
1. ئىرسىيەت گېنى بىلەن باغلىنىشلىقى: « قېرىلىق دېۋەڭلىكى گېنى 19-نومۇرلۇق بويالغۇچى تەنچە ئۈستىگە جايلاشقان » دېگەن كۆزقاراشنى مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بىر قىسىم تېببىي پەن ئالىملىرى دەللىللىگەن. β كىراخمالسىمان ئاقسىل، apoE قاتارلىق گېن ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ قېرىلىق دېۋەڭلىكىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قايتا-قايتا ئىسپاتلاندى.
2. ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشى: تەتقىقاتلاردىن ئانىلىق ھورمۇن ئىشلەتكەنلەردە قېرىلىق دېۋەڭلىكىنىڭ يۈز بېرىشى ئىشلەتمىگەنلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدىغانلىقى بايقالدى. بۇ خىل خېيىم-خەتەر ئانىلىق ھورمۇنىنى ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى ھەم ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئانىلىق ھورمۇننىڭ خولىن ئىقتىدارلىق نېۋروننى ( نېۋرون ئۆگىنىش، بىلىش جەريانىغا قاتنىشىدۇ دەپ قارىلىدۇ ) قوغدايدىغانلىقى بايقالغان. ئەرلەر مېڭىسىدىمۇ ئانىلىق ھورمۇننى قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بولۇپ، مېڭىدىكى تېتستوستېروننىڭ كۆپلىگەن رولى ئانىلىق ھورمۇنغا ئۆزگىرىشى ئارقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەرلەردىكى تېستوستېرون سەۋىيەسىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. نەتىجىدە كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش خەتىرىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئاشىدۇ. بۇ نەزەرىيە ئۈستىدە نۆۋەتتە يەنىلا تالاش-تارتىش مەۋجۇت.
3. مېڭە ئېنېرگىيە مېتابولىزمى تۆۋەنلىكى: ئالىملارنىڭ قارىشىچە، نورمال مېڭە ئاجىزلىقىغا يېنىك، بىراق داۋاملىشىشچان ئېنېرگىيە ھاسىل بولۇش تۆۋەنلەش ۋە ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ئېشىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. يىپسىمان تەنچىنىڭ ATP نى ھاسىل قىلىشى ۋە قويۇپ بېرىشى ئاجىزلاپ، مېڭە ھۈجەيرىسىدە ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك. فۇنكسىيەسى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇلار قېرىلىق دېۋەڭلىكى يۈز بېرىشتىكى خەتەرلىك ئامىل بولۇشى مۇمكىن.
4. تېز سۈرئەتلىك كۆز ھەرىكىتى ئۇيقۇسى قانماسلىق: يېقىنقى تەتقىقاتلاردا قېرىلىق دېۋەڭلىكى بىمارلىرىنى باشقا نورمال گۇرۇپپا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تېز سۈرئەتلىك كۆز ھەرىكىتى ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ تېخىمۇ ئاز بولىدىغانلىقى بايقالدى. ئاتالمىش تېز سۈرئەتلىك كۆز ھەرىكىتى ئۇيقۇسى دېگىنىمىز، تەبىئىي ئۇيقۇ جەريانىنىڭ مەلۇم بىر دەۋرىدۇر. خېلى بۇرۇنلا مۇتەخەسسىسلەر ئۆگىنىش ۋە ئەستە ساقلاشنىڭ تېز سۈرئەتلىك كۆز ھەرىكىتى ئۇيقۇسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر يەنە تەتقىقات ئارقىلىق تېز سۈرئەتلىك كۆز ھەرىكىتى ئۇيقۇ ۋاقتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يېتەرلىك بولماسلىقى يېقىنقى مەزگىللىك ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. بىر خىل تەبىئىي مېخانىزم ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تېز سۈرئەتلىك كۆز ھەرىكىتى ئۇيقۇسى ئادەم تۇغۇلغان چاغدىكى كۈنىگە سەككىز سائەتتىن تۆۋەنلەپ قېرىنغاندىكى بىر سائەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ جەرياننىڭ تېزلىشىشى ياشانغانلاردا تېز سۈرئەتلىك كۆز ھەرىكىتى ئۇيقۇسى قانماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نېۋرونلارنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ. يېقىندا قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئۇيقۇ قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا، بىمارلار مېڭىسىدىكى خولىن سىستېمىسىنىڭ چېكىنىشى بىلەن خولىن ئىقتىدارى سىستېمىسىنىڭ تېز سۈرئەتلىك كۆز ھەرىكىتى ئۇيقۇسى مېخانىزمىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى قوزغايدىغانلىقى، تېز سۈرئەتلىك كۆز ھەرىكىتى كەملىكى مېخانىزمى باشقا قېرىلىق دېۋەڭلىكىنىڭ كېسەللىك مېخانىزمى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، بىرلىكتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بايقالدى.
5. كىچىك نېرۋا كوللوئىد ھۈجەيرىلەر مېخانىزمى: چەت ئەللىك ئالىملار تەتقىقات ئارقىلىق، مېڭىدىكى كىچىك نېرۋا كوللوئىد ھۈجەيرىلەر بىلەن كىچىك يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەر ئاجراشقان تولدۇرغۇچى تەنچە قاتارلىق ئىممۇنىتېتلىق فاكتورنىڭ قېرىلىق دېۋەڭلىكىنىڭ پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش جەريانىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بايقىدى، تېخىمۇ تەپسىلىي مېخانىزمنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، پاكىتلار ئىممۇنىتېتلىق ياللۇغلىنىش ئامىللىرىنىڭ قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ مېڭە ساھەسىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
