
ياشانغانلارنىڭ توساتتىن ئېغىر روھىي غىدىقلىنىشلارغا ئۇچراپ، بىر مەزگىل خامۇشلىشىپ قېلىشى نورمال ھادىسە بولۇپ، كېسەللىك ھالىتى ئەمەس. داۋاملىق خامۇشلىشىپ ئېغىرلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلسا، دېۋەڭلىككە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ئويلىشىش لازىم.
خامۇشلۇق كېسەللىكىگە مۇپتىلا بولغان بەزى ياشانغانلارنىڭ كېسىلى راۋاجلىنىپ ئېغىر باسقۇچقا يەتكەندە، تەپەككۈرى ۋە ھەرىكەتلىرى تومۇزلىنىدۇ ( بولۇپمۇ تەپەككۈرى تورمۇزلىنىدۇ ). مۇنداق چاغلاردا قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى بارلىققا كېلىدۇ. شۇڭا، ئاشۇ خىلدىكى بىمارلارغا نىسبەتەن، « ساختا دېۋەڭلىك، ھەقىقىي خامۇشلۇق » نى پەرقلەندۈرۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش داۋالاشنى كېچىكتۈرۈپ قويۇپ، سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنداقتا، ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇق بىلەن دېۋەڭلىك قانداق پەرقلەندۈرۈلىدۇ؟ تۆۋەندىكى ئالتە نۇقتىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ:
1. ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇقتا كېسەللىك تېزرەك باشلىنىپ، تېز تەرەققىي قىلىدۇ؛ لېكىن، دېۋەڭلىكتە كېسەللىك ئاستا باشلىنىپ، تەرەققىياتىمۇ ئاستا بولىدۇ.
2. ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇقنىڭ ئالامەتلىرى بىرقەدەر ئۇزاق داۋاملىشىدۇ؛ لېكىن قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كەيپىياتى كۆپ ئۆزگىرىشچان، تۇراقسىز بولىدۇ.
3. ياشغانغانلاردىكى خامۇشلۇق ئەقلىي توسالغۇلار ۋاقىتلىق، قىسمەتلىك خاراكتېرىدە بولۇپ، ھەر نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئوخشاشمايدۇ؛ دېۋەڭلىكتە بولسا، ئەقلىي ئىقتىدارىدىكى زەخىملىنىش ئەتراپلىق بولىدۇ ھەمدە تەدرىجىي يامانلىشىدۇ.
4. ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇقتا مېڭىنى CT ( ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىدا قاتلاملار بويىچە شەكىل چۈشۈرۈش ) دا تەكشۈرگەندە كۆپىنچە مۇسبەت چىقمايدۇ؛ لېكىن دېۋەڭلىكتە ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس، مېڭىنى CT دا تەكشۈرگەندە ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى مېڭە يىگلەش بايقىلىدۇ.
5. خامۇشلۇققا قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، خامۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار تېزلا ئوڭشىلىپ، كېسەل بولۇشتىن ئاۋۋالقىغا ئوخشاش ئويناپ ۋە كۈلۈپ يۈرىدۇ، روھىي ھالىتىمۇ نورماللىشىدۇ؛ ئەمما، دېۋەڭلىكتە خامۇشلۇققا قارشى دورا ئىشلىتىشنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان قىسمەن ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىمۇ « ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇق » قا ئوخشاپ كېتىدىغان، خامۇشلۇق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، كېسەللىك ئوتتۇرا مەزگىلگە بارغاندا، ئاندىن دېۋەڭلىكنىڭ « ھەقىقىي قىياپىتى » ئاشكارىلىنىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا قارىتا ناھايىتى ھوشيار بولۇش كېرەك.
6. خانمىرتون خامۇشلۇق مىقدارى جەدۋىلى ئارقىلىق مىقدارىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
