلماس پەقەت،
ساۋاب ياخشىلىق بىنا قىلغان باغ.بىردەملىك ئىكەن نالەيۇ پەرياد،
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.نەغمە بولسىلا ئىچىلماس كىشى،
توقلۇق بولمىسا مېھرى-شەپقەتتىن.
تەقدىر شۇنداق دەپ ئۆتمەيلى دوستلار،
دىللار سۇ ئىچسۇن چىن مۇھەببەتتىن.
نەپرەت،شەپقەتكە تولغان بۇ ھايات،
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.ئۇز تەبىئەتنىڭ كاجلىقى تۇتسا،
شاختىلا نابۇت بۇلار گۈل-چېچەك.
مەسخىرە قىلىپ تۇرسىمۇ دۇنيا،
چىن دەيدۇ ھەتتا ئۆزىنى چۆچەك.نادانلارغىلا ئەرمەك ياغاچ ئات،
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.كۆكتە قۇشلاردەك قىلدۇرار پەرۋاز،
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.
بىر كۈن ھەمراھقا قىرىق كۈن سالام،
بۇ ئەجدادلاردىن قالغان بىر ساۋات.
بۇ ئەۋلادلارغا بولسۇن بىر ساۋات،
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.