ياشانغانلارنىڭ بەدەن ئەھۋالى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بىر كۈندىكى ئەھۋال يەنە بىر كۈنگە ئوخشىمايدۇ. ھالبۇكى، ياشانغانلاردا پسىخىكا جەھەتتىن ساغلاملىققا بولغان ئىستەكنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن، چېنىقىشقا بولغان ئىشتىياق يېلىنجاپ تۇرغان بولىدۇ. ئەمما، ياشانغانلار چېنىققاندا ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋالىغا يارىشا چېنىقىشى، چېنىقىش سالمىقى بىلەن بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ياخشى ئىگىلىگەن ۋە كونترول قىلغان ئاساستا چېنىقىشى كېرەك. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ياشانغان دوستلارنىڭ سەمىگە تۆۋەندىكى ياشانغانلار چېنىقىشىدىكى 4 پەرھىز ۋە «4 لازىم» نى ئالاھىدە سالىدۇ.
ياشانغانلار چېنىقىشىدىكى 4 لازىم
1. ھالغا قاراپ ھال تارتىش، خالتىغا بېقىپ ئۇن تارتىش لازىم. يەنى، ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالى ۋە چېنىقىش سەۋىيەسىگە ئاساسەن، باب كېلىدىغان چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللاپ چېنىقىش؛ چېنىقىش سۈرئىتى تەكشى، ئاستىراق، سىجىللىقى يۇقىرى ئەمەس، بەكمۇ كۈچلۈك ئەمەس، بىخەتەر، ئاددىيراق چېنىقىش تۈرلىرىنى تاللاپ چېنىقىش لازىم. مەسىلەن، ئاستا يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش، يۈگۈرۈش بىلەن مېڭىشنى ئارىلاشتۇرۇپ چېنىقىش، گېمناستىكا ئويناش دېگەندەك.

2. تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي چېنىقىش لازىم. يەنى، ھەر قېتىملىق چېنىققاندىكى ھەرىكەتنىڭ مىقدارى مۇۋاپىق بولۇشى، دەسلەپ باشلىغاندا كىچىك، يەڭگىلرەك ھەرىكەتلەردىن باشلاش، بۇ خىل ھەرىكەتنى بىردەم داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن چارچاش ھېس قىلىنمىسا، ئاندىن سەللىمازا كۈچەيتىش ياكى باشقا چوڭراق، ئېغىرراق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش لازىم. ئەگەر ماسلىشىش ئىقتىدارى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، بەدەن ساپاسىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
3. ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش لازىم. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى پەقەت ئۇزاق مۇددەت ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرغاندىلا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە بولۇپ قالسا، ياكى 3 كۈن بېلىق تۇتۇپ، 2 كۈن تورنى ئاپتاپقا سالساق، ھەرقايسى ئورگانىزملار ئۈزلۈكسىز غىدىقلىنىشقا ئېرىشەلمەي، چېنىقىش ئۈنۈمى يوقاپ كېتىدۇ. شۇڭا، چېنىقىشتا چوقۇم ئىزچىل بولۇش لازىم.
4. بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. تەنھەرىكەت بولسا بىر خىل بەدەننى ئىلمىي چېنىقتۇرۇش يولىدۇر. ھەر بىر ھەرىكەتنىڭ رىتىمى، كۈچى، ۋاقتى قاتارلىقلارنىڭ مۇئەييەن قائىدە-قانۇنىيىتى بار. چېنىقىشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىقنى ياخشى ئىشلەش، چېنىقىش سورۇنىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە چېنىقىشتىكى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، شۇنداقلا، چېنىقىش داۋامىدىكى تەرلەش، سۇ ئىچىش، كىيىنىش قاتارلىقلاردا تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
ئۇنداقتا، ياشانغانلار چېنىقىشتىكى 4 پەرھىز قايسىلار؟
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى
ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر
ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى
نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار
ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ
كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول