
كاۋا-قاپاق تۈرىدىكى كۆكتاتلار: كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى سۇ بولسا كۆپ قاتلاملىق بىئو پەردىلەرنىڭ سۈزۈشىدىن ئۆتكەن ساپ، پاكىزە، قۇۋۋەتلىك شۇنداقلا ئاكتىپلىققا ئىگە بولغان سۇ بولۇپ، ھەر قانداق زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان ئىچىملىك سۇنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدۇ.
ياز پەسلى بولسا كاۋا -قاپاق تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ بازاردىكى ئەلۋەك پەسلى،ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولسا سۇ مىقدارى %90 دىن يۇقىرى. تەكيە كاۋانىڭ تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى كۆكتاتلارنىڭ ئالدىداتۇرىدىغان بولۇپ، %96 كە يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا تەرخەمەك، چاقماق كاۋا، بەدرەڭ، مۇشكاۋا، ئاچچىق كاۋا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سوغۇق كۆكتاتلار: ياز كىرگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىگە ئەڭ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولسا ئىسسىق ئۆتۈشتۇر، شۇڭلاشقا سوغۇق تۈردىكى كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلسا، ئۇسسۇزلۇقنىقاندۇرۇش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، زەھەر تازىلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق پايدىلىرى بار.
ياز پەسلىدە بازارغا كىرگەن كۆكتاتلار ئارىسىدا ئاچچىق كاۋا، تەرخەمەك، سەي كاۋىسى، تاۋۇز، قوغۇن، بەدرەڭ قاتارلىقلار سوغۇق تۈردىكى كۆكتاتلارغا كىرىدۇ. شوخلا، پىدىگەن، كەرەپشە، سۈتلۈك كۆك چېچەك، سەرەبىل، سۇ كېرىپتى قاتارلىقلارمۇ سوغۇق تۈردىكى كۆكتاتلارغا تەۋە بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
باكتېرىيە يوقىتىدىغان كۆكتاتلار: يازدا تېمپىراتۇرا بىر قەدەر يۇقىرىبولغاچقا، كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ تارقىلىشى تېز بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولۇپمۇ ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ تارقىلىدىغان پەسلى.
بۇ مەزگىلدە باكتېرىيە يوقىتىدىغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ تۈردىكى كۆكتاتلار سامساق، پىياز، كۈدە، سۇڭپىياز، ئىنچىكە غول پىياز، سامساق كۆكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
