يۇيۇنۇش بولسا ياخشى ئىش، ئۇ بەدەننى پاكىزلاپ قالماي يەنە ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ. بىراق ياشانغانلارغا نىسبەتەن، نامۇۋاپىق ۋاقىتتا يۇيۇنۇشنىڭ ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە نىسبەتەن خەتىرى بار، ئۇنداقتا قانداق ئەھۋالدا ياشانغانلار يۇيۇنسا مۇۋاپىق بولمايدۇ؟

1. ھېرىپ-چارچىغاندىن كېيىن دەرھاللا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ.
ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغان بولسۇن ياكى بايىلا تەنھەرىكەت قىلغان بولسۇن، بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن يۇيۇنۇش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ئاسانلا يۈرەك، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەتتا ھوشىدىن كېتىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
2. قىزىپ قالغاندا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ.
ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاپ 38 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققاندا بەدەننىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى %20 ئاشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھەم بەدەن ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا يۇيۇنغاندا ئاسانلا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
3. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ.
يۇيۇنغاندا بەدەندىن تەر چىقىدۇ، قاندىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقى نىسبەتەن يۇقىرىلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىق سۇ قان ئايلىنىشنى تېزلەشتۈرىدۇ-دە قان تومۇر كېڭىيىدۇ، تومۇر سوقۇش تېزلىشىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئادەتتە قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىمۇ يۇقىرىلايدۇ، بۇنىڭغا بەدەن ئاسانلىقچە ماسلىشالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك كېسىلى ياكى مېڭە شامالدارىش كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا تۆۋەن قان قەنتى خاراكتېرلىك ھوشسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ياشانغانلار يۇيۇنغاندا رىئايە قىلىشى كېرەك بولغان 2 پىرىنسىپ قايسى؟ بىلمەكچى بولسىڭىز كېيىنكى بەتكە قاراڭ!
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى
ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر
ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى
نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار
ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ
كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول