
ئەقلىي پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مول، مەسىلەن: ئاددىي ساۋاتلار، جەمئىيەتكە ماسلىشىش قابىلىيىتىنى، ھېسابلاپ تەھلىل قىلىش ۋە ئۈنىۋېرسال ئىقتىدارى، لوگىكىلىق باغلاش ئىقتىدارى، شۇنداقلا تەپەككۈرىنىڭ جانلىقلىقى قاتارلىقلار.
1. لوگىكىلىق باغلاش، تەپەككۈرى جانلىقلىقىنى مەشىق قىلدۇرۇش: بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ئارىسىدىن ئەقلىي كۈچىگە پايدىلىق بولغان بەزى ئويۇنچۇقلارنى ئىزدەپ تېپىش.
2. تەھلىل قىلىش ۋە ئۈنىۋېرسال ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇش: بىمارلارنى رەسىم، ئەمەلىي نەرسىلەر، تاق سۆزلەرنى يىغىنچانلاشقا ۋە تۈرلەرگە ئايرىشقا بۇيرۇش.
3. چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇش: بىمارلارغا بەزى ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بېرىش، ئاندىن بەزىبىر سۇئاللارنى سوراپ جاۋاب ئېلىش.
4. جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇش: ئىمكانقەدەر بىمارلارنى بېكىنمە تۇرمۇش مۇھىتىدا تۇرغۇزماي، سىرتتىكى ئۇچۇرلاردىن كۆپرەك خەۋەرلەندۈرۈپ، باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، بىمارلارنى ئائىلە ئىشلىرىغا مەقسەتلىك قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك.
5. ئاددىي ساۋاتلارنى مەشىق قىلدۇرۇش: « ئاددىي ساۋات » لار دېگىنىمىز، خېلى كۆپ مەزمۇنلارنى بىمارلار بۇرۇنلا بىلىدىغان، ئەستە تۇتۇش ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان نەرسىلەر بولۇپ، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان ساۋاتلاردۇر. ئەگەر دائىم ئەسكە ئېلىپ تۇرسا، يادىدىن چىقىپ كېتىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاستىلايدۇ.
6. سان ئۇقۇمى ۋە ھېسابلاش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇش: مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن ياشانغانلارغا ئابستراكت سانلارنى مەشىق قىلدۇرۇش بىرقەدەر تەس، بىلىش قابىلىيىتى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، گەپ قىلىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. بىراق، پۈتكۈل تۇرمۇشنىڭ سان ئۇقۇمى ۋە ھېسابلاش ئىشلىرى كۆپ بولۇپ، پەقەت كۆڭۈل قويساقلا، بىمارلارنى مەشىق قىلدۇرىدىغان نۇرغۇن پۇرسەت تېپىلىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
