ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، باشقىلارغا نىسبەتەن ئەپۇچان بولۇش؛ باشقىلار ساڭا مەيلى قانداق مۇئامىلە قىلسۇن، ھەممىسىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ يۈكسەك پەزىلەتتۇر.
ياشانغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدى ئامانلىق: بايلىق، نام – ئاتاق نۇرغۇن ئادەم قىزىقىپ قوغلىشىدىغان نىشان، بىراق بايلىق ۋە نام - ئاتاققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىكتىن مەھرۇم بولسا، مۇنداق ئادەمدە ئۈمىدنىڭ دېرىكىمۇ قالمايدۇ، تۇرمۇشمۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ، شۇڭا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ئۈمىد ئامانلىق، ماھىيەتتە بۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى.
ياشانغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى ساغلام روھىي ھالەت: ئادەمنىڭ خۇشال ياكى خاپىلىقى ئۇنىڭ روھىي ھالىتىگە باقىدۇ، بەخت تۇيغۇسىنىمۇ روھىي ھالەت بەلگىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە يۇقىرى مەرتىۋە ساغلام ئوزۇقلۇققا يەتمەيدۇ، ساغلام ئوزۇقلۇق ئۆمۈرنىڭ ئالدىدا تىلغا چىقمايدۇ، ئۆمۈرمۇ چەكسىز خۇشاللىققا زىنھار يېتەلمەيدۇ، خۇشاللىق كەيپىياتنىڭ ئوزۇقى، شۇڭا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ھەقىقىي خۇشاللىق دەل بەخت تۇيغۇسىدۇر.
ياشانغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى سالامەتلىك: پۇل – مال بالىلارنىڭ، مەرتىۋە ۋاقىتلىق، شان – شەرەپ ئۆتمۈش، پەقەت ساغلاملىقلا ھەركىمنىڭ ئۆزىگە تالىق. بىلىش ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تېخى ئېچىلمىغان سىر، بەدەننىڭ ساقلىقىغا بېقىش ھەقىقىي مەنىدىكى تەلەپ ھەم سادا. قېنى، جىسمانىيەتنى خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىللە، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھاياتلىقتىكى ئەڭ تەبىئىي ئىش.
ياشانغانلاردىكى ئەڭ چوڭ پاراسەت ئۈمىدۋرلىق: ياخشى بىر روھىي ھالەت ئالىدىغان چاغدا ئېلىش، قويىدىغان چاغدا قويۇش، ھەرقانداق ئادەم بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان بولۇش. ئادەم بۇ دۇنياغا كەلگەنىكەن، ئېرىشكەن چاغدا يوقىتىپمۇ قويىدۇ، بۇنداق چاغدا كاللىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىلىش، ئۆزىگە چەكتىن ئاشقان تەلەپلەرنى قويماسلىق كېرەك. ھايات جاپالىق ھەم شۇنچىلىك قىسقا، شۇڭا قىلىدىغان ئىشىمىز ئۆزىمىزگە ياخشى كەچمىشلەر ئاتا قىلىش، ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاپ تۈگىتىشىمىز كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ
- كېيىنكىسى : يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
قان بېسىمىدىن قۇتۇلۇشقا بولغان خاتا تونۇش بەزىلەر يۇقىرى قان بېسىمىدا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى ئىپادىلەنمەيدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن داۋالانمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قار
يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 1. سەل قارىماسلىق،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك. قان بېسىمى ياخشى تىزگىنلەنمىسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە سەكتە قاتارلىق كېسەللەرن
