ئامېرىكا ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەسەل تەركىبىدە ۋىتامىن، مىنېرال ماددا، ئامىنو كىسلاتاسى، كالتسىي، تۆمۈر، ماگنىي، سىنك قاتارلىقلارنىڭ موللىقىنى ئىسپاتلىغان. ھەسەلدە يەنە ماي بار بولۇپ، كۆپ قىسمى يەككە شېكەر (گلوكوزا ۋە مېۋە شېكىرى) دىن تەركىب تاپقان ئىكەن، ئۇنى ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلىدىكەن. شۇڭا،ھەسەل ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئىنتايىن باب كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەسەل «ياشانغانلارنىڭ سۈتى» دەپ ئاتالغان.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىم پاپاسى پىئو 13~12 قېتىم ئېغىر كېسەللىك خەۋپىدىن مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ قالغانىكەن. ناپولىئوننىڭ زېھنى كارامەت يۇقىرى ئىكەن. بۇلارنىڭ سەۋەبى ھەسەل جەۋھىرىنى ئىچىپ تۇرغانلىقتىن ئىكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 100 ياشتىن ئاشقان بوۋايلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ھەسەل ھەرىسى باقىدىغانلار ئىكەن. ھەسەل جەۋھىرىنىڭ تەمى چۈچۈمەل، تەركىبىدە سۇ 70%، ئاقسىل 15%، ماي 5%، شېكەر 10% بولۇپ، يەنە ئاممونىي كىسلاتالىرى ۋە فوسفور كىسلاتالىرىنىڭ كۆپ خىل بىرىكمىلىرى بار. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ھەسەل جەۋھىرىنىڭ قېرىپ زەئىپلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئاجىزلىقنى داۋالاش ئۈنۈمى بار ئىكەن. ئۇنىڭ قەۋزىيەت، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش ۋە چارچاش، قان ئازلىق ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى قاتارلىقلارغا مەلۇم شىپالىق ئۈنۈمى بار، بەزىلەر ئۇنىڭ بىلەن كلىماكتېرىك دەۋرى(ئاياللاردىكى ھەيز توختاش دەۋرى) دىكى توسقۇنلۇق، جىنسىي ھەۋەسنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ئۇيقۇسىزلىق ۋە بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالىغاندا ئۈنۈم بېرىش نىسبىتى 70% كە يەتكەن.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ياشانغانلار كۆپ ئۇخلىسا ، تېز قېرىيدۇ
- كېيىنكىسى : ياشانغانلار چېنىقىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ 6 تۈرلۈك پايدىسى
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
