مىكروسوفت Win7 نى قۇربان قىلىپ، Win8 غا دو تىكىۋاتىدۇ
ۋاقتى: 2015-05-03
ئاۋاتلىقى: 506 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
مىكروسوفتنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان جۇڭگۇەنسۈندىكى دىڭخاۋ بازىرىدىكى مىكروسوفتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىناق قىلىپ بېقىش دۇكىنىنىڭ ئىگىسى بېيجىڭ دىۋېي ئالاقە پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ليۇ چىيەن سوخۇ IT بىلەن بولغان سۆھبىتىدە شىركەتنىڭ Windows ۋە Office نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەڭ ساتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە Windows نىڭ يەنە Win8 ۋە Win7 ئىككى چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، Win8 نىڭ سېتىلىشىنىڭ ياخشىلىقىنى، بۇنىڭ كارخانا دەرىجىلىك بازارلاردا بەكرەك قارشى ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ئالدىنقى يىلى ئىككى ئايدا 10 مىليونلۇق تىجارەت سوممىسى ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى. شېنجوۋ رەقەملىك مەھسۇلات، جىياجىيې قاتارلىق تىجارەت ئورۇنلىرىمۇ ئوخشاش كۆز قاراشنى بىلدۈردى. Win8 نىڭ سېتىلىشى كارخانا دەرىجىلىك بازارلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئىستېمالچىلار بازىرىدىن كېلىدىغان تالون ئىنتايىن ئاز.
#p#
ئەمەلىيەتتە مىكروسوفت Win8 نى كېڭەيتىش ئۈچۈن نۇرغۇن تەڭشەشلەرنى ئېلىپ باردى ۋە نۇرغۇن ئۇسۇللىرى Win8 غا يول ئېچىش ئۈچۈن Win7 نى قۇربان قىلىش بولدى. مەسىلەن مىكروسوفت توردا ھوقۇق بېرىشتە پەقەت Win8 نى ساتقىلى بولىدىغانلىقى، مىكروسوفت ۋە ئۇنىڭ باش ۋەكىللىرىنىڭ Win8 نىڭ ھوقۇق بېرىش تەرتىپ نومۇرىنى سېتىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.
Win8 نىڭ دۆلەت ئىچىدە قاچىلايدىغان نۇسخىسى بولمىغانلىقتىن، خېرىدارلار ئۇنى سېتىۋالغاندا پەقەت كوروپكىغا قاچىلانغان Win7 نى ۋە توردىكى Win8 نى تاللىيالايدۇ. توردىكى Win8 ئىجازەتنامىنى سېتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن بىر شىركەت نەچچە ئون ياكى يۈزدىن ئارتۇق ھوقۇق قاچىلىشى كېرەك، بىراق مىكروسوفت پەقەت بىر KEY بىلەن تەمىنلىسىلا بولدى. ئەلۋەتتە، خېرىدارلار ھوقۇققا ئاساسەن پۇل تۆلىسە بولىدۇ.
Win8 بازارغا چىقىشتىن ئاۋۋال ئېستىمالچىلار تور ئارقىلىق Win7 نى سېتىۋالسا بولاتتى. ئېنىقكى Win8 بازارغا چىققاندىن كېيىن، مىكروسوفت Win7 نىڭ يوللىرىنى قىسقارتىۋەتتى، بۇ ئابونتلارنى Win8 غا يۆتكىلىشكە مەجبۇرلىغانلىقتۇر. شېنجوۋ رەقەملىك مەھسۇلاتنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى: «بۇ خىل ئۆزگەرتىشنىڭ كارخانا دەرىجىسىدىكى خېرىدارلارغا بولغان رولى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولدى، سەۋەبى كارخانىنىڭ خېرىدارلىرى نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ، بۇ ئېلېكتىرونلۇق ئۇسۇلدا ھوقۇق بېرىش ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، مەشغۇلات قىلماق ئاسان. ئەگەر كوروپكىغا قاچىلانغاندىن كېيىن بىر-بىرلەپ ھوقۇق بەرسە ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق شۇنداقلا مىكروسوفتنىڭ تەدبىرچىلىرىمۇ خېرىدارلارنىڭ توردىكىنى سېتىۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.» دەپ بىلدۈردى.
شۇنداق بولسىمۇ مىكروسوفت Win8 نىڭ ھارغىن ھالىتى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بىرىنچى ئايدىكى 40 مىليونلۇق سېتىشتىن كېيىن، Win8 نىڭ سېتىلىش مىقدارى تېزلا چۈشۈشكە باشلىدى. چۈشۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىمۇ نورمال بولۇپ، تۇنجى ئايدىكى سېتىشنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندا ئالدىن قاچىلانغان خېرىدارلارمۇ بار، بۇ سان بۇنىڭدىن كېيىنكى سېتىش مىقدارىدىن ئاستا-ئاستا چىقىرىۋېتىلىدۇ.