ئىدارە خىزمەتچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، يېڭى قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قانداق قىلىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئىدارە خىزمەتچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، يېڭى قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قانداق قىلىدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان، ھازىرغىچە يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە تۈزۈشى كېرەك. بۇ قانۇن يېڭى قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئەمگەك مۇناسىۋىتى شەكىللىنىپ بولغان ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا يازما ئەمگەك توختامىنى تولۇقلاپ تۈزۈشى كېرەكلىكىنى، ئەڭ كېچىككەندىمۇ يېڭى قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى 1 ئاي ئىچىدە يازما ئەمگەك توختامىنى تولۇقلاپ ئىمزالاپ بولۇشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېنىق بەلگىلىدى.
يەنى، 2008-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن، ئەمگەكچىلەر بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بارلىق ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار، چوقۇم ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك، بولمىسا ماس ھالدىكى جازاغا تارتىلىدۇ، يەنى ئەمگەكچىگە ئىككى ھەسسە مائاش بېرىدۇ.