ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاساسىي مېتابولىزم بىلەن جىسمانىي قۇۋۋەت تۆۋەنلىگەچكە، بەدەننىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئازىيىدۇ، ئەكسىچە ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياج ئاشىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار تۆۋەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاشقا سەل قارىماڭ.
ئاقسىل: ئاقسىل ھۈجەيرىلەرنى تۈزگۈچى ئاساسلىق ماددا. ئاقسىل ئاساسلىقى ھايۋانات ئاقسىلى (تۇخۇم، كالا سۈتى، راك، قارا گۆش قاتارلىقلار)، ئۆسۈملۈك ئاقسىلى (دادۇر، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، دانلىق زىرائەتلەر)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەتتە تۇخۇم ئاقسىلنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما تۇخۇم خولېستېرىننىڭ قوبۇل قىلىنىشى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ياشانغانلارغا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ، ئەمما بەدىنىدە خولېستېرىن يۇقىرى ياشانغانلار ياخشىسى بېلىق تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
كالتسىي: يېمەكلىكلەر ئىچىدە كالا سۈتى، قېتىق، پىشلاق قاتارلىقلار كالتسىي تولۇقلايدىغان ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. كالتسىي تولۇقلىغۇچلار ئىچىدە كالتسىي كاربونات قاتارلىق ئانئورگانىك كالتسىيلىق ماددىلارنىڭ باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى، بىراق كالتسىي لاكتات، كالتسىي گىلۇكونات قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتا تۈرىدىكى كالتسىي تۇزلىرىنىڭ باھاسىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈمۈرۈلۈپ پايدىلىنىش قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى.
تۆمۈر: گۆش بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى تۆمۈر تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك. بۇنىڭ ئىچىدە كالا گۆشىنىڭ تەركىبىدە تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى. ئۇنىڭدىن باشقا قارا قېرىنقۇلاق، قارا گۈرۈچ، قارا كۈنجۈت قاتارلىقلارمۇ تۆمۈر تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك. كۆكتاتلار تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ئادەتتە تۆمۈرنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ياشانغانلار تۆمۈر تولۇقلىغاندا ئەڭ ياخشىسى گۆش تۈرىدىكىلەر، دانلىق زىرائەتلەر ۋە مېۋە – چىۋىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بىللە ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
سىنك: تەم سەزگۈسى، ئىشتىھاسى ئانچە ياخشى بولمىغان ياشانغانلار قەرەللىك تۈردە دوختۇرخانىغا بېرىپ قېنىدىكى سىنك مىقدارىنى ئۆلچىتىپ تۇرۇشى، ئەگەر سىنك ئېغىر دەرىجىدە كەم بولسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سىنك تولۇقلايدىغان دورىلارنى ئىچىپ بېرىشى كېرەك. سىنك ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولمىغان ياشانغانلار بېلىق، گۆش، كۈنجۈت ۋە قارىغاي ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، سىنك تولۇقلىنىدۇ.
ۋىتامىن D: ئادەتتە، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرگەندە ۋىتامىن D نى تولۇقلىغىلى بولىدۇ، كالا سۈتى، تۇخۇم سېرىقى، موگۇ قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىمۇ ۋىتامىن D بىر قەدەر كۆپ. بۇلاردىن باشقا، ياشانغان كىشىلەر يەنە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋىتامىن D تولۇقلايدىغان دورىلارنى مۇۋاپىق ئىچىپ بېرىشى كېرەك.
ۋىتامىن A: تەركىبىدە ۋىتامىن A ئەڭ مول يېمەكلىك ئاساسلىقى ھايۋانات جىگىرى، ئۇنىڭدىن قالسا، تۇخۇم سېرىقى ۋە قايماقلىق سۈت. سەۋزە، پالەك، كەرەپشە قاتارلىقلاردىمۇ ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ.
ۋىتامىن B: ۋىتامىن B ئاساسەن دانلىق زىرائەتلەردە، يەنى دادۇر، بەرەڭگى تۈرىدىكىلەردە، بولۇپمۇ قارا ئاشلىقنىڭ تەركىبىدە يۇقىرى بولىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان كۆكتاتلار
- كېيىنكىسى : ياشانغانلار يازدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
