ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلى 100 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ
ۋاقتى: 2015-11-24
ئاۋاتلىقى: 355 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دوكلاتتا، بۇلتۇر 1-پەسىلدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقى، ئەمما، ئومۇمىي مىقدار جەھەتتىكى بېسىم ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى، شەھەر–بازارلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن 2 مىليون كىشى ئارتۇق ئىكەنلىكى، يېزىلاردا 90 مىليون كىشىنىڭ يۆتكىلىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى، ھەمدە نۆۋەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، 2012-يىلى ئاجرىتىلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش مەخسۇس مەبلىغىنى 42 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش تەكلىپى بېرىلدى.
دوكلاتتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل 6 مىليون 600 مىڭ ئىستۇدېنت ئەمگەك بازىرىغا كىرگەن. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تېزلىتىشكە مەسئۇل ئالاقىدار خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە كادىرلار مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تېزلىتىدىغان يېڭى سىياسەتلەرنى تۈزۈۋېتىپتۇ.
بۇنىڭ ئىچىدىكى كىشىنى جەلپ قىلدىغان بىر تەدبىر شۇكى، دۆلەت ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن بېرىلىدىغان قەرز پۇل سوممىسىنى 50 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
دوكلاتتا، يېزا–بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ مۇقىم ئاشقانلىقى، ئېشىش نىسبىتىنىڭ 2010-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن يۇقىرى بولغانلىقى كۆرسىتىلدى. شۇنداقلا يەنە، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىش دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەنلىكى، «ئەمگەك كۈچى تېپىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنىڭ پەسەيگەنلىكى كۆرسىتىلدى.
ئەمما، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتىكى بېسىم ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن بولىدىغانلىقىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتتە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ ماس كەلمەسلىكى، رايونلارغا تارقىلىشىنىڭ تەكشى بولماسلىقى، پەسىللىك ئەمگەك پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولماقتا.