
1. سەل قارىماسلىق،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.
قان بېسىمى ياخشى تىزگىنلەنمىسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە سەكتە قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتقا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.
2. دورىنى چوقۇم ۋاقتىدا يېيىش كېرەك.
بەزى بىمارلار ئۆزىدىكى قان بېسىمنى ئانچە ئېغىر ئەمەس دەپ قاراپ، دورىنى ئىزچىل ئىچىشكە ئەھمىيەت بەرمەي، ۋاقتىدا ئىچىشكە سەل قارايدۇ، ھەتتا بىر نەچچە كۈن ئىچىپ، بىر نەچچە كۈن ئىچمەيدۇ. بۇنداق قىلسا، قان بېسىمى تىزگىنلەنمەي، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن قان تومۇر يېرىلىش ياكى سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، دورىنى چوقۇم ۋاقتىدا ئىچىش كېرەك.
3. يۇقىرى خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
خولېستېرىننىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەدەندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى ھەر بىر بىرلىك ئاشقان چاغدا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ ئېغىرلاش خەۋپى %30 ئېشىپ كېتىدىكەن. بەزى ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەردە خولېستېرىن ناھايىتى مول بولىدۇ، شۇڭا يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى چوقۇم ئۇلاردىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.
4. ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك. كەيپىيات ياخشى بولمىسا، قان بېسىمىمۇ نورمال بولمايدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، كەيپىياتى دائىم ياخشى بولمىغان ئەرلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى كەيپىياتى نورمال ئەرلەرنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقى، ئاياللاردا بولسا 1.7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. كەيپىيات ساغلاملىقنىڭ ئۈزچاتېلى بولۇپ، كەيپىياتتا داۋالغۇش بولغاندا قان بېسىممۇ تەبىئىي ھالدا ئۆرلەپ كېتىدۇ.
5. يېتەرلىك ئۇخلاش كېرەك.
خارۋارد ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتى بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئارقىلىق، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئادەتتىكىدىن بىر سائەت بۇرۇن ئۇخلىسا، ئەتىسى قان بېسىمىنىڭ 10mmhg تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا، سىزدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولسا، ئەڭ ياخشىسى بالدۇرراق ئۇخلاڭ.
6. تۇزنى ئازراق ئىستېمال قىلىش كېرەك.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، يۇقىرى قان بېسىم يېمەكلىك بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. تاماقنى تۇزلۇقراق يېسە، تۇزدىكى ناترىي ئىيونى قان تومۇرلاردىكى قاننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى بەك تۇزلۇق غىزالانماسلىق كېرەك، كۈندە 5g – 4gتۇز ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىق.
7. چېنىقىش مۇۋاپىق بولۇش كېرەك.
قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىق چېنىقىش ئارقىلىق قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشى ياخشى ئىش، بىراق چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. چۈنكى، بەك جىددىي ھەرىكەتلەر قان بېسىمنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك كېسىلىنى قوزغىشى مۇمكىن.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ياشانغانلار دورا ئىشلىتىشتە...
- كېيىنكىسى : قان بېسىمىدىن قۇتۇلۇشقا بولغان خاتا تونۇش
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
