پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسەئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-17 21:58 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ قويۇڭ)مۇئەللىم ھۆرمەتلىك مۇئەللىم ، سىزنىڭ بىزگە دەرس بىرىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بو
تەلەي +1
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ قويۇڭ)مۇئەللىم


ھۆرمەتلىك مۇئەللىم ،
سىزنىڭ بىزگە دەرس بىرىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق . بۇ ئۇقۇش يىلى باشلىنىشتىن بۇرۇن بىز سىزگە كۆڭۇل سۆزلىرىمىزنى ئىزھار قىلماقچىمىز ، بۇ بىر يىلدا بىز سىزدىن ياخشى تەلەم ئىلىشنى ، شۇنۇڭ بىلەن بىللە سىزنىڭمۇ بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە ئېرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز :
1.مۇئەللىم ، بىز سىزنىڭ ھېسسىياتچان بولىشىڭىزنى ، لىكىن ھېسسىيات ئۇقمايدىغان بىر ماشىنا ئادەمدەك بولىۋىلىشىڭىزنى ياقتۇرمايمىز .
2. مۇئەللىم ،سىز بىزنى خاتىرە دەپتىرىڭىزدىكى بىر نۇمۇر ئورنىدا كۆرمەي ، بىزنى بىر دوستىڭىز قاتارىدا كۆرسىڭىز .
3- مۇئەللىم ،سىز بىزنىڭ نەتىجىمىزگىلا قارىماي ، بىزنىڭ تېرىشچانلىقىمىزنىمۇ كۆرسىڭىز .
4. مۇئەللىم ،سىز بىزنىڭ قابىلىيىتىمىزگە قاراپ تەلەپ قويۇپ ، بىزنى دائىم رىقبەتلەندۇرۇپ تۇرسىڭىز .
5.مۇئەللىم ، سىز بىزنى ئۈگىنىشكە مەجبۇرى قېززىقتۇرۇپ بۇنى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور لەززەت دەپ قالماڭ ، بىز تەنتەربىگىمۇ ، ناخشا - مۇزىكىغىمۇ ...، جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىشلارغا قىزىقىمىز .
6. مۇئەللىم ،بىز سىزنىڭ سىزنىڭلا دەرىسىڭىزنى ئەمەس ، باشقا ئۇستازلارنىڭمۇ دەرىسىنى ياخشى كۆرىمىز .
7.مۇئەللىم ، سىز بىزنىڭ ئىمتىھاننى يادىلاپ بىرىشىمىزگە ئەمەس ، بەلكى بىزنىڭ ئۇگەنگەن بىلىملىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئانالىز قىلىش ، مەسىلىلەرگە ئۆزىمىز ھۆكۇم چىقىرىشتەك بىلىملەرنى ئۈگىنىۋىلىشىمىزغا ياردەم بەرسىڭىز .
8. مۇئەللىم ،سىز بىز ئوتتۇرغا قۇيغان مەسىلىلەرنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ ، سىز بىزنىڭ سۇئاللىرىمىزنى ئاڭلاشنى خالىسىڭىزلا ، بىزمۇ سىزنىڭ دەرىسىڭىزنى قۇلاق سىلىپ پۇتۇن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاڭلايمىز .
9. مۇئەللىم ،سىز بىزگە ئادىللىق بىلەن تەلەپنى قانچىكى ئىغىر قويسىڭىز مەيلى ، لىكىن بۇ ئادىللىق كۆرۇنۇشتىلا شۇنداق بولۇپ قالمىسا ، بىز سىزنىڭ بىزگە تەلەپنى ئىغىر قويۇشىڭىزغا مۇھتاج.
10.مۇئەللىم ،- بىز بىرەر ئىشتا مەغلۇپ بولساق ، بولۇپمۇ كۆپچىلىك ئالدىدا مەغلۇپ بولساق سىز بىزگە ئىچ ئاغرىتماڭ ، بىزگە ئىچ ئاغرىتسىڭىز بىز ئۆزىمىزنى قابىلىيەتسىز ئوخشايمىز ،دەپ ئويلاپ قالىدىكەنمىز .
11.مۇئەللىم ، سىز سىنىپتا بىز بىلەن ئوخشاش بىرەر ئوقۇغۇچىنى بىزنىڭ ئۇگىنىش ئۈلگىمىز قىلىپ قويسىڭىز ، بىز ئاشۇ ئوقۇغۇچىنى ئۆچ كۆرۈپ قىلىشىمىز مۇمكىن .
12. مۇئەللىم ،ئەگەر بىز مۇ نەتىجە قازانساق سىز بىزنىمۇ باشقىلارنىڭ ئۇگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ قويماڭ ، چۈنكى سىز بىزنى خىجىللىقتا قويىسىز .
13.مۇئەللىم ،ئىسىڭىزدىمۇ ؟! ، بىر نەچچە يىل بۇرۇن سىزمۇ بىزگە ئوخشاش ئوقوغۇچى ئىدىڭىز ،سىز ئوقۇغۇچى ۋاقتىڭىزدا ھەممە ئىشتا بىرىنچى بولۇپ بىرەر قىتىممۇ خاتالىق سادىر قىلمىغانمۇ؟!
14.مۇئەللىم ، سىز داۋاملىق ئۇگىنىش قىلىپ تۇرۇڭ ، ئەگەر سىز ئۈگەنمىسىڭىز ،بىز سىزدىن قانداقسىگە يېڭى - يېڭى بىلىملەرنى ئۇگىنەلەيمىز ؟!
15. مۇئەللىم ،بىز سىزگە چىن دىلىمىزدىن تەشەككۇر ئىيتىمىز ، لىكىن سىز بىزدىن دائىم : < مۇئەللىم ، رەخمەت سىزگە ! > دېگەن گەپلەرنىلا ئاڭلاشنى ئۈمۈد قىلماڭ .
مۇئەللىم ، سىز بىزنىڭ ئۇگىنىشتە ئالغا باسىدىغانلىقمىزغا ئىشىنىڭ ، بىز سىزنىڭ دەرىسنى تىخىمۇ ياخشى ئۆتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز ، سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىز بىزنىڭ ئالغا بىسىشىمىزنى كاپالەتلەندۇرىدۇ . بىزنىڭ ئالغا بىسىشىمىز مۇ سىزنىڭ نەتىجە قازىنىشىڭىزنىڭ ئاساسىدۇر .
    شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلىدىن ئىلىندى
 
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر