تەتقىقات نەتىجىلىرى تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر ئارقىلىق قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى:
يەر ياڭىقى (خاسىڭ ): يەر ياڭىقى تەركىبىدە كاتېفول دەپ ئاتىلىدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ماددا بولۇشتىن تاشقىرى، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان ۋىتامىن E قاتارلىقلار بار ئىكەن . يەر ياڭىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق ئىستېمال قىلغاندا، جىسمانىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ياخشىلىنىدىكەن ، ئۇنىڭ يېغىنى بەدەن ئوڭاي قوبۇل قىلىدىكەن ، شۇڭا يەر ياڭىقىنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن .
كۈنجۈت :كۈنجۈت تەركىبىدە ۋىتامىن Eبىر قەدەر مول بولۇپ ، بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، پروكسىدلانغان ياغلارنىڭ زىيىنىنى توسۇيدىكەن . كۈنجۈت ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بالدۇر قېرىتقۇچى ماددىلارنىڭ توپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىكەن. بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلايدىكەن .شۇڭا ئەجداتلىرىمىز ئەزەلدىن كۈنجۈت ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن.
ياڭاق : ياڭاق بەدەننى ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرىدىغان ئوزۇقلۇق بولۇپ ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ خىل ۋىتامىن، فوسفور، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىقلار مېڭىنى كۈچلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك سېلىش قاتارلىقلارغا ئۈنۈملۈك شىپا بولالايدۇ . ياڭاقنى دائىم ئىستېمال قىلىپ تۇرغاندا قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ .
سەۋزە: سەۋزە تەركىبىدە سېلىلوزا مول بولغاندىن باشقا ، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن Cلار ۋە تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىقلار بىر قەدەر مول . ئۇنىڭ نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار .

سۆڭەك شورپىسى : ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەدەندىكى سۆڭەكلەرنىڭ قىزىل، ئاق قان ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەبىئىي تۆۋەنلەيدۇ . بۇنىڭ بىلەن سۆڭەك شالاڭلىشىپ، چۈرۈكلىشىپ ، قېرىشقا باشلايدۇ .بۇنداق چاغدا دائىم سۆڭەك شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە، سۆڭەكنىڭ قان ئاقسىلى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاشىدۇ . بەدەنگە زۆرۈر بولغان كالتسىيمۇ تولۇقلىنىپ ، سۆڭەكنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.
گۈل چېڭى : گۈل چېڭى تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتالىرى ، ۋىتامىنلار، مېنىرال ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئانتىبىئوتىك ماددىلار ھەر خىل خاراكتېرلىك كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ . ئۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۈلۈشىنى ۋە قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىغان ئوزۇقلۇق بولۇپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ .
ھەسەل ۋە ھەسەل جەۋھىرى:ھەسەل ۋە ھەسەل جەۋھىرى چوڭ مېڭى ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، قېرىشنى تېزلىتىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەيدۇ.ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار ئاشقازان ، ئۈچەي كېسەللىكلىرى ، بەدەن ئاجىزلىق، قان ئازلىق كېسەللىكلىرىگە شپا بولىدۇ ھەمدە بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ .
چىلان ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق دورىلارنىڭ بىرى بولۇپ ، چىلاننى دائىم يەپ بەرگەندە قاننىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ ، بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ھەرىكەت ئۆمۇرنى ئۇزارتىدۇ
- كېيىنكىسى : ياشانغانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئۆلچىمى
يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 1. سەل قارىماسلىق،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك. قان بېسىمى ياخشى تىزگىنلەنمىسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە سەكتە قاتارلىق كېسەللەرن
ياشانغانلار دورا ئىشلىتىشتە... ياشانغانلار تېنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، بىر مەزگىل دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئاسانلا بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ش
ياشانغانلار كىتابنى كۆپ ئوقۇپ بەرسە دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ ياشانغانلار ئارىسىدا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى، ئىچ مىجەز خاراكتېرى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدۇ. ياشانغانلار
ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ساغلام بولۇشىدىكى 9 خىل ئۆلچەم 1. يۈرەك ساغلام ھەم كۈچلۈك بولۇش. ئادەم ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، يۈرەكمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا قېرىپ، يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك
ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇق بىلەن دېۋەڭلىكنى قانداق ئايرىغىلى بولىدۇ؟ ياشانغانلارنىڭ توساتتىن ئېغىر روھىي غىدىقلىنىشلارغا ئۇچراپ، بىر مەزگىل خامۇشلىشىپ قېلىشى نورمال ھادىسە بولۇپ، كېسەللىك ھالىتى ئەمەس. داۋاملىق خامۇشلىشىپ ئېغىرلىش
