1. يۈرەك ساغلام ھەم كۈچلۈك بولۇش. ئادەم ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، يۈرەكمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا قېرىپ، يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئاشىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر بۇ مەزگىلدە كۆپرەك مېۋە - چىۋە، كۆكتات، بېلىق تۈرىدىكىلەر، زەيتۇن يېغى ياكى قىچا يېغى ئىشلىتىلگەن يېمەك - ئىچمەكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى % 50ــ %70 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
2. كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى بولۇش. ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سېرىق داغ ئۆزگىرىش، گىلاۋكوما، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىقلار كۆرۈش تور پەردىسىگە زىيان سالىدۇ. 40 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ئىككى يىلدا بىر قېتىم كۆز كېسەللىرى بۆلۈمىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى ئەتىگەن، كەچتە 5ــ10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ كۆزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش؛ ھەر كۈنى يەنە 300 قېتىم كۆز چىمچىقلىتىش مەشقى قىلىش؛ ھەر 45 مىنۇتتا بىر قېتىم ئۇزاقراق يىراققا قاراش كېرەك. بۇلار كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
3. خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش. كۈلۈش بېسىمنى يەڭگىللىتىشتىكى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى ئۆزىنى دائىم خۇشال تۇتىدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى يۈرەك كېسىلى ۋە زىيابىتۇس(دىيابېت) كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان C رېئاكسىيە ئاقسىل سەۋىيەسىنىڭ %66 تۆۋەن ئىكەنلىكى بايقالغان.
4. قان قەنتى تۇراقلىق بولۇش. كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، قان قەنتى نورمالسىز بولسا، يۈرەك كېسىلى، بىلىش قابىلىيىتى توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلى، ئايلىنىش سىستېمىسى كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.
5. ئاڭلاش ئىقتىدارى ياخشى بولۇش. ناخشا ئېيتقاندا بولسۇن ياكى قۇلاققا تىڭشىغۇچ تاقىۋالغاندا بولسۇن، ھەر 45ــ60 مىنۇتتا بىر قېتىم قۇلاقنى ئارام ئالدۇرۇش كېرەك. بېكەت قاتارلىق شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا، ئامال بار تىڭشىغۇچ تاقىماسلىق، تاقاشقا توغرا كەلسە قۇلاقچا تىڭشىغۇچ تاقاش، ئاۋازنىڭ يۇقىرى چېكى ناخشا قويغۇچ ئەڭ يۇقىرى ئاۋازىنىڭ %60 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
6. يېقىن دوستلىرى بولۇش. كەيپىياتنى ياخشىلاپ، بېسىمنى يەڭگىللىتىش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا گىرىپتار بولۇش خېيىم - خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە يېقىن دوستى بولۇشنىڭ ساغلاملىققا ئېلىپ كەلگەن پايدىسى ھېسابلىنىدۇ.
7. سۆڭەك چىڭ بولۇش. 40 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ھەر كۈنى مۇئەييەن مىقداردا ۋىتامىن D تولۇقلاش كېرەك. چۈنكى، ياش چوڭايغانسېرى بەدەننىڭ ئاپتاپتىن تەبىئىي شەكىللەنگەن ۋىتامىن D نى قوبۇل قىلىش مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى300mg كالا سۈتى ئىچسە، بەل ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ زىچلىقى %6 ئەتراپىدا ئاشىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىقلار سۆڭەكنى چىڭىتىش ئۈچۈن، كالا سۈتى، قېتىق قاتارلىق تەركىبىدە ئاقسىل مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازىم.
8. بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش. ئىككى قولدا بەلنى تۇتۇپ، كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ، بىر پۇتتا ئۆرە تۇرۇش ۋاقتى ئەر، ئاياللارنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 8 سېكۇنت ۋە 6 سېكۇنتتىن تۆۋەن بولسا، تەڭپۇڭلۇق سېزىمى نىسبەتەن ناچار بولغان بولىدۇ. بىر پۇتلاپ ئۆرە تۇرۇش، ئارقىچىلاپ مېڭىش، تەيجى گۇمپىسى ئىشلەش ئارقىلىق بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
9. دائىم ۋاكسىنا ئەملىتىش. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەر، بولۇپمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ۋە ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىپ تۇرۇشى كېرەك
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
