بەزىلەر يۇقىرى قان بېسىمىدا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى ئىپادىلەنمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن داۋالانمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ بىر خاتا قاراش. قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەن كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنىڭ ئېنىق مۇناسىۋىتى يوق. كۆپ قىسىم يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. بەزىلەرنىڭ قان بېسىمى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ ئالامەتلەرگە كۆنۈپ كېتىدۇ. بىراق، قان بېسىمى يۇقىرى بولسا يۈرەك، مېڭە ۋە بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالارغا بولغان زىيىنى بىمار تۇيمىغان ھالەتتە داۋاملىشىۋېرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمىنى تەكشۈرسە ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ، ئادەتتە ھېس قىلغىلى ياكى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى چوقۇم ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم قان بېسىمىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن داۋالانغاندىن كېيىن ئەھۋالى نورماللاشسىلا دورا يېيىشنى توختىتىدۇ.
بىر قىسىم بىمارلار قان بېسىمى نورماللاشقاندىن كېيىن دورا يېيىشنى توختىتىدۇ. بىراق، دورىنى توختاتقاندىن كېيىن قان بېسىمى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىپ قالىدۇ، ھەتتا ئەسلىدىكىدىنمۇ يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولسا يۈرەك، مېڭە ۋە بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، بەزىدە مېڭە سەكتىسى ۋە يۈرەك مۇسكۇل ئىنفاركتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئوت پىلتىسى بولۇپ قالىدۇ. توغرا ئۇسۇل قان بېسىمى ئۇزۇن مۇددەت كونترول قىلىنغاندىن كېيىن دورا مىقدارى ۋە تۈرىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئاستا-ئاستا ئازايتىشتىن ئىبارەت. ئادەتتە، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئەمەل قىلالايدىغان بىمارلارلا دورىنىڭ مىقدارىنى ئازايتسا بولىدۇ. دورىنى ئازايتىش جەريانىدا چوقۇم قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
قارىغۇلاچە دورا يېيىش، دوختۇرغا كۆرۈنمەسلىك.
بەزىلەر يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ قالغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە دورا يېمەستىن، ئۆزىگە ئوخشاش كېسەل بولۇپ قالغانلار ھەمدە دورىخانىلاردىكى دورا سارقۇچىلارنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە دورا يەيدۇ، بەزىلەر ھەتتا ئېلانلاردىكى «ئۈنۈملۈك دورا»لارغا ئىشىنىپ كېتىپ، شۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىدۇ، ئۆزى بىلگىنىچە دورا سېتىۋالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىستىخىيىلىككە ئىگە بولۇپ، سالامەتلىككە زىيان كەلتۈرىدۇ.
دورىنى بالدۇر يەۋالسا بەدىنىنىڭ دورىغا چىدامچان بولۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
بەزى بىمارلار قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىنى بەك بالدۇر يەۋالسا كېيىنچە ھېچقانداق مەنپەئەت قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بالدۇر دورا يېمىگەن ياخشى دەپ قارايدۇ. بۇ قاراش خاتا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ناھايىتى خەتەرلىك. بەدەن قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارغا ماسلىشىۋالمايدۇ. قان بېىسمى يۇقىرىلاش يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ فۇنكىسىيەسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. قان بېسىمى قانچە بالدۇر كونترول قىلىنسا باشقا ئەزالارنىڭ فۇنكىسىيەسىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىدىن شۇنچە بالدۇر ساقلانغىلى بولىدۇ، ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ. ناۋادا ئەزالار زىيانغا ئۇچرىغاندا ئاندىن دورا يېسە داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئۆتۈپ كېتىپ، پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.
دورىنىڭ ئەكس تەسىرىدىن ئەنسىرەش.
نۇرغۇن بىمارلار «دورىنىڭ 3 ئۈلۈشى زەھەر» دەپ قاراپ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىسە دورا يېگۈسى كەلمەيدۇ دورىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدىكى ئەكس تەسىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئوقۇسا دورا يېيىشكە پېتىنالمايدۇ ئەكس تەسىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن دورا يېيىشنى ئۆز بېشىمچىلىق توختىتىپ قويىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا ئۇسۇل.
ئادەتتە دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى بىرقەدەر ئاجىز بولۇپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرى توختىتىلغاندىن كېيىن ئەكس تەسىرى ئاستا-ئاستا يوقاپ كېتىدۇ. قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان بەزى دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرىنى يەنە باشقا دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ يېيىش ئارقىلىق يوقىتىۋەتكىلى بولىدۇ. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېگەندە بىخەتەر بولىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت پايدىلانغىلى بولىدۇ.
دورىغىلا تايىنىۋېلىپ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆرگەرتىشكە سەل قارايدۇ.
بەزى يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى قان بېسىمى بولۇپ قالغاندىن كېيىن دورا يېيىشتە چىڭ تۇرسىلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە دورا يېيىش ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تۇزلۇق تاماق يېيىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر كونترول قىلىنمىسا قان تومۇرلارغا زىيان يېتىپ، ھەرقانچە ياخشى دورا بولغان تەقدىردىمۇ قان بېسىمىنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. توغرا ئۇسۇل مۇۋاپىق دورا يېيىش بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش.
ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرىغا قارىغۇلاچە ئىشىنىپ كېتىش، ساقلىقنى ساقلاش ئەسۋابلىرىنى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ دەپ قاراش.
بەزىلەر غەربچە دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى كۈچلۈك دەپ قاراپ ئۇزۇن مۇددەت يېيىشنى خالىمايدۇ. بەزى كارخانىلار بىمارلارنىڭ مۇشۇ پىسخىك ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ «بىر قىسىم ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرىنىڭ رولىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىدۇ، ساقلىقنى ساقلاش ئەسۋابلىرى ۋە ساپ جۇڭيى دورىلىرى ئارقىلىق <قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى>گە يەتكىلى بولىدۇ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنى بىر ئۆمۈر دورا يېمىسىمۇ بولىدۇ، غەربچە دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرىدىن قۇتۇلالايدۇ» دەپ داۋراڭ سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى، ئىچىملىكلەر ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان ياستۇق، سائەت، زەنجىز، باش كىيىمى، پېتەك قاتارلىقلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشتە ئانچە كۆرۈنەرلىك رولى يوق، بار بولغان تەقدىردىمۇ ناھايىتى ئاز، داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.
بەزى «شىپالىق دورىلار» يۇقىرى قان بېسىمىنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتالايدۇ.
يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ قالغان كۆپ قىسىم بىمارلار ئۇزۇن مۇددەت، ھەتتا بىر ئۆمۈر دورا يېيىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. نۇرغۇن ئېلانلاردا مەلۇم خىل دورا، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلات، ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇمى ياكى ساقلىقنى ساقلاش ئەسۋابى يۇقىرى قان بېسىمىنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتالايدۇ، دورا يېمىسىمۇ بولىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىنىدۇ. بىراق، بىمارلار تۆۋەندىكىلەرنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك: دۇنيادا يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالايدىغان ھېچقانداق دورا ياكى ئەسۋاب يوق. مەيلى قانداق سورۇندا، قايسى تاراتقۇدا تەشۋىق قىلىنغان بولسۇن يۇقىرى قان بېسىمىنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالايدىغان «شىپالىق دورا» ئېلانلىرىنىڭ ھەممىسى ساختا. بۇلار يۇقىرى قان بېسىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاشقا دەخلى قىلىدۇ، نۇرغۇن ئادەم مۇشۇ سەۋەبتىن داۋالىنىشنى كېچىكتۈرىدۇ، كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋالىدۇ، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
- كېيىنكىسى : مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
