ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن ئادەم كۈچى كاپىتالىنىڭ پەرق ۋە ئوخشاشلىقى

ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن ئادەم كۈچى كاپىتالىنىڭ پەرق ۋە ئوخشاشلىقى

ۋاقتى: 2016-05-15 ئاۋاتلىقى: 690 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

باغلىنىشى
ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن ئادەم كۈچى كاپىتالىنىڭ ھەممىسى ئادەمنى ئاساس قىلىپ پەيدا بولغان ئۇقۇم، مۇھاكىمە قىلىش ئوبيېكتى بولسا ئادەم ئىگە بولغان ئەقلىي كۈچ ۋە جىسمانىي كۈچ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئىككىسى بىردەكلىككە ئىگە. شۇنداقلا، ھازىرقى زامان ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئادەم كۈچى مەبلەغ بايلىق نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلغان؛ ئادەم كۈچى مەبلەغ  نەزەرىيەسى بولسا ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئاساسلىق قىسىمى؛ ئادەم كۈچى بايلىق ئىقتىساد پائالىيىتى شۇنداقلا پايدا ھېسابلاش بولسا ئادەم كۈچى مەبلەغ نەزەرىيەسى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ ئىككىسى ئوخشاشلا ئادەم كۈچىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنى تېزلىتىش شۇنداقلا ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى رولىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

پەرقى
ئاۋۋال، ئىجتىمائىي بايلىق ۋە ئىجتىمائىي قىممەت مۇناسىۋىتى ئۈستىدە، ئىككىسى ئوخشاشماسلىقىغا ئىگە. ئادەم كۈچى كاپىتالى بولسا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن، بۇ مەلۇم بىر خىل بەدەل ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىقتىدار ياكى قابىلىيىتىنىڭ قىممىتى، مەبلەغنىڭ بەدىلى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ بولغان پايدىنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمگەكچىلەر ئۆزىنى ئىگە بولغان ئەقىلىي ۋە جىسمانىي مەبلەغ ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا سىڭىپ كىرىپ قىممەت يارىتىدۇ، بۇ ئېرىشكەن ئەمگەك ھەققى ۋە ئىقتىسادى پايدىغا ئاساسەن بەلگىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي قىممەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولسا بىر خىل سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ.
ھالبۇكى ئادەم كۈچى بايلىقى ئۇنىڭغا ئوخشاشمايدۇ، بىر خىل بايلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىي قىممەت يارىتىشقا زور تۆھپە قوشىدۇ، ئادەم كۈچى بايلىقى ئادەمنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنى تەكىتلەيدۇ، ئۇ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا مەھسۇلات، بايلىق يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي قىممەت بىلەن بىر خىل سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن قالسا، ئىككىسىنىڭ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش نۇقتىسى ئوخشاش ئەمەس. ئادەم كۈچى كاپىتالى بولسا مەبلەغ سېلىش شەكلى ئارقىلىق شەكىللىنىپ، ئادەمنىڭ ئۆزىدە ساقلىنىدۇ، شەكىللەنگەن ئەقلىي ۋە جىسمانىي كۈچنىڭ ماددىي كاپىتالى ئادەم قىممىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، تەننەرخ پايدا مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، ئادەمنىڭ ئىقتىساد ئېشىشىدىكى رولى بولسا مەبلەغ سالغان بەدەل ۋە ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشى، مەبلەغنىڭ قانچىلىك قىممەت ياراتقانلىقى، تەتقىق قىلىدىغىنى بولسا قىممەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە كۆلىمى، دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا بولسا پايدا ئېلىش مەسىلىسى، يەنى مەبلەغنىڭ پايدا ئېلىپ كېلىشى شۇنداقلا قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلىش مەسىلىسى.
ئادەم كۈچى بايلىقى ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئادەمنى بايلىقنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ، مەبلەغ سېلىش ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسىدىن ئادەمنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدىكى رولىنى تەتقىق قىلىدۇ، دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا بولسا ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسى، يەنى ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى تۆھپىسى قانچە كۆپ بولغاندا، ئىقتىسادنىڭ  تەرەققىياتىدىكى تۈرتكىلىك رولى شۇنچە زور بولىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا، ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن ئادەم كۈچى كاپىتالىنىڭ ئۆلچەش ئۇسۇلى ئوخشاش ئەمەس. كۆپچىلىككە ئايانكى، بايلىق بولسا ساقلىنىش ئۇقۇمى، ھالبۇكى كاپىتال بولسا ساقلىنىش شۇنداقلا ئېقىم مىقدارىدىكى ئۇقۇم، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئادەم كۈچى كاپىتالى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. ئادەم كۈچى بايلىقى مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم بوشلۇق ئىچىدىكى ئادەمنىڭ ياراتقان قىممىتى ۋە تۆھپىسى شۇنداقلا تەشكىلات ئىشلەتكەن جىسمانىي كۈچى ۋە ئەقلىي كۈچنىڭ يىغىندىسى. بىراق ئادەم كۈچى كاپىتالى بولسا، ئەگەر ئىشلەپچىقىرىش كۆپ بولغان نۇقتىدىن قارىغاندا، دائىم ئېقىم مىقدارى ھېساباتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇ تەجرىبىنىڭ يىغىلىشى، ئىقتىدارنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى ۋە بەدەن ئىقتىدارىنىڭ ئىزچىل سەرپ قىلىنىشىدا ئىپادىلىنىدۇ؛ ئەگەر كاپىتال پائالىيىتى نۇقتىسىدىن قارالسا، ئېقىم مىقدار ھېساباتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، بۇ بولسا سېلىنغان تەربىيە كاپىتالى، يۆتكىلىش ۋە ساغلاملىق قاتارلىق تەرەپلەردىكى كاپىتالنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى بىرىكىشىدۇر.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ئادەمنى ۋاسىتە قىلغان ئادەم كۈچى كاپىتالىنىڭ مەھسۇلاتى (كان مەھسۇلات بايلىقىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ)، لېكىن ئادەم كۈچى كاپىتالى بولسا بايلىق ئىچىدىن قېزىپ چىقىرىلغان شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئەقىلىي كۈچ، تەجرىبە، ئىقتىدار ۋە بەدەن ساپاسىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى (كان مەيدانىدىن قېزىپ چىقىرىلغان بايلىققا ئوخشىشىپ كېتىدۇ). پەقەت ئادەم كۈچى بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئاندىن ئەڭ چوڭ چەكتە ئېچىلغان ئادەم كۈچى بايلىقى ھۆكۈمەت ۋە كارخانا ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى