ياشانغانلار تېنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، بىر مەزگىل دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئاسانلا بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ياشانغانلار دورا ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

1. ئۇيقۇ دورىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
بەزى ياشانغانلار دائىم ئۇيقۇسىزلىق سەۋەبىدىن ئۇيقۇ دورىسى ئىشلىتىدۇ. ئۇيقۇ دورىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتسە، خۇمار قىلىدۇ ھەم سوققاق تومۇر قېتىش خاراكتېرلىك خامۇشلۇق كېسىلى، ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە تىلى توسالغۇغا ئۇچراش، رۇس ماڭالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ياشانغانلاردا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ۋە رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان كېسەللەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىش ئۈچۈن، ياشانغانلار كۆپىنچە ئاسپىرىن(阿司匹林)، ئانتىنفان(消炎痛) ياكى برۇفېن(布洛芬) قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىدۇ. بۇ دورىلار ھەزىم يوللىرىدا قاناش پەيدا قىلىپلا قالماستىن، يەنە بۆرەك ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.
3. بىرلا ۋاقىتتا ئۆزئارا تەسىر قىلىدىغان دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
بەزى ياشانغانلارنىڭ كۆپ خىل كېسىلى بولغاچقا، كۆپ خىل دورا ئىشلىتىدۇ. ھەر خىل دورىنى بىللە ئىستېمال قىلسا، داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپلا قالماستىن، يەنە دورىنىڭ زەھىرى كۈچىيىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. مەسىلەن، دىگوكسىن(地高辛) بىلەن ھىدروخىلوروتىئازىد(氢氯噻嗪) بىللە ئىشلىتىلسە، كالىي كەملىك پەيدا بولىدۇ، قان قەنتىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورا(降糖药) ياكى ئىنسۇلىن(胰岛素) بىلەن پروپرانولۇل(Propranololum، 普萘洛尔) بىللە ئىشلىتىلسە، قان قەنتى تۆۋەنلىكنىڭ ئالامەتلىرىنى يوشۇرۇپ قويىدۇ.
4. بۆرەككە تەسىر كۆرسىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ياشانغانلارنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاجىزلىغان بولىدۇ، شۇڭا ياشانغانلار بۆرەككە زىيانلىق دورىلار، مەسىلەن، سىترېپتومىتسىن(链霉素)، كانامىتسىن(卡那霉素) ۋە گېنتامىتسىن(庆大霉素) قاتارلىق دورىلارنى ئامال بار ئىشلەتمەسلىكى، ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، مىقدارىنى ئازايتىشى ۋە ۋاقىت ئارىلىقىنى ئۇزارتىشى كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
