ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى، تارقىتىۋېتىلىشى ۋە ھېساباتنى ئېنىقلاش

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى، تارقىتىۋېتىلىشى ۋە ھېساباتنى ئېنىقلاش

ۋاقتى: 2016-01-12 ئاۋاتلىقى: 604 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش ۋە تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش» بۇ يەردە!

 

10. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى، تارقىتىۋېتىلىشى ۋە ھېساباتنى ئېنىقلاش

 

1. ۋەيران بولۇش

 

شىركەتلەر قەرەلى توشقان قەرزنى تۆلىيەلمەي، قانۇن بويىچە ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانسا، خەلق سوت مەھكىمسى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە پايچىلار، ئالاقىدار ئورگانلار ۋە ئالاقىدار كەسپىي خادىملاردىن ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ۋەيران بولغان شىركەتنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلىشى كېرەك.

 

شىركەتنى تارقىتىۋېتىش سەۋەبىدىن ھېساباتنى ئېنىقلىغاندا، ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى شىركەتنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاپ، مال-مۈلۈكلەرنىڭ قەرز سېلىقى جەدىۋىلى ۋە مال-مۈلۈك تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىققاندىن كېيىن، شىركەت مال-مۈلكىنىڭ قەرزنى  تۆلەشكە يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىسا، دەرھال خەلق سوت مەھكىمسىگە ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. شىركەت خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ھېساباتنى ئېنىقلاش ئىشلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

 

2.تارقتىۋېتىش

 

«شىركەت قانۇنى»نىڭ 190-ماددىسىدا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلگەن شىركەتلەرنى تارقىتىۋېتىشكە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن: بىرىنچى، شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تىجارەت مۇددىتى توشقان ياكى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلغانلار؛ ئۈچىنچى، شىركەتنى قوشۇۋېتىش ياكى ئايرىش سەۋەبىدىن تارقىتىۋېتىش زۆرۈر بولغانلار.

 

شىركەت قانۇن ۋە مەمۇرىي قانۇن –نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن قانۇن بويىچە تارقىتىۋېتىشكە بۇيرۇلغان بولسا، ئۇنى تارقىتىۋېتىش كېرەك.


3. ھېساباتنى ئېنىقلاش

 

1)ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى

 

شىركەتلەر ئۆزىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تارقىتىۋېتىش سەۋەبلىرى كۆرۈلگەنلىكتىن ياكى پايچىلار ئۇيۇشمىسى يىغىنى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقتىن تارقىتىۋېتىلمەكچى بولسا، 15 كۈن ئىچىدە ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللىشى كېرەك. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى پايچىلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئەگەر ۋاقتى ئېشىپ كەتسىمۇ ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھېساباتنى ئېنىقلىمىسا، ھەقدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار خادىملارنى بەلگىلەپ، ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھېساباتنى ئېنىقلاش ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىملىرى بۇ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش ھەمدە ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى ۋاقتىدا بەلگىلەپ ھېساباتنى ئېنىقلىشى كېرەك.

 

شىركەت قانۇن ۋە مەمۇرىي قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، قانۇن بويىچە تارقىتۋېتىلگەن بولسا، ئالاقىدار مەسئۇل ئورگانلار، پايچىلار، ئالاقىدار ئورگانلار ۋە كەسپىي خادىملارنى ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ھېساباتنى ئېنىقلىشى كېرەك.

 

2)ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى

 

«شىركەت قانۇنى»نىڭ 193 –ماددسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ھېساباتنى ئېنىقلاش مەزگىللىرىدە تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ: بىرىنچى، شىركەتنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مال- مۈلۈكلەرنىڭ قەرز سېلىقى جەدىۋىلى ۋە مال-مۈلۈك تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ ئىككىنچى، ھەقدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ياكى ئېلان چىقىرىدۇ؛ ئۈچىنچى، شىركەت بىر تەرەپ قىلىپ بولالمىغان ئالاقىدار كەسىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە ئېنىقلايدۇ؛ تۆتىنچى، تاپشۇرۇلمىغان باج پۇللىرىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرىدۇ؛ بەشىنچى، ئىلىم-بېرىم ئىشلىرىنى ئېنىقلايدۇ؛ ئالتىنچى، شىركەت قەرزلىرىنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىنكى ئاشقان مال-مۈلۈكلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ يەتتىنچى، شىركەت ۋاكالەتەن ھەق تەلەپ دەۋا پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.


3)ھېساباتنى ئېنىقلاش تەرتىپى

 

ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە 60 كۈن ئىچىدە گېزىت يۈزىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئېلان بېرىشى كېرەك. ھەقدار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈنى ئىچىدە ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالالمىغانلار 1- قېتىملىق ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىغا ئۆزىنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك. ھەقدار ئۆزىنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقىنى مەلۇم قىلغاندا، ھەقدارلىق ھوقۇقىغا ئالاقىدار ئىشلارغا ئىزاھات بېرىشى ھەمدە ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ھەقدارلىق ھوقۇقىنى تىزىملىشى كېرەك.

 

ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى شىركەتنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاپ، مال-مۈلۈكلەرنىڭ قەرز سېلىقى جەدىۋىلى ۋە ماك-مۈلۈك تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىققاندىن كېيىن، ھېساباتنى ئېنىقلاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش ھەمدە ئۇنى پايچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل ئورگانلارنىڭ بېكىتىشىگە يوللىشى كېرەك.

 

«شىركەت قانۇنى» نىڭ 195- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدا، شىركەتنىڭ مال-مۈلكى ئارقىلىق شىركەتنىڭ قەرزىنى تۆلەش مۇمكىنچىلىكى بولسا، ئايرىم–ئايرىم ھالدا ھېساباتنى ئېنىقلاش خىراجىتىنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ۋە ئەمگەك سۇغۇرتىسى راسخوتىنى تۆلەپ، قېپقالغان باج پۇللىرىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇپ، شىركەتنىڭ قەرزلىرىنى تۈگىتىش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.

 

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركتىىنىڭ يۇقىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قەرزنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىنكى ئاشقان مال-مۈلۈكنى پايچىلارنىڭ چىقارغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ.


شىركەتنىڭ ھېساباتنى ئېنىقلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ھېساباتنى ئېنىقلاش دوكلاتى يېزىپ، پايچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل ئورگانلارنىڭ بېكىتىشىگە يوللاپ بېرىشى ھەمدە شىركەتلەرنىڭ تىزىملاش ئورگىنىغا يوللاپ، شىركەتنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىپ، شىركەتنىڭ ئىشتىن توختىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. شىركەتنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىغانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى شىركەتلەرنى تىزىملاش ئورگىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ھەمدە ئېلان چىقىرىدۇ.

 

4)ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى

 

ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، ھېساباتنى ئېنىقلاش مەجبۇرىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

 

ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىشقا باشقا قانۇنسىز كىرىملەرنى ئېلىشقا، شىركەتنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىۋېلىشىغا بولمايدۇ.

 

ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى غەرەزلىك ھالدا ياكى زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ شىركەت ھەقدارغا زىيان يەتكۈزسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

-----------------------------
«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى