
-
بىر دۆلەت خەلقئارا جازاغا قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئىران بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. 1979- يىلى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دەرھال ئىرانغا جازا قوللىنىشنى باشلىدى، ھازىرغىچە تۈرلۈك جازانىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئىرانغا قارىتىلغان 4- قېتىملىق خەلقئارالىق جازانى يۈرگۈزمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە باردى، دەپ قارىدى. ئۇنداقتا ئىراندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان جازاغا قانداق قارايدۇ؟ 30 نەچچە يىللىق جازا ئىرانغا زادى قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن، مۇخبىر تېھران، قۇم، ئىسفاھان قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولدى.
-
بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان ھەر قانداق ئىنسان ھاياتلىقىدا ، كۆڭلىدىكى بىر ئادەم بىلەن نىكاھلىنىپ ، بۇ دۇنيادا ئىزىنى باسىدىغان بىرەر ئەۋلات قالدۇرۇپ قويۇشنى ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ياخشى تۈرمۈش كەچۈرۈشنى ئويلايدۇ ۋە شۇ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۇرمۇشقا جەڭ ئىلان قىلىپ مادارىنىڭ يىتىشىچە تېرىشىدۇ . ئىنسان بۇ دۇنيادا مەيلى قانداق ياشىمىسۇن تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئاخىرى بىر كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۇلۈك ۋىدالىشىدۇ .
نىكاھ ، قۇرامىغا يەتكەن ھەر بىر ئىنسان ھايات مۇساپىسىدا بىسىپ ئۆتىدىغان بىر ئۆتكەل بولۇپ ، ئۇنى ھاياتلىقىدىكى ئەڭ موھىم ئۆتكەل دەپ بىلىپ ، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۇشتىن بۇرۇن نىشاننى توغرا تاللىغانلار كۆزلىگەن نىشانلىرىغا يەتسە ، ئەكسىچە نىشاننى خاتا تاللىغان ، ئۇنى ھايتلىقىدا تەبىي بولىدىغان ئىش دەپلا بىلگەن ئىنسانلار ، ئۆزلىرى تەسەۋۇر قىلىپ باقمىغان ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچچار بولىدۇ . -
ئىران ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە تېھراندا "خەلقئارا يادرو قورالىنى قىسقارتىش ۋە يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك توغۇرسىدا" يىغىن ئاچتى، رۇسىيە، فرانسىيە، جۇڭگو، پاكىستان، تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 56 دۆلەت ھۆكۈمىتى، خەلقئارا ئورگان ۋە غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ئەۋەتكەن ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتناشتى. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى "يادرو ئېنېرگىيىسىدىن كۆپچىلىك پايدىلىنىش، يادرو قورالىنى چەكلەش"، بولدى. ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ قارىشىچە، ئىراننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى مۇشۇ يىغىندىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن يادرو قورالىغا قارشى تۇرىدىغان ئېڭىنى تەكىتلىمەكچى ئىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە تورى پونكىتىدا، "بۇ ئامېرىكىنىڭ يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قارشى تۇرىدىغان يىغىن"، دېيىلدى. ئامېرىكا "نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى" دە بولسا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىسنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، "ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئاچكۆزلۈكىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش تەدبىرى يېتەرسىز"، دېيىلدى.
-
ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى يېقىنلاپ كەلمەكتە، سىنىپتىكى قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇھەببىتى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتلىرى بىر ئاز پەسلەپ، ھەممەيلەن دىگۈدەك ئوقۇشقا بېرىلىپ كەتتى. ئىمتاھان يېقىنلاپ كەلگەنسىرى بەك جىددىلىشىپ كىتىپ باراتتىم. «ئىمتاھاندىن ئۈتەلمىسەم قانداق قىلارمەن؟» دەپ ئەندىشە قىلاتتىم. تۇيۇقسىز كاللامغا دادامنىڭ «ئەگەر ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەيدىغان بولساڭ، ساڭا بىر يوغان كەتمەن بىلەن 10 مو يەر ئېلىپ بىرىمەن، يەر تېرىپ، دىھقانچىلىق قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىسەن، قالغىنى ئۈزۈڭگە باغلىق، ئۈزەڭنىڭ تەقدىرى ئۈزەڭنىڭ قولىدا، پۇرسەتنى قولدىن بەرمە!» دىگىنى ئىسىمگە كەلدى.
مانا، ئىمتاھان ۋاقتىمۇ يىتىپ كەلدى. بۈگۈن خەنزۇتىلى دەرسىدىن ئىمتاھان ئېلىناتتى. ئۈزۈمگە زور ئىشەنچ بىلەن ئىمتاھان مەيدانىغا كىرىپ كەلدىم. ھەممەيلەن بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئىمتاھان قەغىزى تارقىتىۋاتقان كومىسسىيەگە قاراپ ھاڭ-تاڭ بولۇپلا قالدىم،. ئۆز كۆزۈمگە ئۈزۈم ئىشەنمەيلا قېلىۋاتاتتىم، .. -
باشقىلار ئۆزىنىڭ ھەركەت ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرسا ھەمدە بۇنىڭدىن خوشاللىق تاپسا، سىز ئۇنى چۇقۇم "جاھىل"دەپ قارايسىز؛ بىراق ئۆزىڭىز شۇنداق قىلغان چاغدا، بۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە "مۇستەھكەم ئىرادە" گە ئايلىنىدۇ.
·باشقىلار سىزنىڭ دوستىڭىزنى ياخشى كۆرمىگەن چاغدا، سىز ئۇنى "ئادەم تۇنۇمايدىكەن "دەپ قارايسىز؛ ئەمما سىز باشقىلارنىڭ دوستلىرىنى ياخشى كۆرمىگەن چېغىڭىزدا، بۇنى "ئادەمنى توغرا تۇنۇش" ئىقتىدارىڭىزنىڭ پاكىتى قىلۋالىسىز.
·باشقىلار ئىشنى ئاستا قىلسا، ئۇنى مىس-مىس تاشپاقىغا ئوخشىتىسىز؛ ئەمما بۇ ئىش سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلسە، ئۇنداقتا ئۇنى "يەتتە ئۆلچەپ بىركەس" نىڭ نەتىجىسى دەۋالىسىز.
·باشقىلار زامانغا ماس يېڭى نەرسىلەرنى سېتىۋالسا، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئۇلار شۆھرەتپەرەسلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئەمما ئۇنى سىز سېتىۋالسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئېھتىياجنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ.
·باشقىلار سىز ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى تىلغا ئالغاندا ، قارشى تەرەپ نەزىرىڭىزدە كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئەگەر سىز شۇنداق قىلسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ "سەمىمىي بولۇش "نىڭ ئىپادىسىگە ئايلىنىدۇ.
-
بۇ 14 ياشقا كىرگەن چېغىمدا يۈز بەرگەن ھەقىقى بىر ۋەقە، شۇ چاغدا مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇيتۇم، شۇنداق بەخىتلىك ئىدىم،قەلبىمدە ھاياتقا بولغان ئوتتەك مۇھاببەت جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى، بىر كۈنى قىزىقىشتىنمۇ ياكى ياخشى كۈرۈشتىنمۇ ئەيتاۋۇر ،مەھەللىمىزدىكى ئوماق بىر قىزنى دەريا بۇيىغا بېرىپ ئويناپ كىلىشكە تەكلىپ قىلدىم،ئۇ قىز باشتا قەتئىي ئۇنىمىدى،كىيىن مىنىڭ گىپىمنى يەردە قويغۇسى كەلمىدىمۇ،بېرىشقا قۇشۇلدى،بىز دەريا بۇيىغا كەلدۇق، مەندە ئۇ قىزغا نىسپەتەن ھىچقانداق يامان نىيەت يوق ئىدى،ئىككىمىز شۇنداق كۈڭۈللۈك ئوينۇدۇق، بۇ بىزنىڭ ئەڭ پاك،بىغۇبار چاغلىرىمىز بولغاشقا كۆڭلىمىزدە ھىچقانداق غەيرى تۇيغۇ يوق ئىدى،كىم بىلسۇن بىزنى كۈرۈپ نورماللىق ھىساپلىمىغان بىرەيلەن مىنى بىر قىز بىلەن كۆرگىنىنى دادامغا دەپ قۇيۇپتۇ.تېخى ئۇيۇنىمىز تۈگىمەستە دادام قىلىۋاتقان ئىشىنىمۇ تاشلاپ دەريا بۇيىغا مىنى ئىزلەپ چىقىپتۇ.ئۈچىمىز بىللە قايتتۇق،دادام ئالدى بىلەن قىزنى ئۈيىگە ئاپىرىپ قويدى،ئاندىن مىنى باشلاپ ئۆيگە كىرىپلا ئانامنى ئۆيدىن چىقىرۋەتتى- دە،ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى،ئۆيدە ئالدىن تەيارلاپ قۇيۇلغان يۇلغۇن تايىقى بار ئىكەن.مەن ئېغىز ئېچىپ چۈشەندۈرەي دىگۈچە دادا مىنى شۇ تاياق بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى.
-
بۈگۈنكى بۇ سوغۇقتا كىرانىڭمۇ تايىنى يوق ئىدى . ئايۇپ بوۋاي ھارۋىسىنى چەتكە توختىتىپ قويۇپ ، بىر چىنە سۇيۇقئاش ئىچىپ
ئىسسىۋىلىنىش ئۈچۈن دوخمۇشتىكى ئاشخانىغا كىردى . بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقى باشقا ئاشخانىلارنىڭكىدىن پىچاق بىسى بولسىمۇ پەرقلەنگەچكىمىكىن ،خېرىدار خېلىلا كۆپ ئىدى. ئايۇپ بوۋاي بۇلۇڭدىكى ئورۇنغا بېرىپ قىسىلىپ ئولتۇردى . كۈتكۈچى يىگىت ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قۇيدى . چەت-چۆرىسى پۇچۇلۇپ كەتكەن چىنىگە قاراپ بوۋاينىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندەك بولدى . ئۆيدە بولغان بولسا مومىيى ھەرگىزمۇ بۇنداق پۇچۇق چىنىدە چاي بەرمەيتتى. بوۋاي ئەتراپىغا قارىدى . «توۋا!!»دىسە بولىدۇ-دە ، بازاردىكى ئاشپەزلەر خېرىدار يوق چاغلاردا ئىچى پۇشۇپ ، چىنىلەرنى غاجاپ ئولتۇرامدىكىن ، جوزا ئۈستىدىكى چىنىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ گىرۋىگى ھەرە چىشى بولۇپ كەتكەنىدى...........
-
يول شۇنچىلىك تېيىلغاق ئىدىكى ئۇ ئاستا چامىداپ مېڭىپ كىتىۋىتىپ بۇ شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ مېڭىش قىياپىتىدىكى غەيرىلىكنىڭ سەۋەبىنى چۆشەنگەندەك بۇلدى.دەل شۇ چاغدا ...ئالدىدا كېتىۋاتقان بىرەيلەن شۇنداق قاتتىق تېيىلدىكى مۇز ئۆستىگە تۇيۇقسىز چۇرت كىسىپ تاشلانغان دەرەختەك گۆپپىدە يىقىلدى.بېشدىن ئۇچقان شىلەپىسى ئادەملەرنىڭ ئايىقىدا غالتەكتەك دۇمىلاپ كەتتى.ئۇ يىقىلغان كىشىنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ قۇرسىقىنى تۇتۇپ شۇنداق قاقاقلاپ كۆلدىكى ئۆچەيلىرى ئۆزۈلۈپ كەتكىلى تاس قالدى.پۆتۈن ۋۇجۇدىغا ئاجايىپ بىر شادلىق يامراپ كەتتى.
-قارا ما ئادەمنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنى، بىرى يىقىلىپ ئۆلەر ھالەتتە ياتسا،ئېشەك ھاڭىرىسا كۆتى غىجەك تارتىپتۇ دىگەندەك قلىپ تۇرغىنىنى..
-بەزى ئەدەملەرگە ئامال يۇق.
ئۇ كۆلكىدىن ئۆزىنى تۇختاتقاچ مۇلاھىزىلەرنىڭ ئۆزى ئۆستىدە كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى.بىر نەچچە ئادەم يىقىلغان كىشىنى يۆلەپ ئۇرنىدىن تۇرغۇزدى.بىرەيلەن شىلەپىسىنى قېقىپ كېيگۈزۈپ قۇيدى.ھەممە ئادەمىنىڭ چىرايىدا ئېچىنىش،ئېچ ئاغىرىش ھېسداشلىق تۇيغۇسى لېكىن ئۇنىڭ ....
-
·دوستلىرىدىن پەخىرلەنگەن كىشى بىربولسا ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنگەن، بىر بولسا ئۆز تەقدىر ئارغامچىسىنى دوستلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغان كىشىدۇر.
·ھىسسىيات كۆزەينەككە، ئەقىل لوپا ئەينەككە ئوخشايدۇ، كۆزەينەك ساڭا پەقەت شەيئىلەرنى شەكلەن كۆرسىتىدۇ، لوپا ئەينەك بولسا ساڭا شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
·پەرزەنت ياخشى تەربىيلەنسە پەرىزاتقا ئايلىنىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا پارازىتقا ئايلىنىدۇ.
·بالىڭىزنىڭ ئورۇنسىز تەلىپىگە بېقىپ ئالىمەنكى دېگەن نەرسىسىنى ئېلىپ بەرمەڭ، بولمىسا كەلگۈسىدە پۇشايمان قىلىپمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز.
·ھەمىشە باشقىلاردىن ئاغرىنىش ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
·ئايال كىشىنىڭ كوچىدىكى سۆلىتىگە قارىماي، تۇتقان ئۆيىگە قارا.
-
ئانا تىلىم-ئانامنىڭ تىلى، بىباھا مىراستۇر .ئۇ، ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ، مەھمۇدنىڭ تىلى، ماڭا دۇنيانى تۇنۇتقان، ئادەم بولۇشنى ئۆگەتكەن "قۇتاد بىلىگ"، "تۈركىي تىللار دىۋانى"نىڭ تىلى...
ئاھ ئانا تىلىم، بۇزرۇكۋار تىلىم، سەن بولغاچقا ئالدىم مەن بىلىم، سېنىڭ بىلەن يۇرۇغان دىلىم. سېنى تەرىپلەشكە سۆز يەتمەس، ئۇلۇغلىقىڭغا، سەلتەنىتىڭگە ئەسلا سۆز كەتمەس...
مانا، مەن مۇشۇ شاھانە تىل بىلە بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغىغان، سۆزلەر كانىدىن جاۋاھىرلارنى سۈزگەن تەڭرىتاغنىڭ بىر غۇنچىسى، گۈزەل كېلەچەكنىڭ قۇرغۇچىسى، ۋەتەن، ئەلنىڭ ئۈمىدىمەن.
مەن مۇشۇ تىلىم بىلەن ئىلىم داۋانلىرىدىن ئېشىپ، ئۇلۇغۋار غايەم ئۈچۈن زوق-شوقى قايناپ –تېشىپ، ۋەتەن باھارىنىڭ جەننەت كەبى گۈزەل مەنزىرىسىگە ئوتلۇق قوشاقلارنى تۆكۈۋاتقان تالماس كۈيچى بۇلبۇلىمەن.
مۇشۇ ۋاقىتتا مېنى خۇددى بۇلبۇلدەك خەندان ئۇرغۇزغان شادلىقىمنى ئىپادىلەشكە يېتۈك بۇ ئېسىل تىلنى مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ قالدۇرغان يۈسۈپ بوۋام بىلەن مەھمۇد قەشقەرى بوۋاملارغا ئوخشاش ئەجدادلارنى چەكسىز ھۆرمەت بىلەن ياد ئەتمەي تۇرالايتىممۇ ؟
-
ئوسمانجان ساۋۇت
بەختىيار ئوغلۇڭمەن پەقەت ساڭا خاس،
سەن مېنى بىر ئۇيۇل زەررەم دەپ سانا .
بەرگىڭمەن، قەترەڭمەن ۋەسلىڭگە تۇتاش،
كۆرسىتەي يۈرۈگۈم قولۇمدا، مانا .
سەن ئۈچۈن جۇش ئۇرغان قايناق ئەقىدەم،
زىھنىمنى ئۇچلايدۇ، بولىمەن دانا .
ياشايمەن سۆيگۈ ۋە پەخىر ئىلكىدە،
خىسلىتىم، سۆيگۈمگە سەن بولدۇڭ ئانا !
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا ! -
(ھىكايە)
گۈل چۈشى
ئۇ يەنە چۈشىدىن چۈچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،ئۇنىڭ ئۈستى –بېشى چىلىق –چىلىق قارا تەرگە چۈمۈپ كەتكەنىدى،ئەتراپ تېخىچە تۈن پەردىسى ئىچىدە ئىدى.ئۇ بىر ھازا ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتى،بىراق ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان بۇلۇپ،كۆز ئالدىغا كۆرگەن چۈشى يەنى ئاشۇ كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن ئىشلار كىلىۋالغانىدى.
ئاشۇ كۈنى ئۇ يېقىن دوستى شەھىدەنى ئېلىپ توي قىلماقچى بولغان يېگىتىنىڭ يۇرتىغا كەلدى،يىگىتى ئۈزىنىڭ بىر دوستىنى ئېلىۋالغان بۇلۇپ ،ئۇلار كاتتا بىر ئارامگاھنىڭ ئايرىمخانىسىدا سۇرۇن تۈزۈپ ئولتۇردى،قىزلار سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەچ ھەرخىل سەيلەردىن ئالغاچ ئولتۇردى،ئوغۇللار بولسا ئاق ھاراق ئىچىشتى.
-ئەلى ،بەك كۆپ ئىچىۋەتتىڭلار ،ئەمدى ئىچمەڭلار،بىزمۇ بۈگۈن كەلدۇق،ھەم تېخى ياتاققىمۇ ئۇرۇنلاشمىدۇق ،بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئالساق بۇلاتتى.
-رەنا ،مەن تۇرسام يەنە نىمىگە ئەنسىرەيسىز؟ياتاققا ئۈزۈم ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيىمەن،-ئارىدىن بويلىرى ئىگىز ،ئۇرۇق ،قارا-قۇمچاق كەلگەن بىر يىگىت شۇنداق دىدى.
-ئۇنداقتا ،يەنە بىر سائەتلا ئولتۇرۇپ ئاندىن قايتايلى،بۇلامدۇ،-رەنا ئەلىگە يىلىنىش نەزىرى بىلەن قارىدى.
-بۇلىدۇ،گىپىڭىزنى ئاڭلايمەن.
.... -
چىنەڭگە ئاھ ئانام زەمزەم قۇيۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق،
نىتەي ئەجرىڭ ئۈچۈن پاقلان سويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
تۇتۇپ چىقماقنى ئويلايمەن ئۇچاڭنى تۈن بويى ئەمدى،
بېشىڭغا قوش تەكى- ياستۇق قويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق .
بالامنى ئالغۇچە ئەتتەڭ،سېنى ئالسامچۇ بوينۇمغا،
زۆرۈر بولسا ساڭا پەيتۇن بولۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
-
ئېسىمنى بىلسەم دادام ئاشقازان راكى بىلەن ئاپام ئىككىمىزنى تاغاردا بىر قەرىزگە بوغۇق قۇيۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن ،ئاپام بىچارا مەسۇم ،ھاردىم- تالدىم دېمەي ،دادامنىڭ كېسلىنى داۋالىتىش ئۇچۇن ئالغان قەرىزلەرنى تۆگتۇش ئۇچۇن كىچنى- كۇندۇزگە ئۇلاپ جاپالىق ئەمگەك قىلاتتى ،قەرىزلەرنى ئاز دېگەندەك مىنىڭ تۇرمۇش ،ئوقۇش خېراجىتىم قۇشلۇپ ياش ئاپام قېرماي تۇرۇپ موماي بۇلۇپ قالغان ئىدى .
ئاپامنىڭ ۋاقىتسىز ئاقارغان چاچلىرىغا قاراپ ئۆزۇمنىڭ يارماس ئوغۇل بۇلۇپ قالغىنىمغا پۇشايمانمۇ قىلىپ كېتەتتىم ،بۇنداق چاغلاردا پەرىشتە ئاپام كۆڭلۇمدىكنىى بىلۋالغاندەكلا ،ئوماق تاھىرجان بالام ،سەن مىنىڭ يۈرەك پارەم ،مەن سەنسىز ياشيالمايمەن ،سېنىڭ بەختىڭ، خۇشاللقىڭ ،مىنىڭ بارلىقىم ،پەقەت سەن ياخشى ئوقۇپ ئالىي بىلم يۇرتىدا ئىلىم ئىگەلەپ ،كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولساڭلا مەن دوزاقتىكى ئوت دېڭىزغمۇ كېرىشكە تەييار ،جېىنم بالام چۇقۇم ياخشى ئوقۇپ مىنىڭ ئاق سۇتۇمنىڭ ئەجىىرنى ئاقلا ،شۇنداق قىلالىساڭلا ،مەن ئىككىلا ئالەم سېنىڭدىن رازى بۇلمەن .
ئاپامنىڭ بۇ سۆزنى ئاڭلاڭ ، ئەگەر دادام بىلەن ئاپامدىن كېيىن قالغان بولسام ،ئۆگەي ئاپدىن بىرنى تېپىپ بېرىپ نەلەرردە ،كىملەرنىڭ كۆزگە قاراپ ياشاپ يۇرەتتىم ،كونلارنىڭ "ئالتۇن باشلىق داداڭ بىلەن قالغىچە ،پاخما باش ئاپاڭ بىلەن قالغىنىڭ ئەۋزەل "دېگەن سۆزنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم .ئىچىمدە ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئاپامغا سالامەتلىك ئۇزۇن ئۈمۇرنىڭ يار بۇلۇپ ،مىنىڭ كېيىنچە كۆرستىدىغان راھىتىمنىڭ مەلىكىسى بۇلشنى تېلدىم ،ھەم چۇقۇم ياخشى ئۆگنۇپ ئاپامغا جاۋاب قايتۇرماقچى بولدۇم . -
سالام ئەزىمەت ،قانداق ئەھۋالىڭ ؟ ياخشى تۇرۇۋاتامسەن ؟ بەلكىم بۇ خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالغانسەن ، ئەلۋەتتە ھەيران قېلىشىڭ نورمال ئىش . بىزنىڭ ئالاقلاشمىغىنىمىزغىمۇ يېرىم يىل بولاي دەپ قاپتۇ . شۇنىڭدىن بۇيان كۆرۈشۈش ئەمەس بىرەر قېتىممۇ تېلفۇنلىشىپ قويمىدۇق . بەلكىم مەن تېلىفۇن نومۇرۇمنى ئالماشتۇرۇۋەتكەچكە ، سەن ئامالسىز قالغانسەن . مەندىنمۇ كۆپ رەنجىگەنسەن . مەنمۇ بەزىدە سەندىن ئاغرىنىپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ، لېكىن مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ساڭا بولغان رەنجىشلىرىم قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى . سېنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك تەسەۋۋۇر قىلدىم . مەن سېنى ئويلىمىدىم دېسەم يالغان ئېيتقان بولارمەن . راست ، كۆڭۈلگە ئورناپ كەتكەن نەرسىنى ، بولۇپمۇ مۇھەببەتنى ، تۇنجى مۇھەببەتنى ئۇنتۇش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسكەن . سېنى ئۇنتاي دەيمەن لېكىن كۆڭلۈمنىڭ ئۇنىمايۋاتقانلىقى ، يۈرۈگۈمنىڭ <<ياق>>دەپ خىتاب قىلىشلىرى بىلەن سېنى يەنە كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا ، گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنى كۆڭۈل ئالبۇمىمغا قالدۇرۇپ ، ھېچكىم بىلمەيدىغان ھەم ئىككىمىزدىن باشقا بىرى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈۋەتكەنىدىم . مانا بۈگۈن شۇ ئەسلىمىلىرىمنى قايتا قېزىپ ئېلىشقا ، كۆڭۈل ئالبۇملىرىمنى قايتا ۋاراقلاشقا ئۈلگۈردۈم . ئەگەر بۈگۈن ساڭا يۈرەك سۆزلىرىمنى دەۋالمىسام ، ئەمدى مەڭگۈ دىيەلمەيدىغاندەك ، ھەممە نەرسە مېنى تاشلاپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلىۋاتىدۇ . ياق ! ئۇلار مېنى ئەمەس بەلكى مەن ئۇلارنى تاشلاپ كېتىدىغاندەك بىلىنىۋاتىدۇ .