بۈگۈنكى كۈندە، ياشانغانلار تۇرمۇش مەزمۇنىنىڭ بارغانسېرى بېيىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ياشانغانلار تور مەستانىسى بولۇپ قالدى. ئەسلىدە ياشانغانلار مۇۋاپىق ھالدا تورغا چىقسا، مەنىۋىيىتى بېيىپ، غېرىبلىق تۇيغۇسى بېسىلىپ، سالامەتلىكىگە پايدىلىق ئىدى. بىراق مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ياشانغانلار تور مەستانىسى بولۇپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ، بولمىسا چاتاق چىقىدۇ.

«نۇرلۇق يولى» دا ئولتۇرۇشلۇق لاۋچېن پېنسىيەگە چىققان، ئوغلى توي قىلىپ كۆچۈپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، لاۋچېن كومپيۇتېر ئالدىدا «ئالدىراش» بولۇپ كەتتى. ئايالى يېقىندىن بېرى لاۋچېندا ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ قالغانلىقىنى، ئۆي ئىشى ياكى باشقا ئىشلارنى قىلغىنىنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭمۇ بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئايالى ۋە ئوغلىنىڭ قارىشىچە، 62 ياشلىق لاۋچېننىڭ تورغا بولغان مەستانىلىكى ھازىرقى زاماندىكى ياشلاردىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدۇكى ھەرگىزمۇ كەم قالمايدۇ. قارىغاندا، ياشانغانلاردىكى «تورخۇمارلىق» قا گىرىپتار بولغان ئوخشايدۇ.
لاۋچېن پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئىدى ، پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرىمۇ ھەر كۈنى كومپيۇتېر بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇراتتى، لېكىن خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، پەقەت خەۋەر-ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قوياتتى، ئاندا-ساندا QQ دا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇراتتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تورغا چىقىش ۋاقتى 2 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيتتى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، لاۋچېن QQ ئويۇنى «تور شاھمىتى»، «ئىمپېرىيە شەۋكىتى» گە ئوخشاش تور ئويۇنلىرىنى ئويناپ، كۈن بويى دېگۈدەك توردا «ئۆلتۈرۈش-چاناش» بىلەن ئاۋارە بولاتتى، يەنە تېخى ئۇنىڭ تور ئويۇنىدىكى دەرىجىسى ۋە يىغىندى نومۇرلىرىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ باردى، ئۇ ئوينىغانسېرى كىرىشىپ، كۈندىلىك تورغا چىقىش ۋاقتى 7~8 سائەتكە يېتىپ باردى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى لاۋچېننىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى بۇزۇلدى، كەچتە ئۇخلىماي، كۈندۈزى ئۇيقۇدىن بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئايالى بۇنىڭغا نارازى بولۇپ بىرنەچچە قېتىم مۇشۇ توغرۇلۇق تاكاللىشىپمۇ قالدى.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى
نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار
ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ
كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
قان بېسىمىدىن قۇتۇلۇشقا بولغان خاتا تونۇش
بەزىلەر يۇقىرى قان بېسىمىدا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى ئىپادىلەنمەيدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن داۋالانمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قار
يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1. سەل قارىماسلىق،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك. قان بېسىمى ياخشى تىزگىنلەنمىسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە سەكتە قاتارلىق كېسەللەرن