ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش توختامىدا قايسى مەزمۇنلار پۈتۈلۈشى كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-05-30
ئاۋاتلىقى: 638 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش توختامىدا قايسى مەزمۇنلار پۈتۈلۈشى كېرەك؟
جاۋاب: ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىلگەن ئورۇن ئادەم كۈچى ئەۋەتىشتە ئادەم كۈچى ئەۋەتىش شەكلى بىلەن ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن(تۆۋەندە قىسقارتىپ ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن دەپ ئېلىندى) بىلەن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمىدە ئەۋەتىدىغان خىزمەت ئورنى ۋە خادىم سانى، ئەۋەتىش مۇددىتى، ئەمگەك ھەققى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ سوممىسى ۋە تۆلەش شەكلى ۋە شۇنداقلا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلار پۈتۈلۈشى كېرەك.
ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن خىزمەت ئورنىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئىدارىسى بىلەن ئەۋەتىش مۇددىتىنى بېكىتىشى كېرەك، ئۇدا ئادەم ئىشلىتىش مۇددىتىنى بۆلۈپ نەچچە قىسقا مۇددەتلىك ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمى تۈزسە بولمايدۇ.
ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شەكلىدە ئادەم ئىشلىتىدىغان ساھەلەر ئاساسلىقى قۇرۇلۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېلىگراف، بانكا، رېستۇران، دوختۇرخانا، پوچتا، ئائىلە باشقۇرۇش، ئېلېكتر كۈچى، تۆمۈر يول ترانسپورتى قاتارلىق مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ساھەلەر.