پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسەئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-20 23:20 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
گىزى كەلگەندە ھېكايە، چۆچەكلەرنىئېيتىپ بەرسە، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئوقۇغۇچ

ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

 

ئايگۈل ئابدۇكېرىم

يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنى ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ماھارەتكە ئىگە قىلىش ھەم ئۇلاردا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغاپ، ئۆمۈر بويى ئۆگىنىدىغان ئىقتىدار ھازىرلاشقا تۈرتكە بولۇش تەكىتلەندى. لېكىن، دىققىتىنى يىغالمايدىغان، كەيپىياتى تېز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلاردا ئۆگىنىش، ئىزدىنىش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، قىزىقىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇنداقتا، بۇ نىشانغا قانداق يەتكىلى بولىدۇ؟

. 1 ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلىشىش ھەم ئۇلارغا ئۈلگە بولۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولغاندىن باشقا، كەڭ دائىرىلىك قىزىقىشقىمۇ ئىگە بولۇشى، شۇنداقلا بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئوقۇغۇچىلارغا جايىدا نامايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش، قايىل بولۇش ھېسسىياتىنى قوزغىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلاردا ‹‹ئوقۇتقۇچۇمغا ئوخشاش بىلىملىك ئادەم بولىمەن››، دەيدىغان ئىرادە تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

. 2 ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ياكى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلىشىپ، ئۇلار بىلەن ئائىلە، ئۆگىنىش ئەھۋالى، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرى ئۈستىدە پات پات سىردىشىپ بەرسە، گىزى كەلگەندە ھېكايە، چۆچەكلەرنىئېيتىپ بەرسە، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەركىن سىردىشىدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولالايدۇ.

. 3 دەرسخانىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. قىزىقىش ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەيدىغان كۈچلۈك قوزغاتقۇچتۇر. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش ئۈچۈن، دەرسنى جانلىق ئۆتۈش، دەرس مەزمۇنىنى ئەركىن سۆزلەش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلاردىن ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن سوئال سوراش، قەستەن بۇرمىلاپ سوئال سوراش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىزدىنىشكە، پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلىشى لازىم.

. 4 ئوپچە ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، دوراش پېسخىكىسى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكى، دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلاشقان ئاساستا بىر نەچچە گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، مۇزاكىرىگە، مۇنازىرىگە، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئۇيۇشتۇرسا، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان تەشەببۇسكارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

. 5 ئارتۇقچىلىقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى، ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمىغىنى بىلەن، ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىزىقىشى، ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەشكە، لايىقىدا ماختاشقا، ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە تەشكىللەشكە ماھىر بولسا، ھەممە ئوقۇغۇچىنى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا ئۆگىنىشكە يېتەكلەش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

. 6 ئۈلگىلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى، يەنى پار ماشىنىسىنىڭ كەشپىياتچىسى ۋات، خىمىيە ئالىمى نوبېل، كەشپىياتچى ئېدىسون، پىرولېتارىيات يازغۇچىسى گوركىي قاتارلىق مەشھۇر زاتلارنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆگىنىپ نەتىجە قازىنىشى ھەققىدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپلەپ ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلاردا تىرىشىپ ئۆگەنسىلا نەتىجە ياراتقىلى بولىدىكەن، دېگەن ئاڭ يېتىلدۈرۈش كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئېلكىتابلار] بالدۇر ئويغانغان ئادەم [ 2011-12-01 15:52:03 ]
[ئېلكىتابلار] خوتەندىكى قەدىمكى ئىزلار [ 2011-12-01 15:46:43 ]
[ئېلكىتابلار] بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت (18-ئەسىر) ئەسلى نۇسخا [ 2011-12-01 15:41:55 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] مەن ياقتۇرغان ئېسل تور كۆرگۇ GreenBrowser [ 2011-12-01 15:09:54 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.0 رەسمىي نەشىرى [ 2011-12-01 14:51:34 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا پىنيىن تاپقۇ [ 2011-12-01 14:46:36 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] سۆز قوراشتۇرۇش ئويۇنى [ 2011-12-01 14:41:02 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 10-ئايلىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان نەتىجىسى [ 2011-11-23 17:04:36 ]
[تارىخى بىلىملەر] يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بەربات بولۇش تارىخى [ 2011-11-20 17:59:12 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى [ 2011-11-20 17:57:30 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر