
ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرى.
شۇنداقكەن، ياشانغانلار قانداق قىلغاندا ئۇيقۇسىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلىيالايدۇ؟
ياشانغانلار ئۇيقۇسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ياشانغانلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بىرقەدەر قىسقا، ئادەتتە 8-6 سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇيقۇ سۈپىتىمۇ ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ، ئوڭاي ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ، تەستە ئۇخلاش، ئۇخلىغان تەقدىرىدىمۇ ئاسانلا ئويغۇنۇپ كېتىشكە ئوخشاش ئۇيقۇ ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئۇنداقتا ياشانغانلار ئۇيقۇسىنى ياخشىلاشنىڭ ئامال-چارىلىرى قايسىلار؟
(1) مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىش: كۈندۈزى سىرتلارغا چىقىپ تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ بەرگەندە، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ تېز ياخشىلىنشىغا پايدىسى تېگىدۇ.
(2) ئارامبەخىش ئۇخلاش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش: كارۋات زىيادە تار بولماسلىقى، ئورۇن راسلىغاندا ئاستى بەكمۇ قاتتىق ياكى بەكمۇ يۇمشاق بولۇپ كەتمەسلىكى، ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكى ئېگىزمۇ-پەسمۇ بولماي مۇۋاپىق بولۇشى، يوتقاننىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى لايىقىدا، ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان، يۇمشاقراق بولۇشى لازىم.
(3) ھۇجرا مۇھىتىنى تەڭشەش: ھۇجرىنىڭ مۇھىتى ياشانغانلارنىڭ دەم ئېلىشىغا مۇۋاپىقلاشقان بولۇشى، ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان بولۇشى كېرەك. شۇڭا، تېمپېراتۇرا، قۇرغاق-نەملىكى، يورۇقلۇق قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىنى تولۇق ئويلىشىپ، مۇناسىپ تەڭشەش؛ تۈرلۈك ئاۋاز-شاۋقۇنلارنى ئىمكانقەدەر يوقىتىش.
(4) ئۇخلاشتىن ئاۋۋالىقى تەييارلىقنى ياخشى ئىشلەش: ئۇخلاشتىن ئاۋۋالقى كەيپىياتقا سەل قارىماسلىق، بىر خىل تۇراقلىق كەيپىياتنى ساقلاش، كۈچلۈك ھەرىكەت قىلماسلىق ياكى ئوڭاي ھاياجانلاندۇرىدىغان كىتاب، تېلېۋۇزۇر پروگىراممىلىرىنى كۆرمەسلىك، غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، كەچلىك غىزالىنىشنى چوقۇم ئۇخلاشتىن 2 سائەت ئاۋۋال تاماملاش، كەچلىك غىزا سۇيۇق-سەلەڭ، يۇمشاق-لەتىف بولۇشى، زىيادە تويۇنماسلىق كېرەك. ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىلمان سۇغا چىلاپ بەرگەندە، ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
(5) ياخشى ئۇخلاش ھالىتىدە يېتىش: ياخشى بولغان ئۇخلاش ھالىتى ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدۇ. ئۇخلاش ھالىتىنى تاللاشتا، تەبىئىي، راھەت بولۇشىنى قوغلىشىش لازىم.
ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ھالىتى ئوڭ يېنىچە يېتىش بولۇپ، بۇنداق بولغاندا يۈرەكنىڭ بېسىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان ئايلىنىشنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ياشانغانلار يۇقارقى ئۇسۇللارنى ئېرىنمەي، بىرمۇ-بىر ئۆز تۇرمۇشىغا تەدبىقلىغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇيقۇسىنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. ئۇيقۇ ياخشىلانسا، بەدەنمۇ ساغلام ، ئۇيقۇ ناچارلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
