ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە نېمىلەرگە
1.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇش كېرەك . يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ،خاراكتېرى ،مېجەزى ، ئائىلە ئەھۋالى ،ئالاھىدىلىكى ، يېتەرسىزلىكى قاتارلىق ئەھۋالارنى كۆڭۈل قويۇپ ئىگىلەش كېرەك .بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئوقۇغۇچىدا «ئوقۇتقۇچى ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىكەن »دېگەن تۇيغۇ شەكىللىنىدۇ ھەمدە ئوقۇتقۇچى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولىدۇ .بۇ دەل سۆھبەتلىشىش كەيپىياتىىنىڭ ياخشى بولۇشىغا بەلگىلىك ئاساس سالىدۇ . 2.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ، مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك . ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ .دەرسخانىدا ئۇستاز شاگىرت مۇناسىۋەتتە ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئانا بالا مۇناسىۋەتتە ، مىجەزى بولمىغاندا دوختۇر بىمار مۇناسىۋەتتە ، ھەر خىل پائالىيەتتە دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك .ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك . ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى سۆھبەتلەشكەندە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى چوقۇم دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى باراۋەر ئورۇندا تۇرىدۇ . ھەرقانداق سۆھبەتتە ئادەملەر باراۋەر ئورۇندا تۇرغاندا سۆھبەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ . سۆھبەتتە «مەن سۆزلەيمەن سەن ئاڭلايسەن » دېگەن ئۇسۇلنى ئىشلىتىشتىن قەتئى ساقلىنىش كېرەك . چۈنكى ھەرقانداق ۋاقىتتا سۆھبەت ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . 3.ئوقۇتقۇچى تىلىنىڭ گۈزەل ،ئېنىق ، چۈشىنىشلىك ، لوگىكىلىق بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۆھبەتنىڭ مۇقەدىمىسىنى قانداق باشلاش ، سۆھبەت جەريانىنى قانداق قانات يايدۇرۇش ، خاتىمە سۆزىنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .يەنى سۆھبەت مەقسىدى ئېنىق بولۇش كېرەك . جەريان سۆزلىگەندە ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى ، خاتىمە سۆزى ئىخچام مەزمۇننى چوڭقۇرلاشتۇرالايدىغان بولۇشى، ئوقۇغۇچىنى قايىل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك . 4.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئايەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ماھىر بولۇش كېرەك . ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئۇلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى مۇئايەنلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ، ئازراق ئىلگىرلىگەن بولسا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ماختاش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئۆتكۈزگەن كەمچىلىكىنى ئۆزىنىڭ تۇنۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ، ھەرگىز ئۇلارنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلماسلىق ، تەن جازاسى بېرىشتىن قەتئى ساقلىنىش كېرەك .
|