بەدەن خاراكتىرلىق (体位性) تۆۋەن قان بېسىم كېسىلى ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، يەنى ياشانغانلار ئېغىر كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا يولۇقۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى. سىتاتىستىكىلاشقا ئاساسلانغاندا، 65 ياشتىن يۇقىرى بولغان ياشانغانلاردا بەدەن خاراكتىرلىق تۆۋەن قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار %15 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 75 ياشتىن يۇقىرىلار %30~%50 كە يېتىدىكەن.
ياشانغانلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى قېتىپ قېلىش (硬化) سەۋەبىدىن، قان تومۇرىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئولتۇرۇش ھالىتى، يېتىش ھالىتى تۇيۇقسىز تىك ھالەتكە ئۆزگەرگەندە، ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئۆرە تۇرغاندا، ئاسانلا قان تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق كېلىپ چىقىپ، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. تاماق يەپ بولۇپ تۇيۇقسىز ئۆرە تۇرۇش بىر خىل خەتەرلىك ئەھۋالدۇر. تاماق يەپ ئولتۇرغاندا قان ئىچكى ئەزالارغا مەركەزلەشكەن بولغاچقا، قان ئايلىنىش مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر تۇيۇقسىز ئۆرە بولغاندا، مېڭىگە قان يەتكۈزۈپ بېرىش يېتەرلىك بولمايدۇ. يىنىك بولغاندا باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. ئېغىر بولغاندا، تۇيۇقسىز ئايلىنىپ كېتىش ياكى قان كەملىك مېڭە ئاپوپلېكسىيە (脑中风)، يۈرەك سانجىقى (心绞痛)، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش (心肌梗死)، يېقىلىپ چۈشۈپ سۆڭەك سۇنۇش، ھەتتا پالەچ بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى بار ياشانغانلار تاماقتىن كېيىن تۇيۇقسىز ئورنىدىن قوپماي، ئەڭ ياخشىسى تاماق ئۈستىلىدە 10 مىنۇت ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ ئاندىن ئاستا-ئاستا ئورنىدىن تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلاپ ئويغىنىپ مۇنچىغا چۈشكەندىمۇ بىر ئاز ئولتۇرۇۋېلىشى، يىنىك قول-پۇت ھەرىكىتى ئىشلىگەندە، ۋىنا قېنى (静脉血) نىڭ يۈرەككە ئېقىپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولۇپ، قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز تۆۋەنلىشىدىن ساقلىنىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئايلىنىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئەگەر بەدەن خاراكتىرلىق تۆۋەن قان بېسىم كېسىلى كېلىپ چىقسا، دەرھال بىمارنى ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى ياخشى جايغا ياتقۇزۇش ياكى بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، كىيىملىرىنىڭ ياقىسىنى بوشىتىۋېتىپ، تېمپىراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ساقلىغاندا، بىمار تىزلا ئەسلىگە كېلىدۇ.
(«ھاياتلىق گېزىتى» 2011-يىلى 17-ئىيۇل 12-سان)
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : مۇشۇ ئەڭ ئالدىنقىسى
- كېيىنكىسى : ياشانغانلار غىزالانغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 10 ئىش
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
