باش كۈزدىن كېيىن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭىيىپ، ئادەم بەدىنى ئورگانىزملىرىدا ناھايىتى ئاسانلا ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر كۆرىلىدۇ. شۇڭلاشقا پەسىل ئالمىشىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۈتۈنۈش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز، ئورگانىزملىرىنىڭ مۇداپىئەلىنىش خۇسۇسىيىتى ناچار بولغانلىقتىن، ھەر تۈرلۈك ئاسراش، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش كېرەك.

1. بويۇن قىسمىنى ئىسسىق ساقلاپ، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
كۈز پەسلى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئەڭ كۆپ قوزغىلىدىغان مەزگىلى. ياز پەسلىنىڭ كۈز پەسلىگە ئالمىشىش پەيتىدە، كىشىلەر دائىم كىلىمات ئۆزگىرىشىنى توغرا ئىگەللىيەلمىگەچكە، بويۇن قىسمى شامالداپ، قان تومۇرلار تارتىشىپ قېلىش، مۇسكۇل قېتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت مۇشۇنداق بولىۋەرسە، بويۇن ئومۇرتقىسىدىكى ماسلىشالماسلىق ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ. ياشانغانلار ھاۋا نىسبەتەن سوغۇق كۈنلەردە بويۇن قىسمىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىشى، بويۇن ئاسراش گىمناستىكىسىنى دائىم ئىشلەپ بېرىشى كېرەك.
2. سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش
باش كۈز كىرگەندىن كېيىن، ھاۋارايى نەملىكتىن قۇرغاقلىققا ئۆزگىرىپ، تالنىڭ سىلىقلاش ئىقتىدارى ياخشىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى بىراقلا ئېچىلىپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا ماس ھالدا بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئارتىپ كېتىدۇ. بىراق بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئارتىپ كېتىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېڭى مېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش، ھەر ۋاقلىق تاماقتا يەتتە ئۈلۈش تويۇنۇشنى ئاساس قىلىش كېرەك.
3. باش كۈزدە جىددى خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك
پەسىل ئالمىشىش مەزگىلىدە ھاۋا گاھ ئىسسىپ گاھ سوۋۇپ، بۇرۇن بوشلۇقىدا نورمالسىزلىق پەيدا قىلىپ، بۇرۇن بوشلۇقى ئىچكى توقۇلمىلىرىغا فىزىئولوگىيىلىك قان تولىدۇ، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە ياكى ئېغىرلىشىپ كەتسە، پاتولوگىيىلىك بۇرۇن ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ ساندىكى جىددى خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ھەممىسى زۇكام سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كېسەللىك تارىخى بار كىشىلەر كۈز پەسلىدە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئادەتتە تۇز سۈيى ئارقىلىق بۇرۇن بوشلۇقىنى تازىلاپ بەرگەندە، قۇرغاق خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ياكى قوزغىلىش ئالامىتىنى يېنىكلىتىدۇ.
4. ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى كۆپ قوزغىلىدىغان مەزگىلگە كىرىدۇ
كۈز پەسلىدە ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى بارا-بارا تۆۋەنلەيدۇ ۋە ئۈچەي يولىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىمۇ ئاجىزلايدۇ، ئەگەر سەللا ئېھتىيات قىلمىسا ئىچى سۈرۈش كېسىلىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، كۈز پەسلىدە يېمەك-ئىچمەككە تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىش، خام، سوغوق، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق يېيىش كېرەك.
5. زىققا كېسىلى بالدۇر ئالدىنى ئېلىشقا موھتاج
ھەريىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ۋاقىت زىققا كېسىلىنىڭ كۆپ قوزغىلىدىغان مەزگىلى بولۇپ، زىققا كېسىلى بار كىشىلەر سوغوققا بەرداشلىق بېرىش مەشىقىنى كۈچەيتىشكە ۋە ئۆپكە، يۈرەك فۇنكىسىيىسىنى ياخشىلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. ھاۋا بىرئاز سوغۇق كۈنلىرى سىرتقا چىققاندا ماسكا ۋە شارپىلارنى تاقاپ سىرتقا چىقىشى كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر
- كېيىنكىسى : ئۇيقۇ يۈرىكىڭىزگە زىيان يەتكۈزمىسۇن
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
قان بېسىمىدىن قۇتۇلۇشقا بولغان خاتا تونۇش بەزىلەر يۇقىرى قان بېسىمىدا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى ئىپادىلەنمەيدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن داۋالانمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قار
يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 1. سەل قارىماسلىق،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك. قان بېسىمى ياخشى تىزگىنلەنمىسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە سەكتە قاتارلىق كېسەللەرن
