ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈ
يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-24 15:20 مەنبەسى: بەشتاش تورى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۈچىنچىندىن،ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاتا -ئانىسىغا يۆلىنىۋېلىش،جاپاغا چىدىماسلىق ،ئۆز -ئۆزىگە تەماننا قويۇش ،ئۆزىگە ق
ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
ھەممەيلەنگە مەلۇم، ھازىر كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلاردا پىسخىك جەھەتتە چارچاش بار. ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ .
بىرىنچىدىن ،ئۆگنىش بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشى ،نۆۋەتتە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى سىنىپتا ۋە ئۆيدە نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايدۇ ياكى تەكرار قىلىدۇ .ئۇلارنىڭ قانچىلىك جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى چوڭلار ئانچە ھېس قىلىپ كېتەلمەيمىز .
ئىككىنچىدىن ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەپلىك ئۇلار تىرىشىپ ئۆگنىشنىڭ موھىملىقىنى ھېس قىلالماي ،ھەممە نەرسىگە گۇمانلىنىش ،زېرىكىش نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ .
ئۈچىنچىندىن،ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاتا -ئانىسىغا يۆلىنىۋېلىش،جاپاغا چىدىماسلىق ،ئۆز -ئۆزىگە تەماننا قويۇش ،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويماسلىق ،مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇشتەك ناچار پىسخىك ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ .
ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ خىل پىسخىك چارچاش ئامىللىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ،ئۇلارغا بولغان ئىدىيە -سىياسى تەربىيىنى كۈچەيتىپلا قالماي يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قانداق قانائەتلەندۈرۈش توغرىسىدا كۆپرەك باش قاتۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك .ئوقۇغۇچىلار پىسخىك جەھەتتىن يېتىلىش جەريانىدا تۆۋەندىكىچە بىرنەچچە مەنىۋى ئېھتىياجغا مۇھتاج بولىدۇ .
1.باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا بولغان ئېھتىياجى .باشقىلارنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل پەزىلەت .ئادەم ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ ئېتىراپ قىلىشنى بىلىۋېلىشى كېرەك .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز -ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىشى يەنىلا دوراش ۋە ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ ،ئۇلار ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئوقۇتقۇچىسى ياكى ئوخشاش ياشتىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىنلا تاپالايدۇ .ئىجابىي تەرەپتىن ئېتىراپ قىلىش ئۇلارغا مۇۋەپپەقىيەت خوشاللىقى بېرىدۇ .ئۇلارنى يېڭى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ .بولۇپمۇ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئوتتۇرھال ياكى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئۇلارنى ئېتىراپ قىلىش قانچىكى ۋاقتىدا ،كونكىرت بولسا ،ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى شۇنچە جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ .
2 .مۇستەقىللققا بولغان ئېھتىياجى .باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ۋە ئۆزىنى تونۇش ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئۆز ئارا بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ .ئۆزىنى تونۇش ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشى ۋە چوڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلىشقا ئەگىشىپ ،ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارسىز ئاتا -ئانىسى ،ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن تەڭ دەرىجىدە پىكىرلىشىشنى ،ئۆزىنىڭ قارىشى ،قىزىقىشى ۋە مەيدانىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .ئەگر بىز ئۇلارنىڭ بۇ ئېھتىياجىغا سەل قاراپ ،ئۇلارنىڭ پۇت -قولىنى چۈشەپ ،ئۇلارنى باشقۇرۇشنىلا ئويلىساق ،ئۇلار بىزدىن زېرىكىپ .قارشىلىشىش كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن مەسلىھەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ،ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىپ ،ئۇلارغا ئىشىنىپ ۋە ئۇلارنى قەدىرلەپ ،ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۇلارغا ئۆزىنى تونۇتقۇزۇپ ،ئۇلارنى قەدەممۇ -قەدەم مۇكەممەللىشىشكە يېتەكلەش كېرەك .
3.ئىشتىراك ئېھتىياجى .فىزىلوگىيىلىك ئۆزگىرىش ۋە پىسخىك جەھەتتىكى تەرەققىيات ئوقۇغۇچىلاردا مەيلى جىسمانىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىدىيە جەھەتتى بولسۇن ئۆزىنى كۈچ -قۇدرىتى ئۇرغۇپ تۇرغان يېڭى بىر ئەۋلات دەيدىغان تۇيغۇنى شەكىللەندۈرىدۇ .ئەمما ،ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرەلمەيدۇ ياكى پۇرسەتنى توغرا تاللاپ بېرەلمەيدۇ .بەك يۇقۇرى ياكى بەك تۆۋەن تەلەپ ئۇلارنىڭ ئىشتىراك قىلىش قابىلىيىتىگە ماس كەلمەيدۇ . ئاتا -ئانىلار بولسا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۆگنىشىگە تەسىر يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ ئائىلە ،جەمىيەت ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىغا ئارلىشىشنى رەت قىلىدۇ .ئەمەلىيەتتە ،نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئائىلە ،جەمىيەت ۋە تۇرمۇشتىن ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئىزدەيدۇ .ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى قاندۇرۇلمىسا ،ئۇلار ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ ،ئۆزىنى ھەممە نەرسىدىن قاچۇرىدۇ ،ھەتتا جەمىيەتتىكى ناچار قىلمىشلارنى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋېلىپ ،ئۆزىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى قاندۇرماقچى بولىدۇ .
4. ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە بولغان ئېھتىياجى .ئادەم كوللىكتىپتىن ئايرىلالمايدۇ .كوللىكتىپ ئادەمگە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ،تۇرمۇشقا توغرا مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا يۈكسەك جاسارەت ئاتا قىلىپ ،ئالغا قاراپ ئىلگىرلەشكە يېتەكلەيدۇ .كوللېكتىپ ئىچىدە ياشىغانكەنمىز ،ھەر بىر ئىش پائالىيىتىمىز كوللېكتىپنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ .شۇڭا ،ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىشىنى ،ئۆزىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ .بەزى ئوقۇغۇچىلار دەرستە كەينىدە قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى كەمسىتىپ ،باشقىلاردىن نومۇس قىلىپ ،كەيپىياتى تۆۋەنلەپ ساۋاقداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ .بۇنداق ۋاقىتتا ۋاقتىدا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنى قۇتقۇزىۋالمىساق ،بۇنداق ئوقۇغۇچىلار كەيپىياتى ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان جەمىيەتتىكى باشقا بالىلار بىلەن ئارلىشىپ ،ئۇلارنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋېلىپ ،ئۆزىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرماقچى بولىدۇ .
نۆۋەتتە ،بىز ساپا مائارىپىغا قاراپ يۈزلىنىۋاتىمىز ،ساپا مائارىپىنىڭ تۈرتكىسىدە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا زور ئۆزگىرىش بولدى .ئەگەر ئەمەلىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈلسە ،ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ ئازادە بىلىم ئىگىلەش مۇھىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|
------分隔线----------------------------