بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق | ۋاقتى: 2011/08/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: يۈكسەل | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01
45 ياشتىن بۇرۇن چېكە چاچلارغا ئاق كېرىش، قۇلاق ئېغىرلىشىپ كۆز تورلىشىش، كۆز قۇيرۇقىدا سىزىقچىلار كۆپىيىش ھەمدە تەپەككۇرى ئاجىزلاش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق قېرىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بالدۇر قېرىش دېيىلىدۇ.
بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن سىرت، تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى داۋاملىق يەپ بېرىشنىڭمۇ بەلگىلىك پايدىسى بار:
 
1.  خاسىڭ: بۇنىڭ تەركىبىدە كوفىئىن بولۇپ، قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ناھايىتى كۈچلۈك، داۋاملىق خاسىڭ يەپ بەرگەندە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.
2. كۈنجۈت: كۈنجۈتنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن E نىڭ مىقدارى مول، ئۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لىپىت پىروكسىد (过氧化脂质) نىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھۈجەيرىلەرگە يىغىلىپ قالغان قېرىتقۇچى ماددىلارنى نېيتراللاشتۇرۇپ ۋە يوقىتىپ ئۆمرىنى ئۇزارتىش رولىنى ئوينايدۇ.
3. ياڭاق: مېڭىنى قۇۋەتلەپ، بەدەننى كۈچلەندۈرىغان يېمەكلىك. ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىنلار ۋە فوسفور، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. ياڭاق بېشى قېيىپ دەرمانسىزلىنىش، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، ئۇيقۇسى قېچىپ، يۈرىكى سېلىش قاتارلىقلارغا مەلۇم دەرىجىدە شىپا بېرىدۇ.
4.  ئالقات: بۇنىڭ تەركىبىدە بىتائىن، داۋكۇئالكىل ۋە ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارى مول بولۇپ مەنپيلىكنى قۇۋەتلەپ، قاننى تولۇقلاش، باھقا مەنپەئەت قىلىپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولىغا ئىگە. ئۇ يەنە ياغلارنىڭ جىگەر ھۈجەيرىسىگە كۆچۈشىنى تورمۇزلاپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېڭىدىن بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
5.  تۇرۇپ: بۇنىڭ تەركىبىدىكى لىگىمىننىڭ زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، كېسەللىككە قارشى تۇرۇپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
6. قارا مور: ئۇنىڭ قاننى تولۇقلاش، تىنچلاندۇرۇش، قۇۋۋەتلەش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق روللىرى بار. ئۇنىڭ تەركىبىدە قان قېتىشىشنى چەكلەيدىغان بىر خىل ماددا بولۇپ، ئۇنى داۋاملىق يەپ بەرگەندە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
7. ئاق مور: ئۇنىڭ تەركىبىدە 17 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى « باكتېرىيىلەر پادىشاھى » دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئاق مورنىڭ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىگە مەنپەئەت قىلىش، تېتىكلەشتۈرۈش، قۇۋۋەتلەش، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق روللىرى بار.
8. شورپا: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يىلىكنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە ئاق قان ھۈجەيرىسىنى پەيدا قىلىش ئىقتىدارى تەبىئىي ئاجىزلايدۇ. يىلىك قېرىشنى ئاساسلىقى بەدەندە مۇكوئىد ۋە ئوسسېئىنلارنىڭ كەمچىل بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر داۋاملىق ئۇستىخان شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە بەلگىلىك مىقداردا مۇكوئىد ۋە ئوسسېئىنلارغا ئىگە بولغىلى ۋە يىلىكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
9. ئالما: ئالمىنىڭ تەركىبىدە تالا ماددىلىرى، ۋىتامىن D كۆپ بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ.
10. مىنېرال سۇ:   تېرىنى يۇمشىتىپ ئاقارتىدۇ. ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
11. سەۋزە:   ۋىتامىن A ئىنتايىن مول بۇلۇپ، چاچنىڭ پارقىرقلىقىنى ساقلايدۇ، تېرىنى يۇمشىتىدۇ.
12. ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى: تەركىبىدە ۋىتامىن D ۋە كالتسىي بولۇپ، سۆڭەك ۋە چىشنى چىڭىتىدۇ.
13. قۇلۇلە تۈرلىرى: تەركىبىدە ۋىتامىن B12 بولۇپ، تېرىنىڭ پارقىراقلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق.
14. چۈجە: تەركىبىدە مايسىز ئاقسىل ۋە ۋىتامىن B بولۇپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
15. پالەك: پالەكنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە تۈمۈر ماددىسى مول بولۇپ، تېرە ۋە تىرناقنىڭ كۆركەملىكىنى ساقلاشقا پايدىلىق.
16. ئارپا ئۈندۈرمىسى: ۋىتامىن E ۋە ئاقسىل ماددىسى مول بولۇپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق.
17. ئاپېلىسىن: تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
18. تۇننۇس بېلىقى: تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن D، كالتسىي ۋە فوسفور بولۇپ، چىش ۋە سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر