پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسەئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-17 22:01 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ قويۇڭ ! ھۆرمەتلىك مۇئەللىم ، سىزنىڭ بىزگە دەرىس بىرىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولد
تەلەي +1

مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ قويۇڭ !



ھۆرمەتلىك مۇئەللىم ، سىزنىڭ بىزگە دەرىس بىرىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق . بۇ ئۇقۇش يىلى باشلىنىشتىن بۇرۇن بىز سىزگە كۆڭۇل سۆزلىرىمىزنى ئىزھار قىلماقچىمىز ، بۇ بىر يىلدا بىز سىزدىن ياخشى تەلەم ئىلىشنى ، شۇنۇڭ بىلەن بىللە سىزنىڭمۇ بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە ئېرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز :
1- مۇئەللىم ، بىز سىزنىڭ ھېسسىياتچان بولىشىڭىزنى ، لىكىن ھېسسىيات ئۇقمايدىغان بىر ماشىنا ئادەمدەك بولىۋىلىشىڭىزنى ياقتۇرمايمىز .
2- مۇئەللىم ،سىز بىزنى خاتىرە دەپتىرىڭىزدىكى بىر نۇمۇر ئورنىدا كۆرمەي ، بىزنى بىر دوستىڭىز قاتارىدا كۆرسىڭىز .
3- مۇئەللىم ،سىز بىزنىڭ نەتىجىمىزگىلا قارىماي ، بىزنىڭ تېرىشچانلىقىمىزنىمۇ كۆرسىڭىز .
4- مۇئەللىم ،سىز بىزنىڭ قابىلىيىتىمىزگە قاراپ تەلەپ قويۇپ ، بىزنى دەئىم رىقبەتلەندۇرۇپ تۇرسىڭىز .
5-مۇئەللىم ، سىز بىزنى ئۈگىنىشكە مەجبۇرى قېززىقتۇرۇپ بۇنى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور لەززەت دەپ قالماڭ ، بىز تەنتەربىگىمۇ ، ناخشا - مۇزىكىغىمۇ ...، جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىشلارغا قىزىقىمىز .
6- مۇئەللىم ،بىز سىزنىڭ سىزنىڭلا دەرىسىڭىزنى ئەمەس ، باشقا ئۇستازلارنىڭمۇ دەرىسىنى ياخشى كۆرىمىز .
7-مۇئەللىم ، سىز بىزنىڭ ئىمتىھاننى يادىلاپ بىرىشىمىزگە ئەمەس ، بەلكى بىزنىڭ ئۇگەنگەن بىلىملىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئانالىز قىلىش ، مەسىلىلەرگە ئجزىمىز ھۆكۇم چىقىرىشتەك بىلىملەرنى ئۈگىنىۋىلىشىمىزغا ياردەم بەرسىڭىز .
8- مۇئەللىم ،سىز بىز ئوتتۇرغا قۇيغان مەسىلىلەرنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ ، سىز بىزنىڭ سۇئاللىرىمىزنى ئاڭلاشنى خالىسىڭىزلا ، بىزمۇ سىزنىڭ دەرىسىڭىزنى قۇلاق سىلىپ پۇتۇن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاڭلايمىز .
9- مۇئەللىم ،سىز بىزگە ئادىللىق بىلەن تەلەپنى قانچىكى ئىغىر قويسىڭىز مەيلى ، لىكىن بۇ ئادىللىق كۆرۇنۇشتىلا شۇنداق بولۇپ قالمىسا ، بىز سىزنىڭ بىزگە تەلەپنى ئىغىر قويۇشىڭىزغا مۇقتاج.
10مۇئەللىم ،- بىز بىرەر ئىشتا مەغلۇپ بولساق ، بولۇپمۇ كۆپچىلىك ئالدىدا مەغلۇپ بولساق سىز بىزگە ئىچ ئاغرىتماڭ ، بىزگە ئىچ ئاغرىتسىڭىز بىز ئۆزىمىزنى قانىلىيەتسىز ئوخشايمىز ،دەپ ئويلاپ قالىدىكەنمىز .
11-مۇئەللىم ، سىز سىنىپتا بىز بىلەن ئوخشاش بىرەر ئوقۇغۇچىنى بىزنىڭ ئۇگىنىش ئۈلگىمىز قىلىق قۇيسىڭىز ، ىز ئاشۇ ئوقۇغۇچىنى ئۆچ كۆرۇپ قىلىشىمىز مۇمكىن .
12- مۇئەللىم ،ئەگەر بىز مۇ نەتىجە قازانساق سىز بىزنىمۇ باشقىلارنىڭ ئۇگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ قويماڭ ، چۇنكى سىز بىزنى خىجىللىقتا قويىسىز .
13- مۇئەللىم ،ئىسىڭىزدىمۇ ؟! ، بىر نەچچە يىل بۇرۇن سىزمۇ بىزگە ئوخشاش ئوقوغۇچى ئىدىڭىز ،سىز ئوقۇغۇچى ۋاقتىڭىزدا ھەممە ئىشتا بىرىنچى بولۇپ بىرەر قىتىممۇ خاتالىق سادىر قىلمىغانمۇ؟!
14مۇئەللىم ، سىز داۋاملىق ئۇگىنىش قىلىپ تۇرۇڭ ، ئەگەر سىز ئۇگەنمىسىڭىز ،بىز سىزدىن قانداقسىگە يېڭى - يېڭى بىلىملەرنى ئۇگىنەلەيمىز ؟!
15- مۇئەللىم ،بىز سىزگە چىن دىلىمىزدىن تەشەككۇر ئىيتىمىز ، لىكىن سىز بىزدىن دائىم : < مۇئەللىم ، رەخمەت سىزگە ! > دېگەن گەپلەرنىلا ئاڭلاشنى ئۈمۇد قىلماڭ .
            مۇئەللىم ، سىز بىزنىڭ ئۇگىنىشتە ئالغا باسىدىغانلىقمىزغا ئىشىنىڭ ، بىز سىزنىڭ دەرىسنى تىخىمۇ ياخشى ئۆتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز ، سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىز بىزنىڭ ئالغا بىسىشىمىزنى كاپالەتلەندۇرىدۇ . بىزنىڭ ئالغا بىسىشىمىز مۇ سىزنىڭ نەتىجە قازىنىشىڭىزنىڭ ئاساسىدۇر .

مەنبە : شىنجاڭ مائارىپى

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر